مارس جىلغىسىنىڭ 3D سۈرەتلىرى ئېلان قىلىندى
-
مارس جىلغىسىنىڭ 3D سۈرەتلىرى ئېلان قىلىندى
ۋاقتى: 2015-08-18 ئاۋاتلىقى: 4716 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ھىندىستان تۇنجى قېتىم مارستىكى جىلغىنىڭ 3D سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلدى

بۇ سۈرەت مارسنىڭ يەر يۈزىدىن 1857 كىلومېتىر ئېگىزلىكتىن تارتىلغانخەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى، توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى: ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى››نىڭ 17-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستاننىڭ مارسنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى مارستىكى ئوفىر جىلغىسىنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى 3D سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلىپ، ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىق كۈنىگە سوۋغا قىلغان.ئوفىر جىلغىسى قۇياش سىستېمىسىدىكى ئەڭ چوڭ جىلغا ـــ ۋاللېس جىلغىسىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 317 كىلومېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 62 كىلومېتىر كېلىدىكەن. بۇ جىلغا مارسنىڭ يەر يۈزىدىكى ئوخشىمىغان ماددىلاردىن تۈزۈلگەن كۆپ خىل يەر قاتلىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.سۈرەتلەر 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى تارتىلغان، سۈرەتكە تارتىلىش ئېگىزلىكى 1857 كىلومېتىر، سۈزۈكلۈكى 96 مىليون پىكسېل. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، جىلغىنىڭ ئەتراپى يەر قاتلىمى ھەرىكىتىدىن شەكىللەنگەن ئېگىز ياردىن ئىبارەت. بۇ سۈرەتلەر ئالىملارنىڭ مەزكۇر يەر شەكلىنىڭ يېقىن كۆرۈنۈش خەرىتىسىنى قايتىدىن بېكىتىشىگە ياردىمى تېگىدىكەن.ھىندىستاننىڭ مارسنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى 2013-يىلى 11-ئايدا بوشلۇققا قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، جەمئىي 74 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىنغان.

بۇ سۈرەتلەر ئالىملارنىڭ مەزكۇر يەر شەكلىنىڭ يېقىن كۆرۈنۈش خەرىتىسىنى قايتىدىن بېكىتىشىگە ياردىمى تېگىدىكەن.

جىلغىنىڭ ئەتراپى يەر قاتلىمى ھەرىكىتىدىن شەكىللەنگەن ئېگىز ياردىن ئىبارەت.

ھىندىستاننىڭ مارسنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىگە ئاران 74 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىنغان.

مارسنىڭ يېقىن ئەتراپىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان مارسنىڭ ھەمراھى.

2015-يىلىنىڭ باشلىرىدا ھىندىستاننىڭ مارسنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى سۈرەتكە تارتقان ئارىسا يانارتېغىنىڭ 3D سۈرىتى.

ھىندىستاننىڭ مارسنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى سۈرەتكە تارتقان ۋاللېس يانارتېغىنىڭ يېقىندىن كۆرۈنۈشى.

سەنئەتكارلار ھىندىستاننىڭ مارسنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنىڭ مارسقا قونغان چاغدىكى مەنزىرىسىنى ئەسلىگە كەلتۈردى.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

مەشھۇر نۇتۇق: مېنىڭ بىر ئارزۇيۇم بار
2015-02-08 16:41:234011
ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىدىن (1)
2015-02-07 14:57:013768
مەن ‹‹شېرىن چۈش››تە نېمە دېمەكچىتىم؟
2015-04-17 17:10:254197
داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (2)
2015-02-28 17:58:193503
جوبسنىڭ ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نۇتۇقى
2015-08-27 14:23:067011
ئامېرىكا ھولمىسبۇرگ تۈرمىسىنىڭ سۈرەتلىرى
2015-04-22 16:39:414416
داڭلىق رىياسەتچى بىلەن بالىنىڭ سۆھبىتى
2015-03-03 13:11:134720
داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (14)
2015-03-01 22:27:483576
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-











