نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

دۇنيادىكى ئەلئېھراملارنىڭ سانى قانچىلىك؟

دۇنيادىكى ئەلئېھراملارنىڭ سانى قانچىلىك؟

ۋاقتى: 2016-07-11 ئاۋاتلىقى: 2154 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

دۇنيادا ئەلئېھرامدىن زادى قانچىسى بار؟



توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى




ناۋادا بىز دۇنيادا زادى قانچىلىك ئەلئېھرامنىڭ بارلىقىنى بىلمەكچى بولساق، چوقۇم توغرا جاۋابنى تاپالماي كاللىمىز ئېلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. مەيلى بىز ئەلئېھرامغا قىلچىمۇ قىزىقمايدىغان كىشى بولايلى ياكى تارىخشۇناس بولايلى، بۇ مەسىلىنىڭ جاۋابىنى تاپالمىساقمۇ ھېچقىسى يوق. مۇنداقچە ئېيتقاندا، دۇنيادا قانچىلىق ئەلئېھرامنىڭ بارلىقىنى بىلىدىغان كىشى بولمىسا كېرەك، بۇنىڭدىن باشقا، دۇنيادىكى بارلىق ئەلئېھراملارنىڭ ئېنىق سانىنى ھېسابلاشمۇ ئۇنچىۋالا ئاسان ئىش ئەمەس.

دۇنيادىكى داڭلىق ئەلئېھراملارنىڭ ھەممىسى مىسىردا بولۇپ، جەمئىي تەخمىنەن 120 ئەلئېھرام بار، توردىكى ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، جەمئىي 118 ئەلئېھرام بار ئىكەن. ئەمما بەزى ئالىملار بۇ ساننى ئېتىراپ قىلمايدۇ، بىراق ھېچىممۇ ئەلئېھراملارنىڭ ئېنىق سانىنى ھېسابلاپ بېرەلمەيدۇ. 2012-يىلى 8-ئايدا، شىمالىي كالىفورنىيە ئىشتاتىدىن كەلگەن ئەنجىلا مىكول بىلەن <<گۇگېل>> يەرشارى غەلىتە ئۆزگىرىشلەر خاتىرىسىنىڭ ئىجادچىسى مىسىردا ئىككى ئەلئېھرام شەكىللىك جىسىمنى بايقىغان. مىسىر ئەلئېھرامىنى تېخىمۇ ئىپتىدائىي، قوپال، خىشتا قوپۇرۇلغان ئەلئېھراملارغا سېلىشتۇرغاندا، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، تېخنىكا ۋە ئۇسلۇبى ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدۇ.

ئەمما كۆپىنچە ئەلئېھراملار ئەمەلىيەتتە لاتىن ئامېرىكىسى ياكى ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىگە جايلاشقان. كۆپچىلىك مېكسىكا يۇكاتان يېرىم ئارىلى ۋە ئودىۋاكان قەدىمىي شەھىرىدىكى ئەلئېھراملارنى بىلىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرى تۈرلۈك ئايۋىنى ۋە پەلەمپىيى بار تەكشى چوققىلىق ئەلئېھراملاردىن ئىبارەت. يۇتاكان يېرىم ئارىلىدا 18 يەردە قەدىمىي خارابىلىك بار بولۇپ، ھەربىر خارابىدە ئۈچتىن 20 گىچە ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئەلئېھرام بار، بۇ يۇتاكان يېرىم ئارىلىدىكى ئەلئېھراملارنىڭ سانىنىڭ 230 دىن 250 كىچە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. مېكسىكىدىكى بارلىق ئەلئېھراملارنىڭ ئېنىق سانىنى ئېلىشمۇ ئاسان ئىش ئەمەس.

ئەمما ئەڭ ئاساسلىق ئەلئېھراملار گۇئاتېمالادا بولۇپ، بۇ يەردە تېخى قېزىلمىغان ۋە تەتقىق قىلىنمىغان قەدىمىي خارابىلەرنىڭ سانى يۈزگە يېتىدۇ، كەلگۈسىدە بەلكىم ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىدىن يەنە يېڭى خارابىلەر بايقىلىشى، ھەربىر خارابىدە ئەلئېھراملار بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، پەقەت مايا قەدىمىي شەھىرىدىكى ئەل مىرادوردىكى چوڭ-كىچىك ئەلئېھراملارنىڭ سانى 30 دىن ئاشىدۇ، ئەڭ ئېگىز، ئەڭ چوڭى ئېگىزلىكى 172 مېتىر كېلىدىغان دانتا ئەلئېھرامى بولۇپ، مىسىردىكى خۇف ئەلئېھرامىدىن 26 مېتىر ئېگىز. دانتا ئەلئېھرامى پۈتۈن غەربىي يېرىم شاردىكى ئەڭ چوڭ ئەلئېھرام، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ ھەيۋەتلىك ئەلئېھراملارنىڭ بىرى.

گۇئاتېمالادىكى ئەلئېھراملارنىڭ سانىنى پەقەت شۇ يەردىكى يېتەكچىلەرنىڭ يول باشلىشى ۋە شۇ جايدىكى گىياھلارنىڭ يىل سانىنى ھېسابلاش ئارقىلىق بىلگىلى بولۇش مۇمكىن. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، شۇ يەردە تەخمىنەن 300 دىن 400 گىچە ئەلئېھرام بار بولۇپ، بۇنىڭغا مېكسىكا، بېلىز، ھوندۇراس ۋە سالۋاردو قاتارلىق جايلاردىكى ئەلئېھراملارنى قوشقاندا، بۇ رايوندا تەخمىنەن 1000 غا يېقىن ئەلئېھرام بولۇشى مۇمكىن.


شىمالىي ئامېرىكا، ئامېرىكا قاتارلىق جايلاردا مىسىردىكىدەك ناماياندە خاراكتېرلىك ئەلئېھراملار بولمىسىمۇ، ئەمما يەنىلا نەچچە ئون يەردە ئەلئېھراملارنىڭ سۇپىسىمان ئۇلى بار بولۇپ، ئەڭ چوڭى ئىللىنويىز ئىشتاتى ساينت لۇئىس شەھىرىدىكى مىسسيونېرلارنىڭ سۇپىسىمان ئۇلىدىن ئىبارەت، بۇ ئەلئېھرامنىڭ سۇپىسىمان ئۇلىنىڭ ئېگىزلىكى 30 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 290 مېتىر، كەڭلىكى 255 مېتىر كېلىدۇ، بۇ ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ ئەلئېھرام قۇرۇلمىسى بولۇپ، مىسسيونېرلارنىڭ سۇپىسىمان ئۇلىنىڭ ئەتراپىدا يەنە بىر قىسىم ئەلئېھرام شەكىللىك سۇپىسىمان ئۇللار بار، بۇ رايون كاخوكىيا قەدىمىي خارابىلىكى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر. ئوخېئو ئىشتاتى، جورجىيە ئىشتاتى ۋە ۋىرگىنىيە ئىشتاتىدىمۇ 30 دىن ئارتۇق كاخوكىيا سۇپىسىمان ئۇلىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئەلئېھرام سۇپىسىمان ئۇلى بار.

جەنۇبىي ئامېرىكىدا ئەلئېھراملار پېرۇ كۇسكو غايەت زور تاشلىرىغا ئوخشاش كىشىلەرگە تونۇش بولمىسا كېرەك. ئەمما پېرۇدىمۇ چارلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق چوڭ-كىچىكلىكى ۋە شەكلى ئوخشىمايدىغان 30 دىن ئارتۇق ئەلئېھرام بار، پېرۇدىكى ئەلئېھراملار ئاساسلىقى تېكۇمېغا جايلاشقان بولۇپ، شۇ جاياىكى خىشلاردىن ياسالغان 26 ئەلئېھرام بار، پېرۇدىكى يەنە بىر چوڭ تىپتىكى ئەلئېھرام ئىلچىماي مەدەنىيىتىنىڭ ناماياندىسى دەپ بېكىتىلگەن بولۇپ، بۇ ئەلئېھرام ۋە مېكسىكىدىكى ئەلئېھراملارنىڭ شەكلى ئوخشاپ كېتىدۇ، يەنى تەكشى چوققىلىق، ئەمما قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى تېكۇمې ئەلئېھرامىنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، بىر يىل ئىلگىرى، پېرۇغا يېقىن لىمادا بىر ئەلئېھرام توپى بايقالغان بولۇپ، بۇ ئەلئېھرامغا <<جەننەت>> دەپ نام بېرىلگەنم ئاساسلىق ئەلئېھرام ۋە ئەتراپىدىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تارىخىنى مىلادىيە 2200 يىللار ئىلگىرىكى دەۋرلەرگە سۈرۈشكە بولىدۇ، بۇ <<جەننەت>> ناملىق ئەلئېھرامنىڭ ئامېرىكىدىكى مىسسيونېرلار سۇپىسى بىلەن ئوخشاش بىر دەۋردە ياسالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

قەدىمكى ياۋروپادا يەنىلا نۇرغۇن ئېچىلمىغان سىرلار بار. 2005-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە، بوسنىيە-گرېتسىگوۋېنانىڭ مەركىزىدە غايەت زور ئەلئېھرام قۇرۇلۇشى بايقالغان، كېيىنچە بىر قىسىم ئىشتىن سىرتقى تەتقىقاتچىلار ئىتالىيە ۋە سىلوۋېنىيەدە نۇرغۇن ئەلئېھرام تۆپىلىكىنى بايقىغان، بۇنىڭدىن باشقا، گرېتسىيەدىمۇ تەخمىنەن 10 يەردە، فىرانسىيەدە بىر يەردە ئەلئېھرام بايقالغان، ئىسپانىيەدىمۇ بىر قىسىم ئەلئېھرام ئىزلىرى بايقالغان، سىتسىلىيە ئارىلى ۋە تېنېرىف ئارىلىدا 10 يەردە ئەلئېھرام بايقالغان، ئەنگلىيەدە سىلبۇرى تېغى ئەتراپىدىن ھەيۋەتلىك ئەلئېھرام سۇپىسىمان ئۇلى بايقالغان. رۇسىيەنىڭ غەربى، سامارا شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىمۇ بىر قىسىم ئەلئېھرام سۇپىسىمان ئۇلىنى ئۇچراتقىلى بولىدىكەن. ۋولگوگراد شەھىرىدىكى داڭلىق مامايېف تېغىدا سۈنئىي ياسالغان ئەلئېھرام سۇپىسىمان ئۇلىنىڭ چوققىسى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا قازا قىلغان خاتىرىلەنگەن ئەڭ چوڭ خاتىرە ئابىدىسى بىلەن قاپلانغان. بۇنىڭدىن باشقا، 2011-يىلى موسكۋالىق تەتقىقاتچىلار كولېر يېرىم ئارىلىدىكى شەھەر-بازار ۋە يوللاردىن يىراق جايلاردىن ئىككى ئەلئېھرامنى بايقىغان، بۇ ئىككى ئەلئېھرامنىڭ ئۇلى تاشتىن ياسالغان.

ئۆتمۈشتىكى 10 نەچچە يىلدا، كىشىلەرنىڭ دىققىتى ئاساسلىقى ئاسىيا رايونىغا مەركەزلىشىپ كەلدى، ئاساسلىق تەتقىقات ئوبيېكتى جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدىكى ئەلئېھراملار بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا قىسمى، شىئەن ۋە لوياڭدا شۇ جاينىڭ سېغىز توپىسى ۋە توپىسىنى ماتېرىيال قىلىپ ياسالغان شەكلى ھەرخىل، چوڭ-كىچىك ئەلئېھراملاردىن 200 نەچچىسى بار. بۇ ئەلئېھراملارنىڭ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنىڭ سۈپىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، 2000 يىللىق تارىخنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، يەنىلا مۇكەممەل ساقلانغان. چاۋشيەن ۋە جۇڭگونىڭ چېگرىسىدا، يەنە بىر خىل شەكلى تاشتىن قوپۇرۇلغان ئەلئېھرامغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر قۇرۇلۇش بار، لېكىن شىئەندىكى ئەلئېھراملاردەك چوڭ ئەمەس. جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدىكى ئەلئېھراملارنىڭ سانىمۇ ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.

شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئەلئېھراملار باشقىچە شەكىلدە بولۇپ، كىچىك تاشلار ياكى ئوتقا چىداملىق تاشلاردىن قوپۇرۇلغان. كامبودژا چېگرىسى ئىچىدە تەخمىنەن 10 يەردە ئەلئېھرام بار بولۇپ، بۇ كىمېر مەدەنىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ھىندونېزىيەدىكى پولو بۇددا ئەلئېھرامى ئاسىيادىكى ئەڭ ئۆلچەملىك ئەلئېھرام بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئوخشاشلا ھىندونېزىيەگە جايلاشقان داڭلىق سۇكۇھ ئىبادەتخانىسىدىكى ئەلئېھرام ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مايا ئەلئېھراملىرى بىلەن نۇرغۇن جەھەتلەردە ئوخشاپ كېتىدۇ. كامبودژا بىلەن ھىندونېزىيەدە جەمئىي تەخمىنەن 20 دەك ئەلئېھرام بار. 2010-يىلى، جارا ئارىلىدا بىر توپ ئەلئېھرام ھەۋەسكارلىرى جاۋانىڭ جارۇتتىكى بىر كەنتتە بىر ئەلئېھرامنى بايقىغان، شۇ جايدىكى كىشىلەر بۇ ئەلئېھرامنىڭ 8000 يىللار بۇرۇن ياسالغانلىقىنى ئېيتقان. بۇنىڭدىن بىلىشكە بولىدۇكى، شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيالىقلار ئەلئېھرامغا ئىنتايىن قىزىقىدىغان بولۇپ، كەلگۈسىدە يەنە ئەلئېھرامغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن خەۋەرلەر مەيدان چىقىشى مۇمكىن.

دېڭىز ئاستى دۇنياسىدا قانچىلىك ئەلئېھرامنىڭ بارلىقى بىلىش تېخىمۇ مۈشكۈل بىر ئىش، ئۆتكەنكى بىر نەچچە يىلدا، پائۇل ۋېينزۋېيڭ بىلەن پائۇلىن زالىتزكى باشچىلىقىدىكى كانادالىق بىر توپ تەتقىقاتچىلار دېڭىزنىڭ بىر ئىنگلىز چىسى چوڭقۇرلۇقىدا، قەدىمكى قۇرۇلۇش خارابىسىنى بايقىغان ھەمدە بۇ خارابىلىكنى ئاتلانتس مەدەنىيىتىگە تەۋە بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىغان. بۇ ھەيران قالارلىق بايقىلىش كۇبانىڭ غەربىدىكى دېڭىز قىرغىقىدا بارلىققا كەلگەن، تەتقىقاتچىلار دېڭىزدىن ئۈچ ئەلئھرامنى، شۇنداقلا ئەلئېھرامغا ئوخشاپ كېتىدىغان قۇرۇلمىنى بايقىغان، بۇ بەلكىم ۋەيران بولغان ئەلئېھرام بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار بۇ رايوندىكى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغان ھەمدە يەنە بىر قېتىم بۇ ئەلئېھرام بايقالغان دېڭىز ئاستى شەھىرىنى چارلاپ تەكشۈرۈشنى پىلانلىغان.


بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى