نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

‹‹غازاد››قا ماڭغان 109 كىشى قايتۇرۇپ كېلىندى

‹‹غازاد››قا ماڭغان 109 كىشى قايتۇرۇپ كېلىندى

ۋاقتى: 2015-07-13 ئاۋاتلىقى: 3586 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

جۇڭگو ساقچىلىرى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىن «غازات»قا قاتنىشىش ئۈچۈن چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەن بىر تۈركۈم كىشىنى قايتۇرۇپ كەلدى

مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى، تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى 

 

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئىيۇل تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ج خ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو ساقچىلىرى 9 - ئىيۇل تايلاندتىن چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەن كىشىلەردىن ۋە چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە تەشكىللەش گۇرۇھىنىڭ ئەزالىرىدىن بولۇپ 109 كىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قايتۇرۇپ كەلگەن. بۇ يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ساقچىلىرى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن بىر قانچە تۈركۈمدە چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەنلەر ۋە چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە تەشكىللىگۈچىلەرنى قايتۇرۇپ كەلگەن. ساقچىلار دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈش ئارقىلىق چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەن بۇ كىشىلەرنىڭ ئاساسلىقى شىنجاڭدىن كەلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ تۈركىيەگە بارماقچى ئىكەنلىكى، بەزىلىرىنىڭ تۈركىيە ئارقىلىق سۇرىيە، ئىراققا بېرىپ، ئاتالمىش «غازات»قا قاتناشماقچى بولغانلىقى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۈركىيەدە چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە تەشكىللەيدىغان كۆپلىگەن گۇرۇھ بارلىقى، تۈركىيەنىڭ بىر قىسىم شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭمۇ چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتكۈچىلەرنى قولاي شارائىت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئېنىقلىدى.
   ساقچىلار بۇ تۈركۈمدە چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەن كىشىلەرنىڭ سالاھىيىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇنىڭ ئىچىدە 13 كىشىنىڭ تېررورلۇق بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى، يەنە ئىككى كىشىنىڭ دېلو سادىر قىلىپ قېچىپ يۈرگەن جىنايەت گۇماندارى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىدى. چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەنلەرنىڭ ئىقرارىغا ئاساسلانغاندا، ئۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپ ساندىكى كىشىلەر «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى»، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تارقاتقان زوراۋانلىق، تېررورلۇق ئۈن - سىن پىروگراممىسىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ قۇترىتىشى، قايمۇقتۇرۇشى بىلەن «غازات»قا قاتنىشىش ئىدىيەسى پەيدا بولغان. چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈش داۋامىدا، بەزىلەر ئۇلارغا داۋاملىق تۈردە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى سىڭدۈرگەن ۋە كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، ئۇلارنى سۇرىيە، ئىراق قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ئاتالمىش «غازات»قا قاتنىشىشقا كۈشكۈرتكەن.
   تۇتۇلغان مەخمۇت ئوبۇل قاتارلىق چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ ئىقرار قىلىشىچە، چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشنى تەشكىللەش گۇرۇھىنىڭ قاتتىق تەشكىلىي سىستېمىسى ۋە چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈش تورى بولۇپ، ئىچكى قىسىمدىكى ئىش تەقسىماتى ناھايىتى ئېنىق ئىكەن. چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈش لىنىيەسى −− قۇرۇقلۇق يولى ياكى سۇ يولى ئارقىلىق ۋىيېتنام، كامبودژا، لائوس، تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئۆتۈپ ئەڭ ئاخىرىدا مالايسىيا قاتارلىق بەزى دۆلەتلەر ئارقىلىق تۈركىيەگە بېرىش. چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەنلەر تۈركىيەگە بارغاندىن كېيىن، كۆپ ساندىكى كىشىلەر «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ باشلامچىلىقىدا سۇرىيەگە بېرىپ، ئاتالمىش «غازات»قا قاتنىشىدىكەن. چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈش داۋامىدا توسقۇنلۇققا ئۇچراپ قالسا، ئۇلار كۆپ ھاللاردا شۇ جاينىڭ ئۆزىدىلا «غازات» قىلىدىكەن. 2014 - يىل 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى يۈننەن كۇنمىڭ ۋوگزالىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسىنى دەل چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈپ، «غازات»قا قاتناشماقچى بولغان تېررورچىلار توسقۇنلۇققا ئۇچرىغاندىن كېيىن پەيدا قىلىپ، 31 بىگۇناھ ئاممىنىڭ قازا قىلىشى، 141 كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
   ساقچىلار تەكشۈرۈش داۋامىدا، يەنە چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەن بەزى كىشىلەرنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن سۇرىيە، ئىراقتا «غازات»قا قاتناشقانلىقى؛ تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، جۇڭگوغا تېررورچىلارنى تەربىيەلەش، كۆپەيتىش، ئاخىرىدا تېررورلۇق ۋەقەسى پەيدا قىلىش ئۈچۈن ئوغرىلىقچە ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئېنىقلىدى. بۇ يىلدىن بۇيان، ساقچىلار جۇڭگوغا ئوغرىلىقچە قايتىپ كەلگەن كۆپلىگەن تېررورچىنى قولغا چۈشۈردى، كۆپلىگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسىنى پاش قىلدى.
   ساقچىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتىدىغان ھەر بىر كىشى چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە ياردەملىشىدىغان «كاتتىباش»قا نەچچە مىڭ دوللار ھەق تاپشۇرىدىكەن، بۇ ھەقلەر ئاخىرىدا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تېررورچىلىرى ئاچقان بانكا ھېساباتىغا كىرگۈزۈلىدىكەن.
   تەكشۈرۈپ تەھقىقلەش، سوراق قىلىش ئارقىلىق جۇڭگو ساقچىلىرى چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ ئاساسەن تۈركىيەگە بېرىشنى كۆزلەيدىغانلىقىنى ئېنىقلىدى. جۇڭگو ساقچىلىرى تۈركىيە ساقچىلىرىغا سەككىز «كاتتىباش»نىڭ ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىپ، تۈركىيە ساقچىلىرىنىڭ قولغا ئېلىشىنى تەلەپ قىلدى. بۇلتۇر 10 - ئايدىن بۇيان، جۇڭگو ساقچىلىرى جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە تۈركىيەلىك 22 جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈردى، ئۇلار تۈركىيە چېگراسى ئىچىدىكى «كاتتىباش»لارنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈش پائالىيىتىنى تەشكىللەيدىغانلىقى، چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتكۈچىلەرنى يالغان، ئۆزگەرتىپ ياسالغان تۈركىيە پاسپورتى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئۇۋىنىڭمۇ تۈركىيە چېگراسى ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلدى.
   ساقچىلار يەنە مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىلىرىدىكى بەزى خىزمەتچى خادىملار چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتكۈچىلەرنى ياردەم بىلەن تەمىنلىگەن. 2014 - يىلى 9 - ئايدا تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى مەلۇم دۆلەتتە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى «قۇتقۇزۇش»قا بىۋاسىتە قاتنىشىپ، تۇتۇلغان كىشىنى يالغاندىن تۈركىيە پۇقراسى، دەپ ئۇنى قويۇپ بېرىشنى كۆپ قېتىم تەلەپ قىلىپ بېسىم ئىشلەتكەن، ئاخىرىدا ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كەتكەن. بۇ كىشى ھازىرغىچە تۈركىيەدە قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىلماي ئەركىن يۈرۈۋاتىدۇ.
   بۇ يىل 2 - ئايدا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان، چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشنى تەشكىللىگۈچى ئوبۇلقاسىم مەتروزىنىڭ ئىقرار قىلىشىچە، ئۇ چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتكۈچىلەرنىڭ سۈرىتى ۋە ئۇنىڭغا قويغان تۈركچە ئىسىمنى ئېلىپ، تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى مەلۇم دۆلەتتىكى ئەلچىخانىسىغا بېرىپ، 500دىن كۆپرەك تۈركىيە سالاھىيىتىدىكى كىشىنىڭ ساختا كىملىكىنى بېجىرىپ، چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتمەكچى بولغان 400دىن كۆپرەك جۇڭگولۇقنىڭ تۈركىيە پۇقراسى نامىدا تۈركىيەگە بېرىشىغا ياردەم قىلغان.
   بۇ يىل 6 - ئايدا جۇڭگو ساقچىلىرى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلەشمە ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇپ، جىنايەت گۇماندارى تۇرۇشلۇق بىر ئورۇندىن جەمئىي 653 تۈركىيە پاسپورتىنى قولغا چۈشۈردى. دېلو بېجىرىشكە قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يۇقىرىقى پاسپورتلار ساختا، ھەم ناھايىتى ناچار ياسالغان بولۇپ، ئۇنى ئاسانلا پەرقلەندۈرگىلى بولىدىكەن. چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتمەكچى بولغانلار مۇشۇنداق ساختا پاسپورت بىلەن ناھايىتى ئاسانلا تۈركىيە چېگراسىغا كىرىدىكەن.
   يەنە بەزى دەلىل - ئىسپاتلار تۈركىيەدىكى «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» قارىمىقىدىكى تارماق ئاپپاراتنىڭ تايانچ خادىملارنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە ئەۋەتىپ، چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈش پائالىيىتىنى تەشكىللەشكە ئەقىل كۆرسىتىدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۈركىيەدىكى بەزى سىياسەتۋازلار ۋە بەزى كۈچلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈش پائالىيىتىگە ياردەملىشىدىغانلىقى ھەم شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدە قاماقتا تۇرۇۋاتقان، چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەنلەرنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن «قۇتقۇزىدىغان»لىقى؛ بۇ سىياسەتۋازلارنىڭ ئۆزىنىڭ سىياسىي مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۆز دۆلىتىنىڭ پان تۈركىزم كەيپىياتىدىن پايدىلىنىپ، ئىغۋا پەيدا قىلىپ، كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، جامائەت پىكرىگە قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈش پائالىيىتىنى تەشكىللەشكە يار - يۆلەك بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.
   ج خ مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل خادىم مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە ساقچىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈش پائالىيىتى ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشتە چىڭ تۇردى ھەم دۆلەتكە قايتۇرۇپ كېلىنگەن چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەنلەرگە قانۇن بويىچە مۇئامىلە قىلدى. تەكشۈرۈپ ئايرىلغان، ئېنىقلانغان جىنايەت گۇماندارلىرى قانۇنىي تەرتىپى بويىچە ئادىل بىر تەرەپ قىلىندى؛ باشقا كىشىلەر تەربىيە بېرىلگەندىن كېيىن، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىندى.
   مەزكۇر مەسئۇل خادىم يەنە مۇنداق دېدى: چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈش پائالىيىتىگە، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە زەربە بېرىش −− ھەر قايسى دۆلەتلەر قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچى. تايلاند ساقچىلىرىنىڭ بۇ قېتىم قەتئىي ھالدا ئۆز دۆلىتىنىڭ قانۇنى ۋە خەلقئارالىق ئەھدىنامىسى بويىچە، ئۆز دۆلىتىنىڭ چېگرادىن چىقىش، كىرىش تەرتىپىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى قولغا ئالغانلىقى تامامەن ئورۇنلۇق، قانۇنغا ئۇيغۇن. جۇڭگو ھۆكۈمىتى تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو - تايلاند ساقچى ئىشلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمى رامكىسىدا، چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەنلەرنى قانۇن بويىچە جۇڭگوغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى قوللايدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، جۇڭگو ساقچىلىرى خەلقئارا قانۇن ئىجراسى ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈش قاتارلىق چېگرا ھالقىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىگە ئورتاق زەربە بېرىپ، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، دۆلەت ئىچى ۋە ئۆز رايون بىخەتەرلىكى، تىنچلىقىنى ھەقىقىي قوغدايدۇ.

   ھازىر ئالاقىدار دېلولارنى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئىشلىنىۋاتىدۇ.


Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى