داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (23)
-
داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (23)
ۋاقتى: 2015-03-01 ئاۋاتلىقى: 3559 قېتىميانفوندا كۆرۈش
گۆھەر ئارىلى (رومان ـــ 23)مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورىروبېرت لوئىس ستىۋېنسون (ئەنگلىيە)Robert Louis Stevensonتەرجىمە قىلغۇچى: ئەركىن ئىسھاق ئوغۇزخانمۇھەررىرى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىيئالتىنچى بۆلۈم كېمىنى قايتا قولغا ئېلىشئىككىنچى باب ئارقاننى كېسىشقولۋاق يېنىك، باشقۇرۇشقا ئەپلىك بولۇپ ماڭا نىسبەتەن پۈتۈنلەي بىخەتەر ھېسابلىناتتى. ئەمما ئۇنىڭ بىر كەمچىلىكى بولۇپ دېڭىزدا يۈرگەندە ھەمىشە بىر تەرەپكە قىيپاش ماڭاتتى. قانداقلا پالاق ئۇرغان تەقدىردىمۇ ئوخشاشلا شامال يۆلىنىشى تەرەپكە قاراپ ئېغىپ كېتەتتى، بەزىدە توختىماي چۆرگىلەيتتى. مەن بۇ قولۋاقنىڭ ئەھۋالىنى بىلمىگەچكە كونتىرول قىلالماي قالدىم. ئۇ توختىماي چۆرگىلەپ كېمە تەرەپكە سۈرۈلمەيۋاتاتتى. دېڭىز دولقۇنىنىڭ ياردىمى بولمىغىنىدا مەن بۇ ئۆمرۈمدە قولۋاقنى كېمىنىڭ يېنىغا ھەيدەپ ئاپىرالمايدىغاندەك قىلاتتىم. بەختكە يارىشا دېڭىز دولقۇنى قولۋاقنى سىلكىتىپ توپتوغرا ‹‹گىسپانولا››نىڭ يېنىغا ئېلىپ كەلدى.مەن كېمىگە يېقىنلىشىشقا باشلىدىم. قولۋاق ئارقانغا يېقىنلاشقان چاغدا قولۇمنى سوزۇپ ئۇنى تۇتۇۋالدىم. لەڭگەر ئارقىنى چىڭ تارتىشىپ تۇراتتى. ئەمدى بىر نەچچە پىچاق ئۇرساملا ئارقان كېسىلىپ كېمىنى مۇقىم تۇتۇپ تۇرىدىغان نەرسە قالمايتتى-دە، دولقۇن ئۇرۇپ ئىلىپ كېتەتتى. مەن پىچاقنى چىقىرىپ كېسىشكە تەمشىلىپ تۇيۇقسىز بىر ئىش يادىمغا كېلىپ تۇرۇپ قالدىم. ناۋادا ئارقان ھازىر كېسۋېتىلسە خەتەرلىك بولۇپ ئۈزۈلگەن چاغدىكى ئېلاستىك كۈچى ھەم چوڭ كېمىنىڭ قاتتىق سىلكىنىشى مېنىڭ قولۋىقىمنى تامامەن چۆكتۈرۈۋېتەلەيتتى. مەن بۇلارنى ئويلاپ نىيىتىمدىن ياندىم.ئارىسالدى بولۇپ تۇرغان چاغدا بىر پەس دېڭىز شامىلى چىقىپ ‹‹گىسپانولا››نى تەۋرىتىۋەتتى. قولۇمدىكى ئارقاننىڭ بوشاپ قالغانلىقىنى بايقىدىم. مەن ئىچ-ئىچىمدىن سۆيۈنۈپ دەرھال پىچىقىمنى چىقىرىپ ئارقاننى بىر قات-بىر قاتتىن كېسىشكە باشلىدىم. ئارقان كېسىلىپ كېتىشكە يەنە ئىككى قات قالغاندا قايتىدىن چىڭىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن يەنە توختاپ دېڭىز شامىلى چىققاندا قالغان ئىككى قات ئارغامچىنى كېسىشكە مەجبۇر بولدۇم.ئارقاننى كېسىۋاتقان چاغدا كېمە بۆلۈمچىسىدە كىملەرنىڭدۇر يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم. ئۇ چاغدا ئارقان بىلەن بولۇپ كەتكەچكە ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىغان ئىدىم. مانا ئەمدى قولۇم بۇشاپ ئىچكىرىدىكى گەپكە قۇلىقىمنى دىڭ تۇتتۇم.بىر ئاۋاز مۇئاۋىن باش ياردەمچى ئىسرىل خاندس، يەنى فلىنتنىڭ توپچىسى بولغان كىشىنىڭ ئاۋازى بولۇپ، ئۇ بىر دېڭىز قاراقچىسى بىلەن جېدەللىشىۋاتاتتى. ئىككىسىلا مەست بولۇپ جىدەل-ماجرا ئەۋجىگە چىقىشقا باشلىدى. مەن ئوغرىلىقچە ئاڭلاۋاتقان چاغدا بىرى دېرىزىدىن نەرسە تاشلىدى. قارىماققا ھاراق بوتولكىسىدەك قىلاتتى. ئۇلار بىر-بىرىگە يول قويمايتتى، بىر -بىرىنى تىللىشاتتى. مەن ئۇلارنى ئۇرۇشۇپ قالىدىغان بولدى، دەپ ئويلاۋاتقان چاغدا ۋاراڭ-چۇرۇڭ تۇيۇقسىز توختاپ قالدى.قىرغاقتىكى گۈلخان لاۋۇلداپ كۆيمەكتە. بىر توپ ئادەم گۈلخان يېنىدا كونا بىر ماتروسلار ناخشىسىنى ئېيتىۋاتاتتى. مەن بۇ ناخشىنى ئاڭلىغان، ئۇنىڭ ئىككى مىسراسى مۇنداق:يەتمىش بەش ئادەم كېمە بىلەن يىراققا يۈرۈپ،ئاخىرى يۇرتىغا بىرسىلا قايتتى قالغىنى ئۆلۈپ.ئاۋۇ بىر توپ مەغلۇب بولغان ماتروسلارنى سۈپەتلەشكە مېنىڭچە بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق سۆز بولمىسا كېرەك.شۇ چاغدا يەنە بىر قېتىم دېڭىز شامىلى كۆتۈرۈلدى. مەن قولۇمدىكى ئارقاننىڭ بوشىغانلىقىنى ھېس قىلدىم-دە، ئەڭ ئاخىرقى ئىككى تال قېتىنىمۇ كېسىپ تاشلىدىم.ئارقان ئۈزۈلگەندىن كېيىن ‹‹گىسپانولا›› دېڭىز دولقۇنىنىڭ تەسىرىدە ئاستا ئايلىنىپ، كېمە بېشى قولۋاقنى چۆكتۈرۈۋېتىشكە قىل قالدى. مەن سوقۇلۇپ كەتمەسلىك ئۈچۈن جېنىمنىڭ بارىچە پالاق ئۇردۇم. ئەمما قولۋاق ماڭا بويسۇنمايدىغاندەك قىلاتتى. ئامالسىز كېمىنىڭ قۇيرۇق قىسمىغا قارىتىپ پالاق ئۇردۇم. بۇ چاغدا قولۇم تۇيۇقسىز كېمىدىن ساڭگىلاپ قالغان بىر ئارغامچىغا تەگدى. مەن ئارغامچىنى مەھكەم تۇتۇپ يۇقىرىغا قاراپ يامىشىشقا باشلىدىم. ئارغامچىنىڭ يۇقىرى تەرىپى دەل كېمە بۆلۈمچىسىگە ئودۇل كېلەتتى. مەن يۇقىرىغا چىقىپ دېرىزىدىن ئىچىگە قارىدىم. بۆلۈمچە ئىچىدە خاندس بىلەن ئۇنىڭ رەقىبى بىر-بىرىنىڭ گېلىنى سىقىپ قارشى تەرەپنى تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتاتتى. مەن شۇلارنىلا كۆرەلىدىم. چۈنكى قوللىرىم بەرداشلىق بېرەلمەي سۇغا چۈشۈپ كەتكىلى قىل قالدىم. سۇغا چۈشۈپ كېتەي دېگەندە قولۋاققا سەكرەپ چۈشۈۋالدىم.بۇ چاغدا قىرغاقتىن تونۇش ناخشا ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى. دېڭىز قاراقچىلىرى يەنە ناخشا ئېيتقىلى تۇردى:ئون بەش ئەزىمەت ئۆلۈكنىڭ ساندۇقىنى تالىشار،ھاي.... ھاي... ھاي... بىر پوتولكا رۇم ھارىقىنى تېز ئەكەل!قالغانلارنى ھاراق ۋە ئالۋاستى جېنىدىن ئايرىدى،ھاي.... ھاي... ھاي... بىر بوتولكا رۇم ھارىقىنى تېز ئەكەل!بۇ چاغدا تۇيۇقسىز جىددىي دېڭىز تاشقىنى كۆتۈرۈلۈپ چوڭ كېمە توختىماي تەۋرىنىشكە باشلىدى. ئەمما، قولۋاق يەنىلا كېمىدىن يىراقلاپ كېتەلمىدى. مەن كەينىمگە ئۆرۈلۈپ قاراپ قورققىنىمدىن روھىم چىقىپ كېتەيلا دەپ قالدى. ھېلىقى گۈلخان كەينىمدىلا تۇراتتى، ئەسلى دېڭىز تاشقىنى چوڭ كېمە بىلەن قولۋىقىمنى قوشۇپ دېڭىز قىرغىقىغا ئىلىپ كەلگەن ئىكەن.ئارقىدىنلا مەن چوڭ كېمىدىن كېلىۋاتقان قىيا-چىيالارنى ھەم تاپۇر-تۇپۇر يۈگۈرگەن ئاياق تىۋىشىنى ئاڭلىدىم. مېنىڭچە ھېلىقى ئىككى ئەبلەخ ئېسىنى تېپىپ ئۇرۇشتىن توختىغان ئىدى.دېڭىز قاراقچىلىرى مېنى بايقىدىمۇ–يوق بىلمەيمەن، قاچان چوڭ بىر دولقۇننىڭ مېنى دۈم كۆمتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنىمۇ ئۇقمايمەن. مەن قولۋاق ئىچىدە يېتىپ تەغدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۈتتۈم. مەن ئۆلۈمدىن قورۇقمايمەن، ئەمما بۇنداق تەنھا ھالاكەتنىڭ كېلىشىنى ساقلاش ئۆلمەكتىنمۇ تەس بىلىنمەكتە.مەن مۇشۇنداق بىرنەچچە سائەت ياتتىم. تاشقىن سۈيى مېنى دېڭىزدا لەيلىتەتتى، بۇژغۇنلار كىيىملىرىمنى ھۆل قىلىۋەتتى. مەن بارغانسېرى ھاردۇق يېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم. ئاخىرى ئۇيقۇغا كېتىپتىمەن. توختىماي تەۋرىنىۋاتقان قولۋاق ئىچىدە چۈش كۆردۈم، چۈشۈمدە يۇرتۇمغا قايتىپ بېرىپ ئادمىرال بېنبوۋ مېھمانسارىيىنى كۆرۈپتىمەن.داۋامى بارمەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورىئەسكەرتىش: مەزكۇر روماننى تەرجىماننىڭ ياكى تورىمىزنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرقانداق شەخسنىڭ ھەرقانداق تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. سالونچىلارنىڭ ئۈندىدار سالونلىرىدا ئۆزى مەيلىچە كۆچۈرۈپ تارقىتىشغا قەتئىي بولمايدۇ. ناۋادا شۇنداق قىلغۇچىلار بايقىلىپ قالسا، قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ ھەم سالونى تاقىتىۋېتىلىدۇ.Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
چەت ئەل رەھبەرلىرى كۆپ بارىدىغان 10 شەھەر
2015-11-27 01:54:303779ھېرودوت ۋە ئۇنىڭ ‹‹تارىخ›› ناملىق ئەسىرى
2015-08-18 13:08:405121قارامايدىكى گۈزەل ئاپتاپپەرەسلىككە نەزەر
2015-07-31 13:00:474126داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (19)
2015-03-01 22:42:543499كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت بايرىمى ــــ نورۇز
2015-03-15 22:59:313709شىنجاڭلىقلار 3000 يىللار بۇرۇن ئىشتان كىيىشكە ب
2016-06-23 21:46:161784ھەر يىلى 22-ئاپرېل دۇنيا يەرشارى كۈنى
2015-04-22 16:15:304157ئافغانىستاندىكى ئۇسسۇلچى ئوغۇللارنىڭ مۇشەققەتلىك
2016-01-08 15:21:336285
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-