نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

‹‹ئەقىللىق يىشيۇ››نىڭ ناخشىسىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

‹‹ئەقىللىق يىشيۇ››نىڭ ناخشىسىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

ۋاقتى: 2015-08-10 ئاۋاتلىقى: 4213 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

    ‹‹ئەقىللىق يىشيۇ››نىڭ ناخشىسىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى




   ئىلاۋە: ياپونىيەنىڭ دۇنياغا مەشھۇر كارتون فىلىمى ‹‹ئەقىللىق يىشيۇ›› دۇنيا بالىلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇر بالىلىرىمۇ ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان كارتون فىلىملەرنىڭ بىرى. بۇ فىلىم بىر ئەۋلاد بالىلارنىڭ قىزىقىشى، قىممەت قارىشىغا تەسىر قىلىپلا قالماستىن بەلكى، چوڭلارمۇ قىزىقىپ كۆرىدىغان فىلىمگە ئايلىنىپ كەتكەن، شۇنداقلا دۇنيا كارتون فىلىم ساھەسىدىكى ئابىدىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. فىلىم 1975-يىلى ئىشلەنگەن بولۇپ، 1975-يىلى 15-ئۆكتەبىردىن 1982-يىلى 28-ئىيۇنغىچە ياپونىيەدە ئۇدا سەككىز يىل قويۇلغان. فىلىمدە ۋىيروچوۋ باكخوت (شىتىڭ موفۇ) دەۋرىدە ياشىغان يىشيۇ ئانىسى بىلەن ئايرىلىپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ، يەسكونى جىنجا (ئەنگو) ئىبادەتخانىسىغا كىچىك راھىب بولۇپ كېتىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ چېچەنلىكى ۋە ئەقىل-پاراسىتىگە تايىنىپ، سانسىزلىغان قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ. ئاجىزلارغا باشپاناھ بولۇپ، زوراۋانلارغا ساۋاق بېرىدۇ. فىلىمنىڭ ۋەقەلىكى قىزىقارلىق، تىلى جانلىق ۋە ئاممىباب، كارتون ئىشلىنىش سەۋىيەسى يۇقىرى بولۇپ، كىشىلەردە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر قالدۇرىدۇ.


   فىلىمنىڭ ئاساسلىق ناخشىسىمۇ ئاجايىپ تېتىملىق، جانلىق بولۇپ، فىلىمنىڭ بەدىئىيلىكىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تەسىرچانلىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇۋەتكەن. شۇڭا بۇ ناخشا بالىلار زوق بىلان ئاڭلايدىغان ۋە سۆيۈپ ئوقۇيدىغان نادىر ناخشىغا ئايلىنىپ كەتكەن. تۆۋەندە بۇ ناخشىنىڭ تەرجىمىسىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز:
ئوماق، ئوماق، ئوماق، ئوماق، ئوماق، ئوماق
بىز ساڭا ئامراق.
ئوماق، ئوماق، ئوماق، ئوماق، ئوماق، ئوماق
چېچەن-زېرەكچاق.
ئەي زېرەكچاق، كىم ساڭا يەتسۇن؟
تاغ يۈرەكسەن، كىممۇ قورقمىسۇن؟
ئالەمدە بىر شوخ-كەپسىزلىكىڭ
سەن بار يەردە جېدەلمۇ ئويۇن
ئا...
ئا...
كاللاڭنى ئىشلەت
ئەجەپ قىيىن
ئەجەپمۇ قىيىن
ئېغىر ئالمىغىن
ئېغىر ئالما
ئېغىر ئالما
ئېغىر ئالما
پۇرسەت غەنىيمەت
بىلىم كارامەت
تىرىشقىن ئەبەد
قورقما ياماندىن
يۆلە ئاجىزلارنى
كەلسە قولۇڭدىن
ئوماق، ئوماق، ئوماق، ئوماق، ئوماق، ئوماق
بىز ساڭا ئامراق.
ئوماق، ئوماق، ئوماق، ئوماق، ئوماق، ئوماق
چېچەن-زېرەكچاق.
ئەي، يىشيۇ!!!
ئوماق، ئوماق، ئوماق، ئوماق، ئوماق، ئوماق
 
غەنى سەمەت تەرجىمىسى

‹‹شىنجاڭ سەنئىتى›› ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 6-سانىدىن ئېلىندى

يوللىغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي


 
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى