نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

2400 يىل ئىلگىرىكى سۇيۇقئاش

2400 يىل ئىلگىرىكى سۇيۇقئاش

ۋاقتى: 2015-02-10 ئاۋاتلىقى: 3439 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

2400 يىل ئىلگىرىكى سۇيۇقئاش

ئابلىز مۇھەممەت سايرامى

    1992 – يىل 3 – ئايدا، ئارخېئولوگىيە خادىملىرى پىچان ناھىيەسىنىڭ تۇيۇق يېزىسى سۇ بېشى كەنتىدىكى سۇ بېشى قەدىمكى قەبرىستانلىقىنى قازغاندا، 11 – نومۇرلۇق قەبرىدىن ساپال ھېجىرىغا ئۇسۇپ قويۇلغان قۇرۇپ كەتكەن سۇيۇقئاشنى بايقىغان. سۇيۇقئاش تېرىق ئۇنىدا قىلىنغان بولۇپ، چۆپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 8.5 سانتىمېتىر ئەتراپىدا ئىكەن. ئىنسانىيەت يېمەك – ئىچمەك مەدەنىيىتى تارىخىدىكى بۇ زور بايقىلىش 2011 – يىللىق دۇنيا ئارخېئولىگىيەسىدىكى ئون چوڭ بايقاشنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.
    سۇ بېشى قەدىمكى قەبرىستانلىقىنى قېزىشقا يېتەكچىلىك قىلغان شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى – ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى لۈ ئېنگونىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قەدىمكى قەبرىگە 40 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر ئەر، بىر ئايال دەپنە قىلىنغان، دەپنە بۇيۇملىرىدىن ساپال قاچا، ياغاچ، تۆمۈر، تاشتىن ياسالغان ئىشلەپ چىقىرىش ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى، ھەر خىل يېمەكلىكلەر بىلەن ئۆسۈملۈك ئۇرۇقلىرى تېپىلغان. قەبرىدىكى ئەر – ئايالغا قوي تېرىسىدىن تىكىلگەن چاپان – ئىشتان، باشلىرىغا ئۇچلۇق تۇماق كىيدۈرۈلگەن. بۇ قەبرىگە قويۇلغان ساپال قاچىلارغا تېرىق، پىشلاق قاتارلىق يېمەكلىكلەر قويۇلغان.
    2008 – يىلى كورېيەدىكى بىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تۇرپاندىن تېپىلغان 2400 يىل ئىلگىرىكى دەۋرگە خاس سۇيۇقئاشتىن خەۋەر تېپىپ مەخسۇس فىلىم ئىشلىگەن. كورېيەلىكلەر ئۇنى ‹‹لەڭمەن›› دەپ ئاتىغان.
    تەتقىقاتچى لۈ ئېنگۇ بۇ قەدىمكى‹‹ لەڭمەن ›› ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق يازغان: ‹‹لەڭمەن (سۇيۇقئاش) نىڭ بايقىلىشى 2400 – 2500 يىللار ئىلگىرى سۇ بېشى ئەتراپىدا ياشىغان يەرلىك خەلقنىڭ يېمەك – ئىچمەك ئادىتىنى تەتقىق قىلىشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە. سۇيۇقئاش بايقالغان بۇ قەبرىدىن يەنە بىر قاچىغا قويۇپ قويۇلغان نان بايقالدى. بۇمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئىلمىي قىممەتكە ئىگە››.
تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى