نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

شى جىنپىڭ تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بىلەن سۆھبەتلەشتى

شى جىنپىڭ تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بىلەن سۆھبەتلەشتى

ۋاقتى: 2015-07-30 ئاۋاتلىقى: 5113 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ئەردوغان بىلەن سۆھبەتلەشتى


دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 29-ئىيۇل ‹‹خەلق›› سارىيىدا تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بىلەن سۆھبەتلەشتى.

   شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 29-ئىيۇل تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 29-ئىيۇل ‹‹خەلق›› سارىيىدا تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىردەك جۇڭگو-تۈركىيە ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئېنىق تونۇپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشەنچ ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆزئارا بىر-بىرىنى قوللاپ، ئىككى دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ماسلىشىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ مەزمۇنىنى كېڭەيتىش ۋە تولۇقلاش كېرەك، دەپ قارىدى.
   شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن تۈركىيە 20 دۆلەت گۇرۇھىدىكى مۇھىم ئەزالار. خەلقئارا ۋەزىيەت مۇرەككەپ ۋە ئۆزگىرىشچان، دۇنيا ئىقتىسادىي تەستە ئەسلىگە كېلىۋاتقان، غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقا رايونلىرىدىكى تېررورلۇق ۋەزىيىتى كەسكىن بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق ئىستراتېگىيەسى ۋە ئورتاق مەسئۇلىيىتى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ئىشەنچنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ئۇلتېشىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. زۇڭتۇڭ ئەردۇغان ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتى كۆپ قېتىم ھەرقانداق كىشىنىڭ تۈركىيە چېگرىسى ئىچىدە جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا، ھەرقانداق شەكىلدىكى تېررورىزمغا قارشى قەتئىي تۇرىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلەپ كەلدى. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش، بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئىككى دۆلەت قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگانلىرى ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ قويۇق ئالماشتۇرۇشىنى قوللاپ، سىياسىي چۈشىنىش ۋە سىياسىي ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ باشتىن-ئاخىر توغرا يولدا ئالغا مېڭىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

   شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو-تۈركىيە ئىككى دۆلەت مىللىي گۈللىنىشنىڭ تارىخىي پەيتىدە تۇرماقتا. جۇڭگو بىلەن تۈركىيەنىڭ ھەمكارلىق ئىستىقبالى پارلاق. ئىككى تەرەپ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك، بۇ ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت ئاتا قىلىدۇ، بۇ يەنە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا پايدىلىق. جۇڭگو تەرەپ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىدا تۈركىيەنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، ئورتاق ھەمكارلىق، ئورتاق تەرەققىيات، ئورتاق گۈللىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىقتىساد، سودا ھەمكارلىقىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات پىلانىنى ئوبدان ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد، شودا، مەبلەغ سېلىش، پۇل مۇئامىلە، ئۇل ئەسلىھەلەر، ساياھەت، ئادىمىيەت، يەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك. 


   شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە يەرشارى ئىقتىسادىنى تەرتىپكە سېلىش، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق زور تېمىلاردا تۈركىيە تەرەپ بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-تۈركىيە ئىككى دۆلەت ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغداشنى خالايدۇ.
   ئەردۇغان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىزچىل ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدىن جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە مۇئامىلە قىلىپ، تۈركىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ كەلدى. بىز تۈركىيە-جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش ھارپىسىدا، تۈركىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئىقتىساد، سودا، مەبلەغ سېلىش، پەن-تېخنىكا، كەسىپ، ئۇل ئەسلىھەلەر قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. 
   ئەردوغان مۇنداق تەكىتلىدى: تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوللاپ، ‹‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى›› قاتارلىقلارنىڭ جۇڭگوغا قارىتىلغان تېررورىزمىغا قارشى تۇرىدۇ ھەمدە بۇ ئىشتا جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ، تۈركىيە-جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىغا يول قويمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، تۈركىيەمۇ تېررورىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى. تۈركىيەنىڭ دۆلەت چېگرىسى بىلەن غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقا رايونلىرىدىكى تېررورىزمنىڭ ۋەزىيىتى كەسكىن بولماقتا، بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق ۋەزىيىتى رىقابەتكە دۇچ كەلمەكتە. تۈركىيە ھۆكۈمىتى تۈرلۈك شەكىللەردىكى تېررورىزم كۈچلىرىگە قەتئىي زەربە بېرىدۇ ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
   ئەردوغان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇھىم ئەزاسى. تۈركىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.
   سۆھبەتتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ شەرقىدىكى مەيداندا ئەردۇغاننى قارشى مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن چاڭجى، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى، دۆلەت كومىسسارى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى گو شېڭكۈن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لو فۇخې قاتارلىقلار مۇراسىمغا قاتناشتى.
   شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئەردۇغان تيەنئەنمېن مەيدانىغا بېرىپ، خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە ئابىدىسىگە گۈلچەمبىرەك قويدى.  (توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى)

سۆھبەتتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ شەرقىدىكى مەيداندا ئەردۇغاننى قارشى مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئەردۇغان تيەنئەنمېن مەيدانىغا بېرىپ، خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە ئابىدىسىگە گۈلچەمبىرەك قويدى

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئەردۇغان تيەنئەنمېن مەيدانىغا بېرىپ، خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە ئابىدىسىگە گۈلچەمبىرەك قويدى

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئەردۇغان تيەنئەنمېن مەيدانىغا بېرىپ، خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە ئابىدىسىگە گۈلچەمبىرەك قويدى

بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى