نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

بوۋىقىنى سېتىۋەتكەن ئىككى ئۇيغۇر قىزى

بوۋىقىنى سېتىۋەتكەن ئىككى ئۇيغۇر قىزى

ۋاقتى: 2015-03-05 ئاۋاتلىقى: 3825 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بوۋىقىنى سېتىۋەتكەن ئىككى ئۇيغۇر قىزى

توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي

ئەسكەرتىش: بۇ يازما ھەقىقىي پاراڭلار ئاساسىدا يېزىلدى
    ھازىر جەمئىيەتتە ئۇيغۇر قىزلىرى ئارىسىدا ئوغۇللار بىلەن نىكاھسىز بىللە تۇرىدىغان، ھامىلدار بولۇپ قالسا، بوۋاقلىرىنى ئېلىشىغا سېتىۋېتىپ، كېلىشىگە مانتا يەيدىغان ئىشلار ئاۋۇپ قاپتۇ. بۇ يازمىدا يېقىندا ئايالىم بىلەن پاراڭلاشقان، نىكاھسىز تۇغۇلغان بوۋاقلىرىنى ئېلىشىغا سېتىۋەتكەن ئىككى ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئىشلىرى قىسقىچە بايان قىلىنىدۇ.
    بىرىنچى قىزنىڭ پارىڭى
    ئايالىم يېقىندا ئۈرۈمچى شياۋشىمىن سودا بازىرىغا كىيىم سېتىۋالغىلى بېرىپ، دۇكاندىكى بىر قىز بىلەن پاراڭلىشىپ قالغان، ئايالىمنىڭ دېيىشىچە، ئۇ قىز بىر بالا بىلەن مۇھەببەتلەشكەن ھەمدە نىكاھسىز بىللە تۇرغان، نەتىجىدە قىزنىڭ بويىدا قالغان. قىزنىڭ قورسىقىدىكى بالا نەچچە ئايلىق بولغاندا، يىگىت يۇرتىغا قايتىپ، قىز بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزگەن. قىز ئۇ دوستىنىڭ ئۆيىدە بىر نەچچە كۈن، بۇ دوستىنىڭ ئۆيىدە بىر كۈندىن تۇرۇپ ئاخىرى دوختۇرخانىدا تۇغقان ھەمدە بالىسىنى پەرزەتلىك بولالمىغان بىر ئەر - ئايالغا خېلى جىق پۇلغا سېتىۋەتكەن. دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن قىز يەنە ئۆزىنىڭ ئىش ئورنىغا بېرىۋەرگەن ھەمدە ئويۇن - تاماشاسى بىلەن بولۇۋەرگەن.
ئۇ قىز بۇ ئىشلارنى ئايالىمغا بەئەينى شۇنچىلىك نورمال بىر ئىشتەك ئېچىلىپ - يېيىلىپ سۆزلەپ بەرگەن.
    ئىككىنچى قىزنىڭ پارىڭى
    ئايالىم 2014-يىلى 18-نويابىر نەنمېن يەر ئاستى سودا بازىرىدىن كىيىم ئېلىش جەريانىدا 20 ياشلاردىكى بىر قىز بىلەن پاراڭلىشىپ قالغان. ئايالىمنىڭ دېيىشىچە، ئۇ قىز 20 ياشلاردىكى ئۈرۈمچىدىن باشقا يۇرتلۇق بولۇپ، مەكتەپتە ئوقۇيدىكەن، قىزنىڭ ئوغۇل دوستىمۇ مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىكەن. ئىككىيلەن بىللە تۇرغان ھەمدە قىزنىڭ بويىدا قالغان. قىزنىڭ بويىدا قالغاندىن كېيىن مەكتەپتىن قوغلىنىپ، مەلۇم بىر يەردە ئىشلەشكە باشلىغان. قىزنىڭ ئاي - كۈنى يېقىنلاشقاندا، يىگىتنىڭ ئانىسى بۇ ئىشنى بىلگەن، لېكىن قىزغا: «ئوغلۇمنىڭ ئوقۇشى پۈتمىدى، توي قىلىپ بېرەلمەيمەن، بالىنىمۇ باقالمايمەن، ئالغۇزۋېتىڭ» دېگەن. نەتىجىدە قىز ئۆزى يالغۇز دوختۇرخانىدا تۇغقان ھەمدە بوۋىقىنى ئازراقلا پۇلغا سېتىۋەتكەن. 
    قىز تۇغۇپ ئىككىنچى كۈنىلا دوختۇرخانىدىن چىقىپ، ياسىنىپ - تارىنىپ، بولۇشىغا گىرىم قىلىپ، ئىش ئورنىغا بېرىۋەرگەن. ئىشلەش جەريانىدا نەچچە قېتىم ئەمچەكلىرىدىن سۈتلەر ئېقىپ كەتسىمۇ، سۈرتۈۋېتىپ ئىشىنى قىلىۋەرگەن. بۇ قىز ئۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى يىپىدىن يىڭنىسىگىچە شۇنچىلىك تەپسىلىي، ئېنىق، شۇنچىلىك زوق-شوخ بىلەن سۆزلەپ بەرگەن. ئايالىم ئاغزىنى ئېچىپ ھاڭ - تاڭ قالغان، تالايلىغان ئەر - ئاياللار پەرزەتلىك بولالماسلىقى ۋەجىدىن ئائىلىسىنى ۋەيران قىلماقتا ياكى ئۇرۇش - جېدەل ۋە داۋالىنىش بىلەن كۈن ئۆتكۈزمەكتە.
    جەمئىيىتىمىزدە ئاز بىر قىسىم ئوغۇل - قىزلار مانا مۇشۇنداق نامى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىدىغان ئۇيغۇر ئوغلانلىرىنىڭ، قىزلىرىنىڭ شانۇ - شەۋكەتلىك ئوبرازىغا داغ چۈشۈرمەكتە. ئۆزلىرىنىڭ ئەقىدە - ئىخلاسىنى، ئەخلاق - ھاياسىنى، ئىنساپ - دىيانىتىنى پايخان قىلماقتا، يىگىتلىك غۇرۇرىنى، قىزلىق لاتاپىتىنى، قەدىر - قىممىتىنى بىر تىيىنغا ئەرزىمەس نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويماقتا. ئەي قېرىنداشلىرىم، بىز مۇدھىش چۈشتىن ئويغىنىپ ئۆز ئەسلىمىزنى تېپىۋالايلى، ھەممىمىز بىرلىكتە ئاشۇنداق ئازغۇنلۇق كوچىسىدىكى ياشلىرىمىزغا ھىدايەت تىلەيلى.

Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى