نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

مەشھۇر نۇتۇق: مېنىڭ بىر ئارزۇيۇم بار

مەشھۇر نۇتۇق: مېنىڭ بىر ئارزۇيۇم بار

ۋاقتى: 2015-02-08 ئاۋاتلىقى: 4125 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مېنىڭ بىر ئارزۇيۇم بار

مارتىن لۇتېركىڭ (ئامېرىكا)

تەرجىمە قىلغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي


      تەرجىماندىن: ‹‹مېنىڭ بىر ئارزۇيۇم بار›› ناملىق بۇ نۇتۇق ئامېرىكا مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ مەشھۇر داھىيسى مارتىن لۇتېركىڭنىڭ 1963-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى ئامېرىكا ۋاشىنگتوندىكى لىنكولىن خاتىرە سارىيى ئالدىدا سۆزلىگەن مەشھۇر نۇتۇقى. بۇ نۇتۇقنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى نېگىرلارنىڭ مىللىي باراۋەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئامېرىكا ۋە دۇنياغا كۆرسەتكەن تەسىرى زور. بۇ نۇتۇق جۇڭگونىڭمۇ ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلگەن.
    ئەسكەرتىش: مەن بۇ نۇتۇقنى تەرجىمە قىلىپ بولۇپ، بىر نەچچە كۈندى كېيىنلا، باشقىلارنىڭ مەندىن خېلى بۇرۇنلا تەرجىمە قىلىپ بولغانلىقىنى بىلدىم. تەرجىمىدىمۇ بىر مەشھۇر ئەسەرنىڭ بىر نەچچە تەرجىمان تەرىپىدىن ئايرىم-ئايرىم تەرجىمە قىلىنىدىغان ئەھۋاللار ئومۇميۈزلۈك، خەنزۇ تەرجىمىچىلىكىدىمۇ شۇنداق، سىز بىر مەشھۇر ئەسەرنىڭ بىر نەچچە تەرجىمان ئايرىم-ئايرىم تەرجىمە قىلىنغان نەشر نۇسخىلىرىنى تاپالايسىز. شۇڭا بۇ تەرجىمەمنىمۇ شۇنداق ئەھۋاللارنىڭ بىرى دەپ قارايمەن. 
   

مېنىڭ بىر ئارزۇيۇم بار

    بۈگۈن مەن تولىمۇ خۇشال ھالدا كۆپچىلىك بىلەن دۆلىتىمىز تارىخىدا ھۈرلۈكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇلۇغ نامايىشقا قاتناشماقتىمەن. 
    100 يىل ئىلگىرى بىر ئۇلۇغ ئامېرىكىلىق ‹‹نېگىر قۇللارنى ئازاد قىلىش خىتابنامىسى››غا ئىمزا قويغانىدى، بىز بۈگۈن ئۇنىڭ ھەيكىلى ئالدىغا جەم بولۇپ ئولتۇرۇپتىمىز. بۇ تەنتەنىلىك خىتاب بەئەينى ماياك نۇرىدەك، ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە ياشاۋاتقان مىليونلىغان نېگىر قۇللارغا ئۈمىد ئاتا قىلغانىدى. ئۇ خىتابنامە بەئەينى شاد-خۇراملىققا تولغان سۈبھىدەك، نېگىرلارنى ئاسارەتتە قويۇۋاتقان ئۇزاققا سوزۇلغان زۇلمەت كېچىگە خاتىمە بەرگەنىدى. 
    ئەمما يۈز يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، بىز نېگىرلارنىڭ ئەركىنلىكتىن ئىبارەت بۇ ئاچچىق ھەقىقەتكە تېخىچە ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىشىمىز زۆرۈر. يۈز يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنىڭ ئاسارىتى ۋە ئىرقىي كەمسىتىشنىڭ بويۇنتۇرۇقىدا، نېگىرلارنىڭ تۇرمۇشى ئېزىلىشكە ئۇچرىماقتا. يۈز يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، نېگىرلار يەنىلا ماددىي پاراغەت دېڭىزىدىكى بىر نامرات ئارالدا ياشىماقتا. يۈز يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، نېگىرلار يەنىلا ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا تۈگۈلۈپ ياشىماقتا ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ يۇرت-ماكانلىرىدا سەرگەردانلارغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى تونۇپ يەتمەكتە. بۈگۈن بىز بۇ يەرگە جەم بولۇپ، بۇ خىل كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئەھۋاللارنى جامائەتچىلىككە بايان قىلماقچىمىز. 
    مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بىز بۈگۈن ۋەدە تەلەپ قىلىش ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن دۆلىتىمىزنىڭ پايتەختىگە جەم بولدۇق. جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ ئاساس سالغۇچىلىرى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش ۋە مۇستەقىللىق خىتابنامىسى دېگەندەك تەنتەنىلىك ئىبارىلىرىدە، ھەربىر ئامېرىكىلىققا ۋەدە بەرگەنىدى، ئۇلار ھەممەيلەن مەيلى ئقق تەنلىك، مەيلى قارا تەنلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسى ئەڭ ئەقەللىي ياشاش ھوقۇقى، ئەركىنلىك ھوقۇقى ۋە بەخت قوغلىشىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ، دەپ  ۋەدە بەرگەنىدى. 
    رەڭلىك ئاھالىلەر ئامېرىكا ئېنىقكى ئۇ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىدى دېيىشمەكتە. ئامېرىكا بۇ خىل ئىلاھىي مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلالمىدى، پەقەت نېگىرلارغا ئاق باشلىق پۇل چېكىلا كېسىپ بېرەلىدى، پۇل چېكىگە ‹‹مەبلەغ يېتىشمەيدۇ›› دېگەن تامغىنى باسقاندىن كېيىنلا يەنە قولىمىزغا قايتىپ كەلدى. ئەمما بىز ‹‹ئادىللىق بانكىسى››نىڭ ۋەيران بولغانلىقىغا ئىشەنمەيمىز، بىز بۇ دۆلەتتىكى غايەت زور ‹‹پۇرسەت ئامبىرى››دا يېتەرلىك دەسمايىنىڭ يوقلۇقىغا ئىشەنمەيمىز. شۇ ۋەجىدىن بىز بۈگۈن چەكنى نەق پۇلغا تېگىشىشنى تەلەپ قىلىمىز، بۇ چەك بىزگە ئالتۇندەك ھۈرلۈك ۋە ئادىللىق كاپالىتى ئاتا قىلىدۇ. 
    بىزنىڭ بۇ مۇقەددەس جايغا كېلىشىمىزمۇ ئامېرىكىنىڭ ھازىر تولىمۇ جىددىي باسقۇچتا تۇرۇۋاتقانلىقىنى سەگىتىپ قويۇش ئۈچۈندۇر. ھازىر ھەرگىزمۇ قۇرۇق گەپ قىلىپ ئۆزىمىزنى بېسىۋالىدىغان ياكى تەدرىجىيىچىلىكنىڭ تىنچلاندۇرۇش دورىسىنى ئىشلىتىدىغان چاغ ئەمەس. ھازىر مىللىي دېموكراتىيە بەرپا قىلىش ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان مەزگىل. ھازىر ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنىڭ جىمجىت قاراڭغۇسىدىن ئىرقىي باراۋەرلىكنىڭ داغدام يولىغا شۇڭغۇپ چىقىدىغان مەزگىل، ھازىر تەڭرىنىڭ بارلىق بەندىلىرىگە پۇرسەت ئىشىكىنى ئېچىۋېتىدىغان مەزگىل، ھازىر دۆلىتىمىزنى ئىرقىي تەڭسىزلىك پاتقىقىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىپ، قېرىنداشلىق، دوستلۇق ئابىدىسىنى تىكلەيدىغان مەزگىل. 
    ئەگەر ئامېرىكا ۋاقىتنىڭ جىددىيلىكىگە ۋە قارا تەنلىكلەرنىڭ ئىرادىسىگە سەل قارىسا، ئۇنداقتا، بۇ ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كەلگۈسىدە ئەجەللىك جاراھەت بولۇپ قالىدۇ، خالاس. ھۈرلۈك ۋە باراۋەرلىكنىڭ سالقىن شامىلى يېتىپ كەلمەيدىكەن، قارا تەنلىكلەرنىڭ غەزەپكە تولغان پەسلىمۇ يوقالمايدۇ. 1963-يىلى كۈرەشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بەزىلەر قارا تەنلىكلەرنىڭ پەقەت ئۆچىنى ئېلىۋالسىلا، قانائەت تاپىدىغانلىقىدىن ئۈمىدۋار بولماقتا، ئەگەر دۆلەت بۇنىڭغا پىسەنت قىلمىسا ياكى قىلچە ئىنكاس قايتۇرمىسا، بۇ ئادەملەر چوقۇم قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىدۇ. قارا تەنلىكلەر پۇقرالارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگىمۇ ئېرىشەلمەي تۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭمۇ ئەمىن تېپىشى مۇمكىن ئەمەس، ئادىللىق چىرىغى بىر كۈن نۇر چاچمىسا، قالايمىقانچىلىقنىڭ شاماللىرى بۇ دۆلەتنىڭ ئۇلىنى تەۋرىتىپ تاشلايدۇ. 
    ئەمما، مەن ئادىللىقنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىدا تەقەززالىق بىلەن ساقلاپ تۇرغان كىشىلەرگە بەزى گەپلەرنى دېيىشىم زۆرۈر. قانۇنلۇق ئورنىمىزنى قولغا كەلتۈرۈش جەريانىدا، ناتوغرا ئۇسۇللارنى قوللانماسلىقىمىز كېرەك.  ھۈرلۈككە بولغان ئارزۇيىمىزنى قاندۇرۇش ئۈچۈن دۈشمەنلىشىش ۋە ئۆچمەنلىك قىلىشتىن ساقلىنىشىمىز لازىم. كۈرەش جەريانىدا بىز چوقۇم قائىدىلەرگە مەڭگۈ ئەمەل قىلىشىمىز، ئىنتىزامدا قاتتىق بولۇشىمىز كېرەك. بىز يىپيېڭى مەزمۇندىكى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىمىزنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشىغا ئايلىنىپ قېلىشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك. بىز دائىم مەنىۋى كۈچىمىزنى ماددىي كۈچلەرگە تاقابىل تۇرۇشتىكى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشىمىز كېرەك. 
    ھازىر قارا تەنلىكلەر جەمئىيىتى تولىمۇ يىپيېڭى كۈرەش روھىغا تويۇنماقتا، ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن بارلىق ئاق تەنلىكلەرگە ئىشىنىپ كېتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى بىزنىڭ نۇرغۇن ئاق تەنلىك قېرىنداشلىرىمىز ئۇلارنىڭ تەقدىرى بىلەن بىزنىڭ تەقدىرىمىزنىڭ چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن، ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى نامايىش يىغىلىشىغا قاتنىشىشى بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. ئۇلارنىڭ ھۈرلۈكى بىلەن بىزنىڭ ھۈرلۈكىمىز ھەمنەپەس، بىز يالغۇز ھەرىكەت قىلساق بولمايدۇ. 
    بىز ھەرىكەتكە ئۆتكەن چاغدا، چوقۇم ئالغا قاراپ مېڭىشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. چېكىنسەك قەتئىي بولمايدۇ. ھازىر بەزىلەر خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتىگە قاتناشقۇچىلاردىن: ‹‹سىلەر قاچانمۇ رازى بولارسىلەر؟›› دەپ سورىماقتا.
    پەقەت قارا تەنلىكلەر ساقچىلارنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زىيانكەشلىكلىرىگە ئۇچراپلا تۇرىدىكەنمىز، بىز ھەرگىزمۇ ئارام تاپمايمىز. 
    پەقەت بىز سىرتلاردا تېنەپ يۈرۈپ چارچىغانلاردا يول بويىدىكى ئاپتوموبىل مېھمانسارايلىرى ۋە شەھەرلەردىكى مېھمانخانىلاردا ياتاق تاپالايدىغان بولمىغۇچە ھەرگىز ئارام تاپمايمىز.
    پەقەت قارا تەنلىكلەرنىڭ ئاساسلىق پائالىيەت دائىرىسى ئاز ساندىكى مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كىچىك نامرات رايونلاردىن چوڭ نامرات رايونلارغا يۆتكەلگەنگە قەدەر، بىز ھەرگىز ئارام تاپمايمىز. 
    پەقەت بىزنىڭ بالىلىرىمىزنىڭ ھۈرلۈكى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتى ‹‹پەقەت ئاق تەنلىكلەرگىلا خاس بولغان›› لوزۇنكىلار بىلەن مەھرۇم قىلىنىدىكەن، بىز ھەرگىزمۇ ئارام تاپمايمىز. 
    پەقەت بىز مىسسىسسىپپى ئىشتاتى بىر قارا تەنلىكنى سايلامغا قاتناشتۇرماي، پەقەت نىيۇيوركتىكى بىر قارا تەنلىك ئۇنىڭغا بېلەت تاشلاشنىڭ پايدىسى يوق دەپ قارىغانغا قەدەر ئارام تاپمايمىز.
    ياق، بىز ھازىر ئارام تاپمايمىز، كەلگۈسىدىمۇ ئارام تاپمايمىز. ئادالەت ۋە ھەقىقەت دېڭىز دولقۇنلىرىدەك مەۋج ئۇرغانغا قەدەر ئارام تاپمايمىز. 
    مەن شۇنىڭغا دىققەت قىلدىمكى، بۈگۈنكى يىغىلىشقا قاتناشقانلار ئىچىدە، بەزىلەر قاتتىق ئازاب-ئوقۇبەت تارتقانلار ۋە ئېزىلىشكە ئۇچرىغانلار، بەزىلەر ئەمدىلا تار كامېرلاردىن چىققانلار، بەزىلەر ھۈرلۈككە ئىنتىلگەنلىكىڭلار سەۋەبىدىن، ئىلگىرى ئۆز جايىڭلاردا غالجىرلارچە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار ھەمدە ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىدە ھاياتىڭلاردىن ئايرىلغىلى قىل قالغانلار. سىلەر ئىنساننىڭ زۇلۇمىغا ئۇزاق مەزگىل ئۇچرىغۇچىلار. قەيسەر بولۇڭلار، قەتئىي ئىشىنىڭلار، تېگىشلىك بولمىغان ئازابلارغا سەۋر قىلىش بىر خىل گۇناھتىن پاكلىنىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 
    بىز مىسسىسسپپىغا قايتىپ بارغىنىمىزدا، ئالاباماغا قايتىپ بارغىنىمىزدا، جەنۇبىي كارولىنا ئىشتاتىغا قايتىپ بارغىنىمىزدا، گېئورگىيەگە قايتىپ بارغىنىمىزدا، لوئىسىئاناغا قايتىپ بارغىنىمىزدا، بىز شىمالدىكى شەھەرلەردىكى نامرات رايونلار ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا بارغىنىمىزدا، كۆڭلىمىزدا سان بولۇشى كېرەك. بۇ خىل ئەھۋالنى ئۆزگەرتەلەيمىز. بىز ئۆزىمىزنى قۇتۇلدۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىدىكى ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قالماسلىقىمىز لازىم.
    دوستلار، بۈگۈن مەن سىلەرگە شۇنداق دەيمەنكى، ئۇشبۇ پەيتلەردە بىز گەرچە قاتمۇ-قات قىيىنچىلىقلارغا ۋە ئېزىلىشكە يولۇقساقمۇ، مېنىڭ يەنىلا بىرلا ئارزۇيۇم بار، بۇ ئارزۇيۇم ئامېرىكىنىڭ ئارزۇسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان.
    مەن مۇنداق بىر كۈننىڭ كېلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن، بۇ دۆلەت ئورنىدىن دەست تۇرۇپ، ھەقىقىي ئادىللىقنىڭ رېئاللىققا ئايلانغانلىقىنى مۇنداق جاكارلايدۇ: ‹‹بىز ھەقىقەتكە قىل سىغمايدۇ، ھەممە ئادەم تۇغۇلۇشى بىلەنلا باراۋەر، دەپ قارايمىز.›› 
    مەن مۇنداق بىر كۈننىڭ كېلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن، گېئورگىيەدىكى قىزىلتاغدا، ئۆتمۈشتىكى قۇللارنىڭ پەرزەنتلىرى كەلگۈسىدە ئۆتمۈشتىكى قۇلدارلاررنىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ، قېرىنداشلاردەك ئۆتىدىغان.
    مەن شۇنداق بىر كۈننىڭ كېلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن، ھەتتا مىسسىسسىپپىي ئىشتاتىدا ئادىللىق يوقاپ، ئېزىش ئادەتكە ئايلانغان تەقدىردىمۇ، خۇددى باياۋانغا ئوخشاش جايلارمۇ ئەركىنلىك ۋە ئادىللىقنىڭ گۈلزارلىقىغا ئايلىنىدىغان.
    مەن شۇنداق بىر كۈننىڭ كېلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن، مېنىڭ تۆت بالامنىڭ تېرىسىنىڭ رەڭگىگە ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ پەزىلىتىگە قاراپ، ئۇلارنىڭ دۆلەتتىكى تۇرمۇشىغا باھا بېرىدىغان.
    بۈگۈن مېنىڭ شۇنداق بىر ئارزۇيۇم بار. مېنىڭ بىر ئارزۇيۇم بار، ئالاباما ئىشتاتىدا ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، بۇ ئىشتاتنىڭ باشلىقى ھازىر ئاۋۋالقىدەكلا ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي فېدىراتسىيە قانۇنىغا قارشى تۇرۇۋاتىدۇ، ئەمما يەنە بىر تاڭ ئاتسىلا، ئۇ يەردىكى نېگىرلار بىلەن ئاق تەنلىكلەر قېرىنداشلارچە يېقىن ئۆتۈپ، قولنى-قولغا تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. 
    بۈگۈن مېنىڭ بىر ئارزۇيۇم بار. 
    مەن شۇنداق بىر كۈننىڭ كېلىشىگە ئىنتىزارمەن، ئويمانلار يۇقىرى ئۆرلەپ، تاغلار پەسكە غۇلايدىغان، ئوڭغۇل-دوڭغۇل، ئېگىز-پەس يوللار تۈزلىنىپ كېتىدىغان، مۇقەددەس نۇرلار زاھىر بولۇپ، كىشىلەرگە ئىللىقلىق ئاتا قىلىدىغان. 
    بۇ بىزنىڭ ئۈمىدىمىز. مەن مۇشۇ ئېتىقادىم بىلەن جەنۇبقا قايتىمەن. مۇشۇ ئېتىقاد بولسىلا، بىز ئۈمىدسىزلىك ئىچىدىن ئۈمىد نۇرىنى كۆرەلەيمىز. مۇشۇ ئېتىقاد بولسىلا، بىز دۆلەتتىكى قۇلاقنى يارغۇدەك جەڭگە-جېدەل ئاۋازلىرىنى كىشى كۆڭلىنى مەپتۇن قىلىدىغان يېقىملىق مېلودىيەگە ئايلاندۇرالايمىز. 
    مۇشۇ ئېتىقاد بولسىلا، بىز بىرلىكتە خىزمەت قىلالايمىز، بىرلىكتە تىلاۋەت قىلالايمىز، بىرلىكتە كۈرەش قىلالايمىز، بىرلىكتە تۈرمىگە كىرەلەيمىز، بىرلىكتە ھۈرلۈكنى قوغدىيالايمىز. چۈنكى بىز ھامان بىر كۈنى ھۈرلۈككە ئېرىشىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز.
    ھۈرلۈك يېتىپ كەلگەن ئاشۇ كۈنى، تەڭرىنىڭ بارلىق پەرزەنتلىرى ‹‹مېنىڭ ۋەتىنىم، گۈزەل ھۈرلۈك ماكانى، مەن سېنى كۈيلەپ ناخشا ئېيتىمەن. سەن ئاتا-بوۋىلىرىم مەڭگۈلۈك كۆز يۇمغان ماكان، سەن ئەڭ دەسلەپكى كۆچمەن خەلقنىڭ ئىپتىخارى، ھۈرلۈك ناخشىسى ھەربىر تاغدا جاراڭلاپ تۇرغاي!›› دېگەن ناخشىنى جاراڭلىق ئاۋازدا ئېيتىشىدۇ. 
    ئەگەر ئامېرىكا بىر ئۇلۇغ دۆلەتكە ئايلانسا، مېنىڭ ئارزۇيۇم مۇقەررەر رېئاللىققا ئايلانغۇسى!
    ھۈرلۈك سادالىرى يېڭى خامپىشىر ئىشتاتىدىكى ئاسمان-پەلەك تاغ چوققىلىرىدا ياڭرىسۇن!
    ھۈرلۈك سادالىرى نيۇيور ئىشتاتىنىڭ تاغ چوققىلىرىدا ياڭرىسۇن!
    ھۈرلۈك سادالىرى پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىنىڭ ئاللېگېنى تاغلىرىدا ياڭرىسۇن!
    ھۈرلۈك سادالىرى كولورادو ئىشتاتىدىكى قار-مۇزلار قاپلاپ تۇرغان روككى تېغىدا ياڭرىسۇن!
    ھۈرلۈك سادالىرى كالفورنىيە ئىشتاتىدىكى ئەگرى-بۈگرى كەتكەن چوققىلاردا ياڭرىسۇن! 
    شۇنداقلا يەنە، ھۈرلۈك سادالىرى گېئورگىيە ئىشتاتىدىكى تاغلاردا ياڭرىسۇن!
    ھۈرلۈك سادالىرى تېننېسسى ئىشتاتىدىكى چەكسىز تاغلاردا ياڭرىسۇن!
    ھۈرلۈك سادالىرى مىسسىسسىپپىدىكى ھەربىر ئېدىرلىقلاردا ياڭرىسۇن!
    ھۈرلۈك سادالىرى ھەربىر تاغ باغرىلىرىدا ياڭرىسۇن!
    بىز ھۈرلۈك ئۈچۈن چوقان سېلىشقا باشلىغاندا، ھۈرلۈك سادالىرى ھەربىر يېزا-كەنتلەردە، ھەربىر ئىشتات ۋە ھەربىر شەھەرلەردە ياڭرىغان چاغدا، بىز بۇ كۈننىڭ يېتىپ كېلىشىنى تېزلىتەلەيمىز. ئۇ چاغدا، تەڭرىنىڭ بارلىق پەرزەنتلىرى، جۈملىدىن نېگىرلار بىلەن ئاق تەنلىكلەر، يەھۇدىي دىنى مۇرىتلىرى بىلەن غەيرىي يەھۇدىي دىنى مۇرىتلىرى، ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ مۇرىتلىرى بىلەن كاتولىك دىنى مۇرىتلىرى ھەممىسى قول تۇتۇشۇپ، قەدىمىي نېگىرلارنىڭ مۇنداق ئىلاھى ناخشىسىنى بىللە ئېيتىدۇ: ‹‹ھۈرلۈك، ھۈرلۈك، ھەممىگە قادىر ئاللاھقا شۈكرى، بىز ئاخىر ھۈر بولدۇق!››

Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى