ھېكايە: ئاجايىپ زىيارەت
-
ھېكايە: ئاجايىپ زىيارەت
ۋاقتى: 2015-03-02 ئاۋاتلىقى: 3922 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئاجايىپ زىيارەتمەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى(ھېكايە)جۇ خەيلياڭ
تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا خىزمەت قىلىدىغان بىر دوستۇم ماڭا مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى:بىر قېتىم ئۇلار كوچىدا ئاممىنى زىيارەت قىلىش پىروگراممىسى ئىشلىمەكچى بوپتۇ. دوستۇم شۇ پىروگراممىغا رىياسەتچى بوپتۇ. بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ مەزمۇنى ناھايىتىمۇ ئاددىي بولۇپ، رىياسەتچى كوچىدىن ئۆتكەن – كەچكەنلەردىن ‹‹سىز ھازىرنىڭ ئۆزىدە بىر ئارزۇيىڭىزنى دەڭ، بىز ھازىرلا ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرىمىز›› دېگەن سوئالنى سورايدىكەن.ئۇ كۈنى ئۇلار يىگىرمە ئادەمنى زىيارەت قىپتۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىچىدە 19 ئادەم ئوخشاش بىر جاۋابنى، يەنى ‹‹مەن بۇ ھەقتە تېخى ئويلىشىپ بولالمىدىم›› دېگەن جاۋابنى بېرىپتۇ. ئەجىبا، ئۇلار بۇنىڭ بىر خىل ئويۇن ئىكەنلىكىنى بىلمەسمۇ؟ ئەلۋەتتە بىلىدۇ، ھەممىلا ئادەم بۇنىڭ بىر ئويۇن ئىكەنلىكىنى بىلىشىدۇ. يەنە كېلىپ ھەممىسىلا دوستۇمنىڭ ئۇلارنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلىشىدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئۇلار ئەسلى نېمىلا دېسە بولىۋېرەتتى، ئەمما ئۇلار بۇ ھەقتە ئېغىز ئېچىشقا پېتىنالماپتۇ. ئۇلار ئىچىدە يەنە تېخى ‹‹ئەگەر سىز ماڭا ئازراق ئويلىنىش ۋاقتى بەرگەن بولسىڭىز، مەن سىزگە مۇكەممەل بىر جاۋاب بەرگەن بولاتتىم›› دېگەنلەرمۇ بوپتۇ.دوستۇم ماڭا ئۆزىنىڭ شۇ قېتىملىق زىيارەتتىن ناھايىتىمۇ ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى، بۇ شەھەردىكى كۆپ سانلىق كىشلەرنىڭ ھەممىلا ئىشقا پەرۋاسىز قارايدىغان، ئېھتىياتچان، قورقۇنچاق ئادەتنى يېتىلدۈرۈۋالغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.شۇنداق، دوستۇمنىڭ ئېيتقىنى توغرا. كىشلەر كۆپ ھاللاردا مانا مۇشۇ قورقۇش تۇپەيلى ئۆزلىرىنىڭ ئوڭايلا خاتالىشىپ قالىدىغانلىقىنى بىلىشمەيدۇ. ئۇلار چوڭ يولدا باشقىلارنىڭ ئېغىزلىرىنى توسۇپ كۈلۈشىدىن، ئۆزىنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن، رېئاللىقتا ئەنە شۇ ئارزۇ – ئارمانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن قورقۇشىدۇ. رېئاللىقتا بۇ شەھەردە نۇرغۇن كىشىلەر ھەر كۈنى نۇرغۇن تاسادىپىي ئىشلارغا يولۇقۇپ تۇرىدۇ، مەسلەن، ئۇلار ئىشسىز قېلىشتىن، سۆيگىنىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن، مائاشىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن قورقۇشىدۇ.شۇ قېتىملىق زىيارەتتە بىر كۈلكىلىك ئىشمۇ بولغان ئىكەن. دوستۇم بىر ئوغۇل بالىدىن ‹‹سىزنىڭ نېمە ئارزۇيىڭىز بار؟›› دەپ سورىغانىكەن، ئۇ بالا ‹‹ماڭا بەش يۈەن بېرىڭ›› دەپتۇ. دوستۇم ماڭا بۇ جاۋاب گەرچە ناھايىتىمۇ كۈلكىلىك بولغان بولسىمۇ، ئۇ ئوغۇل بالا يۈرەكلىك ھالدا ئۆزىنىڭ شۇ چاغدىكى ئارزۇسىنى يوشۇرماي ئېيتقانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا بەش يۈەن بېرىپ، ئۇنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.— ئۇنداقتا، سېنىڭچە ئەگەر يەنە يىگىرمە يىلدىن كېيىن ئاشۇ 20 ئادەمنى قايتا زىيارەت قىلساڭ، نەتىجىسى ئوخشاش بولارمۇ؟ – سورىدىم ئاخىرىدا دوستۇمدىن.دوستۇم بىر ئاز ئويلىشىۋالغاندىن كېيىن:— ئۇنداق بولمايدۇ، چۈنكى يىگىرمە يىلدىن كېيىن ھېلىقى ئوغۇل بالا ئاللىقاچان چوڭ بولۇپ كېتىدۇ، - دەپ جاۋاب بەردى.مۇتەللىپ ياقۇپ تەرجىمىسى
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئۇيغۇرلارنىڭ يەڭگە قوشۇپ ئەۋەتىش ئادىتى
2015-03-14 19:48:323543پوۋېست: قارا يۈرەك - 5 (داۋامى بار)
2015-03-03 17:19:374811دۇنيادىكى غەلىتە ‹‹سۇ قۇيۇنى›› ھادىسىلىرى
2015-11-23 23:22:383819دۇنيادىكى داڭلىق شەھەرلەرنىڭ 3D كۆرۈنۈشى
2015-03-25 13:07:583616لى جياچېڭ، ما يۈن، ۋاڭ جيەنلىننىڭ ئوغۇللىرىغا ئې
2016-03-30 15:49:588054دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل كۇتۇپخانىلار
2015-08-14 19:55:304740ئوباما تۇنجى قېتىم ئانا يۇرتىدا زىيارەتتە بولماق
2015-03-31 13:23:194223داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (20)
2015-03-01 22:45:293504
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-