پور-باجىن ئۇيغۇر قەدىمىي قەلئە خارابىسى
-
پور-باجىن ئۇيغۇر قەدىمىي قەلئە خارابىسى
ۋاقتى: 2015-04-24 ئاۋاتلىقى: 4476 قېتىميانفوندا كۆرۈش
پور-باجىن ئۇيغۇر قەدىمىي قەلئە خارابىسى
رۇسىيەنىڭ تۇۋا جۇمھۇرىيىتىدىكى تېركۆلىدە پور-باجىن ناملىق بىر قەدىمىي قەلئە خارابىسى بار. ئۇ تاڭ سۇلالىسى ئۇسلۇبىدىكى قەلئە بولۇپ، ئەينى دەۋىردە شۇ يەردە ياشىغان ئۇيغۇرلار بىنا قىلغان. بۇ خارابىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى تۆت گېكتار بولۇپ، رۇسىيە-موڭغۇلىيە چېگراسىدىن بىرقانچە ئون كىلومېتىر يىراقلىقتا. ئارخېئولوگلار بۇ يەردە چاسا شەكىلدىكى ئىمارەتلەرنىڭ ئۇلى، جۈپ-جۈپ پەلەمپەيلەر، تۈۋرۈكلۈك قۇرۇلمىلار، نەقىشلىك لىم قۇرۇلمىلار، كاھىش پارچىلىرى قاتارلىق تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئىمارەتلەر ئۇسلۇبىدىكى خارابىلىكنى بايقىغان. ئارخېئولوگلار يۇقىرىدىكى بايقاشقا ئاساسەن، بۇ قەلئەنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياتلىق قىلىنغان تاڭ پادىشاھى مەلىكىسىنىڭ ئوردىسى ئىكەنلىكىنى قىياس قىلدى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر قاغانى تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئۆڭلۈك-سۆيگىن توپىلىڭىنى تىنچىتىشىغا ياردەم بەرگەنلىكتىن، تاڭ پادىشاھى قىزى نىڭگو مەلىكىنى ئۇيغۇر قاغانىغا ياتلىق قىلغان. نىڭگو مەلىكە ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى مىلادى 758-يىلى ئۇيغۇربالىق (ھازىرقى موڭغۇلىيە زېمىنىدا)قا بارغان.
پور-باجىن قەدىمىي قەلئە خارابىسىنىڭ تەقلىدىي كۆرۈنۈشى
پور-باجىن قەدىمىي قەلئە خارابىسى 1891 – يىلى بايقالغان، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئارخېئولوگلىرى 20 – ئەسىرنىڭ 50-، 60-يىللىرىدا بۇ يەردە ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ، قەلئە ئىگىسىنىڭ سالاھىيىتى توغرىسىدىكى سىرنى ئاچالمىغان. خارابىدىن يەر تەۋرەش ھەم ئوت ئاپىتى ئىزنالىرى بايقالغان، پور-باجىن قەدىمىي قەلئەسى يەر تەۋرەشتىن كېلىپ چىققان ئوت ئاپىتىدە ۋەيران بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەرنىڭ قىش پەسلى ئىنتايىن سوغۇق، ئەمما پور-باجىندىن ئىسسىنىش سىستېمىسى بايقالمىغان، بۇ، مەزكۇر قەلئەنىڭ پۈتۈپ ئۇزاق ئۆتمەيلا تاشلىۋېتىلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. مەزكۇر خارابىنىڭ ئىشلىتىلگەن ۋاقتى قىسقا، قەلئە ئۆيلىرى كىچىك، يەككە، يەنە كېلىپ بىر-بىرىگە ئوخشىشىپ كەتكەچكە، بەزى مۇتەخەسسىسلەر پور-باجىن قەدىمىي قەلئەسىنى ئۇيغۇر قاغانى بۆگۈ تېكىن ياساتقان مانى دىنى ئىبادەتخانىسى بولۇشىمۇ مۇمكىن، دەپ قىياس قىلماقتا.
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (28)
2015-03-01 23:07:263786بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قىسقىچە تارىخى
2015-04-29 12:55:464548‹‹دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى››نىڭ تارىخى
2015-04-15 18:16:0447012400 يىل ئىلگىرىكى سۇيۇقئاش
2015-02-10 12:17:143409داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (32)
2015-03-01 23:16:513595ئاجايىپ قىزىقارلىق ھاجەتخانا بەلگىلىرى
2015-07-13 17:43:573915ئوباما بۇلتۇر 477 مىڭ دوللار كىرىم قىلدى
2015-04-16 11:02:113852مەشھۇر كومېدىيە چولپىنى چارلېز چاپلىننىڭ نادىر ن
2016-07-15 13:26:291303
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-