دوختۇرخانا باشلىقى ۋە كومپيۇتېر رېمونتچىسى
-
دوختۇرخانا باشلىقى ۋە كومپيۇتېر رېمونتچىسى
ۋاقتى: 2015-03-11 ئاۋاتلىقى: 4149 قېتىميانفوندا كۆرۈش
دوختۇرخانا باشلىقى ۋە كومپيۇتېر رېمونتچىسىمەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
مۇھەررىر: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ كومپىيۇتېرى بۇزۇلۇپ قېلىپ بىر چوڭ رېمونخانىغا ئېلىپ بېرىپتۇ.رېمونتخانىدىكى خادىم: OK ، كومپيۇتېرنى ئېچىش ھەققى 50 يۈەن.دوختۇرخانا باشلىقى: نېمىشقا رېمونت قىلمايلا ئاۋۋال پۇل تاپشۇرىمەن.رېمونتخانىدىكى خادىم: بۇ رېمونتخانىمىزنىڭ قائىدىسى، سىلەرنىڭ دوختۇرخاناڭلارنىڭمۇ كېسەل كۆرسەتمەي تۇرۇپلا ئاۋۋال نومۇر ئالىسىلەرغۇ؟دوختۇرخانا باشلىقى گەپ قىلالماي 50 يۈەن تاپشۇرۇپتۇ.رېمونتخانىدىكى خادىم: ياخشىمۇسىز، كومپيۇتېرىڭىزنىڭ قەيىرىدىن چاتاق چىقتى؟دوختۇرخانا باشلىقى: شۇ سۈرەتلەر چىقمايۋاتىدۇ، ھېچقانداق ئىنكاس يوق.رېمونتخانىدىكى خادىم: قارىغاندا كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ئىچكى قىسمىدا مەسىلە كۆرۈلگەن ئوخشايدۇ، ئىچكى بۆلۈمدە ئوڭشاتسىڭىز بولىدىغان ئوخشايسىز، سىز ئادەتتىكى تېخنىكقا كۆرسىتەمسىز ياكى ئالىي تېخنىكىمىزغا كۆرسىتەمسىز، ئادەتتىكى تېخنىكنىڭ رېمونت ھەققى 20 يۈەن، ئالىي تېخنىكنىڭ 30 يۈەن.دوختۇرخانا باشلىقى: شۇ كومپىيۇتېرنى ئوڭشاشقۇ؟ ياساپ بەرسەڭلارلا بولدى، مېنىڭ ئۇنداق ئادەتتىكى تېخنىك، ئالىي تېخنىك بىلەن كارىم نېمە؟.رېمونتخانىدىكى خادىم: ئوخشىمايدۇ، ئالىي تېخنىكنىڭ تېخنىكىسى يۇقىرى، ھەر قانداق بۇزۇلغان كومپيۇتېرلارنى رېمونت قىلالايدۇ، رېمونتتىن كېيىن قايتا بۇزۇلۇش نىسبىتى تۆۋەن، لېكىن رېمونت ھەققى سەل يۇقىرراق، شۇڭا خېرىدار سىز ئۆزىڭىز تاللايسىز.دوختۇرخانا باشلىقى: مېنىڭ كومپيۇتېرىمدا مەسىلە ئۇنچە مۇرەككەپ ئەمەس، ئادەتتىكى تېخنىك ئوڭشىسىلا بولىدۇ.رېمونتخانىدىكى خادىم: ئەمىسە ياخشى، 20 يۈەن رېمونت ھەققى تۆلەڭ.دوختۇرخانا باشلىقى: نېمە ئۈچۈن رېمونت قىلماي تۇرۇپلا پۇل تۆلەيمەن؟رېمونتخانىدىكى خادىم: بۇ رېمونتخانىمىزنىڭ تۈزۈمى، سىلەرنىڭ دوختۇرخانىمۇ شۇنداققۇ، كېسەل كۆرمەي تۇرۇپلا پۇل تاپشۇرىدىغۇ؟دوختۇرخانا باشلىقى گەپ قىلالماي قېلىپ، ئاخىرى 20 يۈەننى تاپشۇرۇپ، كومپىيۇتېرنى كۆتۈرۈپ ئىچىدىكى ئۆيگە ئېلىپ كىرىپتۇ. تېخنىك كومپيۇتېرنى بىر قۇر تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئۈچ پارچە تالوننى كېسىپ دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ تۆلىشىگە تاپشۇرۇپتۇ:1. ئۇنىۋېرسال ئۆلچىگۈچلۈك ئەسۋابتا تەكشۈرۈش 20 يۈەن.2. دولقۇن كۆرسەتكۈچتە تەكشۈرۈش 50 يۈەن.3. تەسۋىر كۆرسەتكۈچتە تەكشۈرۈش 80 يۈەن.دوختۇرخانا باشلىقى ھەيران بولۇپ سوراپتۇ: نېمە ئۈچۈن خېرىداردىن بۇنداق ئۆلچەش ھەققى ئالىسىلەر، بۇ سىلەرنىڭ رېمونت تېخنىكىڭلارغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈنمۇ؟تېخنىك: توغرا، بىزنىڭ تېخنىكلارمۇ بۇرۇن ئۆزىنىڭ تەجرىبىسىگە ئاساسەن ئاۋۋال ‹‹كۆرۈش، پۇراش، سوراش، تۇتۇش، ئاڭلاش›› قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلاتتى، ھازىر پەن تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ھەرقانداق تەكشۈرۈش ئەسۋابى بار، تېخنىكلارمۇ ئەسۋابلار ئارقىلىق توغرا بولغان ھۆكۈمنى چىقىرىدۇ، شۇنداقلا ھازىر ئېنىق ئەمەس بولغان مەسىلىلەرنىمۇ تېپىپ چىقالايدۇ. يەنە بىز بۇ تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرىغا نۇرغۇن مەبلەغ سالغان، شۇڭا بىز مۇۋاپىق ھالدا ھەق ئالىمىز. سىزنىڭ ھەر ھالدا ياخشى، باشقا ئەسۋابلارنى ئىشلەتمىدۇق، ئالدىنقى قېتىم بىر خېرىدار بىر كومپيۇتېرنى ئېلىپ كەپتىكەن، بىز تور ئارقىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ باردۇق، ئۇ بىر تۈرنىڭلا تەكشۈرۈش ھەققى 150 يۈەن، ئۇ خېرىدارمۇ تەكشۈرتتى. بىز ھەر ۋاقىت خېرىدارلارنى ئويلايمىز، ئامال بار ئازراق تەكشۈرۈش قىلىمىز، بۇمۇ خېرىدارلارنىڭ پۇلىنى تىجەپ قېلىش ئۈچۈن. سىز تەكشۈرتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، لېكىن بىز رېمونت داۋامىدا خاتا دىياگنوز قويۇپ قېلىپ زاپچاس ئالماشتۇرساق ئوخشاشلا خېرىدارلار زىيادە چىقىمدار بولۇپ قالمامدۇ، بۇ تەكشۈرۈشلەرنى قىلمىسىڭىز ئىختىيارىڭىز، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا سىزنىڭ ۋاقتىڭىز زايا بولىدۇ.دوختۇرخا باشلىقى 150 يۈەن تەكشۈرۈش ھەققى تاپشۇرۇپتۇ، تېخنىك يېرىم سائەت تەكشۈرۈپ، بىر پارچە توك يولى خەرىتىسىنى بېسىپ چىقىرىپتۇ، ئۇنىڭدا بىر ئۈچ قۇتۇپلۇق لامپىنىڭ كۆيگەنلىكى چىقىپتۇ، تېخنىك بىر نەچچە مىنۇت ھەپىلىشىپ، ئىككى يۈەنلىك ئۈچ قۇتۇپلۇق لامپىنى ئالماشتۇرۇپ كومپيۇتېرنى ئوڭشاپ بېرىپتۇ.تېخنىك بېسىپ چىقارغان توك يولى خەرىتىسىنى دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپتۇ ۋە يەنە بىر پۇل تاپشۇرۇش تالونىنى كۆرستىپتۇ ۋە دوختۇرخانا باشلىقىغا بېسىپ چىقىرىش ھەققى ئۈچۈن 8 يۈەن ئاپتۇ.دوختۇرخانا باشلىقى بۇنى چۈشەنمەي: بېسىپ چىقىرىش ھەققىنىمۇ مەن تۆلەمدىم؟ ـــ دەپ سوراپتۇ.تېخنىك: شۇنداق، بۇ بۇ يەرنىڭ قائىدىسى، بېسىپ چىقىرىش ھەققىنى خېرىدار ئۆزى تۆلەيدۇ، ھېلىقى توك يولى خەرىتىسىنى سىزگە بەرگەندىمەن؟ ـــ دەپتۇ.دوختۇرخانا باشلىقى: لېكىن مەن بۇ خەرىتىنى چۈشەنمىسەم؟تېخنىك: سىلەرمۇ دوختۇرخانىدا بىمارلارنى B تىپلىق ئولتىرا بىنەپشە نۇر(B超)دا تەكشۈرۈسىلەر، ئوخشاشلا بىمارلار ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنى چۈشەنمەيدىغۇ؟ بۇ دېگەن كەسپىي قائىدە.دوختۇرخانا باشلىقى ئامالسىز قېلىپ پۇلنى تاپشۇرۇپتۇ.ئەڭ ئاخىرىدا تېخنىك دوختۇرخانا باشلىقىغا: بىزنىڭ ھەممە ئىشلىرىمىزنى كومپيۇتېردا باشقۇرۇلىدۇ، سىز مۇلازىمەت سۇپىسىغا بېرىپ مالنى ئېلىۋېلىڭ، ـــ دەپتۇ.مۇلازىمەت سۇپىسىدىكىلەر دوختۇرخانا باشلىقىغا بىر پۇل تاپشۇرۇش تىزىملىكى بېرىپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇنۇلار يېزىلغانىكەن: مال باھا ئىدارىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، دۇكىنىمىز تۈرلەرگە ئايرىپ ھەق ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويدۇق، خېرىدارلارنىڭ ئىستېمال ئەھۋالىنى ئېنىق بىلىۋېلىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ، سىزنىڭ بۇ قېتىملىق رېمونتقا كەتكەن ھەققىڭىز تۆۋەندىكىچە:35W لۇق ئاقنۇر ماركىلق داغمال ئىشلىتىش ھەققى (بۇزۇش، داغماللاش بىر قېتىمدىن): 10 يۈەنبىر قېتىملىق داغمال بېشىنى تازلاش قەغىزى: 2 يۈەنسۈمۈرۈش ئەسۋابىنى ئىشلىتىش بىر قېتىم: 5 يۈەن0.8 مۇھىت ئاسرايدىغان 10 گىراملىق قەلەي سىم: 5 يۈەنئۇچ قۇتۇپلۇق لامپا پۇتىنى ئۇلاش ئەسۋابى: 5 يۈەنداغماللىغاندىن كېيىن داغمالنى يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ھەققى: 5 يۈەنئۇچ قۇتۇپلۇق لامپىنى ئېلىش ۋە داغمال تاختىسىنى تازىلاش قاتارلىق ھەقلەر: 20 يۈەنجەمئىي: 54 يۈەندوختۇرخانا باشلىقى بۇنى كۆرۇپ ھوشىدىن كېتىشكە ئاز قاپتۇ، دوختۇرخانا باشلىقى جەمئىي 282 يۈەن خەجلەپ ئوڭشاتقان كومپيۇتېرغا ئاران 2 يۈەن قىممىتىدىكى زاپچاسنى ئالماشتۇرۇپ بېرىپتۇ.Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
13 نەپەر پەن-تېخنىكا ماگناتىنىڭ بايلىقى
2015-06-17 11:11:064272ھۆسنخەت نۇسخىلىرى: تۈز خەت نۇسخىسى
2015-05-11 17:32:554781‹‹ۋۇ سوڭ›› ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ۋە جۇ يەنپ
2015-02-27 15:46:423257ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى سېۋەت توقۇش ھۈنىرى
2015-03-06 13:04:144241‹‹غازاد››قا ماڭغان 109 كىشى قايتۇرۇپ كېلىندى
2015-07-13 16:29:153627‹‹دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى››نىڭ تارىخى
2015-04-15 18:16:044747يىپەك يولىدىكى قەدىمىي شەھەر – – توقسۇ
2015-02-05 11:45:433320دىلغا ھۇزۇر گۈل-چىمەنلەر (2)
2015-04-20 15:47:013511
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-