نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئوبامانىڭ ئاياللار ھەققىدىكى نۇتۇقى

ئوبامانىڭ ئاياللار ھەققىدىكى نۇتۇقى

ۋاقتى: 2015-02-05 ئاۋاتلىقى: 4713 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئوباما بىر تەبىئىي ناتىق بولۇپ، ئۇنى كىشىلەر كېننىدى ۋە مارتىن لۇتىركىڭدىن قېلىشمايدىغان ناتىق دەپ قارىماقتا. ئۇنىڭ نۇتۇقلىرى ئاۋاز بىلەن ھېسسىيات زىچ بىرىكىپ كەتكەن، راۋان، چۈشىنىشلىك، مەردانە، جۇشقۇن بولۇپ، كىشىلەرگە دائىم ئۈمىد ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلىدۇ.

‹‹ئاياللار تارىخ ئېيى››نىڭ زۇڭتۇڭنىڭ ‹‹مائاش ئادىللىقى قانۇن لايىھەسى››دىكى قارارىغا گەۋدىلىك ئىنكاسى

(بۇ نۇتۇقنى ئوباما 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ۋاشىنگتوندا ھەپتىلىك رادىيو پىروگراممىسىدا سۆزلىگەن)


توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى



3-ئاي ئاياللارنىڭ تارىخ ئېيى، بۇ ئايدا بىز ئاياللار قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى قۇتلۇقلاپ ئولتۇرۇپتىمىز، شۇنداقلا ئامېرىكا تارىخىدىكى ئاشۇنداق تەرەققىياتلارنى روياپقا چىقارغان ئاياللارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈپ ئولتۇرۇپتىمىز.
ئېلىئانور روزېۋېلت مېنىڭ خىيالىمدىكى كىشىنى روھلاندۇرىدىغان ئامېرىكىلىق. 1961-يىلى بۇ سابىق 1-خانىم ھۆكۈمەتتە ئايال خىزمەتچىلەرنىڭ كەمچىل بولۇش مەسىلىسىگە نارازى بولۇش سەۋەبلىك، زۇڭتۇڭ كېننىدىنىڭ ئىشخانىسىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا ئۈچ بەتلىك ئىسىملىكنى تۇتقۇزغان، ئۇ ئىسىملىكتە كېننىدى ھۆكۈمىتىدە ۋەزىپە ئۆتىيەلەيدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئايال ئەمەلدارلارنىڭ ئىسمىنى تىزىپ چىققانىدى. زۇڭتۇڭ كېننىدى ئېلىئانور روزېۋېلتنى بۇ تۈرگە مەسئۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسىلىكىگە تەيىنلىگەن، بۇ كومىتېت ئامېرىكا ئاياللىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتا دائىم يولۇقۇپ تۇرىدىغان تەڭسىز مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلاتتى.
گەرچە ئېلىئانور روزېۋېلت بۇ كومىتېت ۋەزىپىسىنى تاماملاشتىن بۇرۇنلا ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ دوكلاتى پۈتۈن ئامېرىكىنى قاپلىغان بىر مەيدان ھەرىكەتكە، ئاياللار رەھبەرلىكىدىكى تېخىمۇ باراۋەر جەمئىيەت قۇرۇشنى نىشان قىلغان بىر مەيدان ھەرىكەتكە سەۋەبچى بولدى.
روزېۋېلت كومىتېتى دوكلات ئېلان قىلغىنىغا ۋە تەتقىقات ئېلىپ بارغىنىغا ھازىر 50 يىلغا يېقىن ۋاقىت بولۇپ قالدى، ئەمما كېيىنكى 10 نەچچە يىلدا، ھۆكۈمەت ھەرقانداق شەكىلدىكى تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتمىگەندەكلا قىلاتتى. بۇ دەل بىز ئالدىنقى ھەپتە بۇ يەردە (ئاق سارايدا) روزېۋېلت كومىتېتىنىڭ دوكلاتىنىڭ روھىنى نەزەرگە ئېلىپ تەييارلىغان يىپيېڭى، ئومۇميۈزلۈك بولغان ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلغانلىقىمىزنىڭ سەۋەبىدۇر.
بىز قولغا كەلتۈرگەن مۇناسىۋەتلىك نەتىجىلەر توغرىسىدا، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىمۇ ئاز بولمىغان ئىجابىي خەۋەرلەر بېرىلدى. مەسىلەن: ئالىي مائارىپ پۇرسىتى جەھەتتە، ئاياللار ئاللىبۇرۇنلا ئەرلەرگە يېتىشىۋالدى. ئەمەلىيەتتە، بۈگۈنكى ئاياللارنى ئەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ، مەكتەپنى ئوڭۇشلۇق تاماملاش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولماقتا. ئەمما، بىز يەنىلا نۇرغۇن خىزمەتلەرنىڭ تاماملىشىمىزغا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىمىز لازىم. ئامېرىكىدا ئاياللارنىڭ تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىقى بارغانسېرى زورىيىپ بېرىشى مۇمكىن. مائارىپ جەھەتتە، ماتېماتىكا، قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى ئاياللارنىڭ سانى ئەرلەرنىڭ سانىدىن خېلىلا ئاز. كۆپچىلىك ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن رىقابەتلىشىشتە، بۇ ساھەلەردە ئەر-ئايال دەپ ئايرىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى، بارلىق كىشىلەرنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىدىن تولۇق پايدىلىنىش كېرەكلىكىنى بىلىدۇ. بۇ دەل بىزنىڭ كەلگۈسى ئۈستىدىن غالىب كېلىشىمىزدىكى ئۇسۇل.
ھازىرقىدەك كۈندە، ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى ئەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ پەقەت 75 پىرسەنتىنى ئىگىلىسە، ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا خېلى زور پەرق بولغان بولىدۇ. نۆۋەتتە، نۇرغۇن ئامېرىكىلىق يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇپ، قەدىر ئەھۋال تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن تىپىرلىماقتا، نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەر قۇربىنىڭ يېتىشىچە بىر تەرەپ ئىشسىز ئەھۋالدىمۇ بىر كىشىلىك مائاشقا تايىنىپ، ئارانلا جان بېقىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ بىزنىڭ ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق بېرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىزنىڭ پەقەتلا بىر ئاياللار مەسىلىسى بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە، بىر ئائىلە مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى سەمىمىزگە سالىدۇ.
مەن زۇڭتۇڭ بولغان دەسلەپكى مەزگىللەردىكى نۇرغۇن قانۇن لايىھەلىرىدە، مەن مۇنداق بىر تۈرلۈك قانۇنغا ئىمزا قويغان، بۇ قانۇن ئىلگىرىكى ئاشۇ ئىش ھەققى جەھەتتە كەمسىتىشكە ئۇچرىغان ئاياللار قانۇنغا مۇراجىئەت قىلىش ئارقىلىق ئادىل مۇئامىلىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە سەۋەبچى بولغان. ئەلۋەتتە، بىز تەدبىر قوللىنىپ ئىش ھەققىدىكى تەكشىسىزلىك مەسىلىسىنى تۈپ مەنبەسىدىن ھەل قىلىپ، ئاياللارنىڭ سوتقا ئەرز قىلىش ئەھۋاللىرىنىڭ سادىر بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك. بۇ مېنىڭ نېمىشقا ئاياللارغا تېخىمۇ كۆپ ئىش ھەققىدىكى تەكشىسىز مۇئامىلىگە قارشى تۇرۇش ھوقۇقىنى بېرىش قانۇن لايىھەسى (‹‹ئىش ھەققى ئادىللىقى قانۇن لايىھەسى››)نىڭ پارلامېنتتا پەقەت ئىككى بېلەت كەم تاشلانغانلىق سەۋەبىدىن ماقۇللانمىغانلىقىنى بىلگىنىمدە، تولىمۇ قايغۇرغانلىقىمنىڭ سەۋەبىدۇر. شۇنداقلا يەنە نېمىشقا مېنىڭ مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدىكى ئىسلاھات لايىھەسىنى ماقۇللاشقا ئىمكانىيەت تۇغدۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىشىمنىڭ سەۋەبىدۇر.
ئەر-ئاياللارنىڭ ئورۇن ۋە پۇرسەت جەھەتتىكى باراۋەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇھىم بولۇپ، بۇ پەقەت مېنىڭ زۇڭتۇڭ بولغانلىقىمدىنلا ئەمەس. مېنىڭمۇ ئىككى قىزىم بار، مەن ئۇلارنىڭ ئاياللارغا ھېچقانداق چەكلىمە بولمىغان دۇنيادا ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، چۈنكى، مەن ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىمەن.
مەن دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەكتەپلەرنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغىنىمدا، ياشلار بىلەن كۆرۈشكىنىمدە، خېلى كۆپ قىزلارنىڭ ئىلىم-پەن ۋە دەرسلەرگە بولغان تولۇپ-تاشقان قىزىقىشىنى بايقىدىم، ئەمما بۇ دەرسلەر ئۇلارغا ئېچىۋېتىلمىگەن. بىز ھەتتا ئاق سارايدا پەن-تېخنىكا كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزگەندە، كۆرگەزمىدە مەن ئەمى چياۋ ئىسىملىك بىر قىز ئوقۇغۇچىنى ئۇچراتتىم، ئۇ ئەمدىلا 16 ياشقا كىرگەنىدى، ئەمما ئۇ راك كېسىلىنى داۋالاش ئۇسۇلى توغرىسىدىكى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. ئۇ ئەزەلدىن ‹‹ئىلىم-پەن ماڭا مەنسۇپ ئەمەس›› دەپ ئويلاپ باقمىغانىكەن، ئۇ ئەزەلدىن ‹‹قىز بالا ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ›› دېگەننى ئويلاپ باقمىغانىكەن، ئۇ پەقەت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقىلا قىزىقىدىكەن. بەزىلەر ئۇنىڭغا پۇرسەت بېرىشنى خالىسىلا، ئۇ قىز ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشنى ئۆزگەرتىشتىكى يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە بولغان بولاتتى.
بۇ ماڭا بىزنىڭ قانچىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىمىزنى ئېيتىپ بەردى، ئەمما ئۇ يەنە بىزنىڭ ئىلگىرى ساقلانغان پەرقلەر (ئەر-ئاياللارنىڭ باراۋەرسىزلىك دەرىجىسى)نى يۇقىتىش ئۈچۈن ھەسسىلەپ تىرىشىشىمىز كېرەكلىكىنى، ئاشۇ ئاددىي ھالدىكى ئامېرىكا غايىسى، يەنى پۇقرالارنىڭ باراۋەرلىكىنى، ئۆز بەختىنى قوغلىشىش پۇرسىتىدىن بەھرىمەن بولۇشنى قوغداشنى سەمىمگە سالدى. بۇ دەل ئېلىئانور روزېۋېلت يېرىم ئەسىر ئىلگىرى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان ئارزۇدىن ئىبارەت. بۇ بۈگۈنكى دوكلاتنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇھىملىقىنىڭ سەۋەبى. بۇ بىزنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ بەختىنى كۆزلەشتە، كەلگۈسىدە داۋاملىق ئەر-ئاياللارنىڭ باراۋەرلىك ئىشلىرىدا تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزنىڭ زۆرۈرلۈكىنىڭ سەۋەبى.
ئاڭلىغىنىڭلارغا رەھمەت.

بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى