نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئۇيغۇر خەتتاتلىق تارىخىدىن سۆز

ئۇيغۇر خەتتاتلىق تارىخىدىن سۆز

ۋاقتى: 2015-05-11 ئاۋاتلىقى: 4126 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۇيغۇر خەتتاتلىق تارىخىدىن سۆز


ئىمىن تۇرسۇن
 
بىتىگچى بىلىكلىگ ئوقۇشلۇغ كېرەك،
خەتى ئۆز بەلاغەت تەقى ئەزگۈرەك.
بىتىگدە خەت ئۆز بولسا ئاچىلۇر كۆڭۈل،
ئوقۇغۇ كەلۇر باقسا ئاۋنۇر كۆڭۈل.
بەلاغەت بىلە خەت تەڭەشسە قالى،
ئەدى ئەزگۇ ياڭ بۇ بىتىگ سۆز تىلى.
قامۇغ ئەزگۈ سۆزلەر بىتىگدە بولۇر،
بىتىنمىش ئۈچۈن سۆز ئۇنىتماس قالۇر.

(يۈسۈپ خاس ھاجىپ شېئىرى)


   ‹‹خەت›› ــ ‹‹سىزماق، سىزىق››، ‹‹ئىز››، ‹‹يازماق، يېزىق›› مەنىلىرىنى بىلدۈرىدىغان ئەرەبچە سۆز. بۇ سۆزدىن تۈرلىنىپ ‹‹خەتتات›› (خەت يېزىش ئۇستىسى)، ‹‹خەتتاتلىق›› (ئۆز خەت يېزىش سەنئىتى ياكى بىلىمى) قاتارلىق ئاتالغۇلار ياسالغان. خەتنى چىرايلىق، ئۆز يېزىش، يېزىق پەيدا بولغاندىن تارتىپ بىللە راۋاجلىنىپ كەلگەن. ئادەتتە ‹‹ھۆسنىخەت›› يەنى ‹‹چىرايلىق خەت›› يېزىقشۇناسلىق ۋە تەسۋىرىي سەنئەت ئىلىملىرىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى سۈپىتىدە، بىر مەكتەپ مائارىپىدا تېگىشلىك دەرسلەردىن سانىلىپ كەلگەن. خەتنى توغرا ئىملادا ۋە چىرايلىق يېزىش ــ مەدەنىيەتلىكنىڭ ئىپادىلىرىدىن بىرى. شۇڭا ھۆسىنخەت بىزدىمۇ، خۇددى يېزىق تارىخى ئۇزاق بولغان مەدەنىيەتلىك مىللەتلەردە بولغانغا ئوخشاش، ئىلىم -بىلىم ساھەسىدە ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان ئېتىبارغا ئېلىنىپ كەلگەن. كىتاب-رىسالىلەرنى قولدا كۆچۈرۈپ كۆپەيتىش زامانلىرىدىغۇ خەتتاتلىق مۇھىم مەدەنىيەت ۋاستىسى بولغانىدى، يېزىق مەدەنىيىتى چاپىلىق تاش باسما) ۋە مىخ مەتبەئەچىلىك دەۋرىگە ئۆتكەندىن كېيىنمۇ يەنىلا ھاياتىي كۈچىدىن قالمىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەتتاتلىق قايتىدىن جانلىنىپ، خەتتات ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىزىنى بېسىپ، يېڭى ئەۋلاد خەتتاتلىرىمىز كەينى-كەينىدىن يېتىشىپ چىقىپ، خەتتاتلار قوشۇنى شەكىللەندى. بۇ خەتتاتلار خەتلەرنىڭ ئىلگىرى ئىجاد قىلىنغان نۇسخىلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، تەسۋىرىي خەتلەرنىڭ ئاجايىپ گۈزەل، جەلپكار نەمۇنىلىرىنى ياراتتى. جۈملىدىن مىللىي مەتبۇئاتچىلىقنىڭ رەڭدارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە، ماختالغۇدەك ھەسسە قوشماقتا.
   بۇ چاغقىچە، خەتتاتلىق تارىخىغا دائىر بىر قانچە ماقالىلەر گېزىت ـ ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى؛ خەتتاتلىق رىسالىلىرى ۋە نەمۇنىلىرىمۇ نەشر قىلىندى. بۇ ياخشى باشلانما بولدى. ئەمما خەتتاتلىقنىڭ تارىخىغا دائىر تەتقىقات چوڭقۇرلىشالمىدى ۋە تارىخىمىزنىڭ بۇ ساھەدىكى قىياپىتى تېخى ئوبدان يورۇتۇلمىدى. بۇنىڭغا يازما مەنبەلىرىمىزنىڭ كەملىكى سەۋەب بولدى. تىل-يېزىق تەتقىقاتى جەريانىدا كۆزدىن كۆچۈرگەن يازما ماتىرىياللاردا خەتتاتلىق تارىخىغا دائىر ئانچە-مۇنچە مەلۇماتلار كۆزگە چېلىقتى. شۇ مەلۇماتلارنى ئىخچاملاپ، خەتتاتلىرىمىز ۋە ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ئېتىبارىغا سۇنغۇم كەلدى. 
   تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ قەدىمكى يېزىق سىستېمىلىرىنى تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىش باشلانغىنىغا 200 يىلدىن ئاشتى. قەدىمكى تۈركىي يېزىقلاردىن بەزىلىرىنىڭ سىرى ئېچىلدى، بەزىلىرىنىڭ سىرى تېخى ئېچىلمىدى. بۇ يېزىقلار بىر نەچچە مىڭ يىل مابەينىدە شەكىللەنگەن. ئەمما يېزىقلارنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى پەرەزلەر-كۆز قاراشلار ھەر خىل. بۇنداق پەرەزلەردە تولاراق يېزىق سىستېمىسىدىكى ئايرىم ھەرپلەر ياكى تامغىلارنىڭ بىر قانچىسى فىنىكلىقلار ئىروگلىق ئاساسىدا ئىشلىگەن ھەرپلەرگە ئوخشاپ كېتىشى (ھەرپلەر ئىپادىلىگەن تاۋۇشلارنىڭ پەرقلىق بولۇشى ئېتىبارغا ئېلىنماسلىق) تۈپەيلىدىن، تۈركىي يېزىق فىنىكا ئېلىپبەسىدىن ئېلىنغان ياكى تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ مىللىي يېزىقنى ئىجاد قىلىشىغا سۇغدىلار ۋاسىتىچى بولغان دەپ مۇتلەقلەشتۈرۈلگەن.

   قەدىمكى تۈركىي يېزىقلارغا دائىر ماتىرىياللار 1692-يىلىدىن ئېتىبارەن تېپىلىشقا باشلىدى. دەسلەپتە بۇ يېزىقلار ‹‹رۇن›› يېزىقى دەپ ئاتالدى. ‹‹رۇن›› دېگەن سۆز گىرمانچە ‹‹سىر-سىرلىق›› دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن. شەكىل جەھەتتىن ‹‹گوت›› (قەدىمكى گېرمان) يېزىقىغا ئوخشاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، تۈركىي يېزىقتىمۇ گىرمانلارنىڭ (رەين ۋە دوناي بويلىرىغا تارقالغان خەلق) يېزىقى ــ ‹‹رۇم›› يېزىقى دېگەن نامنى قوللانغان. بۇ ‹‹رۇن›› يېزىقى دەپ ئاتالغان گوت يېزىقى تەخمىنەن ئېرامىزنىڭ 3 ~ 2 ئەسىرلىرىگە تەئەللۇق دەپ قارالماقتا. لېكىن مۇتەخەسسىسلەر شەرقتىكى تۈركىي ‹‹رۇم يېزىق››نى غەربتىكى ‹‹رۇم›› يېزىقتىن ئىلگىرى پەيدا بولغان، يەنى ئېرامىزدىن ئىلگىرىكى 4-ئەسىرگە مەنسۈپ دەپ دەلىللەشمەكتە. ئورخۇن-يېنسەي بىتىگتاشلىرى تېپىلىپ، بۇ بىتىگداشلاردىكى ھەرپلەرنى 1893-يىلى دانىيەلىك ئالىم ۋىلھېلىم تومسۇن ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن رۇسىيەلىك ئالىم ۋ . ۋ . رادلوف ئوقۇپ چىقتى. شۇنداق قىلىپ بۇ بىتىگداشلاردىكى يېزىق ‹‹رۇن›› يەنى ‹‹سىر›› ئەمەسلىكى ئالىملار تەرىپىدىن ئېنىقلاندى. قەدىمكى تۈركىي ئېلىپبەدىكى بەزى ھەرپلەرنىڭ شەكىللىرىگە ئىنچىكىلەپ نەزەر سالىدىغان بولساق، تۈركىي تىللىق خەلقلەر، ئادەتتىكى قەدىمكى زاماندا كەڭ قوللانغان تامغىلارمۇ تۈركىي ئېلىپبەنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس بولغان. بۇنداق تامغىلارـ قىياتاش بەلگىلىرى ياكى ‹‹خەتلىرى››دە مۆلچەرلەنمەكتە. بۇنداق بەلگىلەر موڭغۇلىيە، ئالتاي، يەتتەسۇ، لوپنۇر، قومۇل رايونلىرىدا كەينى-كەينىدىن كۆپلەپ تېپىلماقتا. قىيالارغا تۈرلۈك شەكىلدە ئويۇلغان بۇ تامغىلاردا مەزمۇن جەھەتتىن، ئوۋ، بايرام، ھەر خىل سورۇنلار، كۈندىلىك تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەتلىرى، جەڭ، سۇلھ، توي-تۆكۈن قاتارلىق پائالىيەتلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇنداق تامغىلارنىمۇ يېزىقنىڭ بىر تۈرى دېيىشكە بولىدۇ. يېزىقنىڭ بۇ تۈرى ئىروگلىف ( رەسىملىك ) يېزىق بىلەن فۇنىتىكىلىق يېزىق ئارىلىقىدىكى بىر خىل يېزىق ــ يەنى ئىدىئوگرافىك يېزىق بولۇپ، ھەر بىر تامغا بىر خىل چۈشەنچىنى ئىپادىلىگەن . قىياتاشلاردىكى بۇ خىل يېزىقلارنىڭ كاللىگرافىك جەھەتتىن خىلمۇ خىللىقى بۇ ‹‹يېزىق››نىڭ خەلق ئاممىسى ئارىسىدا كەڭ قوللىنىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.  

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي


Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى