نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (34)

داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (34)

ۋاقتى: 2015-03-01 ئاۋاتلىقى: 3569 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

گۆھەر ئارىلى (رومان ـــ 34)
مەنبەسىتەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
روبېرت لوئىس ستىۋېنسون (ئەنگلىيە)
Robert Louis Stevenson
تەرجىمە قىلغۇچى: ئەركىن ئىسھاق ئوغۇزخان
مۇھەررىرى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي   
يەتتىنچى بۆلۈم، سىلۋېرنىڭ ۋاستىسى    
يەتتىنچى باب خاتىمە
 
    بىز ئىككىنچى كۈنى سەھەر تاماقنى يەپ بولۇپلا ئىشقا چۈشۈپ كەتتۇق. نۆۋەتتىكى خىزمىتىمىز بايلىقلارنى كېمىگە يۆتكەش ئىدى. قۇرۇقلۇقتا بىر مىلغا يېقىن مېڭىپ ئارقىدىن دېڭىزدا قېيىق بىلەن ئۈچ مىل ماڭغاندا ئاندىن نەرسىلەرنى ‹‹گىسپانولا››غا ئاپارغىلى بۇلاتتى. ئادىمىمىز ئاز بولغاچقا بۇ خىزمەت ناھايىتى ئاستا ئېلىپ بېرىلدى. بىز ھېلقى قېچىپ كەتكەن قاراقچىلاردىن ئەنسىرىمىسەكمۇ ئۇلارنىڭ تۇيۇقسىز كېلىپ ھۇجۇم قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تاغ چوققىسىغا پوست قويدۇق.
    بىز ئىشنى مۇنداق بۆلۈشتۇق: گراي بىلەن بېن گوئىن قولۋاقنى ھەيدەپ «گىسپانولا» بىلەن قۇرۇقلۇق ئوتتۇرىسىدا يۈرۈپ كېمىگە بايلىقلارنى تۇشۇشقا مەسئۇل بولدى، قالغانلار بايلىقلارنى ئۆڭكۈردىن يۆتكەپ قىرغاققا ئاپىرىشقا مەسئۇل بولدى. مەن ئېغىر ئىشلارنى قىلالمىغاچقا ئۆڭكۈردە قېلىپ ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى خالتىغا قاچىلاشقا مەسئۇل بولدۇم.
    بۇ ئالتۇن-كۈمۈش تەڭگىلەر كاپىتان بىلنىڭ چامادانىدىكى تەڭگىلەرگە ئوخشاش ھەرخىل شەكىلدىكىلىرى بار بولۇپ، پەقەت تۈرى كۆپ، قىممىتى چوڭراق ئىدى. بۇلارنى رەتلەش ئادەمنى خۇشال قىلاتتى. مەن توختىماي بىلىمنى ئېگىپ بۇلارنى ئىلغاپ چىقتىم. مۇشۇنداق بىر كۈن ھەپىلىشىپ قاتتىق چارچاپ كەتتىم.
    كۈنلەر مانا مۇشۇنداق بىر-بىرلەپ ئۆتمەكتە. بىز ھەركۈنى كۆپ مىقداردىكى بايلىقلارنى كېمىگە يۆتكىدۇق. بۇ كۈنلەردە بىز ھېلقى ئۈچ قاراقچىنىڭ قارىسىنىمۇ كۆرمىدۇق.
    تەخمىنەن ئۈچىنچى كۈنى كەچلىكى دوختۇر ئىككىمىز ئايلىنىپ بىر كىچىك تاغنىڭ ئۈستىگە چىقتۇق. تۇيۇقسىز زارلانغان ھەم ناخشا ئېيتقاندەك بىر ئاۋازنى ئاڭلاپ قالدۇق. بىردەمدىن كېيىن بۇ ئاۋاز غايىب بولدى.
    ـــ تەڭرى ئۇلارنى كەچۈرگەي، ـــ دېدى دوختۇر، ـــ بۇلار ھايات قالغان قاراقچىلار.
    ـــ ئۇلار يەنە ئىچىپ مەست بولۇپ قاپتۇ، ئەپەندىم، ـــ دېدى سىلۋېر كەينىمىزدە تۇرۇپ.
    سىلۋېر ھازىر ناھايىتى ئەركىن ئىدى. ھەر كۈنى باشقىلارنىڭ دۈشكەللىسىگە ئۇچراپ تۇرسىمۇ ئازاراقمۇ كۆڭلىگە ئالمايتتى. ئۇ ھەممە كىشى بىلەن ياخشىلىشىپ قېلىشقا تىرىشاتتى، بىراق باشقىلار ئۇنىڭغا ئانچە پىسەنت قىلمايتتى. پەقەت بېن گوئىنلا ئۇنىڭغا يامان ئەمەس مۇئامىلە قىلاتتى. قاراشتىن ئۇ يەنىلا بۇ بىر پۇتلۇق دېڭىز قاراقچىسىدىن تەپ تارتىدىغاندەك قىلاتتى.
    ـــ مەست بولۇپ قاپتۇ؟ بەلكىم ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈۋاتقان بولسا كېرەك، ـــ دېدى دوختۇر رەدىيە بېرىپ، ـــ مەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرىنىڭ قىزىتمىسىنىڭ ئۆرلەپ قالغانلىقىغا ھۆددە قىلالايمەن. بەلكىم ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ دوختۇرنىڭ بۇرچى بىلەن ئۇلارنى كۆرۈپ قويۇشۇم كېرەكتۇ.
    ـــ گەپنى ئوچۇقلا ئېيتسام دوختۇر، ـــ دېدى سىلۋېر، ـــ راستىنىلا مۇشۇنداق قىلسىڭىز ئۇلار سىزنى ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ. مەن شەپقىتىڭىزدىن مەمنۇن بولۇپ سىزنى ئاگاھلاندۇرۇۋاتىمەن. تاغ ئاستىدىكى ئاۋۇ ئەبلەخلەر ھەرگىز ئىشەنچلىك ئەمەس، ئۇلارمۇ سىزگە ئىشەنمەيدۇ.
    ـــ توغرا، ـــ دېدى دوختۇر، ـــ ئەكسىچە سەن بىر ئىشەنچلىك ئادەم، بىز بۇنىڭ تەمىنى تېتىدۇق.
    كېيىنچە يەنە يىراقتىن مىلتىق ئاۋازىنى ئاڭلىدۇق. ئېھتىمال ئۇلار ئوۋ قىلىۋاتقان بولسا كېرەك. بىز ئۆزئارا مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن ئۇلارنى ئارالدا قالدۇرۇپ قۇيۇشنى لايىق تاپتۇق. ئۇلارغا خېلى كۆپ ئوق–دورا، بىر پاتمان سۈرلەنگەن گۆش، ئازاراق دورا-بۇيۇملار ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى قالدۇردۇق. يەنە ئارتۇقچە بىر يەلكەن بىلەن ئون نەچچە فوت ئۇزۇنلۇقتىكى ئارغامچىنىمۇ تاشلاپ قويدۇق. دوختۇرنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن يەنە بىر خالتا كۆك تاماكا قالدۇردۇق.
    ئارالدىكى ھەممە خىزمەت ئاخىرلىشىپ بايلىقلار كېمىگە توشۇلۇپ بولدى. بىز يېتەرلىك تاتلىق سۇ ۋە خېلى كۆپ گۆش تەييارلىۋالغاندىن كېيىن بىر كۈنى تاڭ سەھەردە لەڭگەرنى كۆتۈرۈپ شىمال قولتۇقتىن ئاستا مېڭىپ چىقتۇق. كاپىتان يەنە تېخى كېمىدە دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىپ قويدى. بۇ ياغاچ ئۆيدە چىقىرىلغان ھېلقى دۆلەت بايرىقى ئىدى.
    ئەمەلىيەتتە، قېچىپ كەتكەن ئۈچ دېڭىز قاراقچىسى ھەرىكىتىمىزنى توختىماي كۆزىتىپ تۇرغان ئىكەن. كېمە دېڭىز بوغۇزىدىن ئۆتكەن چاغدا بىز ئۇلارنىڭ يەرگە تىزلىنىپ قوللىرىنى كۆتۈرۈپ بىزگە قاراپ يالۋۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. گەرچە ئۇلارنى بۇ يەرگە تاشلاپ قويۇشقا كۆڭلىمىز ئۇنىمىسىمۇ ئەمما تېخىمۇ چوڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ ئۇلارنى كېمىگە چىقىرىۋالساق بولمايتتى. ئۇلار دۆلەتكە قايتالىغان تەقدىردىمۇ نەتىجىدە يەنىلا دارغا ئېسىلاتتى. دوختۇر ئۇلارغا ۋارقىراپ نۇرغۇن نەرسە قالدۇرۇپ قويغانلىقىنى ھەم ئورنىنى ئېيتىپ بەردى. ئەمما ئۇلار توختىماي يېلىناتتى، ئۆزلىرىنى ئېلىۋېلىشنى ئۈمىد قىلىشاتتى.
    ئۇلار كېمىنىڭ توختىمىغانلىقىنى كۆرۈپ ئارىدىن بىرى ۋارقىرىغىنىچە كېمىگە قارىتىپ مىلتىق ئاتتى. بىر پاي ئوق سىلۋېرنىڭ بېشىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ ئاساسلىق يەلكەندىن بىر تۆشۈك ئېچىۋەتتى.
    مەن ھاپىلا-شاپىلا مۆكۈنۋالدىم. ئورنۇمدىن تۇرۇپ قارىغان چاغدا ئۇلارنىڭ قارىسى كۆزدىن غايىب بولغان ئىدى. چۈشكە يېقىن گۆھەر ئارىلىنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسىمۇ ئۇپۇقتا كۆزدىن غايىب بولدى. مەن بۇنىڭدىن قاتتىق ھاياجانلاندىم ھەم خۇشال بولدۇم.
    ئادىمىمىز ئاز بولغاچقا كېمىدە ھېچكىم بىكار قالمىدى. پەقەت كاپىتاننىڭلا يارىسى ئەمدىلەتىن ياخشىلىنىشقا باشلىغاچقا ھەرىكەت قىلالمايتتى. ئۇ بىر ماتراسنىڭ ئۈستىدە يېتىپ بۇيرۇق چۈشۈرەتتى. بىز ئىسپانىيەنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئەڭ يېقىن پورتىغا بېرىپ بىر قىسىم ماتروس ۋە لازىمەتلىكلەرنى سەپلىۋالماقچى بولدۇق. پورتقا يېتىپ بارغاندا ھەممىمىز چارچىغانلىقىمىزدىن يېقىلىپ قالايلا دېدۇق.
    بىز مەنزىرىسى چىرايلىق بۇ پورتقا يېتىپ كېلىپ لەڭگەر تاشلىغان چاغدا كۈن ئولتۇرغان ئىدى. نۇرغۇن قېيىق كېمىنى چۆرگىلەپ بىزگە مېۋە–چېۋە ھەم كۆكتات ساتماقچى بولۇشاتتى. دوختۇر بىلەن ترېلاۋنىي ئەپەندىم مېنى ئېلىپ قىرغاققا چىقىپ بىر ئاخشام ئويناپ كەلمەكچى بولدى. شەھەر ئىچىدە ئۇلار بىر ئەنگلىيە ھەربىي كېمىسىنىڭ كاپىتانىغا يولۇقۇپ قالدى ھەم ئۇنىڭ بىلەن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى، بىز ئۇنىڭ كېمىسىگە چىقىپ ئايلاندۇق. كېمىگە قايتقان چاغدا تاڭ يورۇدى.
    بىن گوئىن پالوبىدا تۇرۇپ بىزنى قارشى ئالدى. بىز كېمىگە چىققاندا ئۇ سىلۋېرنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇنى ئۆزىنىڭ قەستەن قويۇپ بەرگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. ئۇ بىزدىن ئۇنى كەچۈرۈشىمىزنى ئۆتۈندى. ئۆزىنىڭ بۇنداق قىلىشى بىز ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى، سىلۋېرنى كېمىدە قالدۇرغاندا ھامان بىر كۈنى ھەممىمىزنى ئۆلتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز كېيىنچە ئاندىن سىلۋېرنىڭ كېمە بۆلۈمچىسىنى تىشىپ بىر خالتا ئالتۇننى ئوغرىلاپ قېچىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدۇق. ھەممىمىز ئۇنىڭدىن قۇتۇلغىنىمىزغا خوش بولدۇق.
    بۇ يەردە بىر نەچچە ماتروس قوبۇل قىلغاندىن كېيىن يول بۇيى ئوڭۇشلۇق ئەنگلىيەگە قايتىپ كەلدۇق. برىستولغا يېتىپ كەلگەندە بلاند ئەپەندىم بىر قۇتقۇزۇش ئەترىتى تەشكىللەپ بىزنى ئالغىلى بېرىشقا تەييارلىنىۋاتقان ئىكەن. ئەڭ دەسلەپتە ‹‹گىسپانولا›› بىلەن دېڭىزغا چىققان كىشىلەردىن پەقەت بەشىلا ھايات قايتىپ كېلەلىدى. خوددى ماتروسلارنىڭ ناخشىسىدا ئېيتىلغاندەك ھاراق ۋە ئالۋاستى قالغانلارنىڭ جېنىنى ئالدى. نىمىلا بولسا يەنە بىر ناخشىدىكى ‹‹يەتمىش بەش ئادەم كېمە بىلەن يۈرۈش قىلىپ پەقەت بىرىلا ھايات قايتىپ كەلدى›› دېيىلگەنگە قارىغاندا كۆپ تەلەيلىك ئىدۇق.
    ھەربىرىمىز ناھايىتى كۆپ بايلىققا ئېرىشتۇق. بۇ پۇللارنى قانداق خەجلىگەنلىكىگە كەلسەك ھەرقايسىمىزنىڭ ھەرخىل ئىدى.
    كاپىتان سىمولېت پېنسىيەگە چىقىش قارارىغا كەلدى. ئۇ ئەمدى دېڭىزغا چىقمايتتى. گراي بولسا پۇلنى قالايمىقان خەجلىمىدى. ھازىر ئۇ ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل چوڭ بىر كېمىنىڭ پايچىكى ھەم باش ياردەمچىسى. ئۇ توي قىلىپ دادا بولدى. بېن گوئىنغا مىڭ فوندسېتىرلىڭ پۇل تەگدى، لېكىن 20 كۈنگە قالمايلا قەلەندەرگە ئايلىنىپ قالدى. چۈنكى ئۇ 19 كۈندىلا پۇلنىڭ ھەممىنى خەجلەپ تۈگىتىۋەتكەن ئىدى. ترېلاۋنىي ئەپەندىم ئۇنىڭغا ئىشىككە قارايدىغان خىزمەت تېپىپ بەردى. ئۇ ھازىرغىچە ياشاپ كېلىۋاتىدۇ. ھەر قېتىم يەكشەنبە كۈنى دىنىي جەمئىيەت يىغىلىشىدا چېركاۋغا بېرىپ تەڭرىگە تىلاۋەت قىلىدۇ.
    سىلۋېرغا كەلسەك شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ توغرۇلۇق ھېچقانداق خەۋەر ئاڭلىمىدىم. ئاخىرقى ھېسابتا بىز بۇ بەتبەشىرە بىر پۇتلۇق دېڭىز قاراقچىسىدىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلدۇق. مەن ئۇنىڭ قارا تەنلىك خوتۇنىنى تېپىۋالغانلىقىغا ھەم يېنىدا ‹‹فلىنت كاپىتان›› دېگەن شاتوتنىڭمۇ بارلىقىغا ئىشىنىمەن. بەلكىم ئۇ ئەركىن تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بوپتۇ، مۇشۇنداق نەچچە يىل ئەركىن ياشىۋالسۇن، ئاخىرقى ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان كۈنى ئۇ چوقۇم دوزاخقا چۈشىدۇ.
    مەن يەنە بىر تۈركۈم يامبۇ ۋە قوراللارنىڭ بۈگۈنگىچە ئارالدا ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. ئەمما بۇ قورقۇنچلۇق ئارالغا ھەرگىزمۇ بارغۇم يوق. تا ھازىرغىچە مەن پات –پات قاباھەتلىك چۈش كۆرۈپ قالىمەن. چۈشۈمدە دېڭىز دولقۇنلىرىنىڭ قىيالارغا گۈلدۈرلەپ ئۇرۇلغان ئاۋازىنى ئاڭلايمەن. بەزىدە ‹‹فلىنت كاپىتان›› دېگەن شاتۇتنىڭ توختىماي ‹‹سەككىز پىكىس، سەككىز پىكىس›› دەپ ۋارقىرىغانلىقىنى ئاڭلىغاندەك بولۇپ چۈشۈمدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىمەن.

تۈگىدى

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
  ئەسكەرتىش: مەزكۇر روماننى تەرجىماننىڭ ياكى تورىمىزنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرقانداق شەخسنىڭ ھەرقانداق تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. سالونچىلارنىڭ ئۈندىدار سالونلىرىدا ئۆزى مەيلىچە كۆچۈرۈپ تارقىتىشغا قەتئىي بولمايدۇ. ناۋادا شۇنداق قىلغۇچىلار بايقىلىپ قالسا، قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ ھەم سالونى تاقىتىۋېتىلىدۇ.
Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى