نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ھېرودوت ۋە ئۇنىڭ ‹‹تارىخ›› ناملىق ئەسىرى

ھېرودوت ۋە ئۇنىڭ ‹‹تارىخ›› ناملىق ئەسىرى

ۋاقتى: 2015-08-18 ئاۋاتلىقى: 5323 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

‹‹تارىخ›› ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى ھېرودوتنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى
 

تەرجىمە قىلغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي



    ھېرودوت (Herodotus) تەخمىنەن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 484-يىلىدىن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 430 ~ 420-يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتا ياشىغان. ئۇ قەدىمكى گىرېتسىيەدىكى مەشھۇر تارىخشۇناس، ئەدەبىياتشۇناس، جۇغراپىيون ۋە سەيياھ. ئۇ يېزىپ قالدۇرغان ‹‹تارىخ›› ناملىق ئەسەر غەرب تارىخشۇناسلىق ساھەسىدىكى تۇنجى ئەسەر بولۇپ، جامائەتچىلىك تەرىپىدىن غەرب تارىخشۇناسلىق تارىخىدىكى تۇنجى بايان شەكلىدىكى تارىخىي كاتتا ئەسەر دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. قەدىمكى رىم مۇتەپپەككۇرى سەيسېرو (Cicero) ھېرودوتنى ‹‹تارىخ ئاتىسى›› دەپ ئاتىغان، بۇ نام شەك-شۈبھسىزكى، ھېرودوتنىڭ تارىخىي ئورنىغا بېرىلگەن لىللا باھادۇر.
    خۇددى قەدىمكى گىرېتسىيەدىكى نۇرغۇنلىغان مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاشلا، ھېرودوتنىڭ ھاياتى توغرىسىدا بىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئىشەنچلىك ماتېرىياللار تولىمۇ ئاز. ئۇ ئۆز ئەسىرىدە ئۆزىنىڭ ھاياتى ھەققىدە كەمدىن-كەم توختالغان، ئەمما ئۇنىڭ بىلەن دەرۋداش ياشىغان يازغۇچىلارمۇ ھېرودوتنى ئاندا-ساندا ئەسلەپ ئۆتكەن بولسىمۇ، يەنىلا تەپسىلىي توختالمىغان. شۇ ۋەجىدىن، تاكى بۈگۈنگىچە تەتقىقاتچىلار ھېرودوتنىڭ ھاياتى، ۋاپات بولغان يىلى ۋە ۋاپات بولغان ئورۇن قاتارلىقلار ھەققىدە يەنىلا ئېنىق بىر نېمە دېيەلمەيۋاتىدۇ. ھېرودوتنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى پېرسىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى گىرېتسىيە شەھىرىدىكى خالىكارناسسۇس (Halicarnassus) رايونى بولۇپ، ئۇ پېرسىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ بىرىنچى ئۆلكىسى ئىدى. شۇ ۋەجىدىن، بىز ھېرودوتنى گىرېتسىيەلىك تارىخچى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پېرسىيە ئىمپېرىيەسىدىكى بىر تارىخشۇناس دەپ ئېيتالايمىز. ھېرودوتنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى لىكسېس (Lyxes) بولۇپ، شۇ يەرلىك بايلاردىن ئىدى، ئۇنىڭ تاغىسى (شىرەم تۇغقىنى)نىڭ ئىسمى پانياسسىس (Panyassis) داڭلىق ئېپوس يازغۇچىسى بولۇپ، ئىلگىرى يېزىلغان ئىئونىيە كېنەزلىكىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى تەسۋىرلەنگەن ئېپوسلاردا ئۇنىڭ شۆھرىتىنىڭ ھومېردىنلا كېيىن تۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. بۇ خىل ئائىلە ئەھۋالى ھېرودوتنى كىچىكىدىن باشلاپلا ياخشى تەربىيەگە ئىگە قىلغان، شۇڭا تالانتلىق ۋە زېرەك ھېرودوت كىچىكىدىن باشلاپلا قېتىرقىنىپ ئۆگەنگەن، ھېسىيود (Hesiod)، ھېكاتائۇس (Hecataeus)، ساپفو (Sappho)، سولون (Solon) قاتارلىق شەخسلەرنىڭ ئەسەرلىرى ئۇنىڭغا تولا ئاڭلاۋېرىپ ياد بولۇپ كەتكەن. ئۇ ۋاقىتتا خالىكارناسسۇستىكى ھۆكۈمرانلار يەنىلا پېرسىيەلىكلەرنىڭ زالىم پادىشاھى لۇگدامىس (Lygdamis)غا ئىتائەت قىلاتتى، ئۇ سالامىس (Salamis) دېڭىز ئۇرۇشىدا باتۇرلۇق كۆرسەتكەن خالىكارناسسۇستىكى ھېلىقى ئايال پادىشاھ ئارتېرمىسىيا (Artermisia)نىڭ نەۋرىسى ئىدى. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 461-يىلى، ھېرودوتنىڭ جەمەتى لۇگدامىسقا قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ، ئەمما مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ، تاغىسى پانياسسىس ئۆلتۈرۈلىدۇ، ھېرودوتنىڭ جەمەتىمۇ چېتىپ جازالىنىش سەۋەبىدىن شۇ يىلى ساموس (Samos) ئارىلىغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ياش ۋاقتىدىكى بۇ سەرگۈزەشتىلەر ئۇنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە يازغان ‹‹تارىخ›› ناملىق ئەسىرىنىڭ سىياسىي خاھىشىغا بەلگىلىك تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ.
    تەخمىنەن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 454-يىلىدىن باشلاپ، ھېرودوت ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق سەيياھلىق ھاياتىنى باشلاپ، پېرىسىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ نۇرغۇنلىغان رايونلىرىنى كېزىپ چىقىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى ___ كارىيا (Caria) رايونىدىن باشقا، يېقىن ئەتراپتىكى ئىئونىيە (Ionia)، ئاۋلىس (Aeolis) قاتارلىق جايلارغا بارىدۇ، ئۇ يەنە سۇرىيە (Syria)، لىدىيا (lydia)، پرىگىيا (Phrygia) دېگەن جايلارغا يېتىپ بارىدۇ، شەرقتە بابىلونىيا (Babylonia)غا ئىچكىرىلەپ كىرىدۇ، بەلكىم ئەرەب يېرىم ئارىلىدىنمۇ ئۆتكەن بولۇشى مۇمكىن، جەنۇبتا پونىكىيا (Phoenicia)، مىسىرنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ۋە لىۋىيە (Libya)گە، ئەڭ يىراقتا قەدىمكى مىسىرنىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى ئېلېپانتىنې (Elephantine)غا، غەربتە ئىتالىيە ۋە سىتسىلىيەگىچە يېتىپ بارىدۇ، ئۇ يەنە ھېللېسپونت (Hellespont) دېڭىز بوغۇزىدىن ئۆتۈپ، بايزانتىيۇم (Byzantium)، زراس (Thrace) ۋە ماكېدونىيە (Macedonia)گە، شىمالدا ئىستېر (Ister) دەرياسىدىن ئۆتۈپ، سكىتايا (Scythia)، قارا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقىنى بويلاپ بىۋاسىتە دون (Don، قەدىمدە تانايىس دەرياسى 〔Tanais〕دەپ ئاتالغان) دەرياسى ۋە ئۇنىڭ ئىچكى رايونلىرىغا يېتىپ بارىدۇ. كېيىنكى دەۋرلەردىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ مۆلچەرىگە قارىغاندا، ئۇنىڭ باسقان يوللىرى ھەقىقەتەنمۇ كۆپ بولۇپ، شەرقتىن غەربكە، جەنۇبتىن شىمالغا بولغان ئارىلىقتا باسقان مۇساپىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1700 ئىنگلىز مىلى (تەخمىنەن 2700 كىلومېتىرغا تەڭ)غا يەتكەن. بۇنىڭدىن 2400 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتلار ئىلگىرىكى دەۋرلەردە، قاتناش ئەسلىھەلىرى تولىمۇ قالاق شارائىتتا، ئۇ خەۋپ-خەتەرگە قارىماي، مىڭبىر جاپا-مۇشەققەتلەرنى يېڭىپ، ئەتراپنى تەنھا كېزىپ، كىشى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز قىينچىلىقلارنى يېڭىپ، بۇ ئۇلۇغ سەپەرنى غەلىبىلىك تاماملايدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ ئەمەلىي تەكشۈرۈش ۋە زىيارەت قىلىش ئارقىلىق نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ، ئۇ مەشھۇر قەدىمىي خارابىلەرگە بارىدۇ، تەبىئىي شارائىت ۋە ئۆرپ-ئادەتلەرنى تەكشۈرىدۇ، ئەل ئىچىدىكى رىۋايەتلەر ۋە رەسمىي تارىخقا كىرگۈزۈلمىگەن ۋەقەلەرنى توپلايدۇ. ئۇ بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ ماتېرىيال توپلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ماتېرىياللارنى رەتلەپ تەھلىل قىلىدۇ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇ ئىنتايىن مول بىرىنچى قول ماتېرىياللارغا ئىگە بولىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ كاتتا ئىلمىي ئەسىرى ___ ‹‹تارىخ››نى يېزىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالىدۇ.
    تەخمىنەن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 447-يىلى، ھېرودوت ئافېناغا كېلىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا ئافېنانىڭ ۋەزىيىتى تولىمۇ ياخشى ئىدى، ئافېنا ئىمپېرىيەسىنىڭ پايتەختى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئافېنا يەر ئوتتۇرا دېڭىز رايونلىرى، ھەتتا گىرېتسىيە ۋە دۇنيانىڭ ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت مەركىزى ۋە دېڭىز-قۇرۇقلۇق قاتنىشى تۈگۈنىگە ئايلانغانىدى، ئافېنادىكى ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغۇچىلار غايەت زور پۇللارنى ئىشلىتىپ ياغاچ-تاش قۇرۇلۇشلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ھۈنەر-سەنئەت ماھىرلىرىنى بۇ يەرگە جەم قىلىدۇ، بارلىق قەلەمدارلار، يازغۇچىلار ئارقا-ئارقىدىن يېتىپ كېلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئافېنا ئىسمى جىسمىغا لايىق ‹‹گىرېتسىيەنىڭ مەكتىپى››گە ئايلىنىدۇ. ھېرودوت ئافېنادا ئولتۇراقلىشىپ قالغان مەزگىللەردە، ئەينى چاغدىكى ئافېنادىكى ‹‹1-پۇقرا›› پېرىكلېس (Pericles)، شۇنداقلا دىراماتورگ سوفوكلېس (Sophocles) قاتارلىق سىياسىي مۇنبەردىكى قابىلىيەتلىك كىشىلەر ياكى جەمئىيەتتىكى مەشھۇر ئەربابلار بىلەن قويۇق ئارىلىشىدۇ. ئۇ شەھەر دۆلىتىنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، شېئىرلارنى، ماقالىلەرنى يازىدۇ، سەھنىلەردە نۇتۇق سۆزلەيدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئۈنلۈك ئوقۇپ بېرىدىغان بولۇپ، ئىلگىرى خېلى كۆپ مۇكاپات پۇللىرىغىمۇ ئېرىشىدۇ.
    مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 443-يىلى، ھېرودوت باشقا مۇستەملىكىچىلەر بىلەن بىرلىكتە، ئافېنانىڭ ئىتالىيەدە قۇرغان مۇستەملىكە شەھەر دۆلىتى ___ تۇرىيى (Thurii)غا كۆچۈپ كېلىپ، تۇرىيىنىڭ پۇقراسى بولۇپ قالىدۇ، بۇ يەردە ئۇ تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر پۈتۈن زېھنى بىلەن يېزىقچىلىق قىلىدۇ. ‹‹سۇيداس لۇغىتى››دە تىلغا ئېلىنغان ماتېرىياللاردا ئۇ ماكېدونىيەدە ۋاپات بولغان، دەپ قارىلىدۇ، ئەمما بۇ خىل قاراشتا زۆرۈر ئىسپاتلار يېتەرلىك ئەمەس. ھېرودوتنىڭ ۋاپات بولغان ۋاقىتىنى ھازىرچە تېخى ئېنىق بىر نېمە دېمەك قىيىن. بىراق، شۇنىسى چوقۇمكى، ئۇ تەخمىنەن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 425-يىلى ئۆزىنىڭ ‹‹تارىخ›› ناملىق كاتتا ئەسىرىنى يېزىپ تۈگەتكەن ھەمدە كىشىلەرمۇ بۇ ئەسەردىن خەۋەر تاپقان. ‹‹سۇيداس لۇغىتى››دە يەنە ھېرودوتنىڭ ئۆز ۋەتىنىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنى تۇرىيىلىق دەپ ئاتىغانلىقى، بەزى كىلاسسىك يازغۇچىلارمۇ ئۇنى ‹‹تۇرىيىلىق ھېرودوت›› دەپ ئاتىغانلىقى قەيت ئېلىنغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، تۇرىيى ھېرودوت ئۈچۈن بىنا قىلغان قەبرە تېشىغا مۇنداق خەتلەرنى ئويدۇرغانمىش:

    بۇ قەبرىگە لۇكسېسنىڭ ئوغلى ھېرودوتنىڭ ئۇستىخانلىرى دەپنە قىلىنغان، ئۇ ئىئونىيە دىيالېكتىدا ئەسەر يازغان تارىخشۇناسلار ئىچىدە ئەڭ مەشھۇرى، ئۇ دولىسلارنىڭ دۆلىتىدە چوڭ بولغان، ئەمما ئۇ پىتنە-پاساتلاردىن يىراقراق تۇرۇش ئۈچۈن، تۇرىيىنى ئۆزىنىڭ ماكانى دەپ بىلگەن.

    قەدىمكى گىرېتسىيە تارىخشۇناسلىقى ئەپسانە بىلەن ئېپوستىن باشلىنىپ، ھېرودوت ياشىغان دەۋرگە يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، نەچچە يۈز يىللارغىچە داۋام ئەتكەن بولۇپ، بۇ دەۋرنى تارىخشۇناسلىقنىڭ ‹‹يېتىلىش مەزگىلى›› دېيىشكە بولىدۇ. ئىلگىرىكى گىرېتسىيەلىكلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەپسانىلەر ئۇلارنىڭ ئۆتمۈشىنىڭ تارىخى، ئۇلار ئەڭ ئاۋۋال ئېغىزدىن ئېغىزغا تارقىلىش شەكلى بىلەن تارقىلىپ كەلگەن، كېيىنچە يەنە قەھرىمانلىق ئېپوسلىرى شەكلىدە تارقالغان. گەرچە ئەپسانىلەر ھەمىشە تارىختىكى يادرولۇق تىللارنى ۋە مەلۇم ھەقىقىي تەركىبلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى تارىخنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ يەنىلا زور مىقداردىكى توقۇلمىلارنى ۋە رىۋايەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. مەسىلىنىڭ ئاچقۇچى شۇ يەردىكى، ئەپسانىلەرنىڭ بايان شەكلى ھەمىشە تەقدىر نۇقتىسىدىن چىقىپ ئىنسانلارنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى شەرھىيەلەيدۇ، بۇنىڭدا ئەكس ئەتتۈرىدىغىنى، بىر خىل روھنى مەركەز قىلغان تەپەككۇر شەكلىدۇر. دەل بۇنىڭغا قارشى ھالدا، تارىخشۇناسلىق باشلىنىشتىلا راست بىلەن يالغاننى ئېنىق ئايرىش ۋە ئانالىز قىلىشنى تۈپ پىرىنسىپ قىلىدۇ ھەمدە ئىدراكىي شەكىللەر، ئادەم بىلەن ئىنسانلار جەمئىيىتىنى ئاساس قىلىپ ئىش-ۋەقەلەر ۋە پائالىيەتلەرنى شەرھىيەلەشكە ئىنتىلىدۇ. پىيېر ۋىلنام مۇنداق كۆرسەتكەن: مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 6-ئەسىردە، گىرېتسىيەلىكلەرنىڭ ئىدىيە شەكلى پەيدىنپەي ئەپسانە (Muthos) شەكلىدىن ئىدراكىي شەكىل (Logos)گە قاراپ بۇرۇلۇش بولغان بولۇپ، بۇنىڭ مۇھىم ئالامىتى پەلسەپىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە گۈللىنىشىدىن ئىبارەت. بۇ خىل بۇرۇلۇشنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى شۇكى، كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ بىلىش قابىلىيىتىنىڭ چەكسىز يوشۇرۇن كۈچى ۋە سۇبيېكىت تەسىراتنىڭ مۇھىملىقىنى، يەنە تەبىئەتتىن ھالقىغان كۈچلەرگە بېقىنماي تۇرۇپمۇ، تەبىئەتنى، جەمئىيەتنى ۋە ئالەمنى ئۆزىنىڭ بىلىش ئىقتىدارى ۋە سۇبيېكىت تەسىراتى بىلەنمۇ چۈشىنىش ۋە شەرھىيەلەشكە بولىدىغانلىقىنى تونۇتتى. روھنى مەركەز قىلغان ئەپسانە تارىخ قارىشى ئادەمنى مەركەز قىلغان تارىخىي قاراشقا نائىلاج ئورۇن بوشاتتى، دەل مانا مۇشۇنداق ئىدىيەدە بۇرۇلۇش ياساش جەريانىدا تارىخشۇناسلىق بارلىققا كەلگەن. ھېرودوتنىڭ ‹‹تارىخ›› ناملىق ئەسىرى روشەنكى كونا دەۋرنىڭ بىر قىسىم ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، يەنە نۇرغۇن بۆسۈشلەرنى ۋە يېڭىلىقلارنى روياپقا چىقارغان. بۇ دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە كاتتا ئەسەرنىڭ مۇشۇنداق ۋاقىتتا، مۇشۇنداق جايدا بارلىققا كېلىشى ھەقىقەتەنمۇ كەم كۆرۈلىدىغان ئىش.
    بىرىنچىدىن، ھېرودوتنىڭ تۇغۇلغان جايى كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي قىسمى ئەينى دەۋردىكى شەرقىي ئوتتۇرا يەر دېڭىزى رايونلىرى ئىچىدە ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئىشلىرى ئەڭ تەرەققىي قىلغان رايون ئىدى. بىر تەرەپتىن، پېرسىيە ئىمپېرىيەسى باش كۆتۈرگەندىن كېيىن، غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقىدىكى بارلىق مەدەنىيەتلىك رايونلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئىشغال قىلىپ، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئۇلۇغ بىرلىشىشىنى مىسلىي كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئېگېي دېڭىزىنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلار ھەققىدە گەپ قىلماي بولمايدۇ، مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 7-ئەسىردىن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 6-ئەسىرلەرگىچە ئېگېي دېڭىزىنىڭ شەرقىي قىرغىقى، كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي قىسمىدىكى رايونلار قەدىمكى مىسىر، بابىلون، فىنىكىيە، خىتتىت، لىدىيە قاتارلىق قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەرنىڭ ئىلغار نەتىجىلىرىنى قوبۇل قىلىش ئاساسىدا، تەرەققىي قىلىپ گىرېتسىيەنى دۇنيادا ئىقتىسادى، مەدەنىيىتى ئەڭ تەرەققىي قىلغان رايونغا ئايلاندۇرىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، ئۇ چاغدىكى گىرېتسىيەدىكى ئالىملار، پەيلاسوپلار، ئەدەبىياتشۇناسلار، شائىرلارنىڭ مۇتلەق كۆپى كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي قىسىمدىك دېڭىز ئەتراپلىرى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى ئاراللاردىن يېتىشىپ چىققان، تارىخشۇناسلىقمۇ شۇنداق بولغان.
    ئىككىنچىدىن، نەسر تۈزۈش شەكلىنىڭ بارلىققا كېلىشى تارىخ كىتابلىرىنىڭ يېزىلىشىنى مۇھىم ئالدىنقى شەرت بىلەن تەمىنلىدى. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 6-ئەسىردىن باشلاپ، كىچىك ئاسىيا رايونلىرىدىكى مەلۇم شەھەر دۆلىتىدە ‹‹ئىش-ۋەقەلەرنى نەسرىي شەكىلدە خاتىرلىگۈچىلەر›› (Logographoi) بارلىققا كەلگەن. ئۇلار قۇرۇلمىسى ئاددىي، ئەسەر تىلى ئارتۇقچە پاساھەتتىن خالىي ھالدىكى نەسرلىرى بىلەن شەھەر، مىللەت، كېنەزلەر ۋە تۆرىلەر، بۇتخانا قاتارلىقلارنىڭ بارلىققا كېلىشى توغرىسىدىكى ئاغزاكىي رىۋايەتلەرنى خاتىرىلىۋالغان. ئەڭ مەشھۇر ‹‹خاتىرىلىگۈچى›› مىلېزىيانلاردىن بولغان خېكاتايئوس بولۇپ، ئۇ يازغان ‹‹دۇنيانى سەيلە قىلىش خاتىرىسى››دە، ئۆزىنىڭ ھەرقايسى جايلاردا سەيلە-ساياھەتتە بولغاندا كۆرگەن-بىلگەنلىرى نەسرىي شەكىلدە خاتىرىلەنگەن. بىراق ئۇنىڭ ئەسىرى بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىلگىرى ئاشۇ ئەسەرنىڭ ھېرودوتقا شەكسىز تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ھەققىدىكى بايانلارنى ئوقۇغان. ئەسەردىكى ئايرىم سۆزلەردىن خېكايتائوسنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە تەنقىد روھىنى ھازىرلاپ بولغانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ‹‹پەقەت مەن ھەقىقىي دەپ قارىغان نەرسىلەرنىلا خاتىرىلىۋالىمەن.›› روشەنكى، بۇ ئەسەرلەر تارىخىي ئەسەرلەردە بولۇشقا تېگىشلىك ئىپتىدائىي شەكىللەرنى ئۆزىدە ھازىرلايدۇ.
    ئۈچىنچىدىن، پەيلاسوپلار، تەبىئىي پەن ئالىملىرىنىڭ تەسىرى ئاستىدا، بىر قىسىم ئالىملار تەنقىدلەش ئۇسلۇبىدىن پايدىلىنىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى ھەققىدە ئىزدەنمەكچى بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق تارىخىي پاكىتلار بىلەن ئۇيغۇن كېلىدىغان ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقماقچى بولىدۇ، ھېرودوت ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىل. كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ‹‹تارىخ›› بىلەن ‹‹پەلسەپە›› دېگەن ئىككى سۆزنىڭ ئېنق پەرقى يوق ئىدى، ئىئونىيەلىكلەر ‹‹تارىخ›› دەپ ئاتايتتى، ئافېنالىقلار ‹‹پەلسەپە›› دەپ ئاتايتتى. ھەر ئىككىلىسى ھەقىقەتنىڭ تەلىماتى ۋە ھەرىكەتچانلىقى ھەققىدە ئىزدىنىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئاساسلىق نۇقتىلىرى ئوخشىمايدۇ، ‹‹تارىخ›› راستچىل-ئەمەلىيەتچىللىكنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ھەقىقەتنى ‹‹بايقاش››قا ئۇرۇنىدۇ، ‹‹پەلسەپە›› ‹‹ئەقىل-پاراسەتنى قىزغىن سۆيۈش››نى مەقسەت قىلىدۇ. ھېرودوت ياشىغان دەۋردە، ‹‹تارىخ›› دېگەن بۇ ئاتالغۇ ‹‹تەكشۈرۈش››، ‹‹ئەھۋال ئىگىلەش›› دېگەن مەنىلەرنى بېرەتتى. ‹‹تارىخ›› نامەلۇم ساھەلەر، نامەلۇم دۇنيا ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ، بۇنى پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنگە سېلىشتۇرغاندا ئۇسۇلى باشقا، نەتىجىسى بىر دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ھالبۇكى ھېرودوتنىڭ تەكشۈرۈشى ئاۋۋال ئاشۇ ناتونۇش رايونلار، ناتونۇش دۆلەتلەردە ساياھەتلەردە، تەكشۈرۈشلەردە بولۇپ، يېڭى بىلىملەرنى، يېڭى تارىخىي پاكىتلارنى بايقاشقا ئۇرۇنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. كېيىنكى ئالىملار ھېرودوتنىڭ ئەسىرىنىڭ باش تېمىسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى، دەپ بېكىتكەن، مۇشۇ بويىچە بولغاندا ‹‹تارىخ›› ناملىق ئەسەرنى ‹‹ھېرودوتنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتى››، يەنى ئۇنىڭ تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات نەتىجىسى دېيىش كېرەك. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىرگە كەلگەندىلا، كىشىلەر ئۇنىڭ ئەسىرىنى ‹‹تارىخ›› دېگەن نام بىلەن ئاتاشقا باشلىغان. ئاشۇ پەيلاسوپلار، ئالىملارنىڭ تولۇپ تاشقان بىلىم تەشنالىقى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ تەبىئەتنىڭ سىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشتىكى جاسارىتى، قەتئىي ئىرادىسى، ئىدىيەسى ۋە ئۇسۇلى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىس ھېرودوتنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىگە ئۇچرىماي قالمىغان.
    ھېرودوت ياشىغان چاغلار گىرېتسىيە شەھەر دۆلىتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىۋاتقان، گۈللەپ ياشناۋاتقان دەۋرلىرىگە توغرا كەلگەن بولۇپ، ئاجىز، كىچىك گىرېتسىيە شەھەر دۆلىتىنىڭ پىرېسىيە ئىمپېرىيەسىدىكى دۆلەت ئۇستازلىرىنى مەغلۇب قىلغانلىقىنى ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلاپ، ئۆزى كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرغان، بۇ شەك-شۈبھىسىزكى، ئەينى چاغدىكى ئەڭ زور ۋەقەرلەر ئىدى. ئەينى دەۋرلەردىكى گىرېتسىيە كېنەزلىكىدىكى ئىتتىپاق باشلىقى سىپارتاكنىڭ ئېغىر قوراللار بىلەن قوراللانغان 8000 دىن 9000 غىچە پىيادە لەشكىرى بار ئىدى. ئافېنا پۇقرالىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 30 مىڭغىمۇ يەتمەيتتى، ئەمما ھېرودوتنىڭ خاتىرىسىگە قارىغاندا، شېركىس (Xerxes) لەشكىرىي يۈرۈش قىلغاندا پېرسىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ قوشۇنىدىكى ئادەم سانى بەش مىليوندىن ئېشىپ كېتىدۇ، يېقىنقى دەۋردىكى تەتقىقاتچىلار بىردەك بۇ سان ئېنىقكى مۇبالىغە قىلىنغان بولۇپ، پاكىتقا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، دەپ قارىماقتا. 
    گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، پېرسىيەنىڭ لەشكىرىي كۈچى گىرېتسىيەلىكلەرنىڭكىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەنلىكى ئېنىق پاكىت. گىرېتسىيەلىكلەر بۇ ھايات-ماماتلىق جەڭدە سان جەھەتتە ئۆزىدىن كۆپ بولغان دۈشمەننى يېڭىپ، تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغان شۇنداق بىر غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىلىملىك زاتلارنى پارسلار قانداق قىلىپ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتەلىدى؟ گىرېتسىيەلىكلەرنىڭ باشقا مىللەتلەر بىلەن بولغان توقۇنۇشۇشتىكى سەۋەب نېمە؟ گىرېتسىيەلىكلەر قانداق قىلىپ ئۆزىدىن سان جەھەتتە كۆپ بولغان يات مىللەتلەر ئۈستىدىن غالىب كېلەلىدى؟ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى گىرېكلار بىلەن باشقا مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى قانداق؟ ئۇ مىللەتلەرنىڭ قانداق رەسمىي تارىخقا كىرگۈزۈلمىگەن تارىخىي ۋەقەلىرى، ئۆزىگە خاس ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە مىجەز-خاراكتېرى بار؟ ئۇلار كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان قانداق مۇھىم ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈردى؟ دېگەندەك بىر قاتار سوئاللار ھەققىدە قايتا ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. بەلكىم مۇشۇنداق بىر ئارقا كۆرۈنۈشلەر ھېرودوتنىڭ قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تارىخى ھەققىدە چوڭقۇر تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ‹‹تارىخ››دەك بىر نادىر ئەسەرنى يېزىپ چىقىشىغا، گىرېكلار بىلەن باشقا مىللەتلەر، شۇنداقلا ھەرقايسى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى جېدەل-ماجرالارنىڭ سەۋەبى ۋە جەريانى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، كېيىنكى دەۋرلەرگە يەتكۈزۈشىگە تۈرتكە بولغان بولۇشى مۇمكىن.

   ـــــ داۋامى بار.



بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى