ما يۈننىڭ ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نۇتۇقى
-
ما يۈننىڭ ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نۇتۇقى
ۋاقتى: 2015-07-30 ئاۋاتلىقى: 4143 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ما يۈننىڭ ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نۇتۇقىجۇڭگو ‹‹ئەلى بابا›› گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى ما يۈننىڭ ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى (قىسقارتىلمىسى)تەرجىمە قىلغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
نۇتۇق تېكىستى:سالام، كۆپچىلىك. مەن بۈگۈن بۇ يەردە سىلەر بىلەن دىدارلاشقانلىغانلىقىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن. نەچچە ئايلار ئىلگىرى، ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى مېنى نۇتۇق سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغانىدى. مەن تەكلىپ قىلىنىشىمنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم. نۇرغۇن كىشىلەر ‹‹ياخۇ››، ‹‹ئالى بابا›› ۋە باشقا نۇرغۇن خەۋەرلەر سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن دېيىشىدۇ، مۇشۇ ۋاقىتتا بۇ يەردە نۇتۇق سۆزلىشىم ئىنتايىن ئالاھىدە ئىش بولدى. ئەمما مەن كېلىشكە ۋەدە بەرگەنىكەنمەن، كېلىشىم كېرەكتە. بۈگۈن ناۋادا سىزنىڭ قانداقلا سوئالىڭىز بولسا، مەن ھەممىسىگە جاۋاب بېرىشكە تەييار.بۈگۈن مېنىڭ ئامېرىكىغا كەلگىنىمنىڭ 15-كۈنى، مەن بۇ يەردە بىرەر يىلدەك تۇرۇشنى ئويلاۋاتىمەن. بۇ پىلانىمنى ھېچكىم بىلمەيتتى. ھەتتا شىركەتتىكىلەرمۇ بىلمەيدۇ. كۆپچىلىك بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىمنى سورىشىدۇ. ‹‹ياخۇ››نى سېتىۋېلىشقا تەييارلىق قىلماقچىمۇ؟ ياق، كۆپچىلىك بەك سەزگۈر. مەن بۇ يەرگە چارچاپ كېتىپ كەلدىم. ئۆتكەنكى 16 يىلدا بەكلا چېرىپ كەتتىم. مەن 1994-يىلى ئۆز ئىگىلىكىمنى باشلىغاندا، ئىنتېرنېتنى بايقىغانىدىم ھەمدە شۇنچىلىك ئەسەبىيلىشىپ كەتكەنىدىم، ئاندىن ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىمدىن ۋاز كەچكەنىدىم. ئۇ چاغدا مەن ئۆزۈمنى كۆزۈمنى تېڭىپ قويۇپ يولۋاس مىنىۋالغاندەك ھېس قىلغانىدىم، يول بويى مۈدۈرۈپ كەتسەممۇ، ئەمما يەنىلا تىرىشىپ-تىرمىشىپ ياشاپ كەلدىم. ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا 16 ئاي خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، 1999-يىلى ‹‹ئالى بابا››نى قۇرغانىدىم.بىزنىڭ بەختىمىزگە يارىشا ‹‹تاۋباۋ››، ‹‹چىقىمدان››، ئالى بۇلۇتى ۋە ئالى بابا گۇرۇھى قارىمىقىدىكى باشقا شىركەتلىرىمىز بار. شۇڭا، ‹‹ئالى بابا›› قۇرۇلۇپ 12 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، مەن بىر مەزگىل دەم ئېلىشنى قارار قىلدىم. بولۇپمۇ بۇ يىلقى رىقابەت بەك مۈشكۈل بولدى، بۇمۇ مەن كۈتمىگەن ئىش بولدى. جۇڭگولۇقلاردا ھەر يىل 12 يىل بىر مۈچەل بولىدۇ. ‹‹ئالى بابا›› بۇ يىل جۇڭگودا ئەمدىلا بىر مۈچەل ياشىدى، يەنە نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى. بۇ يىلنىڭ دەسلىپىدىكى تەمىنلەش سودىگىرىنىڭ ۋەقەسى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولدى، يەنە VIE مەسىلىسىمۇ بار، مەن ھازىرغىچە نېمىنىڭ VIE ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ‹‹تاۋباۋ››نى تۆت شىركەتكە بۆلۈۋېتىش سىياسىتىنى بىلمەيمەن. شۇڭا، بۇ ئالدىراشچىلىقلار مېنى ھالسىرىتىپ قويدى. مەن بىرەر يىل ئوبدانراق دەم ئېلىشنى ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم.بولۇپمۇ كېلەر يىلى مېنىڭ مۈچىلىم، كېلەر يىلى بۇ يىلدىنمۇ جاپالىق بولىدۇ. مەن بىر مەزگىل ئوبدانراق تەييارلىق قىلىپ، كېلەر يىلىدىكى تېخىمۇ مۈشكۈل، تېخىمۇ قىيىن رىقابەتلەرنى كۈتۈۋېلىشىم كېرەك. مەن ئوبدان دەم ئالالىسام، ئۈچ-تۆت يىلدىن كېيىنكى رىقابەتلەرگە ئوبدان تەييارلىق قىلالايمەن. بۇ ئۈچ يىلدا ناۋادا بىرەر ئىش چىقىپ قالسا، كۆپچىلىك ‹‹تاۋباۋ››، ‹‹ئالى بابا››، ‹‹ئالى بۇلۇتى››نى ئەيىبلىسەڭلا بولۇۋېرىدۇ. ئەمما ئۈچ يىلدىن كېيىن، ناۋادا ئىش چىقىپ قالسا، بۇ مېنىڭ خاتالىقىم بولىدۇ. شۇڭا مەن ئامېرىكىدا بىر مەزگىل ئوبدان ئويلىنايمىكىن دېدىم. ئالدىنقى ئىككى كۈندە، مەن يەنە گولف توپ مەشىقىنى باشلىدىم. شۇڭا، ئامېرىكىغا كېلىشتىكى مەقسىتىم، كۆپچىلىك ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا مۇرەككەپ ئەمەس.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
قەشقەر كوناشەھەردىكى گۈزەل مەنزىرىلەر
2015-08-04 17:23:424493ئامېرىكىنىڭ كونا پاسوندىكى ماشىنىلىرى
2015-03-31 12:21:484052ئوبامانىڭ كارخانىچىلار ھەققىدىكى نۇتۇقى
2015-04-01 12:20:354348ھىجرىيە ئايلىرىنىڭ نامىنى بىلىۋالايلى
2015-02-04 18:28:033960ھۆسنخەت نۇسخىلىرى: تۈز خەت نۇسخىسى
2015-05-11 17:32:555079دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2016-يىللىق سالام يوللىدى
2015-12-31 22:52:504136ھىتلېرنىڭ ياشلارغا سۆزلىگەن نۇتۇقى
2015-04-08 15:33:044795كېنتاكىينىڭ جۇڭگوغا كىرىش ھېكايىسى
2015-07-22 16:39:005014
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-