قايسى دۆلەت كىشىلىرى يالغان سۆزلەشكە ئامراق؟
-
قايسى دۆلەت كىشىلىرى يالغان سۆزلەشكە ئامراق؟
ۋاقتى: 2015-11-27 ئاۋاتلىقى: 4923 قېتىميانفوندا كۆرۈش
قايسى دۆلەتنىڭ كىشىلىرى يالغان سۆزلەشكە ئامراق؟
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى
شەرقىي ئەنگلىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقات ئورنى بىرازىلىيە، جۇڭگو، گرېتسىيە، ياپونىيە، روسىيە، شىۋېيتسارىيە، تۈركىيە، ئامېرىكا، ئارگېنتىنا، دانىيە، ئەنگلىيە، ھىندىستان، پورتۇگالىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، كورىيەدىن ئىبارەت 15 دۆلەتتىن 1500 كىشىنى تېپىپ كەلگەن، دوكتۇر داۋىد بۇ 1500 ئادەمنى توردا ئىككى قېتىم سىناققا قاتناشتۇرغان، سىناقنىڭ مەقسىتى ئوخشىمىغان دۆلەتلەرنىڭ سەمىمىيەت دەرىجىسىنى تەكشۈرۈپ چىقىشتىن ئىبارەت.بىرىنچى سىناق: سىنالغۇچىنىڭ تەڭگە پۇلنى ئۆرۈشى تەلەپ قىلىنىدىغان بولۇپ، جاۋابى باش ياكى ئاياغدىن ئىبارەت ھەمدە سىنالغۇچى ئۆرۈلگەن تەرەپنىڭ باش ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرسە، يۇقىرى بولغاندا 163 تەيۋەن پۇلىغا ئېرىشەلەيدۇ، ناۋادا ئوخشاش بىر دۆلەتتىكى يېرىمدىن ئارتۇقراق كىشى ئۆرۈلگەن تەرەپنىڭ باش ئىكەنلىكىنى ئېيتسا، بۇ شۇ مىللەتنىڭ يالغان سۆزلىگەنلىكىنى بىلدۈرىدىكەن. سىناق نەتىجىسىدە % 70 جۇڭگولۇقنىڭ يالغان سۆزلەيدىغانلىقى، پەقەت % 3.4 ئەنگلىيەلىكنىڭ مۇشۇنداق يالغان سۆزلەيدىغانلىقى ئايان بولغان. جۇڭگو، ياپونىيە، كورىيە ۋە ھىندىستان قاتارلىق تۆت دۆلەت سەمىمىيلىك دەرىجىسى جەھەتتە كەينىگە تىزىلغان. داۋىدنىڭ دېيىشىچە، بۇ تۆت دۆلەتنىڭ كىشىلىرىنىڭ قىمارغا ئادەتلىنىپ قالغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنكەن.ئىككىنچى سىناق: سىنالغۇچىغا مۇزىكا سىنىقى ئىشلىتىش، بۇنىڭدىمۇ ئوخشاشلا مەسىللەرگە توغرا جاۋاب بەرگەنلەر مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، ئەمما شەرت شۇكى توردىن جاۋابىنى ئىزدەشكە بولمايدۇ، چوقۇم ئۆزى ئۈچ مەسىلىگە توغرا جاۋاب بېرىشى كېرەك. بۇ سىناقتا ياپونىيە ئەڭ سەمىمىي بولۇپ چىققان، ئەنگلىيە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان، تۈركىيەلىكلار ناھايىتى ئاسانلا يالغان سۆزلەپ سالغان، جۇڭگولۇقلار يەنىلا ئارقىدا تۇرغان.داۋىد مۇنداق دېگەن: گەرچە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سەمىمىيلىك دەرىجىسى ئوخشىمىسىمۇ، ئەمما بۇلارنىڭ كىشىلەرنىڭ قىلمىشلىرىغا ماس كېلىشى ناتايىن. سەمىمىيلىك دەرىجىسى ئۆز-ئۆزىمىزنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، كىشىلەرنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ سەمىمىيلىك دەرىجىسىگە نىسبەتەن ئىشەنچسىز مۇئامىلىدە بولۇشىنىڭ سەۋەبى بەلكىم كىشىلەرنىڭ خەۋەرلەردىن بىلگەن ئۆز دۆلىتىدە يۈز بەرگەن سەمىمىيەتسىز ئىشلاردىن بولغان بولسا كېرەك.ئارىلىقتا سىنالغۇچىلار قايسى دۆلەتنىڭ ئەڭ سەمىمىيەتسىز ئىكەنلىكىنى سورىغاندا، كۆپ قىسىم كىشىلەر گرېتسىيەنى تاللىغان، ئەمما گرېتسىيەنىڭ سىناقتىكى نەتىجىسى ئۇنچىۋالا ناچار ئەمەس ئىدى. كىشىلەرنىڭ پەرىزىچە، ئۆز دۆلىتىنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان سەمىمىيلىك دەرىجىسى ئۇنچىۋالا توغرا ئەمەسكەن، بۇ ئۇلارنىڭ سىنىقىغا تەسىر يەتكۈزگەن بولۇشى مۇمكىن. مىسالەن، قەرزدارغا ياردەم بېرىشنى خالاش بەلكىم ئۆز دۆلىتىنىڭ خەلقىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇشى مۇمكىن.سىناق قانچە ئىنچىكىلەشكەنسېرى ئاسان يالغان سۆزلەپ قالدىغان گەپ، سىزچە بۇ سىناق توغرىمىدۇ؟ تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە يالغان گەپ دېگەن تولا، بۇ خىل سىناقنىڭ نەتىجىسى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاپ بەردى. كېيىن بەزىلەر سىزگە يالغان سۆزلىگەندە، سىز بەك ئۇۋالچىلىق ھېس قىلمايدىغان بولىسىز. كىشىلەرنىڭ يۈزلىنىۋاتقىنى بىر يالغانچىلىققا تولغان دۇنيا، بۇ بىر زور مەسىلە. يالغانچىلىقنى ئايرىشنى بىلىش جۇڭگولۇقلارنىڭ زۆرۈرىي ھاياتلىق ئىقتىدارى.بىز تۈرلۈك يالغانچىلىق ئىچىدە ياشاۋاتقان بولساقمۇ ھەرگىز ئۈمىدسىزلەنمەسلىكىمىز، بەلكى تېخىمۇ ئۈمىدۋار بولۇشىمىز كېرەك ھەمدە راستچىل بولۇشنى، سەمىمىي بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز كېرەك.Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئۇيغۇر خەتتاتلىق تارىخىدىن سۆز
2015-05-11 17:15:464413شىنجاڭ خەلق تىياتىرىنىڭ تارىخى
2015-03-05 17:51:165183ئۇيغۇرلاردا تىل پەرھىزلىرى
2015-02-05 11:31:13436430 ياشتىن بۇرۇن 28 ئىشقا پىسەنت قىلماڭ
2015-10-23 18:44:1210034ساقلاپ قويغۇدەك 100 جۈملە سۆز (1)
2015-02-09 17:33:563903مويەننىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى نۇتۇقى
2015-02-08 16:18:216937جۇڭگو ئىنتېرنېت كەسپىنىڭ 22 يىللىق مۇساپىسى
2016-03-31 19:06:311962بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپىنىڭ يى
2016-02-22 23:53:244708
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-