كېنتاكىينىڭ جۇڭگوغا كىرىش ھېكايىسى
-
كېنتاكىينىڭ جۇڭگوغا كىرىش ھېكايىسى
ۋاقتى: 2015-07-22 ئاۋاتلىقى: 5027 قېتىميانفوندا كۆرۈش
كېنتاكىينىڭ جۇڭگوغا كىرىش ھېكايىسىئابلىكىم ھەسەن ئۆگەن
كېنتاكىي شىركىتى مايدا پىشۇرۇلغان توخۇسىنى جۇڭگو بازىرىغا كىرگۈزۈش مەقسىتىدە، بىر ئىجرائىيە لىدىرىنى جۇڭگو بازىرىنى تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىدۇ. بۇ لىدىر دەسلەپكى كۆزىتىش ئارقىلىق بېيجىڭ كوچىلىرىدا ئادەم ئېقىمىنىڭ كۆپلۈكىنى ھەم ئۇلارنىڭ كىيىم – كېچەكلىرىنىڭ ئادەتتىكىچە ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. ئۇ كىشى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى مۇنداق يازىدۇ: ‹‹مايدا پىشۇرۇلغان توخۇنىڭ جۇڭگودا ئىستېمالچىلىرى بار، ئەمما كۆپ پايدا ئالغىلى بولمايدۇ، چۈنكى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىستېمال سەۋىيەسى تۆۋەن، ئۇلارنىڭ جىق نەرسىلەرنى يېگۈسى بولسىمۇ، پۇل خەجلەپ ئالىدىغانلىرى ئاز››. بۇ كىشى ئەۋرىشكە ئېلىپ ئىستاتىستىكىلاشقا ئۈلگۈرمەي، بىۋاسىتە سېزىمى ۋە تەجرىبىسىگە ئاساسلىنىپ بازار مۆلچەرلىگەنلىكتىن، باش شىركەت ئۇنىڭغا ۋەزىپىسىنى تۆۋەنلىتىش جازاسى بېرىدۇ.ئۇزاق ئۆتمەي شىركەت يەنە بىر ئىجرائىيە لىدىرىنى جۇڭگو بازىرىنى تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىدۇ. بۇ كىشى بېيجىڭنىڭ بىر قانچە كوچا – رەستىلىرىدە نۇقتا قۇرۇپ، سائەت ئارقىلىق پىيادىلەر ئېقىمىنى ئۆلچەيدۇ ھەم ئوخشىمىغان ياش ۋە كەسىپتىكى 500 كىشىنى مايدا پىشۇرۇلغان توخۇ گۆشىنى تېتىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ مايدا پىشۇرۇلغان توخۇنىڭ تەمى، باھاسى ۋە دۇكان بېزىلىشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى پىكىرلىرىنى تەپسىلىي ئىگىلەيدۇ. ئۇ يەنە بېيجىڭدىكى توخۇ مەنبەسى، ياغ، ئۇن، تۇز، كۆكتات ۋە توخۇ يەم – خەشىكى ساھەسىنى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئانالىز قىلىش ئارقىلىق كېنتاكىي بېيجىڭ بازىرىغا كىرسە، گەرچە ھەر بىر توخۇدىن ئالغان پايدا ئاز بولسىمۇ، لېكىن ئىستېمالچىلار توپى ناھايىتى چوڭ، شۇڭا يەنىلا زور پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ، دېگەن يەكۈننى چىقىرىدۇ. دەرۋەقە، بېيجىڭدىكى تۇنجى كېنتاكىي دۇكىنى ئېچىلىپ بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا 2 مىليون 500 مىڭ يۈەنلىك پايدا يارىتىدۇ.
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
چەرچەن زاغۇنلۇق قەدىمكى قەبرىستانلىقى
2015-02-11 18:36:404543خالمۇرات غوپۇر خەلقئارالىق ئاكادېمىك بولدى
2015-04-24 16:35:493965نوبېل مۇكاپاتىنىڭ تارقىتىلىش جەريانى
2015-10-09 12:51:525057پوۋېست: قارا يۈرەك - 8 (داۋامى بار)
2015-03-03 17:24:455465چەت ئەل رەھبەرلىرى كۆپ بارىدىغان 10 شەھەر
2015-11-27 01:54:304112مىنگونىڭ دەسلىپىدە شىنجاڭدا ئوبوروت قىلىنغان چەت
2015-02-11 18:53:035257مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ھېكمەتلىرىدىن
2015-02-09 12:30:034248يەرشارىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىن تارتىلغان گۈزەل مەنز
2015-12-04 11:26:054096
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-