لېنىننىڭ 1917-يىلى سۆزلىگەن نۇتۇقى
-
لېنىننىڭ 1917-يىلى سۆزلىگەن نۇتۇقى
ۋاقتى: 2015-04-04 ئاۋاتلىقى: 4109 قېتىميانفوندا كۆرۈش
لېنىننىڭ 1917-يىلى سۆزلىگەن نۇتۇقىۋلادىمىز ئىليىچ لېنىننىڭ 1917-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى پېتروگرادتا ئېچىلغان ئىشچى-دېھقان-ئەسكەرلەر ۋەكىللەر سوۋېتىنىڭ يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى
نۇتۇق ئەسلى نامى: سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەزىپىسى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى
نۇتۇق تېكىستى:يولداشلار، بولشېۋىك باشتىن-ئاخىر مۇقەررەر ئىشچى-دېھقانلار ئىنقىلابىنى غەلىبە قىلدى، دەپ قاراپ كەلدى.بۇ ئىشچى-دېھقانلار ئىنقىلابىنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ بۇ ئىنقىلابنىڭ ئەھمىيىتى ئالدى بىلەن بىزنىڭ بىر سوۋېت ھۆكۈمىتىمىز، ئۆزىمىزنىڭ بۇرژۇئازىيە سىنىپى مۇتلەق قاتناشمىغان بىر ھاكىمىيەت ئورگىنىمىز بولۇشتە كۆرۈلىدۇ. ئېزىلگەن خەلق ھاكىمىيەتنى ئۆزلىرى بەرپا قىلىدۇ، كونا دۆلەت ئورگانلىرى ئۈزۈل-كېسىل پاچاقلىنىپ تاشلىنىپ، يېڭى باشقۇرۇش ئورگانلىرى، يەنى سوۋېت تەشكىلاتى قۇرۇپ چىقىلىدۇ. رۇسىيە تارىخىنىڭ يېڭى باسقۇچى ئەنە شۇنىڭدىن باشلاندى، بۇ 3-قېتىم رۇسىيە ئىنقىلابىنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ غەلىبىسىگە تۈرتكە بولۇشى ھېسابلىنىدۇ. بىزنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىپىلىرىمىزنىڭ بىرى ــ دەل دەرھال ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشتۇر.بىراق كۆپچىلىككە ئايانكى، ھازىرقى كاپىتالىزم تۈزۈمى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا، چوقۇم كاپىتالىزمنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشىمىز كېرەك. ئىتالىيە، ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيەلەر پەيدىنپەي قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان دۇنيا ئىشچىلار ھەرىكىتىدە چوقۇم بىزگە ياردەم بېرىدۇ. بىز خەلقئارا دېموكراتىزمچىلىرى ئوتتۇرىغا قويغان دەرھال ئادىل سۈلھى كېلىشىمى تۈزۈپ چىقىش تەكلىپىدىن چوقۇم خەلقئارا پىرولتارىيات جامائىتىنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشەلەيمىز، پىرولتارىياتنىڭ بۇ خىل ئىشەنچىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، چوقۇم بارلىق مەخپىي شەرتنامىلەرنى دەرھال ئاشكارىلاش زۆرۈر.دۆلەت ئىچىدە، دېھقانلار ئارىسىدا زور بىر تۈركۈم كىشىلەر: ‹‹بىز ئەمدى كاپىتالىستلار بىلەن ئالاقە قىلمايمىز، ئىشچىلار بىلەن بىللە ئىشلەيمىز›› دېيىشمەكتە. بىز پەقەت بىر تۈرلۈك پومېشىچىك مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنى بىكار قىلىدىغان پەرماننى ئېلان قىلساقلا، دېھقانلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلەيتتۇق. دېھقانلارمۇ پەقەت ئىشچىلار بىلەن ئىتتىپاقلاشقاندىلا، ئۆزلىرىنىڭ قۇتۇلۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. بىز ئىشلەپچىقىرىشقا ھەقىقىي ئىشچىلارنىڭ نازارەتچىلىك قىلىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. ھازىر بىز بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ ئىشلەشنى ئۆگىنىۋالدۇق. ئەمدىلا پارتلىغان ئىنقىلاب بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاپ بەردى. بىزنىڭ خەلقتىن تەشكىللەنگەن كۈچىمىز بار، ئۇ چوقۇم ھەممىدىن غالىب كېلەلەيدۇ ھەمدە پىرولتارىياتنى دۇنيا ئىنقىلابىغا يۈزلەندۈرەلەيدۇ.رۇسىيەدە, بىز ھازىر قولنى قولغا تۇتۇشۇپ پىرولتارىيات سىنىپىنىڭ سوتسىيالىستىك دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. پۈتۈن دۇنيانىڭ سوتسىيالىستىك ئىنقىلابى ياشىسۇن!تەرجىمان: شىنجاڭ تەڭرىتاغ تورىدا
ئۈندىدار نومۇرى: otyurak001
لېنىن
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ما يۈن: 11 خىل كىشىگە ياردەم بەرمەسلىك كېرەك
2015-03-05 12:23:234038ئوبامانىڭ ئاياللار ھەققىدىكى نۇتۇقى
2015-02-05 23:07:344849ھەشەمەتلىك ھىندىستان زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى
2015-04-16 16:57:424952ئۇيغۇرلاردىكى ئاق قاشتېشى ئېتىقادچىلىقى
2015-03-15 01:33:344567چەت ئەل رەھبەرلىرىنىڭ سۈرەتكە چۈشۈشى
2015-04-17 12:59:493343دوستلۇق ۋە كىتاب سوۋغا قىلىش
2015-03-14 20:00:074557جۇڭغار خانلىقىنىڭ پۇللىرى
2015-02-11 18:49:47413130 ياشتىن بۇرۇن 28 ئىشقا پىسەنت قىلماڭ
2015-10-23 18:44:129666
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-