نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئەلىشىر نەۋائىي: مىزانۇل ئەۋزان (ۋەزنلەر ئۆلچىمى)

ئەلىشىر نەۋائىي: مىزانۇل ئەۋزان (ۋەزنلەر ئۆلچىمى)

ۋاقتى: 2015-05-04 ئاۋاتلىقى: 7046 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مىزانۇل ئەۋزان (ۋەزنلەر ئۆلچىمى)
ئەلىشىر نەۋايى
(ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئاغدۇرۇپ تەييارلىغۇچى: ئابدۇقادىر سادىر)
   بارلىق رەھمەت-مەدىھىيىلەر ۋە چەكسىز شۈكۈرلەر ياراتقۇچى-ئاللاھقا بولسۇنكى،ئىنسان ۋۇجۇدى ئۆيىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تۆت ئەناسىر (ئېلمېنت) ئاساسىدا تۈزدى. ۋە بېيت (ئىككى مىسىرا شېئىر) نىڭ ئاساسىنى نەزىم ئەھلىنىڭ (شائىرلارنىڭ) ساپ خارەكتىرى ۋە پاك زېھنى بىلەنئىككى مىسىرا نەزم ھالىتىگە كىرگۈزدى. جەدىد (بەھرى) نىڭ سۈپەتلىرى، قەرىب (بەھرى) نىڭ مەدھىيلىرى ئەشۇ تەرتىپكە سالغۇچى- شائىرغا بولسۇنكى، ئۇ، ئالەم ئەھلىنىڭ ئىنتىزامى ئۈچۈن شەرىئەت مىزانىنى ئادىل ئۆلچەملىرى بىلەن راست كەلتۈردى. بۇ راستلىق يىغىلىشلارنىڭ مىزانلىرىغىمۇ مەدەت يەتكۈزدى.
    ئەمدى، ساغلام ۋە ئۆلچەمگە توشقان نەزىم ئەھلىگە ۋە لاياقەتلىك يۈمشاق تەبىئەتلىك شېئىرىيەت ئەھلىدىن ئۈزىرەم شۇكى، كەمىنە، ھەزرىتى ئىززەت سەلتەنىتىنىڭ سۇلتانى، دۇنيا ۋە دىن سەلتەنىتىنىڭ سۇلتانى ھۆسەيىن باھادىرخان (ئاللاھ مەملىكىتىنى دەخلىسىز، ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن) نىڭ ھەرخىل نەزم (شېئىرىيەت) بابىدىكى تەلىم ۋە تەربىيەتلىرى، تۈرلۈك شېئىر ئۇسلۇبلىرىنى چۈشەندۈرۈپ قۇۋۋەت بېرىشلىرى بىلەن، ئەجەم شائىرلىرى ۋە فارس تىللىق شائىرلارنىڭ ھەر قايسى ئۇسلۇبلاردىكى سۆزلىرىگە باھار چېچەكلىرىدەك جىلۋە ۋە نەمايىش بېرىپ، ئۇنىڭغا تۈركى تىل بىلەن قەلەم سۈردۈم ۋە ھەر بىر قائىدىنىڭ نازۇك پىكىرلىرىگە چاغىتاي تىلى بىلەن زىننەت كىرگۈزۈپ، يېزىپ چىقتىم. يۇقىرىدا دېيىلگەن تىلنىڭ بېنىاسىغا ھەرقانداق بىر شائىر ئاسانلىقچە ئېرىشەلمەيدۇ ۋە ھەر قانداق بىر كاتىب ئاسانلىقچە مۇيەسسەر بولالمايدۇ.
    چۈنكى، ئۇ ھەزرەتنىڭ ئۇلۇغ يىغىلىشلىرى پىكىر جاۋاھىراتىنىڭ؛ غۇبارسىز تالانتى نەزىم قائىدىلىرى مىزانلىرىنىڭ كانى بولۇپ، كەمىنە ئەشۇ زامان شائىرلىرىنىڭ ئالىي دەرگاھىدا خادىم، دەۋران سۆزمەنلىرى ۋە ئەقىل ئېگىلىرىنىڭ ئالىي بارىگاھىدا مۇلازىم ئىدىم. بۇ يەردە دائىم نەزىم ۋە نەسىردىن سۆز بولاتتى. ھەر دائىم تەبىئىي ھالدا شېئىر ۋە مۇئەممالار يېزىلاتتى. ئۇ ھەزرەتنىڭ چوڭقۇر پىكىرلىك تەبىئىتى نەزىم تەرتىپلىرىنى تارقىتىشىغا بولغان تەلىپى، ھەقىيقەتچىل زېھنى شېئىر تەرتىپلىرىنى تارقىتىشقا مايىل ئىدى.
    چۈنكى، نەزىم ئەھلىنىڭ شېرىن سۆزلىكى، مۇھەببەتلىك دىللارنىڭ يالقۇنى، دەردۇ- ئىشتىياق يۇسۇنىنىڭ چىن ئاشىقى ئەمىر خۇسرەۋ دېھلەۋىينىڭ تۆت دېۋان بىلەن مەشھۇر بولغان غەزەللىرىنى بارلىق ئىمكانىيىتى بىلەن يىغىپ توپلاتتى. توپلانغان بېيتلارنىڭ سانى ئون سەككىز مىڭغا يەتتى. ئۇنى غايەت گۈزەل زىننەتلەر بىلەن بېزەپ، ھەشەمەتلىك رامكىلار بىلەن ھەل بېرىپ نەقىشلەپ، زامانىسىنىڭ خۇشخەتچىلىرىگە يازدۇرۇپ كىتاب قىلدۇردى. ئۇنى قۇياشتەك جىلۋىلىتىپ، شۆھرىتىنى پەلەكتىن ئاشۇردى. چۈنكى بۇ سۆز ئۇستىسى بۇ ئىلىمدىن كۆپراق خەۋاردار ئىدى. ماھارەت ۋە كامالەتتە ئۈستۈن بولۇپ، ناھايىتى كۆپ بەھىرلەردە چوڭقۇر پىكىرلىك شېئىرلارنى يازغان. ئەمما كۆپۈنچە شېئىرلىرى ۋەزىندە ئۆز خارەكتىرىگە ئانچە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ، دېيىلىدۇ. زامان ساپالىقلىرىدىن بەزىلىرىنىڭ ساپاسى ئۇنىڭ بالاغىتىدىن تۆۋەن بولۇپ، ئىدىراكىدىن ھەيران قالسىمۇ، ئەمما ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيىتتى. ئۇ ھەزرەت مۇبارەك تالانتى بىلەن ئاجايىپ كەشپىيات ۋە يېڭىلىقلارنى ياراتقانىكى، ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى پاساھەت سۇلتانلاردىن، شائىرلاردىن باشقا ھېچكىمنىڭ يادىغا كەلمەيدۇ ۋە خاتىرىسىگە چۈشمەيدۇ.
    بۇنىڭ شەرھى (بايان) شۇكى،ئۇ دېۋاندا ھەر بىر غەزەلنىڭ بېشىدا شۇ غەزەلنىڭ قايسى بەھر، قايسى ۋەزىندە ئىكەنلىكى، ئەركانلىرى (بۆلەكلىرىنىڭ تەركىۋى) گە قايسى زىھاف (ئۆزگىرىش) بېرىلىپ، قايسى تۈرگە ئۆزگەرگەنلىكى ئېنىق يېزىلغان. شۇڭا غەزەللەرنى ئوقۇغان بارچە ئەلگە شۇ بەھرنىڭ ئەھۋالى، شۇ ۋەزىننىڭ شەكىل- تۈرلىرى ئېنىق مەلۇم بولىدۇ ۋە كىشىنىڭ چەكسىز قايىللىقىنى قوزغايدۇ. دېۋاندا تەرتىپ بېرىلگەن بارلىق شېئىرلار مۇشۇنداق يېزىلغان. بۇ بەھرلەرنىڭ ئەھۋالى، شۇ ۋەزىنلەرنىڭ شەكىل- تۈرلىرى، ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەرنىڭ ھەقىقەتەن ئاجايىپ ئىلغارلىقى، دېۋاندا تەرتىپ بېرىلگەن شائىرلارنىڭ توغرا تاللانغانلىقى ھەممە ئەلگە ئايان بولىدۇ. (كەمىنە) بەندىنىڭ تۆت دېۋانىدىكى شېئىرلىرىمۇ تېخى تۈركى تىلدا نەزىم تېپىپتۇ. بېيتلىرىنىڭ سانى يىگىرمە بەش مىڭغا يېقىنلىشىپ، ئۇ ھەزرەتنىڭ مۇبارەك نامىغا يېزىلىپ زىننەت بېرىلىپتۇ ۋە تىلغا ئېلىنغان ئەشۇ دەستۇرغا كىرگۈزىلىپتۇ.
    چۈنكى ئۇ ھەزرەتنىڭ مۇبارەك خاتىرىلىرى شېئىرنىڭ بەھر، ۋەزىنلىرىگە ۋە شېئىرىيەتنىڭ قائىيدە مېزانلىرىغا شۇنچە مايىل ئىدى. ئەرۇز ئىلىمىدە بۇلار ئىخچاملىنىپ قەيت قىلىندى ۋە ئۇنىڭغا "مېزانۇل-ئەۋزان" (ۋەزىنلەر ئۆلچىمى) دەپ نام قويۇلدى. بۇنىڭدىكى بىر مۇنچە قائىيدە، دائىرەلەر بۇ ئىلىمنىڭ ئىجادچىسى خەلىل ئىبنى ئەھمەد،②ئىلىم ئۇستازى شەمس قەيس③ لەرنىڭ كىتابلىرىدا ۋە خوجا نەسىر تۈسىينىڭ④ "مەئيارۇل- ئەشئار" ناملىق كىتابىدا شۇنداقلا، ھەزرەتى مەخدۇمىينىڭ⑤ "ئەرۇز" ناملىق كىتابلىرىدىمۇ يوق ئىدى. مەن پېقىر بۇ ئىلىم ئۇسۇلىدىن تاللاپ، بۇ كىتابقا قوشۇپ كىرگۈزدۈم. ئەمدى تەڭرىدىن تەۋفىق، يۇقىرىقى ئەزىزلەر رۇھىدىن مەدەد تىلەپ، ئىشقا كىرىشكەيمەن.
    بىلىش كېرەككى، ئەرۇز ئىلمى نەزىم (شېئىر) ۋەزىنلىرىنىڭ ئۆلچىمى توغىرىسىدىكى ئەڭ ئالى ئىلىمدۇر. چۈنكى، نەزىم ئىلىمىنىڭ دەرىجىسى غايەت يۇقىرى مەرتىۋىدە بولۇپ، ھەق سۇبىھانەھۇ ۋە تەئەلانىڭ كەلامى مەجىد (قۇرئانى كەرىم) نىڭ كۆپ جايلىرىدا نەزىم توغىرىسىدا بايانلار بار، شۇڭا، ئەرۇز ئۆز قائىدىلىرى بىلەن ھەقىيقىدۇر. ئەشۇ كەلىمىلەردىن بىرى "لەنتەناللۇۋەئەل بىررە ھەتتا تۇنفىقۇنە" ⑥ . بولۇپ، "رەمەلى مۇسەددەسى مەھزۇف" شۇ يەردىن پەيدا بولغاندۇر. ۋە يەنە، "ۋەلمۇرسەلاتى ئۇر- فەن، فەل- ئاسىفەتى ئەسفەن" ⑦ ، بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەزنى: "مەفئۇلۇ فائىلاتۇن مەفئۇلۇ فائىلاتۇن" بولۇپ، "مۇزارەئى مۇسەممەنى ئەخرەب" شۇ يەردىن پەيدا بولغان. يەنە "جەنناتى ئەدنىن فەدخۇلۇھا خالىدىن"⑧ بولۇپ، ۋەزنى: " مۇستەفئىلۇن، مۇستەفئىلۇن، مۇستەفئىلۇن" بولۇپ، "رەجەزى مۇسەددەسى مۇزال". شۇ يەردىن پەيدا بولغان. بۇلار كەلامۇللاھنىڭ كۆپ يېرىدە ئۇچرايدۇ. ئۇندىن باشقا، رەسۇل سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھەدىسلىرىدىمۇ بۇ تەرىقە ھەدسلەر بولۇپ، ئۇلاردىن بىرى :" مەن ئەكرەمە ئالىمەن فەقەد ئەكرەمەنى"⑨ بولۇپ، ۋەزنى:" مەفئۇلۇ مەفائىلۇن مەفائىيلۇ فەئۇل" دۇر ۋە رۇبائىي ۋەزنىدە "ھەزەجى ئەخرەبى مەقبۇزى مەكفۇفى مەجبۇب" شۇ يەردىن پەيدا بولغان.
    ئەمىرۇل مۆئمىنىن ئەلى⑩ كەرەمەللاھۇ ۋەجھەھۇنىڭ ئەشئارى كۆپ بولۇپ، دىۋانى باردۇر. يەنە مەسنەۋى تەرىقىدە كىتابلىرى بولۇپ، يەنە شەيخلەر، ئىماملار، ئەۋلىيالاردىنمۇ كۆپ ئارتۇق بولغان ئەل شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرى، دېۋانلىرى ۋە مەسنەۋىي تەرىقىدىكى كىتابلىرى بولۇپ، بۇلارغا دەلىل كەلتۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى، ئۇ كىشىلەر ئارىسىدا ئېنىقدۇر، سۆز ئۇزىراپ كېتىدۇ. بۇ نەزىملەرنىڭ ئەسلى ۋە قائىيدە قانۇنلىرى ئەرۇز بەھرى ۋە ئۇنىڭ مىزانلىرىغا باغلىنىشلىقتۇر.
    ئىسپاتلاندىكى، ئەرۇز ئىلمى ئالاھىدە ئىلىمدۇر ئۇنى نېمە ئۈچۈن "ئەرۇز" دەيدۇ؟ بۇنىڭدا خىلمۇ- خىل تەبىرلەر بولسىمۇ، ئولارنىڭ بىرى بىلەن كىپايىلىنىش لازىمدۇر. ئۇ بولسىمۇ، خەلىل ئىبنى ئەھمەد رەھمەتۇللاھ بولۇپ، ئۇ بۇ ئىلىمنىڭ ئىجاتچىسىدۇر. ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا بىر ۋادا بولۇپ ئەرەبلەر بۇ يەرنى "ئەرۇز" دەيدىكەن، ئەرەبلەر شۇ ۋادىدا ئولتۇراقلىشىپ ئەرەب ئۆيلىرىنى (چېدىرلىرىنى) تىكىپ، بۇ جاينى تولىمۇ گۈزەل بىر جىلۋىگە كىرگۈزگەنمىش. ئەرەبلەر سالغان بۇ ئۆيلەرنى "بەيت" دەيدىكەن. خەلىل ئىبنى ئەھمەد رەھمەتۇللاھ بۇ "بەيت" لەرنى بۇ ئىلىم بىلەن ئۆلچەملەشتۈرۈپ، ۋەزىنگە توشقانلىرىنى توشمىغانلىرىدىن ئايرىپ، ئۇنىڭ قىممىتى ۋە باھاسى كۆرسىتىدۇ. شۇ مۇناسىبەت بىلەن پۈتۈن شېئىرنى ئەشۇ ۋادا نامى بىلەن"ئەرۇز" دەپ، كۇبلىتلىرىنى بەيت (ئۆي) نامى بىلەن ئاتىغان. بۇنىڭ مۇناسىبىتى ئۆينىڭ بىنا ئاساسى ئۇنىڭ تۆت تېمى بىلەن بولغانغا تەدبىقلانغان. نەزىم بېيتلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىمۇ تۆت ئاساس بىلەندۇر. بېيىتتا مەنا ئامىللىرىدىنمۇ كۆپ نەرسىلەر بولۇپ، ئۇنى بىر ئۆينىڭ غەم- قايغۇ، مەخپىيەتلىكلىرىگىمۇ، مەخپى خىياللارغىمۇ تەدبىقلاپ چۈشۈنىشكە بولىدۇ. مانا شۇ مۇناسىبەتلەر بىلەن ئۇنى "بەيت" دەپ ئاتىغان.
    مەلۇم بولسۇنكى، ئەرۇز ئىلمى ئەھلى (شائىرلار) نەزىم ۋەزىنلىرى ئۇسۇلىنىڭ بىناسىنى ئۈچ ئاساسى تايانچقا قويغان بولۇپ، ئۇلار سەبەب (ئاساس)، ۋەتەد، (ئۈچ ھەرپتىن تەشكىل تاپقان سۆز- بوغۇملار گۇرۇپپىسى)، فاسىلە (ئايرىغۇچى- ئاجراتقۇچى بۆلەك) لاردىن تەركىپ تاپقۇزىدۇ.
    سەبەب (ئاساس) ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ: بىرى، سەبەبى خەفىف (يەڭگىل ئاساس). ئۇ، بىر مۇتەھەررىك (ھەرىكەتلىك) ۋە بىر ساكىن (مۇقىم) (ھەرپتىن تەشكىل تاپقان- ت) سۆزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، "مەي"، "نەي"، "گۇل"، "مۇل" شەكلىدە بولىدۇ. ئىككىنچىسى: سەبەبى سەقىيل (ۋەزمىن- ئېغىر ئاساس). ئۇ، ئىككى ھەرىكەتلىك سۆزنى (بوغۇمنى) ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنى، "يۈزى"، "كۆزى"، "خەتى" "قەدى".
    ۋەتەد (ئۈچ ھەرپتىن تەشكىل تاپقان سۆز بوغۇملار گۇرۇپپىسى) دىكىسى ئىككى قىسمدۇر: بىرى، ۋەتەدى مەجمۇئ (ئىككى ھەرىكەتلىك ۋە بىر ھەرىكەتسىز- ئۈچ ھەرپنىڭ يىغىندىسىدىن تەشكىل تاپقان سۆز) بولۇپ، ئاۋالقى ئىككى ھەرىپى ھەرىكەتلىك، ئاخىرقى بىر ھەرىپى مۇقىم- ئاساس سۆزدۇر. يەنى، شەجەر، سەمەر، خوتەن، ئەدەن شەكلىدە.
    ئىككىنچىسى، ۋەتەدى مەفرۇق( )، ئۇ ئاۋالقى ۋە ئاخىرقى ھەرپى ھەرىكەتلىك، ئوتتۇرا ھەرپى مۇقىم- ئاساس سۆزدۇر. يەنى، خامە، نامە، ناقە، فاقە.
    فاسىلە (ئايرىغۇچى): فاسىلەئى سۇغرا، فاسىلەئى كۇبرا (ئەڭ چوڭ ئايرىغۇچى) دەپ ئىككى قىسىمغا ئايرىلىدۇ.
    فاسىلەئى سۇغرا، ئۈچ ھەرىپى مۇتەھەررىك (ھەرىكەتلىك)، تۆتىنچى ھەرىپى ساكىن (مۇقىم) سۆزدىن تۈزۈلۇپ، مىرەكىم، يۈرەكىم، شەكىلدە كېلىدۇ.
    فاسىلەئى كۇبرا (ئەڭ چوڭ ئايرىغۇچى)- تـۆت ھەرپى ھەرىكەتلىك، بەشىنچى ھەرىپى مۇقىم سۆزدىن تۈزۈلۈپ، يەشەمەغەن، كسەمەغەن شەكىلدە كېلىدۇ.
    بۇنىڭ ئەركانلىرى (تەركىپلىرى) نىڭ ھەممىسى تۆۋەندىكى سۆزلەر تەركىبىدە كېلىدۇ.
    "ئۇل كۆزى قەرا دەردۇ غەمىدىن چىدامادىم"
    ۋەزىنگە توشقان (ئۆلچەملىك) سۆزلەردىن تۈزۈلگەن بۇ تەركىپلەرنىڭ ھېچقايسىسسىنى يەنە بىرىنىڭ تەركىپىگە قوشۇشقا بولمايدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئۇ مۇنداق بولىدۇ.:
    بېيت
    ئەي ئاي، كەلكىم، يارىڭدۇرمەن،
    فۇرقەت شامى زارىڭدۇرمەن.
    ئىككى ھىجالىق (بوغۇملۇق) ئەرۇز رۇكىنى (ئاساسى) بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇنداق بولىدۇ.
    بېيت
    قەدى ھەۋاسىدىن گاھى شەجەر سارى نەزەر قىلاي،
    يۈزى خەيالىدىن گاھى چەمەن سارى گۈزەر قىلاي.
    فەۋاسىل (ئايرىغۇچىلار) يۈزىسىدىن مۇنداق بولىدۇ.
    بېيت
    مىرەكىم، تىلەكىم چۇ سەن ئولدىڭۇ بەس،
    نە قىلاي يەنالەركۆرەرنى ھەۋەس.
    تۆۋەن ئۆلچەم بويىچە ئېيتقاندىمۇ بۇ ئاساسى تەركىپتىن باشقىچە تەدبىر بولمىغانلىقتىن، ئەرەب، ئەجەم شائىرلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ شېئىرلىرى موشۇ مۇرەككەپ تەركىپكە قوشۇلۇپ كېتىدۇ. ئەرۇز ئەھلى ئۇنى "ئەفائيل" ۋە "تەفائيل" دەپ ئاتايدۇ. ("ئەفائىيل"، "تەفائيىل" ئەرۇزدىكى ئاساسلىق ۋەزىنلەرنىڭ ئاتىلىشى بولۇپ)، ئۇ سەككىز قىسىمغا بۆلىنىدۇ.
    1. فەئۇلۇن- ۋەتەدى مەجمۇئ تەقدىمى بىلەن سەبەبى خەفىف گە،
    (يېشىمى" ئىككى ھەرىكەتلىك ھەرپ ۋە بىر ھەرىكەتسىز ھەرپنىڭ يىغىندىسىدىن كېلىپ چىققان ئۆلچەملىك بۆلەك بىلەن، يەڭگىل ئاساس) قا.
    2. فائىلۇن - سەبەبى خەفىف تەقدىمى بىلەن ۋەتەدى مەجمۇئ قا،
    (يېشىمى: يەڭگىل ئاساسى بۆلەكتىن كېلىپ چىققان ئىككى ھەرىكەتلىك ھەرپ ۋە بىر ھەرىكەتسىز ھەرپنىڭ يىغىندىسىدىن تەركىب ئۆلچەملىك بۆلەك) كە.
    3.مەفائىيلۇن- ۋەتەدى مەجمۇئ تەقدىمى بىلەن ئىككى سەبەبى خەفىف كە،
    (يېشىمى: ئىككى ھەرىكەتلىك ھەرپ ۋە بىر ھەرىكەتسىز ھەرپنىڭ يىغىندىسىدىن كېلىپ چىققان ئۆلچەملىك بۆلەك بىلەن، ئىككى يەڭگىل ئاساس) قا،
    4. مۇستەفئىلۇن- ئىككى سەبەبى خەفىف تەقدىمى بىلەن ۋەتەدى مەجمۇئ قا،
    (يېشىمى: (ئىككى يەڭگىل ئاساسى تەركىپ بىلەن، ئىككى ھەرىكەتلىك ھەرپ ۋە بىر ھەرىكەتسىز ھەرپنىڭ يىغىندىسىدىن تەركىب تاپقان ئۆلچەملىك بۆلەك)گە،
    5. فائىلاتۇن- ۋەتەدى مەجمۇئ كىيۇرمەك بىلەن ئىككى سەبەبى خەفىف ئارىسىغا، (يېشىمى: ئىككى ھەرىكەتلىك ھەرپ ۋە بىر ھەرىكەتسىز ھەرپنىڭ يىغىندىسىدىن تەركىب تاپقان ئۆلچەملىك بۆلەكنى ئىككى يەڭگىل ئاساس ئارىسىغا كىرگۈزۈش ئۇسۇلۇغا).
    6. مەفائىلەتۇن- ۋەتەدى مەجمۇئ تەقدىمى بىلەن فاسىلەئى سۇغراغا
    (يېشىمى: ئىككى ھەرىكەتلىك ھەرپ ۋە بىر ھەرىكەتسىز ھەرپنىڭ يىغىندىسىدىن تەركىب تاپقان ئۆلچەملىك بۆلەك بىلەن، سۇغرانىڭ ئايرىغۇچىسغا)،
    7. مۇتەفائىلۇن- فاسىلەئى سۇغرا تەقدىمى بىلەن ۋەتەدى مەجمۇئ قا،
    (يېشىمى: ئايرىغۇچى سۇغرا بۆلىكى بىلەن، ئىككى ھەرىكەتلىك ھەرپ ۋە بىر ھەرىكەتسىز ھەرپنىڭ يىغىندىسىدىن تەركىب تاپقان ئۆلچەملىك بۆلەككە)
    8. مەفئۇلاتۇ- ئىككى سەبەبى خەفىف تەقدىمى بىلەن ۋەتەدى مەفرۇق قا بۆلۈنىدۇ.
    (يېشىمى: ئىككى يەڭگىل ئاساس بۆلىكى بىلەن، ئاۋالقى ۋە ئاخىرقى ھەرپى ھەرىكەتلىك، ئوتتۇرا ھەرپى مۇقىم بولغان بۆلەككە)
    يۇقىرىقى سەككىز ئۇسۇلدىن فارىسچە شېئىردا: مەفائىلۇن، فائىلاتۇن، مۇستەفئىلۇن، مەفئۇلاتۇ، فەئۇلۇندىن ئىبارەت بەش تۈر كۆپراق ئۇچىرايدۇ. تۈركچە شېئىرلارغىمۇ شۇلار تەدبىقلىنىدۇ. يەنى، بۇ تەركىپلەرنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتمەيدۇ. بۇ بەش ئەسىلنىڭ ھەر بىرى يەنە نەچچە تارماق قىسىمغا بۆلۈنۈپ، ئۇلارنىڭ باشقا تۈسلەرگە ئۆزگىرىشى سەبەبىدىن ئۇنى ئەرۇزچىلار "زىھاف" ( ۋەزىن بۆلەكلىرىدىكى ئۆزگىرىش) دەيدۇ. شۇ جەھەتتىن زىھاف (ۋەزىن بۆلەكلىرىدىكى ئۆزگىرىش) ۋە فۇرۇئ (تارماق قىسىم) ئارىسىغا بىر فەسىل (قىسىم) قوشۇپ تەرتىپ بېرىلدى.
    بۇ قىسىمدا مەفائىلۇن زىھافاتى ("مەفائىلۇن" ۋەزىن بۆلەكلىرىدىكى ئۆزگىرىشى) ئون بىر، تارماق قىسىملىرىمۇ ئون بىر بولۇپ، ئۇنىڭ زىھافاتى (ۋەزىنلەر بۆلەكلىرىدىكى ئۆزگىرىشى) تۆۋەندىكىچە بولىدۇ:
    1. "قەبىز"- بۇ مەفائىيلۇندىن "يا- ي" نى قىسقارتقۇچى بولۇپ، مەفائىيلۇندىن "مەفائىلۇن" قالىدۇ.
    2. "قەف"- بۇ مەفائىيلۇندىن "نون- ن" نىڭ قىسقارتقۇچىسى بولۇپ، مەفائىيلۇننىڭ ئاخىرىدىن"نون- ن" نى قىسقارتىپ "مەفائىيلۇ" غا قالدۇرىدۇ.
    3. "خەرم"- مەفائىيلۇندىن "مىم- م" نىڭ قىسقارتقۇچىسى بولۇپ، "مىم- م" قىسقارتىلىپ، "فائىيلۇن" قالىدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا "مەفئۇلۇن" يېزىلىدۇ.
    4. "خەرب"- مەفائىيلۇندىكى "مىم- م" ۋە "نون- ن" نىڭ قىسقارتقۇچىلىرى بولۇپ، "فائىيلۇ" قالىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا "مەفئۇلۇ" يېزىلىدۇ.
    5. "شەتەر"- مەفائىيلۇندىكى "مىم- م" بىلەن "يا- ي" نىڭ قىسقارتقۇچىسى بولۇپ، "فائىلۇن" قالىدۇ.
    6. ھەفز"- "مەفائىيلۇن" دىكى ئاخىرقى بۆلەكنىڭ ئاخىرىقى يەڭگىل ئاساسىنىڭ قىسقارتقۇچىسى بولۇپ، "مەفائىيلۇن" دىن "مەفائي" قالىدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا "فەئۇلۇن" قويىلىدۇ.
    7."قەسر"-ئاخىرقى بۆلىكىنىڭ يەنى، يەڭگىل ئاساسبۆلىكى ئاخىرىنىڭ قىسقارتقۇچىسى ۋە ئالدىنقى بۆلىكىنىڭ ئىسكانى بولۇپ، مەفائىيلۇن "مەفائىيل" بولىدۇ.
    8. "ھەتم"- بۇ "ھەفز" ۋە "قەسر" لەرنىڭ بېرىكمىسى بولۇپ، "مەفائىيلۇن" دىن "مەفا" قالىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا "فەئۇل" قويىلىدۇ.
    9. "جەبب"- ئىككى يەڭگىل ئاساسنىڭ قىسقارتقۇچىسى بولۇپ، مەفائىيلۇندىن "مەفا" قالىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا "فەئۇل" قويىلىدۇ.
    10. "زەلەل"- "ھەتم" ۋە " خەرم" نى يىغىپ، مەفائىيلۇندىن "فا" قېپقالىدۇ.
    11. "بەتەر"- "جەبىب" ۋە "خەرم" لەرنى يىغىپ، مەفائىيلۇندا "فا" قالىدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا "فە" قويىلىدۇ.
    بۇنىڭ فۇرۇئى (تارماقلىرى): مەفائىلۇن- مەقبۇز، مەفائىيلۇ- مەخفۇف، مەفەئۇلۇن- ئەخرەم، مەفەئۇلۇ- ئەخرەب، فائىلۇن- ئەشتەر، فەئئۇلۇن- مەخزۇف، مەفائىيل- مەقسۇر، ئەئۇل- ئەختەم، فەئۇل- مەجبۇب، فا- ئەسەلل، فە- ئەبتەرلەرگە بۆلىنىدۇ.
    بۇلارنىڭ فائىلاتۇن ۋەزىن بۆلەكلىرىدىكى ئۆزگىرىش ئونغا، فۇرۇئى (تارماقلىرى) ئون بەشكە بۆلىنىدۇ.
    بۇلارنىڭ زىھافاتى (ۋەزىن بۆلەكلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى):
    1. "ھەبن"- ئەۋۋەلقى بۆلەك سەبەبى خەفىفى (يەڭگىل ئاساسى) دىكى مۇقىم ھەرپىنىڭ قىسقارتقۇچىسى بولۇپ، "فائىلاتۇن" دىن "فەئىلاتۇن" قالىدۇ،
    2. "كەف"- بەشىنچى ھەرپنىڭ قىسقارتقۇچىسى بولۇپ، "فائىلاتۇن" "فائىلان" بولىدۇ.
    3. "شەكل"- "ھەبن" ۋە "كەف" بېرىكىپ، "فائىلاتۇن فەئىلاتۇ" بولىدۇ.
    4. "ھەزف"- فائىلاتۇندا "تا- ت" ۋە "نون- ن" قىسقارتىلىپ، "فائىلا" بولىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا "فائىلۇن" يېزىلىدۇ.
    5. "قەسر"- فائىلاتۇندا "فائىلات" بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا "فائىلان" قويىلىدۇ ۋە بەزىدە "تا- ت" غا ئۆزگەرمەي ئەشۇ بويىچە قىلىنىدۇ.
    6. "قەتئ"- فائىلاتۇندا ئاخىرقى ئاساسى، ۋەتەد ساكىنى (مۇقىم ئۈچ ھەرپلىك بۆلەك) لەر قىسقارتىلىپ، "فائىل" قالىدۇ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا "فەلۇن" قويىلىدۇ. بەزىدە ئۇنى "سالم" دەپمۇ قويىدۇ.
    7. "تەشئىس"- فائىلاتۇن ۋەتەدىنىڭ (بۆلىكىنىڭ) ئىككى ھەرىكەتلىك ھەرپىدىن بىرىنىڭ نېقاتى (قىسقارتقۇچىسى) بولۇپ، ئۇنىڭدىن "فائاتۇن" ياكى "فالاتۇن" قالىدۇ، ھەر خىل ئېھتىماللار بىلەن ئۇنىڭ ئورنىغا "مەفئۇلۇن" قويىلىدۇ.
    8. "جەھف"- فاسىلە (ئايرىغۇچى) قىسقارتىلىپ، فائىلاتۇندىن "تۇن" قالىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا "فە" قويۇلىدۇ.
    9. "تەسبىغ"- ئاخىر بۆلەكنىڭ يەڭگىل ئاساسىغا بىر ھەرپ ئارتتۇرۇش بولۇپ، "فائىلاتۇن، فائىلاتان" بولىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا "فائىلىيان" قويۇلىدۇ.
    10. "رەبئ"- فائىلاتۇندا "قەتئ" (مۇقىم ئۈچ ھەرپلىك بۆلەكنى قىسقارتقۇچى) ۋە "ھەبن" (مۇقىم ھەرپنىڭ قىسقارتقۇچىسى) لەر قىسقارتىۋىتىلىپ، "فەئۇل" قالىدۇ،
    بۇنىڭ تارماقلىرى: فەئىلاتۇن- مەخبۇن، فائىلەتۇن- مەكفۇر، فەئىلاتۇ- مەشكۇل، فائىلۇن- مەھزۇف، فەئىلۇن- مەخبۇنى مەقسۇر، فائىلۇن- مەخبۇنن مەھزۇف، فەلۇن- مەقتۇ، مەفئۇلۇن- مۇشەئئەس، فەلائى- مەقتۇئى مۇسەببەئ، فەئۇل- مەربۇئ، فائىلىيان- مۇسەببەئ، فەلىيان- مەخبۇنى مۇسەببەئ، فا- مەجھۇفى مۇسەببەئ، فە- مەجھۇف.
    مۇستەفئىلۇن زىھافاتى (ۋەزىن بۆلەكلىرىدىكى ئۆزگىرىش) توققۇزدۇر، فۇرۇئى (تارماقلىرى) ئون تۆتتۇر.
    مۇستەفئىلۇننىڭ ۋەزىن بۆلەكلىرىدىكى ئۆزگىرىش
    مۇستەفئىلۇننىڭ ۋەزىن بۆلەكلىرىدىكى ئۆزگىرىش 9، تارماقلىرى 14 تۈرگە ئايرىلىدۇ.
    ۋەزىن بۆلەكلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى:
    1.«خەبن»-مۇستەفئىلۇندا«مۇتەفئىلۇن»بولىدۇ،ئۇنىڭ ئورنىغا «مەفا ئىلۇن» قويۇلىدۇ.
    2."تەي"-مۇستەفئىلۇننىڭ تۆرتىنچى ھەرىپىنىڭ قىسقارتقۇچىسى بولۇپ، "مۇستەئىلۇن"قالىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا مۇفتەئىلۇن قويۇلىدۇ.
    3. "قەتئ"- مۇستەفئىلۇندىكى "نون- ن" نىڭ قىسقارتقۇچىسى ۋە "لام- ل" نىڭ ئىسكانى بولۇپ، "مۇستەفئىل" قالىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا "مەفئۇلۇن" قويۇلىدۇ.
    4. "تەخلىئ"- مۇستەفئىلۇندا "خەبن" بىلەن "قەتئ" بېرىكىپ، "مۇتەفئىل" قالىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا "فەئۇلۇن" قويۇلىدۇ.
    5. "ھەزەج"-مۇستەفئىلۇننىڭ ئۈچ ھەرپلىك بۆلىكىنىڭ قىسقارتقۇچىسى بولۇپ، "مۇستەف" قالىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا "فەئلۇن" قويۇلىدۇ.
    6."رەف"-بىر ئاساسى بۆلەك بىلەن بىر يېنىك بۆلەكنىڭ قىسقارتقۇچىسى بولۇپ، ئۇ بۆلەكنىڭ بىرىنچىسى ئىككى ئاساسى يەڭگىل بۆلەكدۇر. مۇستەفئىلۇندىن "تەف ئىلۇن" قالىدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا "فائىلۇن" قويۇلىدۇ.
    7. "خەبل"- مۇستەفئىلۇندىن "سىن- س" ۋە "فە- ف" قىسقىراپ، "خەبن" بىلەن "تەي" گە يىغىلىپ، "مۇتەئىلۇن" قالىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا "فەئىلەتۇن" قويۇلىدۇ.
    8."ئىزالە"- مۇستەفئىلۇننىڭ ئاخىرىدىكى ۋەتەدى مەجمۇئىغا (ئۈچ ھەرپلىك سۆزنىڭ يىغىندىسىغا) بىر تۇراقلىق ھەرپنى ئارتتۇرۇش بولۇپ، "مۇستەفئىلان" بولىدۇ.
    9."تەرفىل"- مۇستەفئىلۇننىڭ ۋەتەدى مەجمۇئىغا (ئۈچ ھەرپلىك سۆزنىڭ يىغىندىسىغا) بىر ئاساسى ھەرپنى ئىزافە قىلىش (قوشۇش) بولۇپ، "مۇستەفئىلاتۇن" بولىدۇ، مۇستەفئىلۇننىڭ ئورنىغا "مۇستەفئىلاتۇن" قويۇلىدۇ.
    ئۇنىڭ تارماقلىرى: مەفائىلۇن- مەخبۇن، مۇفتەئىلۇن- مەتۋىي، مەفئۇلان- مەقتۇ، فەئۇلۇن- مۇخەللە، فەئئىلۇن- مەھزۇز، فائىلۇن- مەرفۇ، فەئىلەتۇن- مەخبۇل، مەفائىلان- ۋەتۋىيى مۇزال، مۇستەفئىلېن- مۇزال، فەئىلەتان- مەخبۇنى مۇزال، مەفائىلاتۇن- مەخبۇنى مۇرەففەل، مۇفتەئىلاتۇن- مەتۋىيى مۇرەففەل، مۇستەئئىلاتۇن مۇرەففەل لەردىن ئىبارەتتۇر.
    مەفئۇلاتۇنىڭ ۋەزىن بۆلەكلىرىدىكى ئۆزگىرىش 9، تارماقلىرى 14 تۇر.
    ئۇنىڭ ۋەزىن بۆلەكلىرىدىكى ئۆزگىرىش:
    1. "خەبن"- مەفئۇلاتۇدا مەفئۇلاتۇ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا "مەفائئىلۇ" قويۇلىدۇ.
    2. "تەي"- مەفئۇلاتۇدا "مەفئىلاتۇ" بولىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا "فائىلاتۇ" قويۇلىدۇ.
    3. "خەبل"- مەفئۇلاتۇدا "خەبن" ۋە "تەي" قوشۇلۇپ، "مەئىلاتۇ" بولىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا "فەئىلاتۇ" قويۇلىدۇ.
    4. "ۋەقف"- مەفئۇلاتۇدىكى "تا- ت" نى قىسقارتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا "مەفئۇلان" قويۇلىدۇ.
    5. "كەشف"- مەفئۇلاتۇدىكى "تا- ت" نىڭ قىسقارتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا "مەفئۇلۇن" قويۇلىدۇ.
    6. "سەلم"- مەفئۇلاتۇ ۋەتەدىنىڭ (ئۈچ ھەرپلىك بۆلىكى) نى قىسقارتىپ، "مەفئۇ" قالىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا "فەئلۇن" قويۇلىدۇ.
    7. "جەدئ"- مەفئۇلاتۇننىڭ ھەر ئىككىلا ئاساسىنى ۋە "تا- ت" نى قىسقارتىپ، "لات" قالىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا "فائ" قويۇلىدۇ.
    8. "نەھر"- مەفئۇلاتۇنىڭ ئىككىلا ئاساسى ۋە "تا- ت" سىنى قىسقارتىپ، "لا" قالىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا "فە" قويۇلىدۇ.
    9. "رەف"- مەفئۇلاتۇنىڭ ئەۋۋەلقى ئاساسىنى قىسقارتىپ، "ئۇلاتۇ" قالىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا "مەفئۇلۇ" قويۇلىدۇ.
    ئۇنىڭ تارماقلىرى: مەفائىيلۇ- مەخبۇن، فائىلاتۇ- مەتۋىي، فەئىلاتۇ- مەخبۇل، مەفئۇلان- مەۋقۇف، مەفئۇلۇن- مەكشۇف، فەئۇلۇن- مەخبۇنى مەقشۇف، فەئۇلان- مەھبۇنى مەۋقۇف، فەئلۇن- ئەسەلەم، فائىلان- مەتۋىيى مەۋقۇف، فائىلۇن- مەتۋىيى مەكشۇف، فەئىلۇن- مەخبۇنى مەتۋىيى مەكشۇف، مەفئۇلۇ- مەرفۇ، فائ- مەجدۇئ، فەئ- مەنھۇر لاردىن ئىبارەتتۇر.
    فەئۇلۇننىڭ ۋەزىن بۆلەكلىرىدىكى ئۆزگۈرۈش ئالتە، تارماقلىرىمۇ ئالتەدۇر.
    ئۇنىڭ ۋەزىن بۆلەكلىرىدىكى ئۆزگىرىش:
    1. "قەبز"- فەئۇلۇندا "لام- ل" نىڭ زەممى (قوشۇۋىلىشى) بىلەن فەئۇلۇ بولىدۇ،
    2. "قەسر"- فەئۇلۇندا "لام- ل" نىڭ سۇكۇنى (مۇقىملىقى) بىلەن "فەئۇل" بولىدۇ.
    3. "ھەزف"- فەئۇلۇندا "فەئۇ" بولىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا "فەئۇل" قويۇلىدۇ.
    4. "سەلم"- فەئۇلۇندا "فە- ف" قىسقىرىپ، ئۇلۇن قالىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا "فەئلۇن" قويۇلىدۇ.
    5. "سەرم"- فەئۇلۇندا "فە- ف" ۋە "نۇن- ن" قىسقىراپ، "ئۇلۇ" قالىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا "فەئلۇ" قويۇلىدۇ.
    6."بەتەر"- فەئۇلۇندا ۋەتەدى مەجمۇئ (ئىككى ھەرىكەتلىك ھەرپ بىلەن بىر ھەرىكەتسىز ھەرىپنىڭ يىغىندىسى) قىسقىراپ، "لۇن" قالىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا "فەئ" قويۇلىدۇ.
    ئۇنىڭ تارماقلىرى: فەئۇلۇ- مەقبۇز، فەئۇلۇ- مەقسۇر، فەئۇل- مەھزۇف، فەئلۇن- ئەسلەم، فەئلۇ- ئەسرەم، فەئ- ئەبتەردىن ئىبارەتتۇر.
    فەسىل. يۇقىرىدا، ۋەزىنلەر بەزى ۋەزىن بۆلەكلىرى ۋە تارماقلىرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. ئەمدى يەنە شۇنى بىلىش كېرەككى، بەھىرلەرنىڭ بەزىسى بەزىسىنىڭ تەكرارى، بەزىسىنىڭ تەركىبى يەنە بەزىلىرى بەزىلىرى بىلەن ھاسىل بولۇپ، 19 خىلغا يېتىدۇ. بۇلاردىن بەزىسى ئەرەبچىگە، بەزىسى فارىسچىغا، بەزىسى ئومۇمغا خاس بولۇپ، شۇ ۋاقىتقا قەدەر (نەۋائى دەۋرىگىچە) تۈرك شائىرلىرىنىڭ مىللى ئىستىمالدا خاس ئۇسلۇپ بولمىغانلىقتىن، زېھنى ئۆتكۈرراق شائىرلار ئۆز نەزىملىرىنى ھەر قايسى بەھر ۋە ۋەزىنلەرگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ يېزىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەرۇز قائىدىلىرىدىن تولۇق خەۋىرى يوق ئىكەن. كېيىنكى چاغلارغا كەلگەندە ئاللاھنىڭ ئىنايىتىدىن تۈرك تىلى بىلەن يېزىلغان شېئىرلار ئەجەم شائىرلىرىغا خاس بولغان بەھىر ۋە ئەۋزان (ۋەزىنلەر) دىكى نەزملەر قاتارىغا كىردى.
    (تۈرك ۋە فارس شېئىرىيىتىگە ئورتاق بولغان) بۇ بەھرلەرنىڭ نامى: تەۋىل، مەدىد، بەست، ۋافىر، كامىل، ھەجەز، رەجەز، رەمەل، مۇنسەرىھ، مۇزارى، مۇقتەزەب، مۇجتەسس، سەرى، جەدىد، قەرىب، خەفىف، مۇشاكىل، مۇتەقارىب، مۇتەدارىكلاردىن ئىبارەت 19 خىلدۇر.
    ئەمما، تەۋىل، مەدىد، بەست بەھرلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى ئوخشاش بولمىغان ئىككى بۆلەكتىن تەركىپلەنگەن بولۇپ، بىرى خۇماسىي (بەشلىك)، يەنە بىرى سۇبائىي (يەتتەلىك) دۇر.
    تەۋىل بۆلەكلىرى: "فەئۇلۇن مەفائىيلۇن، فەئۇلۇن مەفائىيلۇن" دىن ئىبارەت ئىككى تەكراردۇر.
    بېيت
    دېسەم ئەرازۇ زۇلفۇڭ ئۇ ئوتدۇر، تۈتۈندۇر بۇ،
    دەر ئاندىن سەڭا كۆيمەك، بۇ بىردۇر قەرا قايغۇ.
    "فائىلاتۇن فائىلۇن" شەكلىدە بولۇپ، مۇنداق بولىدۇ:
    بېيت
    چېھرەدىن بۇرقە ئاچىب ئوتقە كۆيدۈردۈڭ مەنى،
    چۈن كۈل ئالدى پەيكەرىم، كۆككە ساۋۇردۇڭ مەنى.
    بەست بۆلىكى: "مۇستەفئىلۇن فائىلۇن، مۇستەفئىلۇن فائىلۇن" دىن ئىبارەت ئىككى تەكراردا كېلىپ، ئۇ مۇنداق بولىدۇ:
    بېيت
    ئىشقىڭ مەنى تۈنۇ- كۈن مەجنۇنۇ زار ئەيلەمىش،
    كۆڭلۈمنى زارۇ ھەزىن، جىسمىم نىزار ئەيلەمىش.
    ۋافىر ۋە كامىل بەھرىنىڭ قۇرۇلمىسى، يەتتىلىك بولۇپ: مۇرەككەب بەش ھەرىكەتلىك ۋە ئىككى مۇقىم بوغۇمدىن تۈزۈلىدۇ. ۋافىر بۆلەكلىرى مۇسەددەستە ئالتە قەتلە (تەكرار) "مەفائىلەتۇن" بولۇپ، تۆۋەندىكىچە كېلىدۇ.
    بېيت
    نە فۇرقەت ئېرۇر سەنسىزىن ئۆرتەنۇر يۈرەكىم،
    نە بولغاي ئەگەر مەڭا گۈزەر ئەيلەسەڭ، مىرەكىم.
    كامىل بەھرىنىڭ بۆلەكلىرىمۇ مۇسەددەستە ئالتە قەتلە "مۇتەفائىلۇن" بولۇپ تۆۋەندىكىچە كېلىدۇ
    بېيت
    نە بەلا ئېمىش سەنىڭ ئۇل خىرام ئىلە قامەتىڭ،
    گاھى سۈرئەتىڭ، گاھى ناز بىرلە ئىقامەتىڭ.
    تىلغا ئېلىنغان بۇ بەش بەھردىكى نەزىملەر فارس شائىرلىرىدا ئانچە كۆپ كۆرۈلمەيدۇ.
    ئەمما، ھەزەج، رەجەز، رەمەل لەرنىڭ قۇرۇلمىسى تەۋىل، مەدىد لەرنىڭ يەتتەلىك قۇرۇلمىسىغا باغلىنىشلىق بولۇپ، ھەزەجى مۇسەممەنى سالىمدا "مەفائىيلۇن" سەككىز قېتىم تەكرارلىنىدۇ. رەجەز بۆلەكلىرى سەككىز قېتىملىق ""مۇستەفئىلۇن" بويىچە تەكرارلىنىدۇ. رەمەل بۆلەكلىرى سەككىز قېتىملىق "فائىلاتۇن" بىلەن پۈتىدۇ. بۇ بەھىرلەر بىر دائىرىگە قۇيۇلغان بولۇپ، بۇ دائىرەنى "مۇئتەلىفە" دەپ ئاتايدۇ. ۋە ئۇ تۆۋەندىكى شەكىلدىكىدەك بولىدۇ.
    مۇنسەرىھ، مۇزارى، مۇقتەزەب، مۇجتەسس، سەرى، جەدىد، قەرىب، خەفىف، مۇشاكىل لەرنىڭ قۇرۇلمىسى يەتتىلىك بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىختىلاپ باردۇر. سەلىملىرى بىر دائىرىگە يىغىلمايدۇ. ئەمما مۇنسەرىھى مەتۋىي، مۇزارىئى مەتۋىي، مەكفۇف، مۇقتەزەبى مەتۋىي، مۇجتەسىسى مەكفۇف، مەخبۇننلەر، مۇسەممەن بۆلەكلىرىنى بىر دائىرىغە قويۇپ، ئۇ دائىرىنى "مۇختەلىفە" دەيدۇ ۋە تۆۋەندىكى شەكىلدىكىدەك بولىدۇ.
    رەجەز بەھرى
    رەجەزى مۇسەممەن
    رەجەزى مۇسەممەنى سالم
    (مۇكەممەل سەككىزلىك كۈيلەش)
    ۋەيرانەئېدۇر مەسكەنىم، ئەندىن مەڭا بىسيار غەم،
    ئاھىم بىلە ئەشىكدە ئوت، ئەشكىم بىلەن دېۋار نەم.
    مۇستەفئىلۇن مۇستەفئىلۇن مۇستەفئىلۇن مۇستەفئىلۇن.
    رەجەزى مۇسەممەنى مەتۋىيى
    (قاتلاپ ئوقۇلىدىغان سەككىزلىك كۈيلەش)
    كېل بېرى ئەي رەشكى قەمەر، لەئلى لەبىڭ تۇنگى شەكەر،
    فۇرقەتىڭ ئوتىدە كۆڭۈل چەكتى سىپېھر ئۈزرە شەرەر.
    مۇفتەئىلۇن مۇفتەئىلۇن مۇفتەئىلۇن مۇفتەئىلۇن.
    رەجەزى مۇسەممەنى مەتۋىيى مەخبۇن
    گەر ئەلەمىمغە چارە يوق، بولمەسە بولمەسۇن نېتەي،
    ۋەھ غەمىمە شۇمارە يوق، بولمەسە بولمەسۇن نېتەي.
    مۇفتەئىلۇن مۇفائىلۇن مۇفتەئىلۇن مەفائىلۇن.
    رەجەزى مۇسەممەنى مەخبۇنى مەتۋىي
    مەڭا كۆڭۈل ھەجرىڭ ئەرا زارىدۇر ئېي رەشكى پەرى،
    يۈزۈڭنى كۆرگۈزگىلۇ ئەيلە غۇسسەدىن جانىن بەرى.
    مەفائىلۇن مەفتەئىلۇن مەفائىلۇن مۇفتەئىلۇن.
    رەجەزى مۇسەممەنى مەخبۇنى مەقتۇئ
    تەڭرى ئۈچۈن قەيدە ئېدىڭ راست دە ئەي سەرۋى سىھى،
    فۇرقەتىڭ ئوتىدىن مەڭا رىئايەت ئەيلە گاھ- گاھى
    مۇستەفئىلۇن مۇستەفئىلۇن مەفائىلۇن مەفئۇلۇن.
    رەجەزى مۇسەممەنى مەتۋىيى مەخبۇنى مەقتۇئ
    سەرۋ نېچۈك دېيىن سېنىكى، يوق ئەڭا گۈلرەڭ يۈز،
    نەخل نېچۈك دېيىن سېنىكى يوق ئەڭا شېرىن سۆز.
    مۇفتەئىلۇن مەفائىلۇن مۇفتەئىلۇن مەفئۇلۇن.
    رەجەزى مۇسەددەس
    (ئالتىلىك كۈيلەش)
    رەجەزى مۇسەددەسى سالم
    (مۇكەممەل ئالتىلىك كۈيلەش)
    ھەجرىڭدە ئەي گۈلچېھرە، بېھەد زارمەن،
    قان ئىچرە غەرقە گۈل كىبى ئەفگار مەن.
    مۇستەفئىلۇن مۇستەفئىلۇن مۇستەفئىلۇن.
    (ئىلاۋە: يۇقىرىقى بېيىتنىڭ ئاخىرقى بۆلىكىدە بىردىن بوغۇم كەملىك قىلىدۇ- ت)
    رەجەزى مۇسەددەسى مەقتۇئ
    (ئاخىرقى بۆلىكى ئۈزۈپ ئوقۇلىدىغان ئالتىلىك كۈيلەش)
    ئېي ئىشقىڭ ئىچرە ئادەتىم مەھزۇنلۇق،
    ھەجرىڭدە دەئ بۇ سىيرەتىم مەجنۇنلۇق.
    مۇستەفئىلۇن مۇستەفئىلۇن مەفئۇلۇن.
    رەجەزى مۇسەددەسى مەتۋىيى مۇزال
    كېلكى فىراقىڭدە كۆڭۈل بولدى ھەزىن،
    ئەيلەمە مۇنچە مەڭە بېدال ئىلە كىن.
    مۇفتەئىلۇن مۇفتەئىلۇن مۇفتەئىلۇن.
    رەجەزى مۇسەددەسى مەتۋىيى مەقتۇئ
    (قاتلاپ، ئۈزۈپ ئوقۇلىدىغان ئالتىلىك كۈيلەش)
    كۆرگەلى ھۆسنۈڭنى سېڭە ھەيران مەن،
    ۋادىيى ھەسرەت ئەرا سەرگەردان مەن.
    مۇفتەئىلۇن مۇفتەئىلۇن مەفئۇلۇن.
    رەجەزى مۇسەددەسى مەخبۇن
    يۈزۈڭ قەمەر، قەدىڭ شەجەر، لەبىڭ شەكەر،
    مەڭە بۇلەر خەيالىدىن نې خابۇ خور.
    مەفائىلۇن مەفائىلۇن مەفائىلۇن.
    رەجەزى مۇسەددەسى مەتۋىيى مەخبۇن
    ۋەھكى يەنە فۇرقەتىڭ ئىچرە تۈشمىشەم،
    ئۆلگەلى بۇ فۇرقەت ئەرا ياۋۇشمىشەم
    مۇفتەئىلۇن مۇفتەئىلۇن مۇفتەئىلۇن
    رەجەزى مۇرەببەئ
    رەجەزى مۇرەببەئى سالم
    (مۇكەممەل تۆيلىك كۈيلەش)
    سەنسىز ئىشىم فەرياد ئېرۇر،
    ئۆز جانىمە بېداد ئېرۇر.
    مۇستەفئىلۇن مۇستەفئىلۇن.
    مۇستەفئىلۇن مۇستەفئىلۇن
    رەمەل بەھرى
    رەمەلى مۇسەممەن
    (سەككىزلىك ئاۋۇن بەھىر)
    رەمەلى مۇسەممەنى سالم
    (مۇكەممەل سەككىزلىك ئاۋۇن بەھىر)
    كېلكى ئىشقىڭدىن كۆڭۈلدە يوقتۇرۇر سەبرۇ قەرارىم،
    باشىمە يېتكۈر قەدەمكىم، ھەددىن ئاشتى ئىنتىزارىم.
    فائىلاتۇن فائىلاتۇن فائىلاتۇن فائىلاتۇن.
    رەمەلى مۇسەممەنى مەقسۇر (ئەرۇز ۋە زەرب)
    (ئاخىرقى بۆلىكى قىسقارتىلغان مۇكەممەل سەككىزلىك ئاۋۇن بەھىر)
    ۋەھ، نېھالەتدۇركى، مېن ھەر نېچە كۆرگۈزسەم نىياز،
    ئېي ماھى بەدمېھر سەندىن زاھىر ئولمەس غەيرى ناز.
    فائىلاتۇن فائىلاتۇن فائىلاتۇن فائىلۇن.
    رەمەلى مۇسەممەنى مەھزۇف
    (ئاخىرقى بۆلىكى چۈشۈرۈپ قويۇلغان مۇكەممەل سەككىزلىك ئاۋۇن بەھىر)
    قاسىدېكىم، يەتكۈرۇر كۆڭلۈمغە جاناندىن خەبەر،
    ئۇيلەدۇركىم، بېرگەي ئولغان جىسمىغە جاندىن خەبەر.
    فائىلاتۇن فائىلاتۇن فائىلاتۇن فائىلۇن.
    رەمەلى مۇسەممەنى مەخبۇن
    (ئۇرغۇسىز ئوقۇلىدىغان سەككىزلىك ئاۋۇن بەھىر)
    سۈبھى دەۋلەت يۈزۈڭ، ئېي، تەۋسەنى گەردۇن، سەڭە ئەشھەب،
    تاجىڭ ئۈستىدەگى دۇر ئۇيلەكى، تاڭ باشىدا كەۋكەب.
    فەئىلاتۇن فەئىلاتۇن فەئىلاتۇن فەئىلاتۇن.
    رەمەلى مۇسەممەنى مەخبۇنى مەقسۇر
    (ئاخىرقى بۆلىكى قىسقارتىلغان، ئۇرغۇسىز مۇكەممەل سەككىزلىك ئاۋۇن بەھىر)
    ۋەھكى، ئۇل مۇغبەچە ھەردەمكى ئىچەر بادەئى ناب،
    قوزغەلۇر ئەربەدەسىدىن بۇ كۆھەن دەيرى خەراب.
    فەئىلاتۇن فەئىلاتۇن فەئىلاتۇن فەئىلۇن.
    رەمەلى مۇسەممەنى مەخبۇنى مەقتۇئ
    (ئاخىرقى بۆلىكى قىسقارتىلغان، ئۇرغۇسىز، ئۈزۈپ ئوقۇلىدىغان مۇكەممەل سەككىزلىك ئاۋۇن بەھىر)
    ئالەم ئىچرە مەڭە ئۇل ھۆرى مەلەك سىيما بەس،
    بۇ قەچان بولسە مۇيەسسەر، قەدەھى سەھبا بەس.
    فائىلاتۇن فەئىلاتۇن فەئىلاتۇن فەئلۇن.
    رەمەلى مۇسەممەنى مەشكۇل
    تىلەگىم سېنىڭ ھۇزۇرىڭ، تەلەبىم سېنىڭ جەمالىڭ،
    نېچە كۈن تىرىكلىگىمدىن غەرەزىم سېنىڭ ۋىسالىڭ.
    فەئىلاتۇ فائىلاتۇن فەئىلاتۇ فائىلاتۇن.
    رەمەلى مۇسەددەس
    (ئالتىلىك ئاۋۇن بەھىر)
    رەمەلى مۇسەددەسى سالم
    (مۇكەممەل ئالتىلىك ئاۋۇن بەھىر)
    ئېي جەمالىڭدىن خىجىل خۇرشىدى ئەنۋەر،
    قامەتىڭدىن مۇنفەئىل سەرۋۇ سەنەۋبەر.
    فائىلاتۇن فائىلاتۇن فائىلاتۇن.
    رەمەلى مۇسەددەسى مەقسۇر
    (ئاخىرقى بۆلىكى قىسقارتىلغان مۇكەممەل ئالتىلىك ئاۋۇن بەھىر)
    گۈلشەنىڭدىن يەلدەك، ئېي رەئنا نىھال،
    مەن يامان باردىم، ۋەلې سەن ياخشى قال.
    فائىلاتۇن فائىلاتۇن فائىلون.
    رەمەلى مۇسەددەسى مەخبۇنى مەقسۇر
    يەنە مۇغ دەيرىنە كىردىم سەرمەست،
    مەي تۇت ئەي مۇغبەچەئى بادەپەرەست.
    فائىلاتۇن فائىلاتۇن فائىلان.
    رەمەلى مۇسەددەسى مەخبۇنى مەھزۇف
    كەلكى، ھەجرىڭدە ھەزىنمەن بېھەد،
    نە مەڭا سەبر، نە خۇشۇ نە خىرەد.
    فائىلاتۇن فائىلاتۇن فەئىلۇن.
    رەمەلى مۇرەببەئ
    (تۆتلىك ئاۋۇن بەھىر)
    رەمەلى مۇرەببەئى سالم
    (مۇكەممەل تۆتلىك ئاۋۇن بەھىر)
    كەلگىل، ئەي رۇخسارى زېبا،
    كىم، بولۇرمەن ناشىكېبا.
    فائىلاتۇن فائىلاتۇن
    فائىلاتون فائىلاتۇن.
    رەمەلى مۇرەببەئى مەخبۇن
    (ئۇرغۇسىز تۆتلىك ئاۋۇن بەھىر)
    مەڭا ھەجرىڭدىن ئەلەم كۆپ،
    سەنەما قىلمە سىتەم كۆپ.
    فەئىلاتۇن فەئىلاتۇن
    فەئىلون فەئىلاتۇن.
    مۇنسەرىھنىڭ مۇسەممەنى سالىمىى شەكىل دائىرىسىگە كىرمەيدۇ، بۇنى دەرۋىش مەنسۇرنىڭ "ئەرۇز" ى ئىسپاتلايدۇ.
    مۇنسەرىھ بەھرى
    (ئەركىن، تېز بەھىر)
    مۇنسەرىھى مۇسەممەنى سالىم
    (مۇكەممەل سەككىزلىك ئەركىن بەھىر)
    ئەي، ئارەزىڭ كۆڭلۈم كامى، لەئلى لەبىڭ جان ئارامى،
    ېەسلىڭ كۈنى يەتكۈرگىلكى، جانىم ئالۇر ھەجرىڭ شامى.
    مۇستەئىلۇن مۇفئۇلاتۇ مۇستەئىلۇن مەفئۇلات.
    ئىككىنچى دائىرىدە، مۇنسەرىھ، مۇزارىئ، مۇقتەزەب ۋە مۇجتەسسدىن ئىبارەت تۆت غەيرى سالىم بەھر بولۇپ، ئۇلار مۇنسەرىھى مۇسەممەنى مەتۋىيى مەۋقۇفدىن پەيدا قىلىنغاندۇر.
    مۇنسەرىھى مۇسەممەنى مەتۋىيى مەۋقۇف
    (توختاپ، ئوقۇلىدىغان قاتلانما سەككىزلىك ئەركىن بەھىر)
    ئاھكى، سەنسىز ئىشىم ئاھ ئىلە فەرياد ئېرۇر،
    جانىمە ئاشۇبۇ شەين جىسمىمە بېداد ئېرۇر.
    مۇفتەئىلۇن فائىلان مۇفتەئىلۇن فائىلان.
    مۇنسەرىھى مۇسەممەنى مەتۋىيى مەكشۇف
    (ئوچۇق ئوقۇلىدىغان قاتلانما سەككىزلىك بەھىر)
    ۋەھكى يانە ئوت سالۇر جانىمە بىر ھۆرىۋەش،
    نەلبەرۇ داغ سۆز، رىندۋەشۇ جۇرئە كەش.
    مۇفتەئىلۇن فائىلۇن مۇفتەئىلۇن فائىلۇن.
    مۇنسەرىھى مۇسەممەنى مەتۋىيى مەكشۇفى مەقتۇئ
    (ئۈزۈپ، ئوچۇق ئوقۇلىدىغان قاتلانما سەككىزلىك بەھىر)
    ئىشق يانە ھەجر ئىلە جانىمە قىلدى سىتەم،
    فۇرقەتۇ ھىجران ئوتى باشىمە چەكدى ئەلەم.
    مۇفتەئىلۇن فائىلۇن مۇفتەئىلۇن فائىلۇن.
    مۇنسەرىھى مۇسەممەنى مەخبۇنى مەكشۇف
    گەھى مەڭا ئۇل سەنەم قىلۇر ۋەفا ۋەئدەسى،
    ۋەفاسىدىن زۇلمۇ كىم، ۋەلر فۇزۇندۇر بەسى.
    مەفائىلۇن فائىلۇن مەفائىلۇن فائىلۇن
    مۇنسەرىھى مۇسەممەنى مەتۋىيىي مەجدۇ
    چەرخ يانە زۇلمۇ جەۋر ئەيلەدى بۇنياد،
    قىلدى فەلەك ھادىساتى جانىمە بېداد.
    مۇفتەئىلۇن فائىلاتۇ مۇفتەئىلۇن فا.
    مۇنسەرىھى مۇسەممەنى مەتۋىيىي مەنھۇر
    شۈكركى، دىلرەبا يانىب، يانە مەڭا كېلدى.
    مەسكەنى ئەيشىمدە ۋەسل شەمئى يەقىلدى.
    مۇفتەئىلۇن فائىلاتۇ مۇفتەئىلۇن فەئ.
    مۇنسەرىھى مۇسەممەنى مەتۋىيىي مەقتۇئى مەنھۇر
    كۆڭلۈم ئىستەر سەير مەيلى گۈلشەن سارى،
    مەن نېگە ئىچمەي بىراۋكى بولغەي يارى.
    مۇفتەئىلۇن فائىلاتۇ مەفئۇلۇن فە.
    مۇنسەرىھى مۇسەددەس
    (ئەركىن ئالتىلىك بەھىر)
    مۇنسەرىھى مۇسەددەسى مەتۋىي
    (ئوتتۇرا بۆلىكى ئاچ ئوقۇلىدىغان ئالتىلىك ئەركىن بەھىر)
    ئىشقى مەنى زار قىلدى ئالەم ئەرا،
    ئەيلەدى ئاۋارە خەيلى ئادەم ئەرا.
    مۇفتەئىلۇن فائىلاتۇ مۇفتەئىلۇن.
    مۇنسەرىھى مۇسەددەسى مەتۋىيى مەقتۇئ
    (ئۈزۈك، قاتلاپ ئوقۇلىدىغان ئالتىلىك ئەركىن بەھىر)
    قويدى غەمىڭ دەردۇ داغ كۆڭلۈمگە،
    قويمەدى ئىشقىڭ فەراغ كۆڭلۈمگە.
    مۇفتەئىلۇن فائىلاتۇ مەفئۇلۇن.
    مۇنسەرىھى مۇرەببەئ
    (تۆتلىك ئەركىن بەھىر)
    مۇنسەرىھى مۇرەببەئى مەتۋىيى مەۋقۇف
    (توختاپ ئوقۇلىدىغان قاتلانما تۆتلىك ئەركىن بەھىر)
    ئەيلە ۋەفا ئاشكار، كەل بېرى ئەي گۈلئۇزار.
    مۇفتەئىلۇن فائىلان مۇفتەئىلۇن فائىلان.
    مۇنسەرىھى مۇرەببەئى مەتۋىيى مەخبۇنى مەۋقۇف
    كەلكى سەڭا فىدا جان،
    ۋەھكى فىدا سەڭا جان.
    مۇفتەئىلۇن فەئۇلان،
    مۇفتەئىلۇن فەئۇلان.
    بۇ دائىرىنىڭ ئىككىنچى بەھرى مۇزارىئ بەھرىدۇر
    مۇزارىئ بەھرى
    مۇزارىئى مۇسەممەن
    (ئوخشاپ كېتىدىغان سەككىزلىك بەھىر)
    مۇزارىئى مۇسەممەنى مەكفۇفى مەقسۇر
    مەڭا ئەي سۇمەنبەرىم، جەفا قىلمە بېھېساب.
    يۈزۈڭە زەمان چەكىب ياپماغىل نىقاب.
    مەفائىيلۇ فائىلاتۇ مەفائىيلۇ فائىلۇن.
    مۇزارىئى مۇسەممەنى مەكفۇفى مەھزۇف
    يۈزۈڭدىن خىجىل قەمەر، لەبىڭدىن داغى شەكەر،
    مەڭا ھەر بىرىدىن ئوت، سەڭا قىلماي ئۇل ئەسەر.
    مەفائىيلۇ فائىلۇن مەفائىيلۇ فائىلۇن
    مۇزارىئى مۇسەممەنى ئەخرەب
    ئىشقۇ جۇنۇن ئېرۇرلەر بېىختىيار مەندە،
    مەندۇرمەنۇ بۇ ئىككى، ئۆزگە نې بار مەندە.
    مەفئۇلۇ فائىلاتۇن مەفئۇلۇ فائىلاتۇن
    مۇزارىئى مۇسەممەنى ئەخرەبى مۇسەببەغ
    مەن ئىشق ئېلى گەداسى، سەن ھۆسۈن ئېلىگە سۇلتان،
    بولمەس گەداغە ھەرگىز سۇلتان ۋىسالى ئىمكان.
    مەفئۇلۇ فائىلاتۇن مەفئۇلۇ فائىلاتۇن.
    مۇزارىئى مۇسەممەنى ئەخرەبى مەكفۇفى مەھزۇف
    ھەيھاتكىم، بىراۋ غەمىدىنزارمەن يەنە،
    فەريادكىم، بەلاغە گىرىفتارمەن يەنە.
    مەفئۇلۇ فائىلاتۇ مەفائىيلۇ فائىلۇن.
    مۇزارىئى مۇسەممەنى ئەخرەبى مەكفۇفى مەقسۇر
    ئۇل شوخدىن مەڭا گاھ ئېرۇر نازۇ، گەھ ئىتاب،
    يوق ئاندە ئىختىيار داغى مەندە ئىجتىناب
    مەفئۇلۇ فائىلاتۇ مەفائىيلۇ فائىلان.
    مۇزارىئى مۇسەممەنى ئەخرەبى مەكفۇفى سالىم ئەرۇز ۋە زەرب
    سەندىن مەڭا تەھەممۇل ئېمەس بىر زەمان يىراغلىق،
    جان رىشتەسى ئېرۇر چۇ سېنىڭ سۇنبۇلىڭغە باغلىق.
    مەفئۇلۇ فائىلاتۇ مەفائىيلۇ فائىلاتۇن.
    مۇزارىئى مۇسەممەنى ئەخرەبى مەھزۇف
    ئىشقىڭ ئەجەب بەلادۇر، ئەي نازەنىن سەنەم،
    جان ئەندە مۇبتەلادۇر كۆرمەس بەجۈز سىتەم.
    مەفئۇلۇ فائىلاتۇن مەفئۇلۇ فائىلۇن.
    مۇزارىئى مۇسەددەس
    (ئالتىلىككە بويسۇندۇرۇلغان بەھىر)
    مۇزارىئى مۇسەددەسى مەكفۇفى مەقسۇر
    (قىسقارتىپ ئالتىلىككە بويسۇندۇرۇلغان بەھىر)
    سېنىڭدەك جەھاندە كىمسە نې ئىمكان،
    بۇيان كەل، قىلاي قاشىڭدە فىدا جان.
    مەفائىيلۇ فائىلاتۇ مەفائىيل.
    مۇزارىئى مۇسەددەسى مەكفۇفى مەھزۇف
    (تاشلىۋىتىلىپ ئالتىلىككە بويسۇندۇرۇلغان بەھىر)
    كۆڭۈل بولغەن خەيالىڭغە مايىل
    كۆزۈم ھەم ئولدى ھۆسنۈڭغە زايىل.
    مەفائىيلۇ فائىلاتۇ مەفئۇلۇن.
    مۇزارىئى مۇسەددەسى ئەخرەبى مەكفۇف
    ئىشقىڭدە ئاھۇ نالە قىلۇر كۆڭلۈم،
    كىم، قان ياشىنى جالە قىلۇر كۆڭلۈم.
    مەفئۇلۇ فائىلاتۇ مەفائىيلۇن.
    مۇزارىئى مۇسەددەسى ئەخرەبى مەكفۇفى مەھزۇف
    ئېي خاتىرىم ھەۋاسى قاشىڭغە،
    ئېۋرۈلگەلى ھەمىشە باشىڭغە.
    مەفئۇلۇ فائىلاتۇ فەئۇلۇن
    بۇ دائىرەنىڭ ئۈچىنچىسى مۇقتەزەب بەھرىدۇر.
    مۇقتەزەب بەھرى
    (راۋان بەھەر)
    مۇقتەزەبى مۇسەممەن
    (سەككىزلىك راۋان بەھەر)
    مۇقتەزەبى مۇسەممەنى مەتۋىي
    (قاتلىنىدىغان سەككىزلىك راۋان بەھەر)
    ئەي نىگارى مەھۋەشىم، ئەي ھەرىفى جۈرئە كەشىم.
    تۇت قەدەھكى، بېھەد ئېرۇر ئىشق تابىدىن ئاتەشىم.
    فائىلاتۇ مۇفتەئىلۇن فائىلاتۇ مۇفتەئىلۇن.
    مۇقتەزەبى مۇسەممەنى مەتۋىي مەقتۇئ
    (ئۈزۈپ قاتلىنىدىغان سەككىزلىك راۋان بەھەر)
    ئەي يىگىت، بۇيان كېلكى شەۋقدىن خەرابىڭ مەن،
    بوينى باغلىغ ئىت ياڭلىغ بەستەئى تەنابىڭ مەن.
    فائىلاتۇ مەفئۇلۇن فائىلاتۇ مەفئىۇۇن.
    مۇقتەزەبى مۇرەببەئ
    (تۆتلىك راۋان بەھىر)
    مۇقتەزەبى مۇرەببەئى مەتۋىي
    (قاتلىنىدىغان تۆتلىك راۋان بەھىر)
    فۇرقەتىڭ ياشىم ئاقىزۇر،
    ھەسرەتىڭ قانىم تامىزۇر.
    فائىلاتۇ مۇفتەئىلۇن
    فائىلاتۇ مۇفتەئىلۇن
    مۇقتەزەبى مۇرەببەئى مەقتۇئ
    (ئۈزۈپ، قاتلاپ ئوقۇيدىغان تۆتلىك راۋان بەھىر)
    بادە كېلتۈر ئېي ساقىي،
    قىلمە ئەيشنى باقىي.
    فائىلاتۇ مەفئۇلۇن
    فائىلاتۇ مەفئۇلۇن
    مۇقتەزەبى مۇرەببەئى مەخبۇنى مەتۋىي
    جەمالىڭدە قالدى كۆزۈم،
    غەمىڭدە ئۇزالدى سۆزۈم.
    مەفائىيلۇ مۇفتەئىلۇن
    مەفائىيلۇ مۇفتەئىلۇن
    مۇقتەزەبى مۇرەببەئى مەتۋىي
    (قاتلاپ ئوقۇيدىغان تۆتلىك راۋان بەھىر)
    ھەسرەتىڭدە ئەفسۇردە مەن،
    فۇرقەتىڭدە ئازۇردە مەن.
    فائىلاتۇ مۇستەفئىلۇن
    فائىلاتۇ مۇستەفئىلۇن.
    بۇ دائىرەنىڭ تۆرتىنچى بەھرى مۇجتەسس بەھرىدۇر
    مۇجتەسس بەھرى
    مۇجتەسسى مۇسەممەن
    (سەككىزلىك مۇجتەسس)
    مۇجتەسسى مۇسەممەنى مەخبۇن
    يېتىشسە ئىشق ئەرا يۈز مېھنەتۇ بەلا، قەدەھ ئىچگىل،
    نەفەس- نەفەس قۇيۇبان مەي تولا- تولا قەدەھ ئىچگىل.
    مەفائىلۇن فائىلاتۇن مەفائىلۇن فائىلاتۇن.
    مۇجتەسسى مۇسەممەنى مەخبۇنى مەقسۇر
    كۆڭۈل ھەرارەتىن ئەڭلەتتى ئاھى دەرد ئالۇد،
    ئۆي ئىچرە ئوت ئېكەنىن ئېلگە زاھىر ئەيلەر دۇد.
    مەفائىلۇن فائىلاتۇن مەفائىلۇن فائىلان.
    مۇجتەسسى مۇسەممەنى مەخبۇنى مەھزۇف
    فىراق ئىستمەسى ئەنداق تەنىمدىن ئوت چىقارۇر،
    كى، گەر تەبىب ئىلىگىم تۇتسە بارماغى قابارۇر.
    مەفائىلۇن فائىلاتۇن مەفائىلۇن فائىلۇن
    مۇجتەسسى مۇسەممەنى مەخبۇنى مەقتۇئ
    بىزنىڭ سارى ئۇل شوخى ئىشۋىگەر كەلمەس،
    بىلۇركى فۇرقەتىدىن ئۆلمىشەم، مەگەر كەلمەس.
    مەفائىلۇن فائىلاتۇن مەفائىلۇن فەئلۇن
    مۇجتەسسى مۇسەممەنى مەخبۇنى مۇسەببەغ
    ئۇل ئاي مېنىڭ بىلە بېمېھر ئىكەنىن ئاڭلەب مەن،
    مېنى ئۆزىگە ۋەفاسىز دېگەنىن ئاڭلەب مەن.
    مەفائىلۇن فەئىلاتۇن مەفائىلۇن فەئىلان.
    مۇجتەسسى مۇسەممەنى مەخبۇنى مەھزۇفى مۇسەببەئ
    بىزنىڭ سارى كەلمەسسەن، نې بولدى ئەي بەد مېھر.
    ۋەفا يولىن بىلمەسسەن ياپىب نىقاب ئىلە چېھر.
    مەفائىلۇن مەفئۇلۇن مەفائىلۇن فەئىلان.
    مۇجتەسسى مۇسەممەنى مەخبۇنى مەھزۇفى مۇسەببەئ
    ئەگەر ئاچىلسە ئۇل يۈز نىقابدىن ۋەھ،
    قەچان ئۆزىدە قالغەي گەدا بىلەن شەھ.
    مەفائىلۇن مەفئۇلۇن مەفائىلۇن فە.
    مۇجتەسسى مۇرەببەئ
    مۇجتەسسى مۇرەببەئى مەخبۇن
    يۈزۈڭ كۆزۈمگە كېرەكتۇر،
    ئۆزۈڭ ئۆزۈمگە كېرەكتۇر.
    مەفائىلۇن فەئىلاتۇن،
    مەفائىلۇن فەئىلاتۇن.
    مۇجتەسسى مۇرەببەئى مەخبۇنى مەقسۇر
    غەمىڭ مەنى قىلدى زار،
    يۈزۈڭ مەڭا بولدى يار.
    مەفائىلۇن فائىلان،
    مەفائىلۇن فائىلان.
    سەرىئ بەھرى
    (تېز بەھىر)
    سەرىئى مۇسەددەسى مەتۋىيى مەۋقۇف
    (توختاپ، قاتلاپ ئوقۇلىدىغان سەككىزلىك تېز بەھىر)
    يوق مەڭا ھەجرىڭدە جۈز ئاھۇ فىغان،
    ئىشقۇ مۇھەببەت ئوتىدىن ئەلئ ئەمان .
    مۇفتەئىلۇن مۇفتەئىلۇن فائىلان
    سەرىئى مۇسەددەسى مەتۋىيى مەكشۇف
    (ئوچۇق قاتلىنىدىغان سەككىزلىك تېز بەھىر)
    بىزگە قىزىل گۈل يۈزۈڭ ئەفكەندەسى،
    سەۋسەنى ئازاد قەددىڭ بەندەسى.
    مۇفتەئىلۇن مۇفتەئىلۇن فائىلۇن
    سەرىئى مۇسەددەسى مەتۋىيى ئەسلەم
    ئىستەمەسەڭ ئەسلەمەسەڭ بىزنى،
    مەن ئۈپەرەم يولۇڭ ئۈزە ئىزنى.
    مۇفتەئىلۇن مۇفتەئىلۇن فەئلۇن.
    سەرىئى مۇسەددەسى مەخبۇنى مەتۋىيى مەكشۇف
    قەرا كۆزۈم، بىرەر بىزە باق ئەشى،
    جەراھەتىمغە مەرھەمە ياق ئەشى.
    مەفائىلۇن مەفائىلۇن فائىلۇن
    سەرىئى مۇسەددەسى مەتۋىيى مەخبۇنى مەكشۇف
    سەندىن يانە ئوت ئىچرەدۇر يۈرەكىم،
    ئوتۇمغە سۇ ئۇر، ۋەسل ئىلە مىرەكىم.
    مۇستەفئىلۇن مۇستەفئىلۇن فەئىلۇن
    ئۈچىنچى دائىرىنىڭ ئىككىنچى بەھرى جەدىدتۇر، ئۇ مۇستەھدەس ( ) بەھر بولۇپ، غەرب دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
    جەدىد بەھرى
    جەدىدى (مۇسەددەسى)مەخبۇن
    ئىكى رۇخسارىڭ ئېرۇر گۈل چەمەن ئەرا،
    ئەرەقىڭ يۈز ئۈزە شەبنەم سۇمەن ئەرا
    فەئىلاتۇن فەئىلاتۇن مەفائىلۇن.
    ئۈچىنچى دائىرىنىڭ ئۈچىنچى بەھرى قەرىيب بولۇپ، بۇمۇ مۇستەھدەس ( ) بەھرىدۇر، ئۇ بەھىر ئەجەم (فارىسى) شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىدا ئاز ئۇچىرايدۇ.
    قەريب بەھرى
    قەرىيبى (مۇسەددەسى) مەكفۇف
    (قولغا يېقىن ئالتىلىك بەھىر)
    جەمالىڭدە تەھەييۇرغە قالدى كۆز،
    بۇ مەئنىدە ئۇلۇس ئىچرە تۈشتى سۆز.
    مەفائىيلۇ مەفائىيلۇ فائىلان.
    قەرىيبى (مۇسەددەسى) ئەخرەبى مەكفۇف
    ئىشقىڭدە كۆڭۈل ئىچرە نالەلەردۇر،
    يۈز ئۈزرە ياشىم قانى لالەلەردۇر.
    مەفئۇلۇن مەفائىيلۇ فائىلاتۇن.
    قەرىيبى (مۇسەددەسى) ئەخرەبى مەھزۇف
    كەل بىزگە ۋەفا بىرلە، ئەي پەرى،
    بۇ تەلبەنى فۇرقەتتىن قىل بەرى.
    مەفئۇلۇ مەفائىيلۇن فائىلۇن
    ئۈچىنچى دائىرىنىڭ تۆتىنچى بەھرى خەفىف بولۇپ، ئەجەم (فارىس) شائىرلىرى بۇ بەھىرنىڭ ئۆزىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ۋەزىنلىرىدە مەسنەۋى يازىدۇ.
    خەفىف بەھرى
    (يەڭگىل بەھىر)
    خەفىفى (مۇسەددەسى) مەخبۇن
    فۇرقەتى نېش ساچتى يۈرەكىمگە،
    ئەشك قانىن ئاقىزدى بۇ ئېتەكىمگە.
    فائىلاتۇن مەفائىلۇن فەئىلاتۇن.
    خەفىفى (مۇسەددەسى) مەخبۇنى سالىمى سەدر
    ئەي يۈزۈڭدىن بولۇب كۆزۈم رەۋشەن،
    دۇررۇ لەئل ئەيلەبان ئەنى مەخزەن.
    فائىلاتۇن مەفائىلۇن فەئلۇن
    خەفىفى مەخبۇنى مەقتۇئى مۇسەببەئ
    سەنى ئۇل دەمكى كۆردۈم، ئەي گۈلچېھر،
    تۈشتى كۆڭلۈمگە ئارەزىڭدىن مېھر.
    فائىلاتۇن مەفائىلۇن فەئىلان.
    خەفىفى مەخبۇنى مەقتۇئ
    كەلىماتى غەرىب دەر ناسىھ،
    خىرەد ئەھلىغە ھەشۋدۇر ۋازىھ.
    فەئىلاتۇن مەفائىلۇن فەئلۇن
    خەفىفى مەخبۇنى مۇشەئئەس
    كەلدى دىدارۇ مەن قەدەھ ئىچگۈمدۇر،
    زۇھدۇ نامۇسۇ نەڭدىن كەچگۈمدۇر.
    فائىلاتۇن مەفائىلۇن مەفئۇلۇن
    ئۈچۈىنچى دائىرىنىڭ بەشىنچى بەھرى مۇشاكىل بولۇپ، بۇمۇ مۇستەھدەس ( ) بەھرىدۇر، پەھلەۋىي شېئىرنى كۆپراق مۇشۇ بەھىردە يازغان.
    مۇشاكىل بەھرى
    مۇشاكىلى مۇسەددەسى مەكفۇفى مەقسۇر
    (قەرىب بىلەن شەكىلداش قىسقا ئالتىلىك بەھىر)
    ئىشقىڭ ئىچرە مەڭا ئەسرۇ سىتەمدۇر،
    كۆڭلۈم ئوتىغە چەرخ ئۈزرە ئەلەمدۇر.
    فائىلاتۇ مەفائىيلۇ مەفائىيل
    مۇشاكىلى مۇسەممەنى مەكفۇفى مەقسۇر
    (قەرىب بىلەن شەكىلداش قىسقا سەككىزلىك بەھىر)
    قەيدا باردى نىگارىمكىم، گۇم ئولدى قەرارىم،
    ئولدى جىسمى زەئىفىم، كۆيدى جانى نىزارىم.
    فائىلاتۇ مەفائىيلۇ فائىلاتۇ مەفائىيل
    (مۇشاكىلى مۇرەببەئ)
    (قەرىب بىلەن شەكىلداش تۆتلىك بەھىر)
    مۇشاكىلى مۇرەببەئى مەكفۇنى مەقسۇر
    (قەرىب بىلەن شەكىلداش قىسقا تۆتلىك بەھىر)
    ئەي نىگارى پەرى روي،
    گۈل ئۇزارى سۇمەن بوي.
    فائىلاتۇ مەفائىيل
    فائىلاتۇ مەفائىيل
    مۇشاكىلى مۇرەببەئى مەكفۇنى مەھزۇف
    قەيدە ئېردى ھەبىبىم،
    غۇسسە بولدى نەسىبىم.
    فائىلاتۇ فەئۇلۇن
    فائىلاتۇ فەئۇلۇن
    تۆتىنچى دائىرە مۇتەقارىب ۋە مۇتەدارىكتىن ئىبارەت ئىككى بەھىر بولۇپ، ئەسلى ئەجەم (فارسى) تىلىدا مەسنەۋىگە ئەپلىك بەھرى دېيىلىدۇ.
    مۇتەقارىب بەھرى
    (ئەپلىك- ئاسان بەھىر)
    مۇتەقارىبى مۇسەممەن
    (سەككىزلىك ئەپچىل بەھىر)
    مۇتەقارىبى مۇسەممەنى سالىم
    (مۇكەممەل سەككىزلىك ئەپچىل بەھىر)
    يانە سەنسىزىن مۇنىسىم غەم بولۇبدۇر،
    كۆزۈمگە يۈرەك قانى ھەمدەم بولۇبدۇر.
    فەئۇلۇن فەئۇلۇن فەئۇلۇن فەئۇلۇن.
    مۇتەقارىبى مۇسەممەنى مەقسۇر
    (قىسقارتىلغان سەككىزلىك ئەپچىل بەھىر)
    مەڭا كويى سەيرىغە يوق ئىھتىمال،
    ئېسە ئالمەس ئۇل يان نەسىمى شەمال.
    فەئۇلۇن فەئۇلۇن فەئۇلۇن فەئۇل.
    مۇتەقارىبى مۇسەممەنى مەھزۇف
    ئاچىلدى چەمەن، گۈل ئۇزارىم قەنى،
    سىھى سەرۋ بويلىغ نىگارىم قەنى؟
    فەئۇلۇن فەئۇلۇن فەئۇلۇن فەئۇل.
    مۇتەقارىبى مۇسەممەنى ئەسلەم
    ئەي شوخى زېبا، ئەي سەرۋى رەئنا،
    بولدۇم غەمىڭدىن مەجنۇنۇ شەيدا.
    فەئئۇلۇن فەئۇلۇن فەئئۇلۇن فەئۇلۇن
    مۇتەقارىبى مۇسەممەنى ئەسرەم
    كەلكى غەمىڭدىن جانغە يېتىبمەن،
    ھەجىردە ئۆلمەك چارە ئېتىبمەن.
    فەئئۇلۇ فەئۇلۇن فەئلۇ فەئۇلۇن.
    مۇتەقارىبى مۇسەممەنى ئەسرەمى مەقسۇر
    كەلكى غەمىڭغە بولدۇم ئەسىر،
    زەررە مەنۇ سەن مېھرى مۇنىر.
    فەئئۇلۇ فەئۇلۇن فەئئۇلۇ فەئۇلۇن.
    مۇتەقارىبى مۇسەممەنى مەقبۇزى ئەسلەم
    ئەگەر سورەرسەن ۋە گەر تىلەرسەن،
    ئۆزۈڭ بىلەرسەن، نېكىم قىلارسەن.
    فەئۇلۇ فەئلۇن فەئۇلۇ فەئلۇن
    ئەجەم (فارسى) شائىرلىرىنىڭ كېيىنكىلىرىدىن بەزىلىرى مەقبۇزى ئەسلەمنىڭ قۇرۇلمىسىنى 16 بۆلەككە قويۇپ مۇنداق شېئىرلارنى يېزىپتۇ:
    يۈزۈڭ خەيالىدە زار بولدۇم،
    بېلىڭ غەمىدىن نىزار بولدۇم.
    دېدىم بۇ شىددەتدە نالە چەكمەي،
    نېتەيكى، بېئىختىيار بولدۇم.
    فەئۇلۇ فەئلۇن فەئۇلۇ فەئلۇن،
    فەئۇلۇ فەئلۇن فەئۇلۇ فەئلۇن.
    مۇتەقارىبى مۇسەممەنى مەھزۇف
    مەڭا ئەي سەنەم جەفا ئەيلەدىڭ،
    ئۆزۈڭدىن مەنى جۇدا ئەيلەدىڭ.
    فەئۇلۇن فەئۇل فەئۇلۇن فەئۇل.
    مۇتەقارىبى مۇسەددەس
    (ئالتىلىككە ئەپلىك بەھىر)
    مۇتەقارىبى مۇسەددەسى سالىم
    (مۇكەممەل ئالتىلىككە ئەپلىك بەھىر)
    يەنە ھەجر ئەرا زار بولدۇم،
    فىراقىڭدىن ئەفگار بولدۇم.
    فەئۇلۇن فەئۇلۇن فەئۇلۇن
    مۇتەقارىبى مۇسەددەسى مەھزۇف
    قەدىڭ سەرۋى ناز، ئەي يىگىت،
    سۆزۈڭ دىلنەۋاز، ئەي يىەىت.
    فەئۇلۇن فەئۇلۇن فەئۇل.
    تۆتىنچى دائىرىنىڭ ئىككىنچى بەھرى مۇتەدارىك بەھرى بولۇپ، ئۇنى "رەكزۇل- خەيل"، "سەۋتىن- ناقۇس"دەپمۇ ئاتايدۇ. ئۇ مۇنداق كېلىدۇ:
    مۇتەدارىك بەھرى
    (كېيىن قوشۇلغان بەھىر)
    مۇتەدارك مۇسەممەن
    مۇتەدارىكى مۇسەممەنى سالىم
    نە ماڭىشدۇركى تەنلەر ھەباسى ئەنىڭ،
    نە باقىشدۇركى جانلەر فىداسى ئەنىڭ.
    فائىلۇن فائىلۇن فائىلۇن فائىلۇن.
    مۇتەدارىكى مۇسەممەنى مەخبۇن
    نې سەمەند ئېكەن ئۇلكى، بۇيان سۇرەسەن،
    باشىم ئۈزرە جەفا قىلىچى ئۇرەسەن
    فائىلۇن فەئىلۇن فەئىلۇن فەئىلۇن.
    مۇتەدارىكى مۇسەممەنى مەقتۇئ
    بولمەڭ بىزغە ھەرگىز مايىل،
    نې ھالىڭ باردۇر ئەي قاتىل.
    فەئلۇن فەئلۇن فەئلۇن فەئلۇن
    مۇتەدارىكى مۇسەممەنى مەخبۇنى مەقتۇئ
    ئىشقدىن ئىشىم مۈشكىل ئەيلەدىڭ،
    ھەجرىن مەڭا قاتىل ئەيلەدىڭ.
    فائىلۇن فەئۇل فائىلۇن فەئۇل
    مۇتەدارىكى مۇسەددەس
    (مۇتەدارىكنىڭ ئالتىلىك شەكلى)
    مۇتەدارىكى مۇسەددەسى سالىم
    فۇرقەتىڭدە مەنى سورمەدىڭ،
    رەھم كۆزى بىلەن كۆرمەدىڭ.
    فائەلۇن فائىلۇن فائىلۇن.
    مۇتەدارىكى مۇسەددەسى مەخبۇن
    مەنى ئىستەمەسەڭ نېتەيىن،
    باش ئالىب قايانە كېتەيىن.
    فەئىلۇن فەئىلۇن فەئىلۇن.
    مۇتەدارىكى مۇسەددەسى مەقتۇئ
    ئەلدىن ئۇل يۈزنى ياپ،
    كۆڭلۈمنىڭ كامىن تاپ.
    فەئلۇن فەئلۇن فەئلۇن
    بەشىنچى دائىرە توققۇز بەھىر بولۇپ، ئۇنىڭدىن مۇنسەرىھ، خەفىف، مۇزارىئ، مۇقتەزەب، مۇجتەسس، مۇشاكىل، سەرىئ، جەدىد، قەرىب ئۇسۇللىرى كەلتۈرۇپ چىقىرىلغان ۋە بۇلارغا "دائىرەئى مۇجتەمىئە" دەپ نام قويۇلغان. ئۇنىڭ بىرىنچى بەھرى "مۇنسەرىھ" شۇنىڭدىن پەيدا قىلىنغاندۇر.
    مۇنسەرىھى مۇسەددەسى سالىم
    (تېز ئېيتىلىدىغان مۇكەممەل سەككىزلىك بەھىر)
    ئەي فۇرقەتىڭ مەھزۇنلەرغە جان ئولغۇچى،
    ئۇششاقنى كۆرگەن چاغدە ئوت سالغۇچى.
    مۇستەفئىلۇن مەفئۇلاتۇ فائىلاتۇن.
    خەفىفى مۇسەددەسى سالىم
    (يەڭگىل ئېيتىلىدىغان مۇكەممەل سەككىزلىك بەھىر)
    ئولغۇم ئەردى بىر لەھزە گەر كەلمەسەڭ، بىل،
    قەيدە ئېردىڭ ئەي مەھۋەشىم شەرھ قىلغىل.
    فائىلاتۇن مۇستەفئىلۇن فائىلاتۇن
    مۇزارىئى مۇسەددەسى سالىم
    ئېڭىڭ ئايدۇر، ئارەزىڭ گۈل، ساچىڭ سۇنبۇل،
    بۇلەر شەۋقىدىن ئىچەرمەن تۈنۇ كۈن مۇل.
    مەفائىيلۇن فائىلاتۇن مەفائىيلۇن.
    مۇقتەزەبى مۇسەددەسى سالىم
    كېلمەس بىزگە ئۇل كافىرى قاتىل دەمى،
    ۋەھكى، بىزنى ئۆلتۈرگۈسى ئانىڭ غەمى.
    مەفئۇلاتۇ مۇستەفئىلۇن مۇستەفئىلۇن.
    مۇجتەسسى مۇسەددەسى سالىم
    ئەي ئەرازىڭ گۈلدىن ئارتۇق گۈلشەن ئىچرە،
    سەندىن يىراق خاتىرىمدۇر شىېۋەن ئىچرە.
    مۇستەفئىلۇن فائىلاتۇن فائىلاتۇن.
    مۇشاكىلى مۇسەددەسى سالىم
    نېچە سەنسىز فىراقىڭدە فىغان ئەيلەي،
    نالە بىرلە ئۇلۇس بەغرىنى قان ئەيلەي.
    فائىلاتۇن مەفائىيلۇن مەفائىيلۇن.
    سەرىئى مۇسەددەسى سالىم
    سەندىن يىراق كۆزۈڭ ئېرۇر ھەيرانلىغى،
    ھەجرىڭ ئەرا ھەر لەھزە سەرگەردانلىغى.
    مۇستەفئىلۇن مۇستەفئىلۇن مەفئۇلاتۇ.
    جەدىدى مۇسەددەسى سالىم
    نې بەلالىغ ھەجر ئېرۇركىم زار ئولمىشەم،
    كەلكى، ئۇل كۆز ھەجرىدە بېمار ئولمىشەم.
    فائىلاتۇ فائىلاتۇ مۇستەفئىلۇن.
    قەرىيبى مۇسەددەسى سالىم
    جەمالىڭدىن قۇياش ئەسرۇ بار ئۇياتلىغ،
    ساچىڭغە بەندە باغ ئىچرە سۇنبۇل ئاتلىغ.
    مەفائىيلۇن مەفائىيلۇن فائىلاتۇن.
    ئالتىنچى دائىرىدىن ئىككى بەھىر كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان بولۇپ، بۇلارمۇ ئەجەم (فارسى) شائىرلىرىنىڭ ئەرۇزىدا كۆرۈلمەيدۇ، ئۇلاردىن بىرى كامىل بەھرى، يەنە بىرى ۋافىر بەھرى بولۇپ، ئۇلاردا مۇسەممەنى سالىم (مۇكەممەل سەككىزلىك ) بەھرىدىكى شېئىرلار كەم ئۇچىرايدۇ.
    كامىلى مۇسەممەنى سالىم
    نې خەيال ئېدى يەنەكىم، كۆڭۈل قۇشى سەيدىنى ھەۋەس ئەيلەدىڭ،
    بەدەنىمغە ھەر سارىدىن خەدەڭ ئۇرۇبان ئەڭا قەفەس ئەيلەدىڭ
    مۇتەفائىلۇن مۇتەفائىلۇن مۇتەفائىلۇن مۇتەفائىلۇن.
    ۋافىرى مۇسەممەنى سالىم
    فىراق ئوتىدىن كۆيەر بەدەنىم، تەفىدىن ئېرىب ئەقار جىگەرىم،
    غەمىم بۇدۇركى، باغلەنىبان يۈزۈڭ سارى تۈشمەغەي نەزەرىم.
    مەفائىلاتۇن مەفائىلاتۇن مەفائىلاتۇن مەفائىلاتۇن.
    يەتتىنچى دائىرىدىن تەۋىل، مەدىد، بەستتىن ئىبارەت ئۈچ بەھر كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان بولۇپ، ئۇلار ئەرەب شائىرلىرى شېئىرىيىتىگە خاس بەھىرلەردۇر. يەنى:
    تەۋىل مۇسەممەنى سالىم
    (مۇكەممەل سەككىزلىك ئۇزۇن بەھىر)
    فىراقىڭدە جان بەردىم، باشىمغە قەدەم يەتكۈر،
    ئەگەر خۇد تىرىك ئېرمەس، چۇ يالغان دېدىم ئۆلتۈر.
    فەئىلۇن مەفائىيلۇن فەئۇلۇن مەفائىيلۇن.
    مەدىدى مۇسەممەنى سالىم
    (مۇكەممەل سوزۇلغان سەككىزلىك بەھىر)
    ئەي قەدىڭدىن/ سەرۋغە/ مىڭ خىجالەت/ ھەر نەفەس،
    سەرۋى قەدىڭ/دىن مېنىڭ/ كۆڭلۈمە يۈز/ مىڭ ھەۋەس.
    فائىلاتۇن فائىلۇن فائىلاتۇن فائىلۇن.
    بەسىتى مۇسەممەنى سالىم
    (مۇكەممەل بېرىكتۈرۈلگەن سەككىزلىك بەھىر)
    ئەي سۇنبۇلۇڭ ھەلقەسى بوينۇمغە تاقىب رەسەن،
    ھەر تابىدە يۈز بەلا، ھەر تارىدە مىڭ شىكەن.
    مۇستەفئىلۇن فائىلۇن مۇستەفئىلۇن فائىلۇن.
    دائىرىگە كىرگەن بەھىرلەر ئاخىرلاشتى، يەنە بىر نەچچە ۋەزىن بولۇپ، بۇلارنىڭ بەزىسىنى فارس شائىرلىرىنىڭ كېيىنكىلىرى يازغان، بەزىلىرى ھازىرقى (نەۋايى ياشاۋاتقان- تەر) زامان شېئىرىيىتىدە نەزىم قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەرۇزغا كىرگۈزۈلمىگەن. گەرچە، ئەرۇز بەھرىگە كىرگۈزۈلمىگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئەرۇز بەھرى بىلەنكى مۇناسىبىتىنى يىراق دېگىلى بولمايدۇ. شۇ جۈملىدىن، رەمەلى مەخبۇننىڭ ھەر مىسىراسى سەككىز بۆلەك، بېيىتى (بوغۇمى) ئون ئالتە بولۇپ، خوجا ئىسمەت بۇخارىيدا كۆپ دېيىلىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكى ئۇسلۇپ بىلەندۇر.
    قامەتۇ زۇلفۇ كۆزۇ قاشۇ ئۇزارۇ خەت ئىلە خالى،
    لەبىڭ دۇركى، ئەلەرچە ئېمەس ئەي شاھى سىتەمگەر.
    فەئىلاتۇن فەئىلاتۇن فەئىلاتۇن فەئىلاتۇن.
    فەئىلاتۇن فەئىلاتۇن فەئىلاتۇن فەئىلاتۇن
    سەرۋ ئىلە سۇنبۇل نەرگىس ياڭى ئايۇ قۇياشۇ سەبزەئى،
    جەننەت كۈرەئى نافەئۇ گۈلبەرگ ئەرا شەككەر.
    فەئىلاتۇن فەئىلاتۇن فەئىلاتۇن فەئىلاتۇن.
    فەئىلاتۇن فەئىلاتۇن فەئىلاتۇن فەئىلاتۇن
    (تەييارلىغۇچىدىن ئىلاۋە: يۇقىرىقى ئىككى بېيىت مىسالدا، بىرىنچى مىسىرانىڭ ئاخىرقى بۆلىكىدىكى "خەت ئىلە خالى" ئەسلىدە "خەتلە خالى" بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا بىر بوغۇم ئېشىپ كەتكەن. ئىككىنچى بېيىت بىرىنچى مىسىرادىن بىر بوغۇم ئېشىپ كېتىپ، ئىككىنچى مىسىرادىن ئىككى بوغۇم كەم چىقىپ تەفئىلگە توشمىغان.)
    يەنە تۈرك ئۇلۇسى خۇسۇسەن چىغەتاي خەلقى ئىچىگە تارالغان بىر ۋەزىن بولۇپ، ئۇلار ناخشا- قوشاقلىرىنى شۇ ۋەزىندە تۈزۈپ سورۇنلاردا ئېيتىشىدۇ. ئەشۇلارنىڭ بىرى "تۇيۇغ" بولۇپ، ئىككى بېيىتتىن تۈزۈلۈپ، تەجنىس ئېيتىلىدۇ. بۇ ۋەزىن رەمەلى مۇسەددەسى مەقسۇر بولۇپ مۇنداق تۈزۈلىدۇ:
    تۇيۇغ
    يارەب، ئۇل شەھدۇ شەكەر يا لەب مۇدۇر،؟
    يا مەگەر شەھدۇ شەكەر يالەبمۇدۇر؟
    فائىلاتۇن فائىلاتۇن فائىلان.
    جانىمە پەيۋەستە ناۋەك ئاتقالى،
    غەمزە ئوقىن قاشىغە يالەبمۇدۇر
    فائىلاتۇن فائىلاتۇن فائىلان.
    يەنە مۇزىكىلىق ئويۇن ئۇسۇلىدا ئېيتىلىدىغان "قوشاق"لارمۇ بولۇپ، بۇ ئۇسۇل بەزى مۇزىكا كىتابلىرىدا تىلغا ئېلىنغان، بۇ ناخشا- كۈيلەر ئەرەبلەرنىڭ تۆگىچىلەر قوشاقلىرى ۋەزنى بىلەن مەدىدى مۇسەممەنى سالىمدا ئۇچىرايدۇ. ئۇنىڭ ئەسلى بۇ شەكىلدىدۇر:
    ۋەھكى، ئۇل ئاي ھەسرەتى، دەردۇ داغى فۇرقەتى،
    ھەم ئېرۇر جانىمغە ئوت، ھەم ھەياتىم ئافەتى.
    فائىلاتۇن فائىلۇن فائىلاتۇن فائىلۇن
    ئەمما بۇ گۈزەل زەمان، بەختلىك دەۋراندا بۇ قوشاقنى رەمەل مۇسەممەنى مەھزۇف ۋەزىنىگە كىرگۈزۈپ، مۇزىكا ۋە مۇزىكاشۇناسلىق ئىلمىدە زېھنى ئۆتكۈر يىگىتلەر ئاجايىپ نەغمىلەر ۋە كۈيلەر بىلەن بېزەپ، سۇلتانى ساھىبقىراننىڭ (ھۈسەيىن بايقارانىڭ- تەر) ھۇزۇرىدا ئېيتىشىدۇ. ئۇنىڭ گۈزەل ۋە يېقىملىقلىق تەسىرى، جەزبدارلىقى تەرىپكە سىغمايدۇ. بۇنى شۇ ھەزرەتنىڭ كەشپىياتى ۋە نەتىجىلىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
    شۇلاردىن بىرى مۇنداق:
    بېيت
    سەبزەئى خەتتىڭ سەۋادى لەئلى خەندان ئۈستىنە،
    خىزىر گۇيا سايە سالمىش ئابىھەيۋان ئۈستىنە.
    فائىلاتۇن فائىلاتۇن فائىلاتۇن فائىلۇن.
    يەنە "چىڭە" دەپ بىر تۈر بولۇپ، تۈرك خەلقى توي- تۈركۈنلەردە قىز كۆچۈرۈش مەرىكىلىرىدە ئېيتىدۇ. بۇ قوشاق ناھايىتى تەسىرلىك بولۇپ، ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ. بىر خىلى ھېچقانداق ۋەزىنگە چۈشمەيدۇ. يەنە بىر خىلىدا بىر بېيت ئېيتىلىدۇركى، ئۇ مۇنسەرىھى مەتۋىيى مەۋقۇف بەھرىدە بولۇپ، "يار- يار" سۆزىنى رادىف قىلىدۇ. يەنى:
    بېيت
    قەيسى چەمەندىن ئېسىپ كەلدى سەبا، يار- يار،
    كىم دەمىدىن تۈشتى ئوت جانىم ئەرا، يار- يار؟
    مۇفتەئىلۇن فائىلان مۇفتەئىلۇن فائىلان.
    تۈرك خەلقىدە يەنە بىر قوشاق بولۇپ، ئۇنى "مۇھەببەتنامە" دەپ ئاتايدۇ، ئۇ، ھەزەجى مۇسەددەسى مەقسۇر بەھرىدە بولۇپ، ھازىر تاشلىۋىتىلگەن.
    بېيت
    مېنى ئاغزىڭ ئۈچۈن شەيدا قىلىبسەن،
    مەڭا يوق قەيغۇنى پەيدا قىلىپسەن.
    مەفائىيلۇن مەفائىيلۇن مەفائىيل.
    يەنە بۇ خەلق ئارىسىدا ھەزەجى مۇسەممەنى ئەخرەبى مەكفۇفى مەھزۇف ۋەزىنىدە بىر قوشاق بار بولۇپ، ئۇنىڭ بېيىتلىرىنىڭ باشلانما مىسىراسىدىن كېيىنكى مىسراسىنى ھەمۇل بەھرىنىڭ ئىككى بۆلىكى بىلەن چۈشۈرۇپ، قوشاقنىڭ نەغمىسىگە (ئاھاڭىغا) ماس كەلتۈرىلىدۇ ۋە ئۇنى "مۇستەزاد" دەپ ئاتايدۇ.
    مۇستەزاد:
    ئەي ھۈسنۈڭە زەرراتى جەھان ئىچرە تەجەللى،
    مەفئۇلۇ مەفائىيلۇ مەفائىيلۇ مەفئۇلۇن،
    مەزھەر سەڭا ئەشيا.
    مەفئۇلۇ فەئۇلۇن.
    سەن لۇتف بىلە كەۋنۇ مەكان ئىچرە مۇۋەللى،
    ئالەم سەڭا مەۋلا.
    يەنە ئىراق تۈركمەن ئەھلىدە بىر قوشاق بولۇپ، ئۇنى "ئەرۇزۋارىي" دەپ ئاتايدۇ. ئۇنىڭ بېيىتى كۆپراق ھەزەجى مۇسەممەنى سالىمدا كېلىدۇ. يەنى،
    بېيىت
    سەقاھۇم رەببۇھۇم خەمرى دۇداغىڭ كەۋسەرىندەندۇر،
    بۇ مەينى ئىچتىكۈڭ مۇقلى ھەدىسىڭ شەككەرىندەندۇر.
    مەفائىيلۇن مەفائىيلۇن مەفائىيلۇن مەفائىيلۇن.
    يەنە رەمەلى مۇسەممەنى مەھزۇف ۋەزىنىدىمۇ ئېيتىلىدۇ:
    بېيىت
    دەۋلەتى ۋەسل ئىلتىماسى نې ھېكايەتتۇر مەڭا،
    بۇكى يادىڭ بىرلە جان بەرسەم كىفايەتتۇر مەڭا.
    فائىلاتۇن فائىلاتۇن فائىلاتۇن فائىلۇن.
    (ساز بىلەن ناخشا ئېيتىدىغان) غەزەلخانلارنىڭ كۈيلىرى ۋە ئۆزبېكلەرنىڭ بۇدى- بۇدايى ("بار ئىكەن- يوق ئىكەن" لىرى) ھېچقانداق ۋەزىنگە چۈشمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا تېگىش قىلىنمىدى. گەرچە ئەسەرلىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئەرۇز ئىلمىگە كىرمەيدۇ.
    يەنە "تۈركىي" دەپ ئاتىلىدىغان بىر قوشاق بولۇپ، ئىشرەت ئەھلىنىڭ يىغىلىشلىرىدا ئېيتىلىدۇ، "تۈركىي" سۆزى ئۇنىڭ ئالاھىدە بىر بەلگىسى بولۇپ، ئۇ ئادەتتىن تاشقىرى يېقىملىق، جانلىق كېلىدۇ. بۇ قوشاقلارنى شاھۇ- سۇلتانلار ياخشى ئېيتىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئەلنى تەربىيىلەيدۇ، ئۇلار تۈركىگۇيلۇق نامى بىلەن مەشھۇردۇر. بۇ قوشاق رەمەلى مۇسەممەنى مەقسۇر ۋەزىنىدە كېلىدۇ.
    بېيت
    ئەي سەئادەت مەتلەئى، ئۇل ئارەزى ماھىڭ سېنىڭ،
    ئەھلى بىينىش قىبلەگاھى خاكى دەرگاھىڭ سېنىڭ.
    فائىلاتۇن فائىلاتۇن فائىلاتۇن فائىلان.
    ھەزرەتى سۇلتان ساھىبقىران بۇ ۋەزىننىڭ غايەت راۋانلىقى ۋە گۈزەل- نەفىسلىكىدىن، يېقىملىقلىقىدىن ئۆز دېۋانلىرىنى بارلىق دېۋانلار ئارىسىدا تەندىكى جاندەك، ۋە يۇلتۇزلار ئارا قۇياش نۇرىدەك نەمايان قىلىپ، باشتىن- ئاياغ مۇشۇ ۋەزىندە تۈزگەن ئىدى.
    بۇ ماقالىدىن غەرەز ۋە بۇ مۇقەددىماتتىن مەقسەت شۇكى، نەزىملەر تۈرك تىلى بىلەن يېزىلغانبولۇپ، ئۇنىڭ قائىيدە- قانۇنلىرى يوق ئىدى. شۇنداقلا، ئۇ پەننىڭ رىۋاجى ئۈچۈن بىرەر كىم ئەرۇز ئىلمىدە كىتاب ياكى رىسالىمۇ يازمىغان. بۇ ئاجايىپ ياخشى زاماندا، زامان پادىشاھى دېۋان تۈزۈپ، مۇبارەك خاتىرىلىرىنى شېئىر ۋەزىنىگە قارىتىپ، بېيىت بۆلەكلىرىنىڭ ئۆلچىمىنى ئايرىپ چىقتى. بۇ جەھەتتىن شېئىرنىڭ مەرتىۋىسى يەتتە قات ئاسماندىن ئېشىپ، بەيتۇل ھەرەمگە يەتتى. رۇشەنكى، زېھنى ئۆتكۈر قابىلىيەت ئىگىلىرى، شاھزادىلەر بۇ ئىپتىخارلىق ئىلىم بىلەن مەشغۇل بولۇپ كەلدى. بەھىرلەر مىزانى، ئۆلچىمى، ۋەزىن بۆلەكلىرىنىڭ ئۆلچەم دائىرىسىگە ئائىت ئىلىملەردە ئەرەب، فارس شائىرلىرى بەزى كىتابلارنى يېزىپتۇ، بۇلارسىز بۇ ئىلىمدىن ۋاقىپ بولغىلى بولمايدۇ. بۇ ئىبارىلەر شېئىرلاردا يوق بولۇپ، سۇلتانۇسسەلاتىننىڭ مۇبارەك خاتىرىلىرى يۈزىسىدىن بۇ بىر كىتابنىڭ ئىپتىداسى بولۇپ قالغاي دېگەن سەۋەپ بىلەن بۇ ئىلىمنىڭ قائىيدە قانۇنلىرىغا قەلەم تەۋرىتىلدى.
    بۇ ئىلىم ئەھلىدىن شۇنى ئىلتىماس قىلىمەنكى، ھەر قايسى جايلىرىدا خاتالىق ۋە سەھۋەنلەر بولسا ئېتىراز بىلەنلا ئۆتمەي، ئىسلاھ قەلىمى بىلەن تۈزەتكەيلا.
    رۇبائىي
    تا چەرخ دەۋايىرىدىن ئولغەي ئەييام،
    تا شېئىر خەيالاتىغە يوقتۇر ئەنجام،
    تا بەيت تەراكىبىدە بولغەي ئىبھام،
    تاپسۇن نەزمىڭ بىلە جەھان ئەھلى نىزام.
    ئىزاھلار
    l نەۋائىينىڭ بۇ ئەسىرى تۈركىگوي خەلقلەرنى ئەرۇز ئىلمىدىن بەھرىمەند قىلىش نىيىتىدە يېزىلغان. شائىر ئەنئەنىۋىي ئەرۇزغا تۈركىي شېئىرىيىتىگە خاس بولغان ۋەزىنلەرنى، ئۇلارنىڭ بەھرلىرىنى قوشتى.
    "مېزانۇل- ئەۋزان" دىن ئىلگىرى شەيىخ ئەھمەد تەرازىنىڭ "فۇنۇنى بەلاغە"، كېيىن " بابۇرنىڭ "رىسالەئى ئەرۇز" ى تۈركىي تىلىدا يېزىلغان.
    مىزانۇل ئەۋزان" 1993- يىلى پىراف. كامال ئەرسلان تەرىپىدىن تۈركىي تىلىدا نەشىر قىلىنغان نەۋائىي كۇللىياتىنىڭ 14- كىتابى سۈپىتىدە بېسىلىپ چىقتى. ئۇنىڭدىكى قىسقا مەلۇماتنامىدا نەۋائىينىڭ ھاياتى، ئەدەبىي پائالىيىتى ۋە ئەسەرلىرىنىڭ سانى بېرىلدى. ئەسەرلەرنىڭ سانىقىدا "زۇبدەتۇل- تەۋارىخ"، مۇ بار، لېكىن، بۇ نەۋائىينىڭ ئالاھىدە ئەسىرى بولماستىن، "تارىخى ئەنبىيا ۋە ھۆكۈما"، "تارىخى مۇلۈكى ئەجەم" گە شائىر بەرگەن ئومۇمى نامدۇر.
    كىرىش سۆزىدە كامال ئەرسلان ئەرۇز ۋە ئەرۇز ئىلمى، بۇ ساھەدىكى نەۋائىي خىزمىتى ھەققىدە، جاھان خەزىنىلىرىدىكى "مىزانۇل ئەۋزان" نىڭ قوليازمىلىرى ھەققىدە مەلۇماتلار بەردى. ئەسەر تېكىستى ئاخىرىدا نۇسقىلاردىكى پارچىلار (3 بەت)، تېكىستىنىڭ ھازىرقى تۈرك تىلىغا ئاغدۇرۇلغان تېكىستى، ئەرۇز ۋەزىنلىرى (5 بەت)، ئەرۇز ئەتەمەلىرى (71 بەت) بېرىلگەن.
    2. خەلىل ئىبن ئەھمەد (175\791) ئەرۇز ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى. ئەرۇزغا ئائىت ئەسىرى: "كىتابۇل ئەين" دەپ ئاتىلىدۇ. بىر رىۋايەتكە قارىغاندا ئۇ ئەرۇز ھەققىدىكى ئەسىرىنى مەككىدە، باشقىسىنى بەسىرەدە يازغان دېيىلىدۇ.
    3. شەمس قەيس- شەمسۇددىن مۇھەممەد بىن قەيس رازىي (628\1230- 31)ئىراننىڭ رەي شەھىرىدە تۇغۇلغان. ماۋارەئۇننەھر، خۇراسان، خارەزىم، بۇخارە، مەرۋى، ئىراقتا ياشىغان. موڭغۇللار ئىستىلاسى يىللىرىدا سەرسان سەرگەردانلىقتا مۇشەققەت چەككەن. "ئەل- موئجەم ئەسىرى مەشھۇر بولغان.
    4. خوجا نەسر تۈسى (595\1200-1201- 672\- 1273 – 1274 ) "ئەساسۇل- ئىقتىباس" ۋە "مەئيارۇل- ئەشئار" ناملىق ئەرۇزغا ئائىت ئەسەرلىرى بار.
    5. مەخدۇمى نۇرەن- ئابدۇرەھمان جامىينىڭ لەقەبى.
    6. "ئەل ئىمران" سۈرىسى 92- ئايەت، تەرجىمىسى: "ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلاردىن سەرپ قىلمىغىچە (يەنى ماللىرىڭلارنىڭ ياخشىسىنى سەدىقە قىلمىغىچە) ھەرگىز ياخشىلىققا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشەلمەيسىلەر، (ئاللاھنىڭ يولىدا) نېمىنى سەرپ قىلماڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر."
    7. "مۇرسەلەت" سۈرىسى 1- 2- ئايەتلەر، تەرجىمىسى: "ئارقىمۇ- ئارقا چىققۇچى (لەرزان) شاماللار بىلەن قەسەمكى، قاتتىق چىققۇچى بورانلار بىلەن قەسەمكى،"
    8. "ساد ۋە زۇمەر سۈرىلىرى 50- ۋە 70- ئايەتلەر. تەرجىمىسى: "(ئۇ) تۇرالغۇ بولغان جەننەتلەردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارغا ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى ئوچۇقتۇر." " جەننەتكە كىرىڭلار، (ئۇنىڭدا) مەڭگۈ قېلىڭلار،"
    (ئىزاھاتقا ئىزاھ: مەزكۈر ماقالىدا، "زۇمەر سۈرىسىنىڭ 70- ئايىتى" دېيىلگەندىكى ئايەت ئەمەلىيەتتە 73- ئايەت بولۇپ، سىلاۋىيان نۇسقىسىدا ئىزاھلىغۇچى ئايەتنىڭ تەرتىپىدە ئېزىققان- تەييارلىغۇچى)
    9. بۇ ھەدىس ئەمىر خۇسراۋ دېھلەۋىينىڭ كىتابى 311- بەتتىكى ئىزاھقا قاراش ھاۋالە قىلىنغان.
    10. ئەمىر ئەل موئمىنىن ئەلى- ھەزرەت ئەلى ئبنئەبۇ تالىب (661- يىلى قەتل قىلىنغان) مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ كۇيوغلى. ئۇ "خۇلەفا ئەر راشىدىن" دەپ ئاتالغان چاريارلار ئىچىدىكى دەسلەپكى تۆت خەلىفەنىڭ تۆتىنچىسى. ئىسلامدىكى ئىككى ئاساسى مەزھەبنىڭ بىرى "شىئە" مەزھىبىنىڭ ئىمامى.
    تۈگىدى
Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى