نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

جوبسنىڭ ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نۇتۇقى

جوبسنىڭ ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نۇتۇقى

ۋاقتى: 2015-08-27 ئاۋاتلىقى: 6801 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش



جوبسنىڭ ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نۇتۇقى 

توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى

(شىنجاڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ تەرجىمانى، مۇھەررىر)

    تەرجىماندىن: 2005-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئالما شىركىتى بىلەن Pixar كارتون خىزمەتخانىسىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ستېۋ جوبس ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىدا تۆۋەندىكى نۇتۇقنى سۆزلىگەن. ئۇنىڭ بۇ نۇتۇقى تا ھازىرغا قەدەر تالايلىغان ياشلارغا ئىلھام بېرىپ كەلمەكتە. ئەمدى بىز ستېۋ جوبسنىڭ بۇ ئىلھامبەخش نۇتۇقىدىن بىرلىكتە ھۇزۇرلىنايلى!


    نۇتۇق تېكىستى:
    مەن بۈگۈن سىلەر بىلەن بىرلىكتە ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىغا داخىل بولغانلىقىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن، ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى. گەپنىڭ راستىنى قىلغاندا مەن ئالىي مەكتەپنى تاماملىيالمىغان. بۈگۈن بەلكىم ھاياتىمدىكى ئۇنىۋېرسىتېتتىن ئايرىلىپ ئوقۇش تاماملىغانغا يېقىن كېلىدىغان بىر كۈن بولۇپ قالار. بۈگۈن مەن سىلەرگە تۇرمۇشۇمدىكى ئۈچ ھېكايىنى سۆزلەپ بەرمەكچىمەن. بۇ ھېكايىلەر ئانچە چوڭ ئىشلارمۇ ئەمەس، پەقەت ئۈچلا ھېكايە، خالاس. 
   بىرىنچى ھېكايە ھاياتىمدىكى ئارقىمۇ-ئارقا يۈز بەرگەن بىر قاتار ئىشلار ھەققىدە بولىدۇ. 
    مەن رىد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئالتە ئاي ئوقۇغاندىن كېيىن ئوقۇشتىن چېكىنگەن، ئەمما 18 ئايدىن كېيىن، يەنى مەن ئوقۇشتىن چېكىنىشنى رەسمىي قارار قىلىشىن بۇرۇن، مەن يەنىلا مەكتەپكە بېرىۋەرگەنىدىم. مەن نېمىشقا بۇنداق قىلىمەن؟
    ھېكايىنى تۇغۇلغان ۋاقتىمدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. مېنىڭ ئۆز ئاپام ياش، توي قىلمىغان بولۇپ، ئۇنىۋېرسىتېتنى تاماملىغانىكەن. ئۇ مېنى  باشقىلارنىڭ بېقىۋېلىشىغا بېرىۋېتىشنى قارار قىلغانىكەن، ئۇ مېنى ئۇنىۋېرسىتېتنى تاماملىغان بىرەيلەننىڭ بېقىۋېلىشىغا بېرىشنى ئىنتايىن ئارزۇ قىلغانىكەن. شۇڭا مەن تۇغۇلغاندا، ئۇ بارلىق تەييارلىقلارنى قىلىپ، مېنى بىر ئادۋوكات ۋە ئۇنىڭ ئايالىغا بېرىۋەتمەكچى بوپتىكەن. ئەمما ئۇ كۈتۈلمىگەندە، مەن تۇغۇلغاندا، ئادۋوكات ئەر-ئايال ئۆزلىرىنىڭ تۇيۇقسىز قىز بالا بېقىۋېلىش قارارىغا كەلگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. شۇ سەۋەبتىن، مېنىڭ بېقىۋالغان ئاتا-ئانام (ئۇلار تېخى ئۆز ئاتا-ئانامنىڭ كۆزىتىش تىزىملىكىدە ئىدى) تەڭ كېچىدە تۇيۇقسىز كەلگەن بىر تېلېفوننى ئالىدۇ: تېلېفوندا: <<بىزنىڭ بۇ يەردە ھازىر بىر ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلدى، سىلەر بېقىۋالامسىلەر؟>> دەپتۇ. ئۇلار: <<ئەلۋەتتە بېقىۋالىمىز>> دەپتۇ. ئەمما مېنىڭ ئۆز ئاپام كېيىن مېنى بېقىۋالغان ئانامنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمىغانلىقىنى، بېقىۋالغان ئاتامنىڭ ھەتتا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىمۇ ئوقۇمىغانلىقىنى بىلىپ، بېقىۋېلىش توختامىغا ئىمزا قويۇشنى رەت قىپتۇ. پەقەت بىر نەچچە ئايدىن كېيىنلا مېنىڭ بېقىۋالغان ئاتا-ئانام مېنى چوقۇم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەندىن كېيىنلا، ئاپام ئاندىن بېقىۋېلىشقا قوشۇلغانىكەن. بۇ ھاياتىمنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قاپتۇ.
   17 ياشقا كىرگەن شۇ يىلى مەن ھەقىقەتەن ئالىي مەكتەپكە كىردىم. ئەمما ئىنتايىن ئەخمەقلارچە سىلەرنىڭ ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدەك قىممەت بىر مەكتەپنى تاللاپ قاپتىمەن. ئاتا-ئانام يەنىلا كۆك ياقىلىقلار تەبىقىسىگە تەۋە بولۇپ، بارلىق تەئەللۇقاتىنى مېنىڭ ئوقۇش خىراجەتلىرىمگە سەرپ قىلىپ بولاي دېگەنىدى. ئالتە ئايدىن كېيىن، مەن ئۇنىڭ ئىچىدە قىممەت قاراشنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ يەتتىم. مەن ھاياتىمدا نېمىلەرنى قىلىشىم كېرەكلىكىنى بىلمەيتتىم، يەنە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ماڭا قانداق جاۋاب بېرىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتىم. ئەمما بۇ يەردە مەن ئاتا-ئانامنىڭ بارلىق تاپقان-تەرگىنىنى تۈگىتىپ بولايلا دېگەنىدىم. شۇڭا مەن ئوقۇشتىن چېكىنىشنى قارار قىلدىم، مېنىڭچە بۇ توغرا قارار ئىدى. مەن شۇ چاغدا ھەقىقەتەن بەك قورققانلىقىمنى ئىنكار قىلمايمەن، ئەمما ئارقىمغا بۇرۇلۇپ قارىغىنىمدا، ئۇنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ قالتىس بىر قارار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمەن. مەن مەكتەپتىن چېكىنىشنى قارار قىلغان ئاشۇ پەيتلەردە، مەن ئاخىرى ئاشۇ مەن قىلچە قىزىقمايدىغان دەرسلەرگە ئەمدى بېرىشىمنىڭ زۆرۈرىيىتى قالمىغانىدى. كېيىن مەن قارىماققا ئەھمىيەتلىكتەك تۇيۇلىدىغان دەرسلەرگە بېرىۋەردىم. 
    ئەمما بۇ ئىشلار ئۇنچىۋالا رومانتىك ئەمەس ئىدى. مەن مەكتەپنىڭ ياتىقىدىن ئايرىلدىم، شۇڭا پەقەت دوستۇمنىڭ ئۆيىدىكى پولدىلا يېتىشقا مەجبۇر بولدۇم، مەن تېرىۋالغان بەش دوللارلىق كولانىڭ بوتۇلكىسى پەقەت قورسىقمنى توقلاشقىلا يېتەتتى. يەكشەنبە كۈنى كەچتە مەن يەتتە ئىنگلىز مىلى مۇساپىنى بېسىپ، بۇ شەھەردىن ھارى كرىشنا ئىبادەتخانىسىغا بېرىشىم كېرەك ئىدى. چۈنكى بۇ يەردە مەن بىر ھەپتىدىكى ياخشى بىر ۋاق تاماق يېيەلەيتتىم. مەن بۇنداق قىلىشنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتىم. مەن ئۆزۈمنىڭ بىۋاسىتە سېزىمىم ۋە قىزىقىشىم بويىچە ماڭغاچقا، يول بويى ئۇچراتقان ھەربىر نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ئىسپاتلىدى. مەن سىلەرگە بىر مىسالنى سۆزلەپ بېرەي.
    رىد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھۆسنخەت دەرسى ئەينى چاغدا بەلكىم پۈتۈن ئامېرىكا بويىچە ئەڭ ياخشى دەرس بولۇشى مۇمكىن ئىدى. بۇ مەكتەپتىكى ھەربىر ئېلانلارنىڭ، ھەربىر تارتمىلاردىكى ھۆججەتلەردىكى ئىمزالارنىڭ ھەممىسى چىرايلىق ھۆسنخەت ئىدى. مەن ئوقۇشتىن چېكىنگەنلىكىم سەۋەبلىك، مۇنتىزىم تەربىيە كۆرەلمىدىم، شۇڭا مەن بۇ دەرسلەرگە قاتنىشىپ، چىرايلىق ھۆسنخەت يېزىشنى مەشق قىلىشنى قارار قىلدىم. مەن san serif  ۋە serif خەت شەكىللىرىنى ئۆگەندىم، قانداق قىلغاندا ئوخشىمىغان ھەرپلەرنى بىرىكتۈرگەندە بوش كاتەكچىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆزگەرتىشنى، يەنە قانداق قىلغاندا بەت شەكلىنى ياخشى چىقارغىلى بولىدىغانلىقىنى ئۆگىنىۋالدىم. بۇ خىل ئىلىم مەڭگۈ تۇتۇۋالغىلى بولمايدىغان گۈزەل، ھەقىقىي سەنئەت جەۋھەرلىرى ھېسابلىنىدۇ، مەن ئۇنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن گۈزەل ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. 
    ئەينى چاغدىكى ئاشۇ نەرسىلەر مېنىڭ ھاياتىمدا بەئەينى ھېچقانداق ئەمەلىي قىممىتى يوقتەكلا بىلىنەتتى. ئەمما 10 يىلدىن كېيىن، بىز تۇنجى Macintosh كومپيۇتېرىنى لايىھەلىگەندە، ئەھۋال ئۇنداق بولمىدى. مەن ئەينى چاغدا ئۆگەنگەنلىرىمنى Mac قا لايىھەلەپ كىرگۈزدۈم. ئۇ تۇنجى بولۇپ چىرايلىق مەتبەئە خەت شەكلى ئىشلىتىلگەن كومپيۇتېر بولۇپ قالدى. ناۋادا مەن ئەينى چاغدا ئوقۇشتىن چېكىنمىگەن بولسام، بۇنىڭدەك ئۆزۈم قىزىقىدىغان ھۆسنخەت دەرسىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيتتىم، Mac مۇ بۇنداق چىرايلىق ۋە كۆپ خەت شەكىللىرىگە ئىگە بولمىغان بولاتتى. Windows نى Mac خەت شەكلىنىڭ نۇسخىلانغان شەكلى، ئۇنداق بولمىغاندا ھازىرقى ھەر بىرەيلەن ئىشلىتىۋاتقان كومپيۇتېرنىڭ خەت شەكىللىرى بۇنچىۋالا چىرايلىق بولمىغان بولاتتى. ئەلۋەتتە مەن ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ۋاقتىمدا ھاياتىمدا ئارقىمۇ-ئارقا يۈز بەرگەن ئىشلارنى بىر-بىرىگە باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى، ئەمما مەن 10 يىلدىن كېيىن بۇ ئىشلارنى ئەسلىگىنىمدە ھەقىقەتەنمۇ كۆڭلۈم يورۇپ قالىدۇ. 

    يەنە بىر قېتىم شۇنى دېمەكچىمەنكى، سىز ئالدىغا نەزەر سالغاندا بۇ پارچە-پارچە تۇرمۇش كارتىنىلىرىنى بىر يەرگە ئەكىلىش مۇمكىن بولمايدۇ، سىز پەقەت ئۇ ئىشلارنى ئەسلىگىنىڭىزدە ئۇلار تەبىئىي ھالدا بىر-بىرىگە كىرىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا سىز چوقۇم ھاياتىڭىزدىكى پارچە-پارچە تۇرمۇش كارتىنىلىرىنىڭ كەلگۈسىڭىزدە ھامان بىر-بىرىگە كىرىشىپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىڭىز كېرەك. سىز چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ باتۇرلۇقىڭىز، نىشانىڭىز، ھاياتىڭىز، تەقدىرىڭىز قاتارلىقلارغا ئىشىنىشىڭىز كېرەك. سىز ھاياتىڭىزدىكى پارچە-پۇرات كارتىنىلار كېيىنكى كۈنلەردە ئۆزئارا كىرىشىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن، سىز ئۆزىڭىزنىڭ يۈرەك سادايىڭىزغا قۇلاق سالىسىز، بۇنداق بولغاندا بەلكىم سىز ئۆزىڭىزگە تونۇشلۇق بولغان يولدىن ئايرىلىپ قېلىشىڭىزمۇ مۇمكىن. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ.


   مېنىڭ ئىككىنچى ھېكايەم مۇھەببەت ۋە يوقىتىش ھەققىدە بولىدۇ.
   مەن ئىنتايىن تەلەيلىك، چۈنكى مەن ناھايىتى بۇرۇنلا ئۆزۈم سۆيگەن نەرسىلەرنى تېپىۋالغانىدىم. Woz بىلەن ئىككىمىز 20 ياش ۋاقتىمىزدىلا ئاتا-ئانىمىزنىڭ ئاپتوموبىل ئىسكىلاتىدا ئالما شىركىتىنى بەرپا قىلغانىدۇق. بىز خىزمەتتە كۆپ تىرىشتۇق، 10 يىلدىن كېيىن، بۇ شىركەت ئىككى ئاپتوموبىل ئىسكىلاتىدىكى گادايدىن 4000 دىن ئارتۇق خىزمەتچىسى بولغان، قىممىتى 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن چوڭ شىركەتكە تەرەققىي قىلدى. شىركەت قۇرۇلغان 9-يىلى بىز ئەڭ ياخشى مەھسۇلاتىمىزنى ئەمدىلا ئېلان  قىلدۇق، ئۇ مەھسۇلات دەل Macintosh ئىدى. مەن 30 ياشقا كىرەي دەپ قالغانىدىم. ئۇ يىلى مەن شىركەتتىن قوغلاندىم، سىز نېمىشقا ئۆزىڭىز قۇرغان شىركەتتىن قوغلانغۇدەكسىز؟ شۇنداق، ئالما شىركىتى تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان چاغدا، بىز بىر تالانت ئىگىسىنى مەن بىلەن بىرلىكتە بۇ شىركەتنى باشقۇرۇشقا ياللىدۇق، دەسلەپكى نەچچە يىلدا، شىركەتنىڭ ئايلىنىشى ئىنتايىن ياخشى بولدى. ئەمما كېيىن بىزنىڭ كەلگۈسىگە بولغان كۆرقارىشىمىزدا ئىختىلاپ يۈز بەردى، ئاخىرىدا بىز ئۇرۇشۇپ قالدۇق. جېدىلىمىز ئاجراتقىلى بولمايدىغان دەرىجىگە يەتكەندە، مۇدىرىيەت يىغىنى ئۇ تەرەپتە تۇرۇۋلدى. شۇڭا 30 يېشىمدا مەن شىركەتتىن قوغلاندىم. نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ نەزىرىدە مەن شىركەتتىن قوغلاندىم. تازا قىران چاغلىرىمدا ھاياتىمدىكى بارلىق تايانچلىرىم مەندىن يىراقلاپ كەتتى، بۇ ھەقىقەتەنمۇ ماڭا يوقىتىش خاراكتېرلىك زەربە بولدى. 
   دەسلەپكى نەچچە ئايدا، مەن راستتىنلا نېمە قىلىشىم كېرەكلىكىنى بىلەلمىدىم. مەن ئىلگىرىكى ئىگىلىك تىكلەشتىكى ھاياجانلىرىمنى يوقىتىپ قويدۇم، مەن ئۆزۈمنىڭ مەن بىلەن بىرلىكتە ئىگىلىك تىكلىگەنلەرمۇ ئىنتايىن مەيۈسلەندى. مەن داۋىد پاك ۋە بود بويسې بىلەن كۆرۈشتۈم ھەمدە ئۇلاردىن ئەپۇ سورىماقچى بولدۇم. مەن ئىشلارنى بەك بۇزۇپ قويۇپتىكەنمەن. ئەمما مەن بارا-بارا تاڭ شەپىقىنى كۆرگەندەك بولدۇم، مەن يەنىلا مەن شۇغۇللانغان نەرسىلەرنى ياخشى كۆرىدىكەنمەن. ئالما شىركىتىدە يۈز بەرگەن بۇ ئىشلار قىلچىمۇ ئۆزگەرمىگەندەكلا قىلاتتى. مەن قوغلاندى قىلىنساممۇ، ئەمما شىركەتنى يەنىلا ياقتۇراتتىم. شۇڭا مەن باشقىدىن باشلاشنى قارار قىلدىم. 
   مەن ئەينى چاغدا ھېچنېمىنى بايقىمىدىم، ئەمما كېيىن ئىسپاتلاندىكى، مېنىڭ ئالما شىركىتىدىن قوغلىنىشىم ئۆمرۈمدە يۈز بەرگەن ئەڭ قالتىس ئىشكەن. چۈنكى، بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىنىڭ تۇيغۇسىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىك تىكلىگۈچىنىڭ ئازادە ھېسسىياتى قايتىدىن ئىگىلىگەنىدى: ھەرقانداق ئىشقا ئۇنچىۋالا ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوقكەن. بۇلار مېنى شۇنچىلىك ئەركىن-ئازادە ھېس قىلدۇرۇپ، ھاياتىمدىكى ئەڭ ئىجاد قىلىش كۈچىگە ئىگە بىر باسقۇچقا باشلاپ كىردى. 
   كېيىنكى بەش يىلدا، مەن NeXT ناملىق بىر شىركەت قۇردۇم، يەنە بىر Pixar دېگەن بىر شىركەتنىمۇ قۇردۇم، ئاندىن مەن كېيىن توي قىلغان ئايالىم، يەنى گۈزەل بىر ئايال بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. Pixar شىركىتى دۇنيا بويىچە تۇنجى كومپيۇتېردا ئىشلەنگەن كارتون فىلىم ___ <<ئويۇنچۇق ئەترەت ئەزالىرى>>نى ئىشلىدى، Pixar شىركىتى ھازىرمۇ دۇنياغا داڭلىق كومپيۇتېردا فىلىم ئىشلەش شىركىتى ھېسابلىنىدۇ. كېيىنكى تەرەققىياتتا Apple شىركىتى NeXT شىركىتىنى سېتىۋالدى، ئاندىن مەن يەنە Apple شىركىتىگە قايتىپ كەلدىم. بىز NeXT شىركىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى تېخنىكىلىرىنى Apple شىركىتىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئىشلەتتۇق. مەن يەنە لاۋرېن بىلەن بەختلىك ئائىلە قۇردۇم.

   مەن شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرىمەنكى، ناۋادا مەن Apple شىركىتىدىن قوغلانمىغان بولسام، بۇ ئىشلارنىڭ بىرىمۇ يۈز بەرمىگەن بولاتتى. تۇرمۇشتىكى بۇ ساۋاقلار ھەقىقەتەن ئاچچىق ئىدى، ئەمما مەن بۇنىڭغا مۇھتاج ئىدىم. بەزىدە تۇرمۇش بىر پارچە خىش بىلەن سىزنىڭ بېشىڭىز كېلىشتۈرۈپ بىرنى سالسىمۇ، ئىرادىڭىزنى سۇسلاشتۇرۇپ قويماڭ. مېنى بىردىنبىر ئىزچىل ئالغا ئىلگىرىلىتىدىغان ئىشنىڭ دەل مەن جان دىلىم بىلەن ئىشلەيدىغان ئىش ئىكەنلىكى ماڭا بەكمۇ ئېنىق. سىز ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن نەرسىلەرنىڭ ئىزدىشىڭىز كېرەك. خىزمەتنىمۇ، سۆيگىنىڭىزنىمۇ ئوخشاشلا سۆيىشىڭىز كېرەك. خىزمىتىڭىز تۇرمۇشىڭىزنىڭ زور بىر قىسمىنى ئىگىلەپ كېتىدۇ. سىز پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ ئۇلۇغ خىزمەت  قىلىۋاتقانلىقىغا ئىشەنسىڭىزلا، ئاندىن خىزمەتنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرەلەيسىز. ئەگەر سىز يەنىلا تاپالمىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا داۋاملىق ئىزدەڭ، توختاپ قالماڭ، پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن ئىزدەڭ، ئىزدىگەن چېغىڭىزدىلا بىلىپ قالىسىز. ھەرقانداق سەمىمىي مۇناسىۋەتكە ئوخشاش، يىللارنىڭ ئېقىن سۇدەك ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇ سىزگە بارغانسېرى يېقىنلىشىدۇ. شۇڭا داۋاملىق ئىزدەڭ، توختاپ قالماڭ.

 

   ئۈچىنچى ھېكايەم ئۆلۈم ھەققىدە بولىدۇ.
   مەن 17 ياشقا كىرگىنىمدە، <<ناۋادا سىز ھەربىر كۈننى ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر دەپ ئويلىسىڭىز، ئۇنداقتا ھامان بىر كۈنى ئۆزىڭىزنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز>> دېگەن بىر جۈملىنى ئوقۇغانىدىم. بۇ بىر جۈملە سۆز مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى. ئاشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ 33 يىل ئۆتۈپ كەتتى، مەن ھەركۈنى ئەتىگەندە ئەينەككە قاراپ ئۆز-ئۆزۈمگە: <<ناۋادا بۈگۈن ھاياتىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈن بولۇپ قالسا، سەن بۈگۈنكى ئىشلىرىڭنى تۈگىتەلەمسەن-يوق؟>> دەپ سوئال قويدۇم. بۇنىڭغا تالاي قېتىملاپ <<ياق>> دەپ جاۋاب بەرگىنىمدە، مەن ئۆزۈنىڭ مەلۇم ئىشلارنىڭ ئۆزگەرتىشىم كېرەكلىكىنى بىلگەنىدىم. 
   <<ئۆزىڭىزنىڭ ھامان ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقى ئېسىڭىزدە بولسۇن!>> دېگەن بۇ سۆز ھاياتىمغا بەك چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇ سۆزنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇھىم تاللاشنى ئېنىقلىشىمغا ياردىمى بولدى. چۈنكى بارلىق ئىشلار، جۈملىدىن بارلىق شان-شەرەپ، غۇرۇر، بارلىق خىجىللىق ۋە مەغلۇبىيەتكە بولغان تەشۋىشلىك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈمنىڭ ئالدىدا غايىب بولىدۇ. مەن كۆرگىنىم قېپقالغان ھەقىقىي مۇھىم نەرسىلەر ئىدى. سىز بەزىدە ئۆزىڭىزنىڭ مەلۇم نەرسىلەرنى يوقىتىپ قويغانلىقىڭىزنى ئويلاپ قالىسىز، <<ئۆزىڭىزنىڭ ھامان ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقى ئېسىڭىزدە بولسۇن!>> دېگەن بۇ سۆز مېنىڭ بۇ خىياللاردىن خالىي بولۇشۇمدىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ئىدى. سىز ئانىدىن تۇغما ھالەتكە بولغىنىڭىزدا، سىزنىڭ ئۆز يۈرىكىڭىزگە ئەگىشىپ بىرلىكتە ھاياجانلانمايدىغانلىقىڭىزغا سەۋەبىڭىز قالمايدۇ.
   تەخمىنەن بىر يىللار ئىلگىرى، ماڭا راك كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلدى. مەن سەھەر سائەت يەتتە يېرىملاردا تەكشۈرتسەم، تەكشۈرۈشتە مېنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزىمدە ئۆسمە بارلىقى ئايان بولدى. مەن ئۇ چاغدا ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيتتىم. دوختۇر ماڭا داۋالاپ ساقايتىش ئېھتىماللىقى بولمىغان بىر خىل راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىمنى ئېيتتى. مەن يەنىلا ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە ياشىيالايدىكەنمەن. دوختۇرۇم ماڭا ئۆيگە قايتىپ، بارلىق نەرسىلىرىمنى يىغىشتۇرۇشۇمنى ئېيتتى، ئۇ دوختۇرنىڭ ئۆلۈمگە تەرەددۇتلىشتىكى تەرتىپ ئىدى. ئۇ سىزنىڭ كەلگۈسىدىكى 10 يىلدا كىچىك ۋاقتىڭىزدا دېگەن گەپلىرىڭىزنى نەچچە ئايدا دەپ بولۇشىڭىز كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئۇ سىزنىڭ ھەممە ئىشنى قىلىپ، ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن خۇشال ياشىشىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ، ئۇ سىزنىڭ <<خوش>> دەيدىغىنىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ.
   مەن كۈن بويى دېگۈدەك دىياگنوز قەغىزى بىلەن ياشىدىم. كېيىن بىر كۈنى سەھەردە مەن يەنە بىر تەكشۈرتتۈم. دوختۇر ئىندوسكوپنى مېنىڭ كېكىردىكىمگە تىقىپ، ئاشقازىنىم ئارقىلىق ئۈچىيىمگە كىرگۈزپ، بىر تال يىڭنە بىلەن ئاشقازان ئاستى بېزىمدىكى ئۆسمىدىن بىر نەچچە ھۈجەيرىنى ئالدى. ئۇ چاغدا ماڭا تىنچلاندۇرۇش ئوكۇلى ئورۇلغاچقا، شۇنچىلىك تىپتىنچ ئىدىم. ئەمما ئايالىم ئۇ يەردە بار ئىدى، ئۇ كېيىن ماڭا دوختۇر ئىندوسكوپتا بۇ ھۈجەيرىلەرنى كۆزەتكەندە، ئۇلارنىڭ ھاياجانلىنىپ ۋارقىراپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. چۈنكى بۇ ھۈجەيرىلەر دەرۋەقە بىر خىل ئىنتايىن كەم ئۇچرايدىغان بولۇپ، ئوپېراتسىيە ئارقىلىق داۋالىغىلى بولىدىغان ئاشقازان ئاستى بېزى راكى ئىدى. مەن ئوپېراتسىيە قىلغۇزدۇم، بەختىمگە يارىشا مانا مەن ھازىر سەللىمازا ساقىيىپ كەتتىم.
   مەن ئۆلۈمگە ئەڭ يېقىن ھالەتتە تۇرغىنىمدا، مەن يەنە بۇنىڭ كېيىنكى نەچچە ئون يىلدىكى ئەڭ يېقىن بىر قېتىم بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلغانىدىم. ئۆلۈم سىزىقىدىن ھايات قايتىپ كەلگىنىمدە ئۆلۈم ماڭا نىسبەتەن  پەقەت پايدىلىق، ئەمما ساپ ئەقلىي ئۇقۇم بولغىنىدا، مەن سىلەرگە شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئېيتالايمەنكى: ئۆلۈشنى خالايدىغان ئادەم يوق، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى جەننەتكە كىرىشنى ئارزۇ قىلسىمۇ، لېكىن ھەرگىزمۇ ئۇ يەرگە بېرىش ئۈچۈن ئۆلۈمنى تاللىمايدۇ. ئەمما ئۆلۈم ھەممىمىزنىڭ ئورتاق ئاداققىي نۇقتىسى. ھېچكىممۇ ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالىغان ئەمەس. دەل مۇشۇنداق بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭدا كونىلىرىنىڭ تازىلىنىشى يېڭىلىرىغا يول ئاچىدۇ. سىلەر ھازىر يىپيېڭى بولساڭلارمۇ، ئەمما ھازىردىن باشلاپ ئۇزاققا بارمايلا سىلەرمۇ بارا-بارا كونىرايسىلەر، ئاندىن تازىلىنىپ كېتىسىلەر. مەن بۇنىڭ دىراماتىكلىقىدىن تولىمۇ خىجىلمەن، ئەمما بۇ ئىنتايىن چىن ئىشلار.
   سىلەرنىڭ ۋاقتىڭلار تولىمۇ چەكلىك بولغاچقا، ئۇنى بىھۇدە ئىسراپ  قىلماڭلار. دوگما ئەقىدىلەرنىڭ چەكلىشىگە ئۇچرىمىغنىڭلار، سىلەرنىڭ باشقىلار بىلەن سۈرگەن خىياللىرىڭلارنىڭ نەتىجىسىدىن دېرەك بېرىدۇ. باشقىلارنىڭ نۇقتىئىنەزەرلىرى تۈپەيلىدىن ئۆزۈڭلارنىڭ يۈرەك ساداسىنى چۈمكەپ قويماڭلار. يەنە مۇھىمى شۇكى، سىلەر قەيسەرلىك بىلەن ئۆزۈڭلارنىڭ بىۋاسىتە سېزىمى ۋە كۆڭۈل خاھىشىڭلارغا قۇلاق سېلىڭلار، ئۇلار مەلۇم دەرىجىدە سىلەرنىڭ قانداق ھالەتتە ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىدۇ، شۇڭا ئۆلۈمدىن باشقا ئىشلار ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
   ياش ۋاقتىمدا، <<پۈتكۈل يەرشارىنىڭ مۇندەرىجىسى>> ناملىق بىر ژۇرنال بار بولۇپ، ئۇ بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەرگە يول كۆرسەتكۈچى ماياك ئىدى. ئۇ كىتابنى ستېۋارت براند ئىسىملىك بىرەيلەن بۇ يەردىن ئانچە يىراق بولمىغان مانرو باغچىسىدا يېزىپ تاماملىغانىدى. ئۇ 60-يىللارنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، شەخسلەر كومپيۇتېرى بارلىققا كېلىشتىن ئىلگىرى، بۇ كىتاب خەت ئۇرۇش ماشىنىسىدا ئۇرۇلغان، يەنە پوليارىسكوپ بىلەن ئىشلەنگەن. بۇ كىتابنىڭ يۇمشاق تېشى google ئورالمىسىغا ئوخشايتتى، google بارلىققا كېلىشتىن 35 يىللار ئىلگىرى، بۇ پەقەت بىر غايە ئىدى، لېكىن بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن ئەپچىل ئۈسكۈنىلەر ۋە ئۇلۇغ كۆزقاراشلار بار ئىدى.
   ستېۋارت براند بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھى <<پۈتكۈل يەرشارىنىڭ مۇندەرىجىسى>> ناملىق ژۇرنالنى بىر نەچچە سان نەشر قىلدۇرغانىدى، ژۇرنال ئۆزىنىڭ بۇرچىنى ئادا قىلىدىغاندا، ئۇلار بۇ ژۇرنالنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سانىنى نەش قىلدۇردى. ئۇ 70-يىللارنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرى بولۇپ، مەن ئۇ چاغدا سىلەردەك نەۋقىران يىگىت ئىدىم. ئەڭ ئاخىرقى بىر سان ژۇرنالنىڭ مۇقاۋىسىنىڭ ئاستىغا سەھەردىكى يېزا تاشيولىنىڭ سۈرىتى بېسىلغان بولۇپ، سۈرەتنىڭ ئاستىدا: <<ئاچلىقنى ساقلاپ قالايلى، ھاماقەتلىكىمىزنى ساقلاپ قالايلى!>> دېگەن سۆز بار ئىدى. بۇ ئۇلارنىڭ ژۇرنالنى نەشر قىلدۇرۇشتىن توختىتىشتىكى ۋىدالىشىش سۆزى ئىدى. <<ئاچلىقنى ساقلاپ قالايلى، ھاماقەتلىكىمىزنى ساقلاپ قالايلى!>> مەن ھەمىشە ئۆزۈمنىڭ ئەنە ئاشۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ كەلدىم، سىلەرنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈپ، يېڭى مۇساپەڭلارنى باشلايدىغان ۋاقتىڭلاردا مەنمۇ سىلەرنىڭ مانا مۇشۇنداق: <<ئاچلىقنى ساقلاپ قالايلى، ھاماقەتلىكىمىزنى ساقلاپ قالايلى!>> دېگەن بۇ جۈملىدە دېيىلگىنىدەك بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
   سىلەرگە كۆپ رەھمەت.




بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى