مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ھېكمەتلىرىدىن
-
مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ھېكمەتلىرىدىن
ۋاقتى: 2015-02-09 ئاۋاتلىقى: 4044 قېتىميانفوندا كۆرۈش
نىكاھ مۇناسىۋىتىدە ئەدەپنىڭ مۇھىملىقى ھەمراھ تاللاشتىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. خانىملارنىڭ ئۆز كۈيۆسىگە خۇددى يات ئادەملەردەك ئەدەپلىك مۇئامىلىدە بولۇشىنى تىلەيمەن، ھەرقانداق ئەر ۋات-ۋات خوتۇندىن بىزار.ۋالتېردا مىروسىچ خانىمئاياللار تۇغۇلغان كۈنى بىلەن نىكاھلانغان خاتىرە كۈنىنى ناھايىتى مۇھىم بىلىدۇ. سەنن نۇرغۇن كۇنلەرنى ئېسىڭدىن چىقىرىپ قويۇشۇڭ مۇمكىن. بۇ مەيلى، لېكىن خوتۇنۇڭنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ھەمدە ئۆزۈڭ توي قىلغان يىل، ئاي، كۈننى زادى ئۇنۇتما.دېئېل كارنېگھەممە ئادەمدە ئاجىزلىق بولىدۇ. كىمكى كەمچىلىكى يوق دوست تاپىمەن دەيدىكەن، بۇ مۇمكىن ئەمەس، گەرچە خاتالىقىمىز بولسىمۇ ئۆزىمىزنى سۆيىمىز، شۇڭا دوستلارغىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن كۆيۈنۈشىمىز لازىم.سېرۇسئىنسان تەبىئىتىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر ماھىيىتى ــــ ھۆرمەتلىنىشكە تەشنا بولۇشتۇر.ۋىليام جامېسياشاش پەقەت نەپەس ئېلىشلا ئەمەس، بەلكى ھەرىكەت قىلىش. ئەزالىرىمىز، سەزگۈ ئىقتىدارىمىزنى، ۋۇجۇدىمىمىزدىكى ھەر بىر ئۈلۈش سەزگۈمىزنى ئىشقا سېلىش لازىم. ئەڭ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرگەنلەر ئەڭ كۆپ يىللارنى سانىغانلار ئەمەس، بەلكى تۇرمۇشتىن ئەڭ كۆپ بەھرىمەن بولغانلاردۇر.رۇسسۇتۇرمۇش خۇددى ئەينەككە ئوخشايدۇ. سەن ئۇنىڭغا قاراپ يىغلىساڭ، ئۇ ساڭا قاراپ يىغلايدۇ. سەن ئۇنىڭغا قاراپ كۈلسەڭ، ئۇ ساڭا قاراپ كۈلىدۇ.دېئېل كارنېگقىممىتىڭنى قەدىرلەيمەن دېسەڭ، دۇنياغا قىممەت يارىتىپ بېرىشىڭ كېرەك.گېنتىئەخلاق تولا چاغلاردا ئەقىلنىڭ كېمىنى تولۇقلايدۇ. ئەمما ئەقىل ئەخلاقنىڭ كېمىنى مەڭگۈ تولدۇرالمايدۇ.دانىسىلىق، يېقىملىق پوزىتسىيە ــــ مەڭگۈلۈك تونۇشتۇرۇش خېتىدۇر.ئېدىسۇنسەمىمىيلىككە سۈرمە كەتمەيدۇ، گۈزەللىككە ئۇپا.شېكىسپىربىر ئادەم خۇددى كەسىر سانغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ ئەمەلىيىتى سۈرەتكە، ئۆزىگە بەرگەن باھاسى مەخرەجگە ئوخشايدۇ. مەخرەخ قانچە چوڭ بولسا، كەسىر قىممىتى شۇنچە كىچىك بولىدۇ.لېف تولىستويخوشامەت بىر خىل يالغان پۇل، ئۇ پەقەت شۆھرەتپەرەسلەر ئارىسىدا ئۆتىدۇ.لاروچفۇكتەييارلىغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىيTags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىدىن (2)
2015-02-07 15:31:483845ھېرودوت ۋە ئۇنىڭ ‹‹تارىخ›› ناملىق ئەسىرى
2015-08-18 13:08:405207ھېكايە: ئاجايىپ زىيارەت
2015-03-02 12:49:323964ساقلاپ قويغۇدەك 100 جۈملە سۆز (1)
2015-02-09 17:33:563690نىدائىي تەرجىمىسى: مەڭگۈلۈك ماندېلا
2015-02-27 16:01:583526دۇنيادىكى 10 پارچە نادىر سۈرەتكە نەزەر
2015-05-06 10:23:063962كىنو چولپىنى ئامىتاب باچچان يېڭى ماشىنا سېتىۋالد
2016-02-13 21:52:324677گېرمانىيە ماگدېبۇرگ سۇ كۆۋرۈكى
2015-04-27 18:58:394431
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-