نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

كېنتاكىينىڭ جۇڭگوغا كىرىش ھېكايىسى

كېنتاكىينىڭ جۇڭگوغا كىرىش ھېكايىسى

ۋاقتى: 2015-07-22 ئاۋاتلىقى: 5027 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كېنتاكىينىڭ جۇڭگوغا كىرىش ھېكايىسى  

ئابلىكىم ھەسەن ئۆگەن



   كېنتاكىي شىركىتى مايدا پىشۇرۇلغان توخۇسىنى جۇڭگو بازىرىغا كىرگۈزۈش مەقسىتىدە، بىر ئىجرائىيە لىدىرىنى جۇڭگو بازىرىنى تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىدۇ. بۇ لىدىر دەسلەپكى كۆزىتىش ئارقىلىق بېيجىڭ كوچىلىرىدا ئادەم ئېقىمىنىڭ كۆپلۈكىنى ھەم ئۇلارنىڭ كىيىم – كېچەكلىرىنىڭ ئادەتتىكىچە ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. ئۇ كىشى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى مۇنداق يازىدۇ: ‹‹مايدا پىشۇرۇلغان توخۇنىڭ جۇڭگودا ئىستېمالچىلىرى بار، ئەمما كۆپ پايدا ئالغىلى بولمايدۇ، چۈنكى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىستېمال سەۋىيەسى تۆۋەن، ئۇلارنىڭ جىق نەرسىلەرنى يېگۈسى بولسىمۇ، پۇل خەجلەپ ئالىدىغانلىرى ئاز››. بۇ كىشى ئەۋرىشكە ئېلىپ ئىستاتىستىكىلاشقا ئۈلگۈرمەي، بىۋاسىتە سېزىمى ۋە تەجرىبىسىگە ئاساسلىنىپ بازار مۆلچەرلىگەنلىكتىن، باش شىركەت ئۇنىڭغا ۋەزىپىسىنى تۆۋەنلىتىش جازاسى بېرىدۇ.

   ئۇزاق ئۆتمەي شىركەت يەنە بىر ئىجرائىيە لىدىرىنى جۇڭگو بازىرىنى تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىدۇ. بۇ كىشى بېيجىڭنىڭ بىر قانچە كوچا – رەستىلىرىدە نۇقتا قۇرۇپ، سائەت ئارقىلىق پىيادىلەر ئېقىمىنى ئۆلچەيدۇ ھەم ئوخشىمىغان ياش ۋە كەسىپتىكى 500 كىشىنى مايدا پىشۇرۇلغان توخۇ گۆشىنى تېتىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ مايدا پىشۇرۇلغان توخۇنىڭ تەمى، باھاسى ۋە دۇكان بېزىلىشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى پىكىرلىرىنى تەپسىلىي ئىگىلەيدۇ. ئۇ يەنە بېيجىڭدىكى توخۇ مەنبەسى، ياغ، ئۇن، تۇز، كۆكتات ۋە توخۇ يەم – خەشىكى ساھەسىنى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئانالىز قىلىش ئارقىلىق كېنتاكىي بېيجىڭ بازىرىغا كىرسە، گەرچە ھەر بىر توخۇدىن ئالغان پايدا ئاز بولسىمۇ، لېكىن ئىستېمالچىلار توپى ناھايىتى چوڭ، شۇڭا يەنىلا زور پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ، دېگەن يەكۈننى چىقىرىدۇ. دەرۋەقە، بېيجىڭدىكى تۇنجى كېنتاكىي دۇكىنى ئېچىلىپ بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا 2 مىليون 500 مىڭ يۈەنلىك پايدا يارىتىدۇ.

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى



بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى