ئوباما بۇلتۇر 477 مىڭ دوللار كىرىم قىلدى
-
ئوباما بۇلتۇر 477 مىڭ دوللار كىرىم قىلدى
ۋاقتى: 2015-04-16 ئاۋاتلىقى: 3831 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئوباما ئەر-خوتۇن بۇلتۇر 477 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى كىرىم قىلدى
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ئامېرىكا ئاق ساراي شۇ يەر ۋاقتى 10-ئاپرېل ئېلان قىلغان ئوباما ئەر-خوتۇننىڭ باجنى مەلۇم قىلىش تالونىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىدىكى ‹‹1-ئائىلە››نىڭ 2014-يىلدىكى كىرىمى 477 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، 2005-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن كىرىم بولۇپ قالغان.
شۇ كۈنى ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر ئوباما ئەر-خوتۇن 477 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى كىرىم قىلغان بولۇپ، ئىككىيلەن جەمئىي 93 مىڭ 362 دوللار تاپاۋەت بېجى تۆلىگەن، مۆلچەرلىنىشىچە، ئۇ ئىككىسىنىڭ باج نىسبىتى % 19.6 ئىكەن.ئامېرىكا قانۇنىدا زۇڭتۇڭنىڭ يىللىق كىرىمى 400 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى، دەپ بەلگىلەنگەن، بۇ ئوبامانىڭ بۇلتۇرقى ‹‹مائاشى››نىڭ ئائىلە ئومۇمىي كىرىمىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئۇنىڭ يەنە 95 مىڭ دوللارلىق باج كىرىمى بار ئىكەن. باج مەلۇم قىلىش تالونىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئوباما ئەر-خوتۇن بۇلتۇر خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا جەمئىي 70 مىڭ 712 دوللار ئاجراتقان، بۇنىڭ ئىچىدە قىزلىرى مارىيە ۋە ساشا ئوقۇۋاتقان سىدۋېل دوستلۇق مەكتىپىگە 5000 ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلىنغان.ئاق سارايغا كىرگەندىن كېيىن، ئوباما ئەر-خوتۇن ئىككەيلەننىڭ كىرىمى يىلدىن يىلغا تۆۋەنلىگەن. 2009-يىلى ئوباما ئەر –خوتۇن ئىككەيلەننىڭ ئەڭ يۇقىرى كىرىمى 5 مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، 2010 –يىلى تەخمىنەن 1 مىليون 700 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى، 2011-يىلى تەخمىنەن 790 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى، 2012-يىلى تەخمىنەن 660 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى، 2013-يىلى تەخمىنەن 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولغان. ئاق ساراينىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ ئەر-خوتۇننىڭ 2014-يىلىدىكى ئومۇمىي كىرىمى 338 مىڭ 844 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، 90 مىڭ 506 ئامېرىكا دوللىرىنى باجغا تاپشۇرغان، باج نىسبىتى % 23.3كە يەتكەن. ئوباما بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ئىقتىساد ئىلمى››نىڭ ھاكىميەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىگە ئاساسەن، پارلامېنتنى ‹‹باينىڭكىنى تارتىۋېلىپ گادايغا بېرىش›› باج سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، يىللىق كىرىمى 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى ئەر-خوتۇنلارنىڭ تاپشۇرىدىغان بېجىنى %23.8تىن % 28كە ئۆرلىتىشكە دەۋەت قىلغان.Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ھېكمەتلىرىدىن
2015-02-09 12:30:033975نىدائىي: ما يۈننىڭ بىر ئوقۇغۇچىغا يازغان خېتى
2015-08-24 13:23:584418ئۇيغۇرلارنىڭ ياغاچ سوغا ياساش سەنئىتى
2015-02-11 17:51:124011داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (11)
2015-03-01 21:06:033502فىرانسىيە فورنايىس يانارتېغى پارتلىدى
2015-02-07 18:57:423482ئېرتىش دەرياسىنىڭ قىشتىكى مەنزىرىسى
2015-11-26 01:18:192962ھىندىستاننىڭ نۆل روپىيەلىك قەغەز پۇلى
2015-05-01 13:10:474529جۇڭگودىكى ئاخىرقى بىر تۈركۈم پار پويىزلىرى
2016-01-13 16:17:083951
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-