نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

پوۋېست: قارا يۈرەك - 5 (داۋامى بار)

پوۋېست: قارا يۈرەك - 5 (داۋامى بار)

ۋاقتى: 2015-03-03 ئاۋاتلىقى: 4776 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

قارا يۈرەك (5) 
( پوۋېست )
ئاپتورى: سەمەت مۇھەممەد رامىزان
تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
5
   يېڭىلا باقىيغا سەپەر قىلغان بىر ئاچكۆزدىن مۇنكىر - نەكىرلەر: ‹‹جەننەتكە كىرگۈڭ بارمۇ – دوزاخقىمۇ؟›› دەپ سورىغاندا، ئاچكۆز ئىككىلەنمەيلا: ‹‹ئاۋۋال جەننەتكە كىرىپ باقاي، ئەگەر ئۇ يەردە پايدا – مەنپەئەت بولمىسا دوزاخقا كىرەي›› دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىكەن. دېمىسىمۇ، ئاچكۆزلۈك كىشىنى ھەر كويغا سالىدۇ، كۆنمەيدىغانغىمۇ كۆندۈرۈپ، بوينى باغلانغان قويدەكلا مۇلايىم قىلىپ قويىدۇ. قوينى نەگە يېتىلىسە، شۇ يەرگە مېڭىۋەرگەندەك ئاچكۆزلەرمۇ پايدا - مەنپەئەت ئۈچۈن نەگە باشلىسا مېڭىۋېرىدۇ. 
   يېزا باشلىقى دولقۇن ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشنىڭ گېپىنى قىلىۋىدى، ساۋۇت ساختا خۇددى ھويلىسىغا تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ ئۈنۈپ چىقىدىغاندەك بىر خىل بېسىپ بولماس ھاياجان ئىچىدە دولقۇننىڭ قاغجىراپ كەتكەن ئېرىقىغا سۇ باشلاشنىڭ كويىغا چۈشتى. ئۇنىڭ نەزەرىدە دولقۇن پەقەت ياخشىلىق قىلغۇچى، ئاسرىغۇچى، ئەڭ مېھرىبان شەپقەتچى ئىدى. شۇڭا ئۇ دولقۇن بىلەن قىلىشقان مەسلىھەت بويىچە جىم ياتمىدى: ئاۋۋال كەنت مۇدىرلىرى، ئىمام - مەزىنلەردىن بولۇپ بىر قىسىم يۇرت كاتتىلىرىغا كۆڭلى يېقىن قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىدىن بىرنەچچىنى قوشۇپ چاقىرىپ، بىر قوچقارنىڭ بېشىنى كېسىپ مېھمان قىلدى، سورۇن ئەھلىگە باشتىن - ئاخىر دولقۇننىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى قىلىپ ماختىدى، ئۇچۇردى. ئاندىن يەنە ‹‹سەل گۇمانلىق›› دەپ قارالغان بىر نەچچە ۋەكىلنىڭ ئۆيىگە كورىيەدە ئىشلەنگەن ‹‹ھەرەمنىڭ ئالاھىدە مېلى››دىن بىر كىيىملىك ياكى گۇاڭدۇڭنىڭ ئەڭ ئېسىل ‹‹جىڭ خرۇم›› ئاياغلىرىدىن بىر – ئىككى جۈپتىن ‹‹كۆڭۈل سوۋغىسى›› ئېلىپ كىرىپ يوقلىدى. ھەتتا تېخى بەزىلىرىدىن ۋەدە ئېلىپمۇ ئۈلگۈردى. شۇ تاپتا ئۇ دولقۇننىڭ ‹‹ئالتۇن تاج››ىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشنى قىلىشقا، ھەتتا كىشىلەر نەزەرىدىكى ئەڭ يىرگىنىشلىك، پەسكەش ئىش بولسىمۇ قىلىشقا تەييار ئىدى.
   مانا بۈگۈنمۇ ئەتىدىن كەچكىچە ئۇياق - بۇياققا چېپىپ يۈرۈپ مېھمان چاقىرىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلدى. تەييارلىق قىلغاندىمۇ خۇددى ناھىيە ھاكىمىنى، ياق، بىرەر ۋالىينى كۈتىدىغاندەك ھەشەم - دەرەم بىلەن تەييارلىق قىلدى. قوشنا مەھەللىدىكى بورداقچىدىن سۈت ئەممە پاقلاندىن ئىككىنى، قولۇم – قوشنىلىرىدىن ئىزدەپ - سوراپ يۈرۈپ تۆت – بەشتىن قىرغاۋۇل، توخۇ – ئۆردەك، كەپتەر باچكىسى سېتىۋالدى، ئوي مەھەللىدىكى بارات چاپاق ئۆز قولى بىلەن ئېچىتقان ‹‹رەڭلىك مۇسەللەس››تىن بىر كوزا كەلتۈردى، يېزا باشلىقىنىڭ نامىنى سېتىپ، ئۇنىڭ ساقچىخانىدىكى ئەڭ يېقىن ئاغىينىسى ئارقىلىق مەكىتنىڭ ئەڭ ‹‹ئېسىل›› نەشىسىدىن ياڭاقتەك تاپتى. تەييارلىق پۈتتى ...
   ‹‹سەمى مۇقام››، ‹‹قادى غېجەك››، ‹‹تۇردى تەمبۇر›› لار كېلىپ بولغىلى نەچاغ، ئۇلار تېخى بىر ئىككى پىنەكتىن تارتىشىپ، غېجەك، تەمبۇرلىرىنى سازلىشىپمۇ بولدى. لېكىن، ئاساسلىق مېھمانلاردىن خەۋەر يوق. ساۋۇت ساختا سەل جىلە بولۇپ ئىزىدا تۇرالماي قالدى. نەچچە قېتىم دەرۋازا ئالدىغا چىقىپ قاراپمۇ ھاردى. ‹‹تاماقنىڭ پەيزى كېتىدىغان بولدى - دە›› دەپ غۇدۇرىدى كىمدۇر بىرسى. تاقىتى تاق بولغان ساۋۇت ساختا يەنە قاراپ بېقىش ئۈچۈن ئەمدىلا ئىشىك تۈۋىگە بېرىشىگە ساقلاۋاتقان ‹‹ئەزىز مېھمان›› لىرى ئارقا - ئارقىدىن سالام بېرىپ كىرىپ كېلىشتى.
    — ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم...
   — ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئەزىزلەر، تىنچ - ئامان كېلىشىپسىلە، قېنى، قېنى كۆرپىگە ئۆتۈڭلار، ھە، بارات ئاداش، سىلى ھەممىدىن ‹‹چوڭ›› بولغاندىكىن تۆردىرەك ئولتۇرۇپ بېرىڭلا، - دېدى ساۋۇت ساختا ئالاھىدە ئىلتىپات كۆرسىتىپ. ھەممە ئۆرە - تۆپە بولۇپ كېتىشتى.
   — ياق، ياق، يەنىلا جۈمە سادىق باجاڭلار تۆرگە چىققىنى تۈزۈك، – دېدى 55 ياشلار چامىسىدىكى، ئېگىز بويلۇق، چىرايىدىن ساغلاملىقى بىلىنىپ تۇرىدىغان، قارىماققا يېشىمۇ، بەستىمۇ ھەممىسىدىن چوڭ كۆرۈنىدىغان بارات چوڭ.
   — ھېچنېمە بولمايدۇ، بارات چوڭ ئاكا. يەنىلا ئاۋۋال سېنىڭ تۆرگە ئۆتكىنىڭ تۈزۈك، تۆگە بىلەن چاشقاننىڭ تۆر تالاشقىنى نەدە بار، – دېدى يۈزىنى يېشىغا باقمايلا چىبەرقۇتتەك يول - يول قورۇقلار قاپلىغان، كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن، نەچچە ئون كۈن ھېچنېمە يېمىگەندەك كۆرۈنىدىغان رېھىم چۇخەي كۆرپە ئۈستىگە ئۆتۈۋېتىپ.
   — ھەي، ھەي رېھىم بالا، پۇت - قولۇڭلارنى پاكىزراق يۇيۇپ كەلدىڭلارمۇ – يا؟ مەن ‹‹ئەتىر پۇرىقى››غا بەك ئۆچ جۇمۇ، بولمىسا سىلە ساۋۇتبايغا شاگىرت بولغاندىكىن پەگادىلا ئولتۇرامسىلە – يا؟
   — ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭلار، بارات چوڭ، زامان ئۆزگەردى، ئىلگىرىكى چۇخەينىڭ ئورنىغا بەتىنگە ئالماشقىلى نەچاغ، مۇشۇ كۈنلەردە رېھىم بالا ساقال - بۇرۇتلىرىنى كۈندە نەچچە رەت قىرىپ، ‹‹دەزمال››لاپ، شەھەر بالىسىدىن قېلىشمايدىغان بولۇپ كەتتى.
   ھەممەيلەن جايلىشىپ ئولتۇرۇۋالغاندىن كېيىن دۇئاغا قول كۆتۈرۈشتى. ھايالشىمايلا تاماقلارمۇ تارتىلدى.
   — تەييارلىق مولغۇ ساۋۇتباي، يەنە كېلىدىغانلار بار ئوخشىمامدۇ؟ ناھىيىنىڭ غوجاملىرىدىنغۇ كەلمەيدىغاندۇ – ھە؟ − دېدى بارات چوڭ ھورى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان قىزىق چايدىن ئوتلىغاچ.
   — بىر نېمە دەپ بولمايدۇ جۇمۇ، بارات چوڭ. بۇنچىلىك كاتتا تەييارلىققا قارىغاندا ۋىلايەتنىڭ غوجاملىرى كېلەمدۇ تېخى، مۇشۇ كۈنلەردە ساۋۇتباي باجامنىڭمۇ قولى ئۇزىراپ، نەزىرى ئاسمانغا تاقاشقىدەك بولدى ئەمەسمۇ؟ − گەپ قوشتى كۆز جىيەكلىرى قېنىق سۈرمە سۈرۈۋالغان كوچا ئاياللىرىنىڭ كۆزىدەك كۆكۈش، ئۇدۇلدىكى ئىككى تال چىشى خۇددى بوياپ قويغاندەكلا سېرىق جۈمە سادىق ھەيرانلىقىنى يوشۇرالماي. ئۇنىڭ نەزىرىدە مۇشۇنداق ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا، ساۋۇت ساختا ھەرگىز بۇنچە جۇۋاپ كەتمەيتتى.
   — ئارتۇقچە ئويلاپ كېتىشمەڭلار ئەزىزلىرىم، مانا كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر، ھەممىمىز ئۆز ئادەملەر، قەدىناسلار، ئەمدى كېلىدىغان مېھمان يوق، مېنىڭ نەزىرىمدە ھەرقايسىلىرى بەگ - غوجاملاردىن قېلىشمايسىلەر، قېنى بەھوزۇر ئېلىپ ئولتۇرۇڭلار، ئاۋۋال تائام، ئاندىن كالام دەپتىكەن، - دېدى ساۋۇت ساختا ئۇلارنى تاماققا تەكلىپ قىلغاچ كۆزلىرىنى ئوينىتىپ تۇرۇپ. 
  — بۈگۈن ئەتىگەندە كۈن قاياقتىن چىققان بولغىيدى - ھە، جۈمە سادىق ئاداش؟ ساۋۇتباي خېلىدىن بېرى ئاياغلىرىمنى ئەرزىنىغا ئېلىۋالامدىكىن، دەپ بىزلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، قۇيرۇق تۇتقۇزماي كېلىۋاتقان، لېكىن – زە، بۈگۈن ئەلپازى خېلىلا ياماندەك تۇرىدۇ بۇ ئادىشىمنىڭ، پادىشاھ ھوزۇرىنى سۈرىدىغاندەك قىلىمىز جۇمۇ؟
  — راست، نەچچە ۋاقىتتىن شەيتانغىمۇ قۇيرۇق تۇتقۇزماي كەلگەن دەيمەن، بۈگۈن-زە؟...
  — ھاي، ھاي ئەزىزلىرىم، لېكىن - پېكىنلەرنى قويۇپ ئاۋۋال چوڭ - چوڭ ئالايلى، راست گەپنى قىلسام بۈگۈن يېزىلىق پارتكوم سېكرىتارى شىياۋ دۇ ۋە يېزا باشلىقىمىز دولقۇنمۇ سورۇنىمىزغا داخىل بولماقچى ئىدى، لېكىن ناھىيىدە جىددىي بىر يىغىن ئېچىلىپ قالغاچقا ئىشتىراك قىلالماي قالدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۆز پارىڭىمىزنى قىلىپ، ناخشا - پاخشىمىزنى بولۇشىغا توۋلاپ، جاھان بىزنىڭكىدەكلا بەھوزۇر ئولتۇرۇۋېرەيلى، قېنى خوش، چوڭ - چوڭ ئالايلى. ھېلى ‹‹دورا››غا ئېغىز تېگىپ قالساق ياخشى يېيەلمەي قالىمىز...
  ئولتۇرغانلار نېمىشقىدۇر بىر - بىرىگە قارىشىپ قويدى. بىرلىرى سىرلىق ھىجىيىپ قويۇپلا ئالدىدىكى مول نېمەتنىڭ قايسىسىنى ئېلىشنى كۆزلەپ ئولتۇرسا، بىرلىرى ئېغىزىغا كەپلەپ سېلىۋالغان لوقمىنى ئېزىلەڭگۈلۈك بىلەن چاينىغانچە نېمىنىدۇر خىيال قىلىشتى. بىر دەملىك يەپ – ئىچىشتىن كېيىن، ساۋۇت ساختا نەپىس ئىشلەنگەن خرۇستال چەينەككە لىق تولدۇرۇلغان ئاتنىڭ قېنىدەك مۇسەللەس بىلەن قىرلىق ئىستاكاندىن ئىككىنى ئېلىپ كېلىپ:
  — قورساقنىمۇ ئانچە - مۇنچە ئەستەرلىۋالدۇق، ئەمدى بىر تەرەپتىن يېگەچ، بىر تەرەپتىن ئاز - تولىدىن ئىچىشكەچ پاراڭلىشايلى، قېنى، بارات چوڭ، بۇنى ... - دېگىنىچە بارات چوڭنىڭ ئالدىغا قويدى.
  — بۇ نېمە گەپ ئۆزى، ساۋۇتباي، ‹‹قېرىغاندا قېرى تاتۇق، قىلىقلىرى ئاندىن ئارتۇق›› دېگەندەك، ياش بىر يەرگە بارغاندا ...
  — قاچاننىڭ بېرىسى قېرىپ قالدىڭ ھوي، باراتكا؟ كوچىدا ماڭساڭ كۆزلىرىڭ ئالا - يېشىل بولۇپ كېتىدىكەن، بۈگۈن قۇشناچىمغا نەچچە قېتىم يېلىنىپ - يالۋۇرۇپ، قاتتىق ۋەدىلەرنى بېرىپ، ئاران دېگەندە مۇشۇنچىلىك سورۇن ھازىرلىغاندا تاختا قوياي، نوغۇچ قوياي دەيسەنغۇ؟ نېزىقىماي ئال قولۇڭغا، سەن تۇرۇپ مەن ئاقساقاللىق قىلسام بولماس ھېلى، قانداق دېدىم، جۈمەكا؟
  — بوپتۇ ئەمىسە، ساۋۇتباينىڭ قولىنى ياندۇرمايلى، ئۇنداق بولسا، قائىدە بويىچە ئاۋۋال ساۋۇتباي تۇزىنى تېتىپ بەرسۇن، - دېدى بارات چوڭ لىقلاپ ‹‹دورا›› قۇيۇلغان ئىستاكاننى ساۋۇت ساختىغا تەڭلىگەچ.
  — بەلەن گەپ، شۇنداق قىلايلى، بۈگۈن سورۇندىن ‹‹ئوت›› چىقىرىۋېتەيلى، قېنى خوشە ...- دېيىشتى باشقىلارمۇ ئۇنى قوللاپ.
  — بۇ، بۇ ... - دېدى ساۋۇت ساختا قولىدىكى ‹‹دورا›› غا قاراپ دۇدۇقلىغىنىچە، - مۇشۇنداقمۇ تولدۇرۇپ قۇيغان بارمۇ ھوي، بارات چوڭ؟ 
  — تىپوسىدا مۇشۇنداق ھەيدىمىسەك، ئادەم قىزىمايدۇ دەيمەن، ساۋۇتباي. ئىككى ئۈچنى مۇشۇنداق ھەيدەپ ئاستا - ئاستا ئىزىغا سالىمىز – دە. لېكىنزە ساۋۇتباي بۈگۈن ‹‹ساختا››لىق ئاقمايدۇ جۇمۇ؟ پىيالىدىكى چايلارغا ياندۇرۇپ يۈرمەڭلار يەنە!
  — بوپتۇ ئەمىسە، لېكىن – زە، ئۇزاق يىللار بوپتىكەن ئىچمىگىلى، بۈگۈن ھەرقايسىلىرىنى كۆڭلۈم تارتىپ ھال – مۇڭ بولۇشقاچ بىردەم – يېرىم دەم ‹‹ياشايلى›› دېدىمغۇ، شۇنداق بولغاندىكىن ئۆز ئۆيۈمدە ياق دېسەممۇ قاملاشمىغۇدەك، خوش ئەمىسە ئەزىزلىرىم، خۇشاللىق ئۈچۈن، كەلگۈسى ئامەتلىرىمىز ئۈچۈن ئىچەيلى...
  — ئاتىسىنىڭ دۇئاسىنى قالتىس ئالغان بەندە - دە بۇ، خوشە! سىڭسۇن!
  — ھەببەللى، خەپشۈك ئەمىسە،- دېدى بارات چوڭ ساۋۇت ساختا قائىدە بويىچە باشلاپ بەرگەندىن كېيىن ئىستاكانلارنى لىقلىغاچ، – ئەمدى مۇغەننىلىرىمىز (سازەندىلەر) نىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن لىقلاپ ئىككى ئىستاكاندىن كەلتۈرۈپ ‹‹ماتورىنى بىر ئوت ئالدۇرايلى››، ئۇلار كارامىتىنى كۆرسىتىپ مۇڭ باشلىسۇن، بىز بىر تەرەپتىن ئاڭلاپ ھوزۇرلانغاچ، بىر تەرەپتىن ئىچىشسەك، قانداق دەيسىلەر؟ يەنە بىر گەپ، ئارىلىقتا كۇس - كۇس پاراڭ قىلىشمىساق، كىمكى ‹‹ھۆپۈپ ئوسۇرۇقى›› قىلىشىدىكەن، قائىدە بويىچە ‹‹جازا›› لىنىدۇ. قېنى مۇغەننىلىرىم، خوش كەتتى ئەمىسە.
  مۇغەننىلەر ئارقا - ئارقىدىن سۇنۇلغان ‹‹دورا›› نى پىژغىرىمدا چاڭقاپ ھالى قالمىغان ئوتۇنچى قاپاقنىڭ مۇزدەك سوغۇق سۈيىنى بىر تىنىقتىلا ئىچىۋەتكەندەك غۇرتۇلدىتىپ ئىچىۋېتىپ، قولىنىڭ ئارقىسى بىلەن ئېغىزلىرىنى سۈرتۈشۈپ سازلىرىنى قولىغا ئالدى. ‹‹بوم باياۋان›› دىن باشلانغان مۇڭلۇق كۈي ئەۋجىگە چىقتى. 
  ئىچىش داۋاملاشماقتا. سورۇن بارغانچە قىزىماقتا. تاماقلارمۇ بىر ئىككى قېتىم يەڭگۈشلەندى. سورۇن ئەھلىنىڭ بىرلىرى خۇمارلاشقان كۆزلىرىنى قىسىشىپ، پەس ئاۋازدا غىڭشىپ مۇڭغا جۆر بولسا، بىرلىرى يۇڭلۇق مەيدىلىرىنى ئېچىۋېتىپ، قايسى بىر يۇرتنىڭ مۆتىۋەر خاقانىدەك كېرىلىپ ئولتۇرۇشاتتى. ئىچمىگىلى ئۇزۇن بولغان ساۋۇت ساختىمۇ ئۈلپەتلىرىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن نۆۋىتىنى قالدۇرماي ئىچكەچ، بىر تەرەپتىن مېھمانلارنى يەپ – ئىچىشكە زورلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئەسلى مەقسەت - مۇددىئانى ئۇلارغا قانداق بىلدۈرۈش، گەپنى قەيەردىن باشلاش ھەققىدە ئويلىنىۋاتاتتى. بەزىلەرنىڭ قېنى قىزىپ تۇرغاندا ئىشنى بۇزۇپ قويۇشىدىنمۇ ئەنسىرەپ تۇراتتى. مۇغەننىلەر بىر يۈرۈش كۈينى ئاخىرلاشتۇرۇپ چېلىشتىن توختىدى.
  — ھارماڭلار ئەزىزلىرىم، ھارماڭلار! قولۇڭلارغا دەرت كەلمىسۇن، ئۇسساپمۇ قالغانسىلەر، قېنى بىردىن كۆتۈرۈۋېتىڭلار ئەمىسە، - بارات چوڭ ‹‹دورا›› دىن لىقلاپ تولدۇرۇپ مۇغەننىلەرگە سۇندى.
  — پاھ، پاھ! ئېسىل ‹‹دورا››كەن، تەمىمۇ باشقىچىلا، يۈرەكنىڭ بېغىشىغىلا تەگدى - دە!، كۈندە مۇشۇنداق مېھمان قىلىپ تۇرىدىغان ئادەم بولسا، ھارماي چالاتتۇق - دە ساز دېگەننى، ھى، ھى، ھى... - دېدى ئېغىزلىرى قۇلىقىغا يەتكەن ‹‹قادى غېجەك›› لېگەندىكى گۆشتىن چوڭ بىر پارچىنى ئىلغاپ ئالغاچ.
   ساۋۇت ساختا ئەمدى گەپكە ئېغىز ئاچاي دەپ تۇرۇۋېدى، ئايالى قىيا ئېچىقلىق ئىشىكتىن بېشىنى تىقىپ:
   — ماڭا قايلىسىلا، ساۋۇتاخۇن، مېھمانلارنىڭ كۆڭلى يەنە نېمىنى تارتىدىكىن؟ – دەپ سوراپ قالدى.
   — ئۇنى – بۇنى دېگەن بىلەن مېھمانلارغا ياقىدىغىنى يەنىلا ئاچچىق - چۈچۈك سۇيۇقئاش، مېڭىڭلار خوتۇن، تازا ئوخشىتىپ سۇيۇقئاش قىلىپ ئەكىرىڭلار، قانداق دېدىم، - دېدى ساۋۇت ساختا ئولتۇرغانلارغا قاراپ. ھېچكىمنىڭ ئېغىزىدىن ‹‹خوش، بولدى قىلايلى›› دېگەن گەپ چىقمىدى. ئايال ئاستا چىقىپ كەتتى.
   — پاراڭمۇ قىلىشتۇق، ئەمدى يەنە نۆۋىتى بويىچە بىر ئىككىنى ھەيدىمەيمىزمۇ؟ - دېدى بارات چوڭ لىققىدە ‹‹دورا›› قۇيۇلغان ئىستاكاننى ساۋۇت ساختىغا سۇنۇۋېتىپ، - قېنى، باي غوجام، گۈپپىدىلا ...
   — ھەي ئېسىت، مۇشۇنداق ئېسىل سورۇنىمىزغا يېزا باشلىقىمىز دولقۇنجان قاتنىشالىغان بولسا، سورۇن تېخىمۇ قىزىپ كېتەتتى – دە! تازا بىر چاغدا پۇتلاشتى بۇ يىغىن!- دېدى ساۋۇت ساختا ئىستاكاننى قولىغا ئېلىۋېتىپ. نېمىشقىدۇر سورۇن پورۇقلاپ قايناۋاتقان سۇغا سوغۇق سۇ قۇيۇلغاندەك بىردىنلا جىمىپ قالدى.
   — نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنسىلە، ساۋۇتباي. ئەگەر يېزا باشلىقى بۈگۈن مۇشۇ سورۇنغا كېلىپ تۆردە كېرىلىپ ئولتۇرغان بولسا، پاراڭلىرىمىز كۆڭلىگە ياقسىغۇ ياقتى، ياقمىسا قاپاقلىرى تۈرۈلۈپ، چىرايى بۇلۇتلۇق ئاسماندەك تۇتۇلۇپ كەتسە، بىز ئۇنىڭ قاش - قاپىقىغا قاراپ ئولتۇرۇپ كەتسەك، سورۇن سورۇن بولاتتىمۇ؟ مۇشۇنداق ئېچىلىپ - يېيىلىپ كۈلكە - چاقچاقلىرىمىز بىلەن ئولتۇرالارمىدۇق؟ ئولتۇرالمايتتۇق. چۈنكى باشلىق دېگەن مايمۇندەك خەق، ھۈنىرى تولا، ئۇنىڭ كېلەلمىگىنى بەك ياخشى بولدى، قانداق دېدىم؟ - دېدى بارات چوڭ ئولتۇرغانلارغا تەكشى قاراپ.
   — بارات چوڭ راست دەيدۇ باجام، باشلىق دېگەنگە ئۇنچىۋالا قىلىپ كەتمىگۈلۈك، ئۇنىڭ ئۈستىگە جانابىي يېزا باشلىقىمىزنىڭ قۇيرىقىنى قۇم باسىدىغانغا ئازلا كۈن قالدى، يەنە نېمىگە شۇنچە قىلىپ كەتكۈلۈك ئۇنىڭغا؟ - جۈمە سادىق باجىسىنىڭ گەپلىرىگە نارازى بولغاندەك قىلاتتى. ساۋۇت ساختىمۇ باجىسىنىڭ ئېغىزىدىن بۇنداق گەپنىڭ چىقىشىنى ئويلاپ باقمىغان بولسا كېرەك، قاپاقلىرى سەل - پەل تۈرۈلدى، ئۇ جۈمە سادىققا تىكىلىپ بىر قاراپ قويۇپ، قولىدىكى ‹‹دورا›› نى غۇرتۇلدىتىپ ئىچىۋەتتى.
   — بەزى ئىشلارغا ئالدىراپ سۆزلىگۈلۈك ئەمەس باجام، يېزا باشلىقىمىزمۇ ئۇنچە بوش ئادەم ئەمەس، ئاڭلىسام يۇقىرى - تۆۋەن يۆلەنچۈكلىرىمۇ خېلى كۈچلۈكمىش، سىلىمۇ بىلىسىلە، يېزىمىزدىكى قوللىغۇچىلىرىمۇ ئاز ئەمەس. شۇنداق تۇرۇقلۇق، سىلە دېگەندەك ئاز كۈندىن كېيىنلا قۇيرىقىنى قۇم باسارما؟
   — بىز ۋەكىللەرنىمۇ سەل چاغلاپ قالماڭلار، ساۋۇتباي. ئۆز ۋاقتىدىكى يېزا باشلىقى غالىپمۇ باشلىق بولۇۋېلىپلا ئىشتىنىغا پاتماي كۆرەڭلەپ كەتكەن، ئۆزىنى يېزىمىزنىڭ خاقانى بىلىپ، دېھقانلارغا ئۆزىنى كۆرسىتىپ قىلمىغىنى قالمىغان، خۇددى ئۇنىڭدىن چوڭ باشلىق يوقتەك! شۇنىمۇ مانا بىز قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ئەرز قىلىپ ئۆرۈۋەتكەن، ئاشۇنداق باشلىقلارنىڭلا زامانى ئەمەستە بۇ! ئۇلارنىمۇ تەرلىتىدىغان ئادەم بار، باشلىق بولسىمۇ ئۆزىگە ئارتۇقچە ئىشىنىپ كەتمىگۈلۈك، پۇقرالىرىغا زۇلۇم قىلمىغۇلۇق...
   — شۇنداقمۇ دەيسىلە بارات چوڭ، لېكىن يېزا باشلىقىمىز دولقۇنجان ئىلگىرىكى يېزا باشلىقى غالىپقا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ - دە؟ دولقۇنجان مۇشۇ ئولتۇرغانلىرىمىزغا نېمە زىيان سالدى؟ توغرا، باشلىق دېگەندە ئاز - تولا كىبىر بولمىسىمۇ بولمايدۇ - دە؟ ئەمما يېزا باشلىقىنىڭ بەزى بىر كىچىككىنە كەمچىلىكىنى كۆرۈپ نەتىجىسىنى يوققا چىقىرىۋەتسەك بولمايدۇ. ئويلاپ كۆرمەمسىلەر، دولقۇنجان يېزا باشلىقى بولغاندىن كېيىن يېزىمىز دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا بولسۇن، مال - چارۋا باقمىچىلىقىدا بولسۇن، باغۋارانچىلىق ئىگىلىكىدە بولسۇن، كۆكتاتچىلىق قوشۇمچە ئىگىلىكىدە بولسۇن، ئىشقىلىپ ھەر قايسى جەھەتلەردىن ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالدى. ئۇ بىر قىسىملارنى ھەر جەھەتتىن قوللاپ ئالدىن بېيىشقا يېتەكلەپ ئۈلگە ياراتتى، مانا بۇلارغا كۆز يۇمۇۋالساقمۇ بولماس...
   — ۋاي جېنىم ئۇستام، سىلى بىزنى يىغىن ئاچقىلى چاقىرغانمۇ – يا؟ ئۇ گەپلەرنى قويۇپ تۇرۇپ ئويۇنىمىزنى ئوينىمايمىزمۇ، ماڭا قارا ھوي، بارات چوڭ ئاكا، مەن مەس ئەمەس جۇما، قۇيمامسەن ‹‹دورا››ڭدىن، رېھىم ئىنىڭ ئۇسساپ كەتتى دەيمەن، ھى، ھى، ھى ... چالمامسىلەر ھوي سازلىرىڭلىنى ...
   — ھەي ‹‹يېرىم›› بالا ، سەنمۇ ئۇستاڭدەك ھەممىگىلا ماھىر بولغاندىكىن ئۆزۈڭلا قۇيۇپ ئىچىۋالامسەن – يا ؟ ماڭا قارا ئۇكا ، قېينانامدىنمۇ ئارتۇقراق ھۆرمەتلەيمەن جۇما سېنى ! قېنى خوش ئەمىسە، ئۇسسىغان بولساڭ مانا مانى سەن ئىچكەچ تۇر ، ئەممازە، چوڭ ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقاندا ئەرلەرنىڭ ئىشىغا ئارىلاشماي تۇر دەيمەن، ماۋۇ ساۋۇتباي بۈگۈنكى سورۇننى بىكارغا تۈزمىگەندەك قىلىدۇ جۇمۇ؟ - بارات چوڭ رېھىم بىلەن سوقۇشتۇرۇپ گۈپپىدە بىرنى كۆتۈرۈۋېتىپ گېپىنى داۋام قىلدى، - ئەجەپ چوڭ ئاتاڭلىدەك داڭلاپ كەتتىڭلا يېزا باشلىقىنى، دۇرۇست، سىلە دېگەندەك يېزىمىزدا ئاز - تولا ئۆزگىرىش بولدى. ئاز بىر قىسىم دېھقانلار ھەقىقەتەن بېيىپ ھاللىق سەۋىيىگە يەتتى. كۆپ قىسىم دېھقانلار ئۇچىسىنى يېلىڭ قويماي، قورسىقىنى ئاچ قويماي ياشاپ كېلىۋاتىدۇ. ئاز بىرقىسىملارغا ھېلىمۇ پارتىيىمىزنىڭ غەمخورلۇقى، ياردىمى، بىر قىسىم بايلارنىڭ ساخاۋىتى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئىللىقلىقى يېتىۋاتىدۇ، شۇلارنىڭ راپائىتىدە تۇرمۇشى ئوبدان ئۆتۈۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، يەنە بىر قىسىملارچۇ، ‹‹دىباۋ ئىش ھەققى››مىز قاچان تارقىتىلار، قاچان ھېيت بايرام كېلەر دەپ كۈن ساناپ ئۆتمەكتە . شۇنى ئويلاپ باقتىڭلارمۇ، دېھقان باي بولدى دەيمىز، ئەمما ھەقىقىي بېيىغىنى دېھقانمۇ ياكى يېزىنىڭ غوجاملىرىمۇ؟ دېھقانلىرىمىزنىڭ مىڭ بىر جاپالارنى تارتىپ ئىشلەپ، ئىككى – ئۈچ مو يېرىدىن ياكى بىر – ئىككى مو بېغىدىن كۈزدە ئالغان ھوسۇلى ئەتىيازدا ئالغان ئۇرۇق، ئوغۇت قەرزىگە ئاران يېتىشىپ، تېخى سۇ پونكىتىغا سۇ پۇلىغا قەرز بولۇپ قېلىۋاتسا. ئەپسۇس! دېھقانلار مو بېشىدىن ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 300 كىلوگرامدىن ئاشلىق ئالسا، بەگ - غوجاملىرىمىز 400 كىلوگرامدىن ئاشلىق ئالدى دەپ، باغۋاراننىڭ مو بېشى كىرىمى 1000 يۈەندىن بولسا، 1500 يۈەندىن ئاشتى دەپ، ئېغىلىدا ئەركەك - چىشى بەش چارۋا بولسىلا، تولۇق بەشتىن تۆل ئالدى دەپ، ئەركەكلىرىنىمۇ تۇغدۇرۇپ يالغان سان - ساناق يوللاپ، بىر تەرەپتىن نام - ئاتاققا ئېرىشسە، يەنە بىر تەرەپتىن يىل ئاخىرىدا ئوتتۇز، قىرىق مىڭلاپ مۇكاپاتقا ئېرىشىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئويلايدىغىنىمۇ ئەنە شۇ يۈز - ئابروي، نام - ئاتاق، مۇكاپات! قېنى، زادى كىم ھەقىقىي باي بولۇۋېتىپتۇ؟! باي بولغىنى بەگ - غوجاملار، يەنە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق – تۇغقان، يېقىن - يورۇقلىرى بولۇۋاتىدۇ. بولدىلا، بۇ سورۇن بىراۋلار ئۈستىدىن دادلايدىغان سورۇن بولمىغاندىكىن، قۇرۇق گەپ قىلىپ كۆڭلىمىزنى ئاچچىق قىلغاندىن كۆرە، ناخشىمىزنى ئېيتىپ، بىر كۈن بولسىمۇ خۇشال ياشايلى، قانداق دېدىم؟
   — بۇ گېپىڭلارنىڭمۇ ئاز - تولا ئاساسى بار، بارات ئاداش. سىلەر ئولتۇرغانلار خەلقنىڭ ۋەكىللىرى، قۇرۇلتايغا قاتنىشىدىغانلار، ئاق - قارىنى پەرق قىلالايسىلەر. لېكىن، بارات ئاداش، سىلى تىلغا ئالغاندەك ئىشلار بىزنىڭ يېزىدىلا ئەمەس، ھەممە يېزىلاردا بارغۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بارلىق مەسىلىنى بىر يېزا باشلىقىغىلا ئارتىپ قويغىلى بولمايدۇ - دە؟ ‹‹خوجامنىڭ غوجىسى بار، چامغۇرنىڭ ئورىسى›› دېگەندەك، بەزى ئىشلاردا ئۇلارنىڭمۇ ئامالسىز قالىدىغان يەرلىرى بار، يۇقىرىنىڭ بۇيرىقىنى بەجا كەلتۈرمىسە تېخى، پۇقرانى ئويلىمىسا تېخى، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئۇندىن باشقا بىر يېزا دېگەندە يېزا باشلىقىدىن باشقا يەنە پارتكوم سېكرىتارى، مۇئاۋىن سېكرىتار، مۇئاۋىن يېزا باشلىقى دېگەندەكلەر خېلى بارغۇ؟ ئەمەلىيەتتە يېزا باشلىقىمىزمۇ ئۆز كىشىمىز، قېنى دەپ بېقىڭلارچۇ، يېزا باشلىقىمىز ھازىرغىچە قايسىمىزغا قانچىلىك يامانلىق قىلدى؟ يامانلىق ئويلاپ باقمىدى، ئەكسىچە مۇشۇ ئولتۇرغان ھەر بىرىمىزگە قولىدىن كېلىشىچە غەمخورلۇق قىلىپ كەلدى، بولۇپمۇ مېنىڭ بېشىمنى بەك سىيلىدى، مەن يېزا باشلىقىمىزدىن ئىنتايىن رازى، باشقىلارمۇ ...
   — نېمە دېگەن زىغىردەك گەپ بۇ، باجام. ئىچمەيمىزمۇ ‹‹دورا›› دېگەننى ... ئادەمنىڭ كەيپىنى ئۇچۇردۇڭلارغۇ ئاخىر ...
   — ھەي، ھەي جۈمە سادىق، ئالدىرىماڭلار دەيمەن. ئاڭلىمىدىڭلارمۇ، باجاڭلار دېگەن يېزا باشلىقى بېشىنى سىيلىغان ئادەم جۇمۇ، گېپىنى دەۋالمىسۇنمۇ؟...
   — يېزا باشلىقى بېشىمنى سىيلاپ كەلدى دېسىلە، ئۇستام، يېقىننىڭياقى ئۇستامنىڭ بېشى قۇيرۇق مايدا مايلىغاندەك نېمانچە پارقىراپ تۇرىدىغاندۇ دېسەم، يېزا باشلىقى سىيلاپ تۇرىدىكەن - دە ئەسلى؟ 
   — قارىسام، يېزا باشلىقى نەچچە كۈننىڭ ياقى مەھەللىمۇ – مەھەللە چېپىپ يۈرۈپ ئالدىراشتەكلا قىلىۋاتاتتى. ئەسلىدە ئۇنىڭ – بۇنىڭ بېشىنى سىيلاپ ئالدىراش بوپ كېتىپتىكەن - دە! ھى، ھى، ھى ...
   — پاھ ! باجام تۇرۇپ ماڭا ئۇقتۇرماي يۈرگىنىنى، يېزا باشلىقىنىڭ باش سىيلايدىغان ھۈنىرىنىڭ بارلىقىنى بالدۇرراق بىلگەن بولسام، مەنمۇ پات - پات سىيلىتار ئىكەنمەن. ئىلگىرى ساتىراشقا شاگىرتلىققا كىرگەن بولغىيمىدى باشلىقىمىز؟
   — ھاي، ھاي، ئەزىزلىرىم، بولدى قىلىڭلار، چاقچاقنىڭمۇ جايىدىراق بولغىنى ياخشى، ‹‹تۆت تامنىڭمۇ قۇلىقى بار›› ئەمەسمۇ؟ قارىغاندا يېزا باشلىقىمىز ئولتۇرغان مۆھتىرەم ۋەكىللىرىمىزنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ. لېكىنزە، بىر ئىككىمىزنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتكەنگىلا ‹‹قۇيرىقىنى قۇم باسىدۇ›› دەپ قارىساقمۇ بولماس، ‹‹تاغنىڭ كەينىدە تاغ بار›› ئەمەسمۇ. ئەسلىدە ھازىرچە سىلەرگە دېمەي دېگەن، ئەمدى دېمىسەممۇ بولمايدىغان ئوخشايدۇ، راست گەپنى قىلغاندا يېزا باشلىقىمىزنىڭ بۇندىن كېيىن قىلماقچى بولغانلىرى يېزىمىز ئۈچۈن، شەخسەن مۇشۇ ئولتۇرغان ھەر بىرىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق ئىشلار ئىكەندۇق، ئەپسۇس!
   — مۇنداق دەڭلار، ساۋۇتباي، قېنى مەسىلەن...
   — مەسىلەن، ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇش، قۇرۇلۇش ئەترىتى تەشكىللەش، ھۆددىگە بېرىلگەن يەر، باغۋارانلارنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىش ... ئىشقىلىپ خېلى كۆپ.
   — سىلى يېزا كادىرى بولمىساڭلا قانداق بىلدىڭلا ھوي ئۇلارنىڭ پىلانلىرىنى؟ پاق - پاق گەپ قىلماڭلا، ساۋۇتباي.
   — ئاڭلاپ باقمامسىلەر، نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا يېزا باشلىقى مېنى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇش خۇسۇسىدا مەسلىھەتلەشكىلى ئىشخانىسىغا چاقىرتىپتىكەن، يېزا باشلىقىنىڭ دېيىشىچە باشقا يېزىلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ بولغانمىش، پايدىسىمۇ ئىنتايىن ياخشى بولغانمىش. لېكىن، يېزىمىز دېھقانلىرى سەل نامرات بولغاچقا، يېزىمىزدا تېخىچە قۇرۇلماپتۇ، شۇڭا ‹‹يېزا بىر قىسىم مەبلەغنى چىقارساق، سىلى ۋە سىلىگە ئوخشاش قول – ئىلكىدە بارلار بىر قىسىم مەبلەغنى چىقارسا، بىرلىشىپ ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرساق›› دەيدۇ. ئويلىسام بۇ بىزگىمۇ، دېھقانلىرىمىزغىمۇ پايدىسى تېگىدىغان بەلەن ئىش ئىكەن. ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ سىلەرگىمۇ مەسلىھەت سېلىپ بېقىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. ‹‹قوينۇڭدىن تۆكۈلسە قونجۇڭغا›› دەيدىغان گەپ بار، يالغۇزلا بىر ئىش قىلساممىغۇ بولاتتى، لېكىن يەنىلا پۇتۇمغا پۇت، قولۇمغا قول بولغۇدەك سىلەردەك ئىشەنچلىك بۇرادەرلىرىم بولمىسىمۇ بولمىغۇدەك. ‹‹مەبلىغى بولمىسا كوپىراتىپقا زۆرۈر بولىدىغان ئات - ھارۋا، قورال - سايمانلىرىنى، ھالال كۈچىنى مەبلەغ ھېسابىدا سالسىمۇ بولىدىغۇ›› دەپ ئويلىدىم. ئەمما بۇ مەسلىھەت سىلەرگە ياقامدۇ - ياقمامدۇ بىلمىدىم. شۇڭا بۈگۈن...
   ساۋۇت ساختا ‹‹قېنى ئەمدى قانداق ئىنكاس قايتۇراركىن›› دېگەن ئويدا ئۇلارغا بىر – بىرلەپ قاراپ چىقتى. ئولتۇرغانلار بىر – بىرىگە قارىشىپ بىر پەس جىم تۇرۇشقاندىن كېيىن بارات چوڭ ئېغىز ئاچتى:
   — بۇ بوۋاق بالىنى گوللاپ قۇرۇق ئېمىزگە سالغاندەك ئىش ئەمەستۇ، ساۋۇتباي؟ باشلىق دېگەننىڭ گېپىگە ئانچە ئىشىنىپ كەتكىلى بولمايدۇ جۇمۇ؟ ئەگەر راست بولىدىغانلا ئىش بولسىغۇ خېلى بولىدىغان پىلان ئىكەندۇق، بۇرۇنراق مۇشۇنداق قىلغان بولسىچۇ، قانداق دېدىم؟
   — ئىش راستىنلا ساۋۇتباي دېگەندەك بولسا، ساۋۇتباينىڭ سايىسىدا بىزمۇ نېسىۋىسىز قالمايدىكەنمىز، لېكىن ۋەدىسىدە تۇرارمۇ بۇ باشلىق؟
   — چوقۇم تۇرىدۇ، خېلى ئەركەك تۈكى بار ئادەم ئۇ، - دېدى ساۋۇت ساختا كەسكىنلا، – گەپ ھەرقايسىڭلاردا، سىلەرنىڭ ماڭا ھە - ھۇ دىيىشىپ بېرىدىغان نىيىتىڭلار بارمۇ زادى؟ سىلەرلا بەل قويۇۋەتمىسەڭلار مېنىڭ بۇ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىنىم چىقارغان. پۇرسەت غەنىيمەت، بىز يېزا باشلىقىنىڭ ياردىمىدە ھەمكارلىك كوپىراتىپىنى قۇرۇۋالساقلا، پۈتۈن يېزىدىكىلەر دېھقانچىلىققا ئىشلىتىدىغان ماددىي ئەشيالارنى پەقەت بىزنىڭ كوپىراتىپتىنلا سېتىۋالىدۇ، يېزىمىز تەۋەسىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشىنىمۇ ئۆزىمىزنىڭ قۇرۇلۇش ئەترىتى قىلىدۇ. يېزىلىق ھۆكۈمەت خاس مۇشۇ خۇسۇسىدا سىياسەت چىقىرىپ قوللايدۇ، ئۇ چاغدا بىزمۇ كوپىراتىپنىڭ خادىملىرى سۈپىتىدە شەھەرلىكلەردەك كۈن ئۆتكۈزىمىز دەيمەن.
   — پاھ، پاھ! مەنمۇ شەھەرلىك جۇمباقتىن بىرنى تېپىۋالىمەنمۇ تېخى، ھى، ھى، ھىھ ... - رېھىم بالا سېرىق چىشلىرىنى كۆرسىتىپ كۈلگەندە يۈز تېرىلىرى تېخىمۇ قورۇلۇپ، يامغۇردا قالغان ئەسكى تېرىگىلا ئوخشاپ قالدى.
   — دېگىنىڭ كەلسۇن، ‹‹يېرىم››جان بالا، شۇنداقلا قىلالىساڭ، مانا مەن ئۇستاڭ باش بولۇپ ئۆيلەپ قويىمەن، ئۇ چاغدا ‹‹چۇخەي›› سېتىشتىنمۇ قۇتۇلىسەن، - دېدى ساۋۇت ساختا يۈزلىرىگە كۈلكە يۈگۈرتۈپ.
   — ماۋۇ جۈمە سادىق ئىككىمىز يىگىت قولدىشى بولىمىز– دە ئۇ چاغدا، لېكىن يەڭگىمىزگە ئېيتىپ قوي، قىز قولدىشىغا ئۇنداق - مۇنداقنى تاللاپ قويسا ئۇنىمايمىز جۇمۇ، قانداق دېدىم، جۈمە سادىق؟- دېدى بارات چوڭمۇ قىزىقچىلىق بولسۇن دېگەندەك.
   — سىلەر يېنىمدا قاتارلىشىپ تۇرساڭلار، ‹‹بوۋىلىرىڭىز نېمە ئىش قىلىدۇ يېنىڭىزدا›› دەپ ئاچچىقلاپ قالار سۆيگىنىم.
   — تويۇڭدا نەغمىكەش ئىزدەيمەن دەپ ئاۋارە بولما ئۇكا، مانا بىز ئوت چىقىرىۋېتىمىز جۇمۇ، - دېدى ‹‹سەمى مۇقام›› گېلىنى قىرىپ قويۇپ.
   — ياخشى گەپ، ياخشى تىلەكلەر بولۇۋاتىدۇ، ئەزىزلىرىم. مۇشۇنداق ئۆزئارا قوللاشساق، ھەمدەمدە بولۇشساق بىز قىلالمايدىغان ئىش يوق، ياخشى نىيەتلىرىمىزنىڭ پاتراق ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن ئىچمەيمىزمۇ؟ قېنى، بارات ئاداش، لىقلاپ قۇيمامسىلەر ‹‹دورا›› دېگەننى، - دېدى ساۋۇت ساختا چايلارنى يېڭىلاپ قۇيغاچ. شۇ تاپتا ئۇ ‹‹كوپىراتىپ قۇرساق سىلەرمۇ پايدىدىن قىسىر قالمايسىلەر›› دەپ پۇراتقان قۇيرۇق ماينىڭ ھىدىدىن ئۇلارنىڭ ئاستا - ئاستا مەستخۇش بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ خۇش بولۇۋاتاتتى.
   — ئىچەيلى ساۋۇتباي، ئىچەيلى، سىلى ئۇنداق دېگەندىكىن بىز يەنە نېمە دەيتتۇق، قولىمىزدىن كېلىشىچە سىلىنى قوللايمىز - دە. بىزمۇ ئىدىيە جەھەتتىن ئاز - تولا تەييارلىق قىلغاچ تۇرايلى، سىلى ئوتتۇرىغا چىقىپ بۇ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا تىرىشىڭلا، قانداق دېدىم ئاغىينىلەر، باشقىچە قارىشىڭلار يوقتۇ؟ - دېدى بارات چوڭ ئولتۇرغانلارغا نەزەر سېلىپ. شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆڭلىدە ‹‹يېزىدىكى بىرەر باشلىق بىلەن يېقىن بولۇپ قويۇشنىڭمۇ ئانچە يامىنى يوققۇ، بەزىلەر تېخى باشلىق ئاغىينىسى بولغانلىقنى بىر خىل ئامەت ھېسابلايدىكەنغۇ؟ يېزا باشلىقىنىڭ ئۇرۇق – تۇغقىنى بولۇپ قالسىغۇ بولدى، سۇنىمۇ مىراپتىن سورىمايلا قويالايدۇ، ھاشارلارغىمۇ بارمايدۇ، ياغاچ كەسسىمۇ ھېچكىمنىڭ كارى يوق. بۇ كۈن بولغاندا بىزمۇ ساۋۇتباينىڭ سايىسىدە يېزا باشلىقى بىلەن يېقىن ئۆتسەك، ئانچە - مۇنچە پايدىسىنى كۆرۈپ قالساق ئەجەپ ئەمەس›› دېگەن خىياللار ئەگىپ يۈرەتتى.
   — سىلى دېگەن چوڭىمىز، ساۋۇتباي بىلەن ئىككىڭلار نېمە دېسەڭلار شۇ، مەن باجىسى، ماۋۇ بالاڭزا شاگىرتى بولغاندىن كېيىن، بىزنى يامان يولغا باشلىمايدۇ - دە؟ - دېدى جۈمە سادىق ‹‹قانداق دېدىم›› دېگەندەك ساۋۇت ساختىغا نەزەرىنى ئاغدۇرۇپ.
   ئىچىشىش قايتىدىن باشلاندى. ناخشا -سازمۇ ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى. ساۋۇت ساختا ئىشنىڭ ئۆزىنىڭ كۈتكىنىدەك بولۇۋاتقانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال. ئۇ ئەتە يېزا باشلىقى بىلەن بۇ خۇشخەۋەردىن ئورتاق بەھىرلىنىشنى كۆڭلىگە پۈكتى. ئىچىشىش، ۋەدە بېرىشلەر يېرىم كېچىگىچە داۋاملاشتى.
   ساۋۇت ساختا تۈنۈگۈن ئاخشام بەكلا كەچ ئۇخلىغاچقىمىكىن، بۈگۈن ئورنىدىن خېلىلا ۋاقچە تۇردى. بەدەنلىرى ئۇرۇپ چېقىۋەتكەندەك سىقىراپ ئاغرىۋاتقان، كاللىسى تۈگمەن تېشىدەك ئېغىر بولسىمۇ، ئەمما نېمىشقىدۇر كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرى خۇشال ئىدى. ئۇنىڭ كاللىسىدا ‹‹بۈگۈن نېمىلا بولمىسۇن يېزا باشلىقىغا ئاخشامقى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزمىسەم بولمايدۇ›› دېگەن خىيال ئەگىپ يۈرەتتى. ئۇ ناشتىدىن كېيىن ئۇدۇللا يېزىلىق ھۆكۈمەتكە بېرىشقا تەمشىلىپ تۇرىۋىدى، تۇيۇقسىزلا ئېسىگە يەنە بىر مۇھىم ئىش كېلىپ شاپپىدە توختاپ قالدى. ‹‹تاس قاپتىمەن ئۇنتۇپ قالغىلى، ئەتە قۇرۇلتاي ئېچىلىدىغان تۇرسا، يېزا باشلىقىنىڭ ئىشىنى نۇسرەتقىزنىڭ سەمىگە سېلىپ قويمىسام قانداق بولىدۇ، بولمىسا ئۇ ئىككىلەنمەيلا ھېلىقى يارمۇھەممەتكە بېلەت تاشلايدۇ - دە؟ قىزىمنىڭ ئۇنىڭغا بېلەت تاشلىغانلىقى كېيىنچە يېزا باشلىقىنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ قالسا ئۇ چاغدا پۈتۈن ئىشىمىز تەتۈرىگە ماڭمامدۇ؟ بۇ جاھىل قىز نېمە دەيدۇ تېخى؟›› دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزگەچ نۇسرەتقىزنىڭ ئۆيى تەرەپكە ماڭدى.
   — ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بالىلىرىم، تىنچ - ئامان تۇردۇڭلارمۇ؟ - ساۋۇت ساختا قىزىنىڭ ھويلىسىغا كىرگەندە نەگىدۇر بىر يەرگە مېڭىشقا تەمشىلىۋاتقان كۈيئوغلى بىلەن قىزى سەل ھەيران قالغاندەك تەمتىرەپ قالدى.
   — نېمە؟ مېنى قارشى ئالمايدىغان ئوخشىمامسىلەر؟ يات ئادەمگە قارىغاندەكلا سەپسېلىپ قاراپ كەتتىڭلارغۇ؟
   — يوقسۇ ئاتا، قارشى ئالمامدىغان، سىلىنىڭ بۇنداق تۇيۇقسىز كېلىشلىرىنى ئويلىمىغان ئىكەنمىز، خۇشلىقىمىزدىن نېمە قىلارىمىزنى بىلەلمەي قېلىۋاتىمىز، قېنى ئۆيگە كىرسىلە دادا.
   — زۆرۈر ئىش بىلەن بىر يەرگە ماڭمىغان بولغىيدىڭلار؟ ئىشىڭلارغا دەخلى يەتمىسۇن دەيمەن - دە؟ - دېدى ساۋۇت ساختا ئانچە يېڭى بولمىسىمۇ پاكىز سۈپۈرۈلگەن گىلەمدە ئولتۇرۇۋېتىپ.
   — ياق ئاتا، يارمۇھەممەت ئاكاملارنىڭكىگە بېرىپ كېلەيلى، دەپ تۇرغان. كېيىنرەك بارساقمۇ بولىۋېرىدۇ، - دېدى كۈيئوغلى قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇرۇپ.
   — مەنمۇ ئۇزاق ئولتۇرمايمەن، نۇسرەتقىز بىلەن دېيىشىدىغان ئازراق گەپ بار ئىدى، شۇڭا ئەتىگەندىلا كېلىشىم.
   — زۆرۈر گەپلىرى بولمىسا كەلمەيدىكەنلا - دە ئەسلىدە؟ - دېدى قىزى ئالۇچىدەك چىرايلىق ئېغىزىنى پۈرۈشتۈرگىنىچە دومسىيىپ.
   — يوقسۇ قىزىم، ھەرگىز ئۇنداق دېمەڭ، ھەر قايسىلىرى دائىملا خىيالىمدا، لېكىن يېقىننىڭ ياقى راستىنلا بەك ئالدىراش بولۇپ قالدىم.
   — ياقۇپجان، ئاتام چاي - پاي ئىچىپ تۇرغىچە دىككىدە چىقىپ ئازراق گۆش ئېلىپ كىرەمسىزكىن، ئۆيدە گۆش تۈگەپ قاپتىكەن، - دېدى نۇسرەتقىز ئېرىگە قاراپ.
   — بۇ، بۇ، ... - ساۋۇت ساختا ‹‹بولدى ئەكىرمىسۇن، مەن ئالدىرايمەن›› دەپ توسۇپ قويۇشنى ئويلىدى – يۇ، بىراق كۈيئوغلىنىڭ يېنىدا بەزى گەپلەرنى قىلىشنىڭ ئەپسىزلىكىنى ھېس قىلىپ جىم بولۇپ قالدى.
   — مەن ئالدىرايمەن قىزىم، گەپنى دېگەچ تۇراي، ھېلى ياقۇپجان كىرسە ئەپسىز بولۇپ قالغۇدەك، خەۋىرىڭىزدە بار ئەتە سايلام بولىدۇ، سىزمۇ ۋەكىل بولغاندىكىن قاتنىشىسىز، ئەلۋەتتە. بەلكىم كۆڭلىڭىزدە يېزا باشلىقلىقىغا قېيىنئاكىڭىزغا بېلەت تاشلاشنى ئويلاۋاتقانسىز... - ئاتىسىنىڭ گېپى تېخى تۈگىمەستىلا نۇسرەتقىز ئالدىراپ ئېغىز ئاچتى:
   — ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ - دە ئاتا، يارمۇھەممەت ئاكام ھەم قابىلىيەتلىك ھەم...
   — بولدى، گېپىمنى بۆلمەي تۇرۇڭ قىزىم، مەن بىلىمەن. لېكىن سىز مېنى، ئائىلىمىزنىڭ كەلگۈسىنى ئويلىمىسىڭىزمۇ بولماس، گەپنىڭ پوسكاللىسىنى دېسەم، سىز بۇ قېتىم مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاپ دولقۇنجانغا بېلەت تاشلىشىڭىز كېرەك، - ساۋۇت ساختا قىزىنى گەپ قىلغىلى قويمىدى. ئۇ نەچچە كۈننىڭ بېرى بولۇنغان گەپ، ئىش – ھەرىكەتلەرنى، دولقۇننىڭ كۆرسەتكەن پىلانلىرىنى، ئائىلىسىنىڭ كەلگۈسىدىكى بەخت - سائادىتىنى ئېزىپ ئىچۈرۈپ چۈشەندۈردى.
   نۇسرەتقىزنىڭ بېشىنىڭ ئىچىمۇ، تېشىمۇ چۆيۈندەك قاتتى. بۇياققا قارىسا ئاتىسى، ئاتىسىنىڭ، ياق! پۈتۈن بىر ئائىلىنىڭ لوق پايدا - مەنپەئەتى، ئاتىسى پەقەت ئۆزلىرىنىڭ پايدا - مەنپەئىتى بىلەنلا خۇش بولىدۇ؛ ئۇياققا قارىسا ئېرى، ئېرىمۇ ئەلۋەتتە ئاكىسىنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن جان پىدا قىلىشى كېرەك، چۈنكى ھەرقانداق قول ئىچىگە ئېگىلىدۇ - دە! ئۇ ئاتىسىغا نېمە دەپ جاۋاپ بېرىشنى بىلەلمەي بىر پەس تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى. كاللىسىدا ‹‹قانداق قىلىشىم كېرەك؟ ئەگەر ئاتامنى، ئائىلىمىزنىڭ خۇشاللىقى، پايدا - مەنپەئەتىنى دەپ ئاتام دېگەندەك قىلسام، كېيىنكى كۈنلەردە يارمۇھەممەت ئاكام بىلىپ قالسا، قانداق بولۇپ كېتەر؟ ئاتامغا ماقۇل شۇنداق قىلاي دەپ قويۇپ يارمۇھەممەت ئاكامغا بىر بېلەت تاشلىسام، كېيىن بۇنى دولقۇن بىلىپ قالسا، ئۇ چاغدا ئاتامنىڭ، ئائىلىمىزنىڭ خۇشاللىقى يوققا چىقمامدۇ؟ ئاتامنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمەن؟›› دېگەندەك ئويلار ئەگىپ يۈرەتتى. ئۇنداق ئويلاپ، بۇنداق ئويلاپ ئاخىرى ‹‹بوپتۇ، كېيىن نېمە بولسا بولسۇن، ئاتامنىڭ دېگىنىدەك قىلاي، ئائىلىمىزنىڭ بەختى ئۈچۈن بولسىمۇ شۇنداق قىلىشىم كېرەك، ياقۇپجانغا ‹‹ئەلۋەتتە يارمۇھەممەت ئاكامغا بېلەت تاشلايمەن›› دەپلا قويسام ئارتۇقچە سۈرۈشتۈرۈپ كەتمەس، يارمۇھەممەت ئاكاممۇ ئۇنچە سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇرىدىغان ئاڭسىزلاردىن ئەمەس›› دېگەن يەرگە كەلدى - دە، بۇلۇتلۇق يۈزىگە بىردىنلا كۈلكە يۈگۈرتۈپ ئاتىسىغا يۈزلەندى. 
   — ئاتا، ئەسلى مېنىمۇ تىنچ – خاتىرجەم ياشىغىلى قويسىلا بولاتتى، بوپتۇ، سېلىنىڭ دېگەنلىرىدەك بولسۇن، لېكىن بۇ گەپ ئېغىزلىرىدىن ھەرگىز چىقىپ كەتمىسۇن. قېنى، قىززىق چاي ئىچسىلە، - دېدى نۇسرەتقىز چاي لىقلىغاچ. ساۋۇت ساختىنىڭ يۈرىكى ئىزىغا چۈشتى.
   — رەھمەت قىزىم، مېنى چۈشەنگىنىڭىزگە رەھمەت، مەن چىقاي، يېزىلىق ھۆكۈمەتكە بارىدىغان زۆرۈر ئىشىم بار ئىدى، خوش ئەمىسە شۇنداق بولسۇن، سۆيۈنچىسىنى كېيىن بېرىمەن جۇمۇ!
   — نېمە دېگەنلىرى بۇ، ئاتا؟ ئەتىيازنىڭ قۇيىنىدەكلا خۇيلىرى بار سىلىنىڭ، ئۇياقتىن پىقىراپ پەيدا بولۇپلا بۇياقتىن غايىپ بولىدىغان. ئاران بىر كەلگەندە ياقۇپجان كەلگىچە ئولتۇرۇپ تۇرماملا، ئوخشىتىپ بىر پىتىر مانتا قىلىپ بەرمەيمەنمۇ؟
   — رەھمەت! ئۇمۇ كېيىنچە بولۇپ قالار قىزىم، مەن چىقاي، – ساۋۇت ساختا ئالدىراپ دۇئا قىلىپلا، كۆڭلى خۇش ھالدا ھويلىغا چىقتى.
شۇ تاپتا ئۇ يېزا باشلىقىنىڭ ئالدىدا يۈزى يورۇق بولىدىغانلىقىدىن خۇشال ئىدى. ئەتىگەندە ئۇنى قىينىغان بىئاراملىق ئاللاقاياقلارغا يوقالغاندەك ئۆزىنى يەڭگىل سېزەتتى. قۇلىقىغا ئەتراپتىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان كۈچلۈك شاۋقۇن - سۈرەنلەرمۇ ئاڭلانغاندەك قىلمايتتى. خىيالىدا پەقەت خۇشخەۋەرنى تېزراق يەتكۈزسىلا، يېزا باشلىقى دولقۇن ئۇنىڭ قوللىرىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ، ‹‹يارايلا، ئوغۇل بالا! مۇشۇ تۆھپىلىرى ئۈچۈن سىلى ئويلاپ باقمىغان سۆيۈنچىگە ئېرىشىلا›› دەيدىغاندەك، غايىپتىن ئۇچۇپ كېلىۋاتقان بەخت قۇشلىرى بېشىغا قونىدىغاندەك، دۇنيادىكى ھەممە نەرسىگە ئېرىشىدىغاندەك بىر لەزىز تۇيغۇ ھۆكۈم سۈرەتتى. ئۇنىڭ شاتلىقى يۈرىكىگە سىغمايۋاتاتتى.
(داۋامى بار)
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
   ئەسكەرتىش: مەزكۇر پوۋېستنى ئاپتورنىڭ ياكى تورىمىزنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرقانداق شەخسنىڭ ھەرقانداق تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. سالونچىلارنىڭ ئۈندىدار سالونلىرىدا ئۆزى مەيلىچە كۆچۈرۈپ تارقىتىشغا قەتئىي بولمايدۇ. ناۋادا شۇنداق قىلغۇچىلار بايقىلىپ قالسا، قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ ھەم سالونى تاقىتىۋېتىلىدۇ.
Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى