نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (25)

داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (25)

ۋاقتى: 2015-03-01 ئاۋاتلىقى: 3752 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

گۆھەر ئارىلى (رومان ـــ 25)
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
روبېرت لوئىس ستىۋېنسون (ئەنگلىيە)
Robert Louis Stevenson
تەرجىمە قىلغۇچى: ئەركىن ئىسھاق ئوغۇزخان 
مۇھەررىرى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
ئالتىنچى بۆلۈم كېمىنى قايتا قولغا ئېلىش
تۆتىنچى باب دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ بايرىقىنى چۈشۈرۈش
 
   مەن ئۈچ بولۇڭ يەلكەننى تۇتۇپ كېمىگە چىقماقچى بولغان چاغدا يەنە شامال چىقىپ ھەممە يەلكەن كۆپتى–دە، كېمىنىڭ گەۋدىسى سىلكىندى. بۇ سىلكىنىش مېنى دېڭىزغا قاڭقىتىپ تاشلىۋېتىشكە قىل قالدى. مەن ھاپىلا ــ شاپىلا يانتۇ ماچتىنى بويلاپ ئالدىغا نەچچىنى يامىشىپ بىرلا ئۆرۈلۈپ پالوبىغا چۈشتۈم.
   كېمىدە بىرمۇ ئادەمنىڭ قارىسى كۆرۈنمەيتتى. پالوبا قالايمىقان ئاياغ ئىزى بىلەن توشۇپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار كېمىنى تارتىۋالغاندىن كېيىن پالوبىنى بىرەر قېتىممۇ يۇيۇپ باقمىغانىكەن.
   مەن ئالدىمغا ماڭاي دەپ تۇرغاندا پالوبىدا ئاسماندىن چۈشكەندەكلا ئىككى دېڭىز قاراقچىسىنىڭ ياتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ بىر ئىسرىل خاندس بولۇپ، ئۇ ئىككى پۇتىنى تۈپتۈز سوزۇپ، قوللىرىنى پالوبىغا تاشلاپ، بېشى ساڭگىلىغان قىياپەتتە كېمە بېقىنىغا يۆلىنىپ ئولتۇراتتى. يۈزلىرى تاتىرىپ كەتكەن ئىدى. يەنە بىرى قىزىل پوسما كىيگەن، ھىڭگاڭ چىش، مايماق ئېغىز بولۇپ، ئىككى قولىنى يېيىپ پالوبىدا ئوڭدىسىغا ياتاتتى. بۇ دەل تۈنۈگۈن كەچ خاندس بىلەن ئۇرۇشقان ھېلىقى خۇمپەر ئىدى.
   كېمە تۇيۇقسىز مەست ئادەمدەك ئوڭ–سولغا ئىرغاڭلاشقا باشلىدى. قىزىل بۆكلۈك ئەبلەخ كېمىنىڭ ئىرغاڭلىشىغا ئەگىشىپ تەۋرىنەتتى. ئادەمنى تەشۋىشكە سالىدىغىنى شۇكى، ئۇنىڭ تۇرقى ھەم چىراي ئىپادىسى كېمىنىڭ تەۋرىنىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگەرمەيتتى. خاندسمۇ جېنى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك ئاستا–ئاستا پەسكە سىيرىلدى.
   شۇ چاغدا مەن بۇ ئىككىسىنىڭ يېنىدىكى پالوبىدا نۇرغۇن قان دېغىنى بايقىدىم. ئېھتىمال، ئۇلار ھاراق ئىچىپ مەست بولغاندىن كېيىن بىر–بىرىنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان، ئاخىرىدا ئىككىسىلا تەڭ تۈگەشكەن بولسا كېرەك. مەن شۇ خىياللار بىلەن تۇرغىنىمدا خاندس تۇيۇقسىز يانغا ئۆرۈلۈپ ئىڭراپ كەتتى. بۇ ئىڭراشتىن ئۇنىڭ قىينىلىۋاتقانلىقىنى، ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنى بىلگىلى بولاتتى.
   مەن ئۇلارغا قاراپ مېڭىپ ئاساسىي ماچتا ئالدىدا توختاپ قالدىم.
   ـــ ئۆز ئايىغىم بىلەن قاپقانغا چۈشۈپتىمەن-دە، خاندس ئەپەندىم، ـــ دېدىم مەن مەسخىرە تەلەپپۇزدا.
   ئۇ ئاران دېگۈدەك كۆزىنى شىپىلدىتىپ ئىپادىسىز قىياپەتتە قىينىلىپ تۇرۇپ دېدى:
   ـــ بىراندى!
   ئەسلى ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلسام بولاتتى. بىراق ئالما توڭىنىڭ يېنىدا ئوغرىلىقچە ئاڭلىغان گەپ–سۆزلەر يادىمدىن كېچىپ ئۇنىڭغا بولغان نەپرىتىم قايتىدىن كۈچىيىپ كەتتى.
   ئەمدى ۋاقتنى چىڭ تۇتۇپ ئازاراق نەرسە يەپ بەدەن قۇۋۋىتىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈۋالمىسام بولمايتتى. مەن پالۇبىلار ئارىسىدىكى شوتىدىن كېمە بۆلۈمچىسىگە كىرىپ ناھايىتى ۋەيرانە بىر مەنزىرىنى كۆردۈم. قۇلۇپ سېلىنغان يەرلەرنىڭ ھەممىسى قومۇرۇۋېتىلگەن بولۇپ، بۇ ھېلىقى خەرىتىنى تېپىش ئۈچۈن قىلىنغان قوپال ھەرىكەت ئىدى. ئىلگىرى قاردەك ئاق تاملار پاسكىنا قول ئىزلىرى بىلەن تولۇپ كېتىپتۇ. ئۆينىڭ ھەممىلا يېرىدە قۇرۇق بوتولكا دومىلاپ تۇراتتى. شىرە ئۈستىدە بىر چىراپ غۇۋا يېنىق تۇراتتى.
   مەن ساقلاش ئۆيىگە كىرىپ بۇ يەردىكى ھاراق تۇڭلىرىنىڭ قۇرۇغدىلىپ قالغانلىقىنى، قورۇق بوتولكىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپلۈكىنى كۆردۈم. ئۇلار كېمىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن ھاراق ئىچىشنى توختاتمىغاندەك قىلاتتى.
   مەن يېرىم كۈن ھايال بولغاندىن كېيىن ئازراق بىراندى قالغان بوتولكىدىن بىرنى تاپتىم ھەم ئۇنى خاندسقا بەرمەكچى بولدۇم. قانداقلا بولمىسۇن ئۇ سەكراتتا تۇرۇۋاتاتتى. ئارقىدىن يەنە ئازراق قۇرۇتۇلغان بولكا، بىر نەچچە پارچە بالقات، قۇرۇق ئۈزۈم ۋە پىشلاپ تاپتىم. مەن بۇ نەرسىلەرنى پالوبىغا ئېلىپ چىقىپ خاندسنىڭ قولى يەتمەيدىغان يەرگە قويدۇم. تاتلىق سۇ باكىنىڭ يېنىغا كېلىپ قانغۇدەك سۇ ئىچتىم. ئاخىرىدا ھېلىقى بىراندىنى خاندسقا ئۇزاتتىم. ئۇ بوتۇلكىنى ئېلىپ بىرلا كۆتۈرۈپ يېرىمىنى ئىچىۋەتتى.
   ـــ ئۇھ، ـــ دېدى ئۇ، ـــ ئەمدى خېلى ياخشى بولۇپ قالدىم.
   مەن بىر بۇلۇڭدا ئولتۇرۇپ نەرسە يېگەچ ئۇنىڭدىن سورىدىم:
   ـــ ياراڭ ئېغىرمۇ؟
   ـــ شور پېشانىكەنمەن، ـــ دېدى خاندس قىزىل بۆلۈكنى كۆرسىتىپ، ـــ ئەمما ئۇ ئۆلدى. ھوي، سەن كېمىگە نېمە قىلغىلى چىقتىڭ؟
   ـــ مەن بۇ كېمىنى ئۆتكۈزۈۋالغىلى چىقتىم، خاندس ئەپەندىم، مەن ھازىر كاپىتان، ـــ دېدىم جاۋاب بېرىپ.
   ئۇ ماڭا مەنسىتمەسلىك بىلەن قاراپ قويۇپ ئۈنچىقمىدى. ئۇنىڭ چىرايىغا بارا-بارا قان يۈگۈردى، بىراق ئەھۋالى يەنىلا خاراب ئىدى.
   ـــ ئەمدى، ـــ دېدىم مەن، ـــ كېمىگە دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ بەلگىسىنى ئېسىشقا بولمايدۇ، خاندس ئەپەندىم. مەن ئۇنى ئىلۋىتىمەن.
مەن بايراق يىپى ئالدىغا كېلىپ قارا رەڭلىك دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ بايرىقىنى چۈشۈرۈپ دېڭىزغا تاشلىۋەتتىم.
   خاندس بېشىنى ساڭگىلاتقىنىچە مۇغەمبەرلىك يىغىپ تۇرىدىغان كۆزلىرىنى ماڭا تىكتى.
   ـــ كاپىتان جىم، بىز سودىلاشساق قانداق؟ ـــ دېدى ئۇ ئاخىرى ئېغىز ئېچىپ.
   ـــ بولىدۇ، قېنى دە، ـــ دېدىم مەن جاۋاب بېرىپ. ئاندىن ئۆز ئورنۇمغا قايتىپ كېلىپ غىزالىنىشقا باشلىدىم.
   ـــ بۇ ئەبلەخنىڭ ئىسمى ئوبرايىن، ـــ دېدى خاندس ئۆلگەن دېڭىز قاراقچىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ـــ ئۇ ئېرلاندىيەلىك. بىز ئەسلى كېمىنى ھەيدەپ ئەكەتمەكچى بولغان، ئەمما ئۇ ئۆلدى. كېمىنى ھەيدەيدىغان ئادەم قالمىدى. ئەگەر سەن ماڭا ئازراق يەيدىغان نەرسە بېرىپ يارامنى تېڭىپ قويساڭ ساڭا كېمىنى قانداق ھەيدەشنى ئۆگىتىپ قويىمەن. مەن دەپ بەرمىسەم كېمىنى ھەيدىيەلمەيسەن.
   ـــ مەن كېمىنى ھەيدەپ شىمال تەرەپتىكى قولتۇققا بارىمەن، ئىلگىرى توختىغان يەرگە بېرىشقا بولمايدۇ، ـــ دېدىم مەن.
   ـــ بولىدۇ، مەن ئەخمەق ئەمەس، نېمە ئويلاۋاتقىنىڭنى ئوبدان بىلىمەن. مېنىڭ بۇ ھالىمدا قەيەرگىلا بارسام ئوخشاش. نەگە بارغۇڭ كەلسە بېرىۋەر.
   ئۇنىڭ گەپلىرى ئورۇنلۇق بولغاچقا تەلىپىگە قوشۇلدۇم. ھايال بولمايلا مەن ‹‹گىسپانولا››نى ھەيدەپ يولغا چىقتىم. مەن تاشقىن كۆتۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى شىمال تەرەپتىكى قولتۇققا بېرىۋېلىشنى، ئاندىن تاشقىن مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ تېيىز سۇدا توختاپ تاشقىن يانغاندىن كېيىن قىرغاققا چىقىشنى ئويلايتتىم.
   مەن رولنى مۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن بۆلۈمچىگە كىرىپ يىپەك قولياغلىق تېپىپ خاندسنىڭ يوتىسىدىكى تېخىچە قان ئېقىۋاتقان يارىنى تاڭدىم. ئاندىن ئۇنىڭغا يېگۈدەك نەرسە بەردىم. ئۇ خېلى ئەسلىگە كېلىپ قالغاندەك قىلاتتى. قەددىنى روسلاپ ئولتۇردى، گەپ-سۆزلەرنىمۇ ئېنىق قىلىشقا، ئاۋازىمۇ بارغانسېرى يۇقىرىلاشقا باشلىدى.
   دېڭىز شامىلى يېنىك پۈۋلەيتتى. ئارالدىكى مەنزىرىلەر كۆز ئالدىمىزدىن بىر-بىرلەپ ئۆتمەكتە. بىز ناھايىتى تېزلا قۇملۇق قىرغاقتىن ئۆتۈپ كەتتۇق، ئارقىدىن يەنە ئارالنىڭ ئەڭ شىمالىدىكى بىر تاغدىن ئايلىنىپ ئۆتتۇق.
   مەن ئىشلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇۋاتقانلىقىدىن قانائەتلەندىم. سۈپسۈزۈك ئاسمان ھەم ئارالدىكى چىرايلىق مەنزىرە كىشىگە ئارامبەخش ھۇزۇر بېرەتتى. ھازىر مەندە يېتەرلىك يېمەكلىك ۋە سۇ بار. كېمىمۇ ئۆز ئىلكىمدە. بۇ مېنىڭ روھىي ئازابلىرىمنى خېلى يەڭگىللەتتى. بىراق بىر ئىش مېنى ئارامسىزلاندۇراتتى: خاندس ھەمىشە مەسخىرىلىك نەزىرى بىلەن ماڭا سەپسالاتتى. نەگىلا بارماي ماڭا مىختەك تىكىلەتتى. چىرايىدىن ئادەمنىڭ ئارامىنى بۇزىدىغان بىر خىل سوغۇق تەبەسسۇم كەتمەيتتى.
داۋامى بار
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
  ئەسكەرتىش: مەزكۇر روماننى تەرجىماننىڭ ياكى تورىمىزنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرقانداق شەخسنىڭ ھەرقانداق تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. سالونچىلارنىڭ ئۈندىدار سالونلىرىدا ئۆزى مەيلىچە كۆچۈرۈپ تارقىتىشغا قەتئىي بولمايدۇ. ناۋادا شۇنداق قىلغۇچىلار بايقىلىپ قالسا، قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ ھەم سالونى تاقىتىۋېتىلىدۇ.
Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى