نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (26)

داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (26)

ۋاقتى: 2015-03-01 ئاۋاتلىقى: 3803 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

گۆھەر ئارىلى (رومان ـــ 26)
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
روبېرت لوئىس ستىۋېنسون (ئەنگلىيە)
Robert Louis Stevenson
تەرجىمە قىلغۇچى: ئەركىن ئىسھاق ئوغۇزخان
مۇھەررىرى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
ئالتىنچى بۆلۈم كېمىنى قايتا قولغا ئېلىش
بەشىنچى باب ھايات-ماماتلىق جەڭ
 
   تەلىيىمىز ئوڭ كېلىپ دېڭىزدا غەرب شامىلى چىقىشقا باشلىدى. ئەمدى بىز ئارالنىڭ شەرقىي شىمال ئۇچىدىن قىينالمايلا شىمالىي قولتۇققا كىرەلەيتتۇق. شۇنىسى، مەن ئارقاننى كېسۋەتكەچكە دېڭىز تاشقىنى كۆتۈرۈلۈپ ئەۋجىگە چىققاندا كېمىنى قىرغاققا ئىتتىرىپ تېيىز سۇدا توختىتىپ قويۇشىنى ساقلاشقا توغرا كەلدى. خاندس ماڭا يول كۆرسىتىپ، كېمە بېشىنى قانداق قىلغاندا شامال ئۇرۇلىدىغان تەرەپكە قارىتىپ توختىتىشنى ئۆگەتتى. مەن بىر نەچچە قېتىم تىرىشقاندىن كېيىن ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەت قازاندىم. ئاندىن بىز بىر نەرسە يېيىشكە باشلىدۇق.
   ـــ كاپىتان جىم، ـــ دېدى خاندس چىرايىدىن مۇغەمبەرلىك كۈلكىسى ياغدۇرۇپ، ـــ دوستۇم ئوبرايىننىڭ جەسىتى تېخىچە كېمىدە تۇرۇپتۇ. سەن ئۇنى دېڭىزغا تاشلىۋەت.
   ـــ ئۇنى كۆتۈرەلمەيمەن، ئۇنداق قىلغۇممۇ يوق، ـــ دېدىم مەن.
   ـــ ‹‹گىسپانولا›› چۈشەنگىلى بولمايدىغان كېمە، ــ دېدى ئۇ كۆزىنى چىمچىقلىتىپ قويۇپ، ـــ بۇنىڭغا چىققان ئادەم ئۆلمىگەن تەقدىردىمۇ قېچىپ كېتىدۇ. ئوبرايىننى دېسەم ئۇ مۇشۇ كېمىدە ئۆلدى. مەن ساۋاتسىز. سەن بولساڭ ئوقۇغان ئادەم، ماڭا ئۆلگەن ئادەمنىڭ ئەرۋاھى بار-يوقلۇقىنى ئېيتىپ بېرەلەمسەن؟
   ـــ ئادەم ئۆلىدۇ، ئەمما روھى ھايات، بۇ قائىدىنى بىلىشىڭ كېرەك، ـــ دېدىم مەن جاۋاب بېرىپ، ـــ ئوبرايىن ھازىر يەنە بىر دۇنيادا تۇرۇپ بىزنى كۆزىتىۋاتىدۇ.
   ـــ بۇ گەپچە ئادەم ئۆلتۈرۈش پۈتۈنلەي ۋاقىت ئىسراپ قىلىشكەندە، ـــ دېدى ئۇ، ـــ بىراق، مەن روھنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئانچە مۇھىم دەپ قارىمايمەن. سېنىڭدىن بىر ئىشنى ئۆتۈنمەكچىمەن. بۆلۈمچىگە كىرىپ ماڭا بىر بوتولكا ئۈزۈم ھارىقى ئەكېلىپ بەر، ئۆلگۈر بىراندىنىڭ گىرادۇسى بەك يۇقىرى ئىكەن، مەن يارىلانغاچقا يەنە ئىچەلمەيمەن.
   ئۇنىڭ گەپلىرى تاققا-تۇققا بولۇپ، چىرايىمۇ باشقىچە ئىدى. يەنە كېلىپ بىراندىنى تاشلاپ ئۈزۈم ھارىقى ئىچمەكچى بولغانلىقى گۇمانىمنى قوزغاپ قويدى. ئۇ مېنى پالوبىدىن كەتكۈزۈۋېتىپ ئۆزى بىر ئىش قىلماقچى بولغاندەك قىلىۋاتاتتى. نېمە قىلماقچى بولغانلىقىنى ئۇققىلى بولمايتتى. مەن يالغاندىن پالوبىدىن كەتكەن بولۇۋېلىپ پالوبا شۇتىسىدىن چۈشۈپ قەستەن يۇقىرى ئاۋاز چىقاردىم. ئاندىن ئايىغىمنى سېلىۋېتىپ كارىدوردىن غىپپىدە ئۆتۈپ ئالدى پالوبىنىڭ شوتىسىغا يامىشىپ خاندس ئولتۇرغان يەرگە قارىدىم.
   قاراپلا ئۇنىڭ پۇت-قولىنى تەڭ ئىشقا سېلىپ پالوبىدا تەستە ئۆمىلەۋاتقانلىقىنى، گېلىدىن خىرقىراق ئاۋاز چىقىرىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئېھتىمال يارىسى ئاغرىۋاتسا كېرەك. بىردەمدىلا ئۇ كېمە بېقىنىدىكى سۇ چىقىرىۋېتىش تۆشىكى يېنىغا يىتىپ كەلدى-دە، ئارغامچىلار ئارىسىدىن ئۇزۇن ساپلىق بىر كىچىك پىچاقنى تاپتى. پىچاق قان يوقى ئىدى. ئۇ بىرنى تىنىۋالغاندىن كېيىن بارمىقى بىلەن پىچاق بىسىنىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى سىناپ باقتى. ئاندىن پىچاقنى قوينىغا سېلىپ ئەسلىدىكى جايىغا ئۆمىلەپ كېلىۋالدى.
   ئەسلىدە خاندس مېنى پالوبىدىن كەتكۈزۈۋېتىپ ئېھتىياتسىزلىقىمدىن پايدىلىنىپ پىچاق بىلەن مېنى بىر تەرەپ قىلماقچى بولغان ئىكەن. مېنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن كېمىنى ھەيدەپ ئەسلى جايىغا قايتماقچىمۇ ياكى زەمبىرەك ئېتىپ ھەمراھلىرىنى چاقىرىپ قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلامدۇ، ھېچنېمە بىلمەيتتىم. بۇ چاغدا كېمە تېخى قىرغاققا يېقىنلاشمىغان بولۇپ، بىز ئۇنى شامالدىن دالدىلانغىلى بولىدىغان بىخەتەر تېيىز سۇدا توختۇتۇشنى ئويلىشىۋاتاتتۇق. كېمە بىخەتەر توختاشتىن ئاۋۋال خاندىسنىڭ قول سالمايدىغانلىقى ماڭا ئايان. مەن قانداق قىلىشنى ئويلىغاچ بۆلۈمچىگە كىرىپ بىر بوتولكا ئۈزۈم ھارىقى ئېلىپ پالوبىغا چىقتىم.
   خاندس مەن كەتكەن چاغدىكىدەك ياتاتتى. مەن ئۇنىڭ يېنىغا بارغاندا ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ بوتولكىنى ئېلىپ ئېغىزىنى ئەپچىللىك بىلەن ئاچتى-دە، غۇرتۇلدىتىپ ئىچكىلى تۇردى. ئارقىدىن يېنىنى ئىزلەشتۈرۈپ بىر تال كۆك تاماكا چىقىرىپ ئۆزىدە پىچاق يوقلۇقىنى، مېنىڭ پىچاق بىلەن پارچىلاپ بېرىشىمنى ئېيتتى.
   ـــ بونى ماڭا پارچىلاپ بەر، ـــ دېدى ئۇ، ـــ بۇ بەلكىم مەن چەككەن ئەڭ ئاخىرقى تاماكا بولۇپ قىلىشى مۇمكىن. مەن ئۆلەي دەپ قالدىم.
   ـــ بولىدۇ، تەلىپىڭنى ئورۇندايمەن، ـــ دېدىم مەن، ــ بىراق ھەربىر خرىستىيان مۇرىتى ئۆلۈش ئالدىدا ئىبادەت قىلىپ گۇناھلىرىغا تۆۋە قىلىشى كېرەك.
   ـــ مەن ئۇنداق قىلمايمەن، تۆۋە قىلىدىغان ئىشىم يوق، ـــ دېدى ئۇ.
   ـــ سەن ئۆز ئېتىقادىڭغا ئاسىيلىق قىلىپ شۇنچە كۆپ جىنايەت ئۆتكۈزدۈڭ، سۇخەنچىلىك قىلدىڭ، يەنە تېخى بايىلا ئادەم ئۆلتۈردۈڭ. ئەجەبا بۇلارغا تۆۋە قىلمامسەن؟ ـــ دەپ سورىدىم مەن يۇقىرى ئاۋازدا، ـــ سەن دەرھال تەڭرىدىن كەچۈرۈم سورا، خاندس ئەپەندىم!
   مەن خاندس تىقىۋالغان كىچىك پىچاقنى يادىمغا ئېلىپ ئىختىيارسىز جىددىيلەشتىم.
   ئۇ ئۈزۈم ھارىقىنى بىر يۇتۇم ئىچكەندىن كېيىن دېدى:
   ـــ مەن دېڭىزدا ئوتتۇز يىل تۇردۇم، بوران-چاپقۇننى باشتىن كەچۈردۈم، ئوت قويۇپ ئادەم ئۆلتۈردۈم، ياخشى-يامان ھەممىنى كۆردۈم. ئەمما، ئەزەلدىن ياخشىلىققا ياخشىلىق قىلىدىغان ئىشنى ئۇچرىتىپ باقمىدىم. سەن باشقىلارنى ئۆلتۈرمىسەڭ باشقىلار سېنى ئۆلتۈرىدۇ. مەڭگۈ مۇشۇنداق. پالوبىدا ياتقان ئاۋۇ ئادەمگە قارا، ئۇمۇ ئوخشاش.
   ـــ بۇلارنى دېيىشمەيلى، ـــ دېدى ئۇ بىردەمدىن كېيىن گەپنى بۇراپ، ـــ ھازىر تاشقىن يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، قوماندانلىقىمنى ئاڭلا، بىز كېمىنى پورتقا ھەيدەپ كىرەيلى.
   كېمە يەنە ئىككى مىل ماڭسىلا قىرغاققا يېقىنلىشالايتتى. ئەمما بۇ يول ناھايىتى جاپالىق. شىمال قولتۇق تار ھەم سۈيى تېيىز، شۇنداقلا ئەگرى-بۈگۈرى بولۇپ، كېمىنى ھەيدەپ كىرىش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەسكەن. خاندس ئىككىمىز ئۆزئارا ماسلىشىپ كېمىنى ئوڭ-سولغا بۇراپ يۈرۈپ ئاخىرى ئېغىزدىن ئۆتۈپ شىمالىي قولتۇققا كىردۇق.
   جەنۇب تەرەپتە چىرىپ بۇزۇلغان ئۈچ ماچتىلىق بىر كېمىنىڭ قالدۇقى دېڭىز ساھىلىغا پېتىپ قالغان ئىدى. قاراشتىن ناھايىتى ئېچىنىشلىق كۆرۈنەتتى.
   ـــ ئاۋۇ يەرگە قارا، ـــ دېدى خاندس كېمە پېتىپ قالغان يەرنى كۆرسىتىپ، ـــ ئۇ يەردىن قىرغاققا يېقىنلاشساق ئەڭ مۇۋاپىق. ئۇ يەردىكى قۇملۇق تەكشى، تۆت ئەتراپى ئورمان ئىكەن. كېمىنى شۇ يەرگە ھەيدە.
   ـــ مۇبادا كېمە ئۇ يەرگە پېتىپ قالسا كېيىن قانداق دېڭىزغا ھەيدەپ كىرىمىز؟ ـــ دەپ سورىدىم مەن.
   ـــ ناھايىتى ئاسان، ـــ دېدى خاندس جاۋاب بېرىپ، ـــ تاشقىن يانغاندا بىر تال ئارغامچىنى قارىشى قىرغاققا تارتىپ دەرەختىن ئايلاندۇرۇپ ئۆتۈپ چىغرىققا يۆگەيمىز. كېلەركى قېتىم تاشقىن كۆتۈرۈلگەندە بىر نەچچە ئادەم چىغرىقنى ئايلاندۇرسا كېمە قىرغاقتىن ئايرىلىپ دېڭىزغا كىرىدۇ. بولدى، جىم، بىز قۇم ساھىلغا يېقىنلاشتۇق، رولنى ئوڭغا بۇرا، يەنە ئازراق ئوڭغا، سولغا ئازراق ئېغىپ كەتتى، مۇقىملاشتۇر.
   ئۇنىڭ قوماندانلىقىدا مەن رولنى بۇراپ كېمىنى ھەيدەپ چاتقاللار ئۆسۈپ كەتكەن دېڭىز ساھىلىغا قاراپ ماڭدىم. كېمە قۇمغا ئۇرۇلغاندا قاتتىق ھاياجانلاندىم. بېشىمنى كېمىنىڭ ئوڭ تەرەپتىكى گىرۋىكىدىن چىقىرىپ كېمە ئالدىدىكى تۈرۈم-تۈرۈم بۇژغۇنلارغا قارىدىم.
   بۇ چاغدا تۇيۇقسىز ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى ھېس قىلىپ كەينىمگە بۇرۇلدۇم. كەينىمگە قاراپلا خاندسنىڭ ھېلىقى كىچىك پىچاقنى سىقىملاپ ئالدىمغىلا كېلىپ قالغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇ ماڭا قاراپ زەرب بىلەن تاشلاندى. مەن ھاپىلا-شاپىلا كېمە بېشى تەرەپكە ئۆزۈمنى ئېلىپ قاچتىم. رول قولۇمدىن چىقىپ كېتىپ كەينىگە يېنىپ كەتتى-دە، خاندسنىڭ مەيدىسىگە زەرب بىلەن تەگدى. خاندس زەربىدىن تۈگۈلۈپلا قالدى.
ئۇ ئېسىنى تاپقان چاغدا مەن ھەيدەش بۆلۈمچىسىدىن چىقىپ پالوبىغا كەلدىم. ئاساسلىق ماچتىنىڭ ئالدىدا توختاپ يانچۇقۇمدىن تاپانچامنى چىقاردىم. بۇ چاغدا ئۇ بۇرۇلۇپ ماڭا قاراپ ئېتىلىپ كەلدى. مەن ئۆزۈمنى تۇتۇۋالغاندىن كېيىن ئۇنى قارىغا ئېلىپ تەپكىنى قايرىدىم. ئەپسۇس، تاپانچىدىن ئوق چىقمىدى. ئەسلىدە تاپانچىنىڭ دورىسى دېڭىز سۈيىدە ھۆل بولۇپ كەتكەچكە ئېتىلمىغان ئىكەن.
   گەرچە خاندس يارىلانغان بولسىمۇ ئۇنىڭ ھەرىكىتى ناھايىتى تېز بولۇپ، مەن ئىككىنچى تاپانچىنى چىقىرىپ ئېتىشقا ئۈلگۈرمەيتتىم. قالايمىقان قاچساممۇ بولمايتتى. بولمىسا ئۇ مېنى ناھايىتى ئاسانلا بىر بۇلۇڭغا قىستاپ كېلەتتى. مەن ماچتىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ، خاندس يەنە باستۇرۇپ كەلگەندە ئۆزۈمنى چەتكە ئېلىشنى ساقلاپ جىمجىت تۇردۇم. يۇرتۇمدىكى چاغدا دائىم دوستلىرىم بىلەن مۇشۇنداق ئۆزۈمنى چەتكە ئېلىپ قېچىش ئۇيۇنلىرىنى ئوينايتتىم. مەن خاندس يارىلاندى، يېشىمۇ چوڭ، مېنىڭدەك چاققان ئەمەس، دەپ پەرەز قىلدىم. شۇڭا بۇ ئۇيۇندا ئۇنىڭغا ئۇتتۇرۇپ قويمايتتىم.
   خاندس مەقسىتىمنى بىلىپ توختاپ قالدى. ئۇ يالغاندىن ئوڭ-سولدىن كېلىپ مېنى تۇتماقچى بولغان قىياپەتكە كىرىپ تۇيۇقسىز باشقا تەرەپكە يۈگرەيتتى. مەنمۇ ئۇنىڭغا قاراپ گاھىدا ئوڭغا، گاھىدا سولغا ئۆزۈمنى ئېلىپ قاچتىم. گەرچە ئۇنى يەنە بىر پەس ھايال قىلساممۇ ئەمما مېنى تۇتۇۋالسا پۈتۈنلەي تۈگىشەتتىم.
   دەل شۇ چاغدا ‹‹گىسپانولا›› بىردىنلا شىددەتلىك سىلكىنىپ ئىغاڭلىغىنىچە قۇمغا پېتىشقا باشلىدى. ئاندىن سول تەرەپكە قىيسىيىپ، پالوبا بىلەن يەر يۈزى 45 گىرادوسلۇق بولۇڭ ھاسىل قىلىپ توختىدى. ھەر ئىككىمىز تەڭپۇڭلۇقىمىزنى يوقىتىپ سول تەرەپتىكى سۇ چىقىرىش ئېغىزىغا دومىلاپ چۈشتۇق. ھېلىقى قىزىل بۆكلۈك ئەبلەخ غۇلىچىنى كېرىپ شۇ يەردە ياتاتتى. مېنىڭ بېشىم خاندسنىڭ پۇتىغا تېگىپ قاتتىق ئاغرىپ كەتتى. شۇنداقتىمۇ باشتا ئورنۇمدىن تۇردىم. خاندس يېقىلغان چاغدا جەسەتكە چىرمىشىپ قالغان ئىدى. كېمە يانتۇ بولۇپ قالغاندىن كېيىن پالوبىدا دالدىلانغىدەك يەرمۇ قالمىدى. مەن دەرھال ئاساسىي ماچتىغا چىقىدىغان ئارغامچا شۇتىنى تۇتۇپ يۇقىرىغا قاراپ تاكى ماچتىنىڭ ئۈستىدىكى توغرا ياغاچقىچە چىقىپ ئاندىن ئۇھ دېدىم.
   مەن يۇقىرىغا يامىشىۋاتقاندا ئىسرىل خاندس پۇتۇمغا بىر پىچاق شىلتىدى. يېرىم چى ئارىلىق بولمىغان بولسا يارىلانغان بولاتتىم. ئۇ قۇرۇق پىچاق ئۇرغاندىن كېيىن ئېغزىنى يوغان ئاچقىنىچە جايىدا تۇرۇپ قالدى. قىياپىتىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. مەن ۋاقتنى چىڭ تۇتۇپ تاپانچىنىڭ دورىسىنى ئالماشتۇرۇشقا باشلىدىم. بىر تاپانچىنىڭ دورىسىنى ئالماشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئېھتىيات ئۈچۈن يەنە بىرنىڭمۇ دورىسىنى ئالماشتۇرۇۋەتتىم.
   خاندس بۇنى كۆرۈپ قاتتىق چۆچۈپ كەتتى-دە، بىردەم تېڭىرقىغاندىن كېيىن پىچاقنى ئاغزىغا توغرىسىغا چىشلەپ ئېغىر گەۋدىسىنى سۆرەپ ئارغامچا شوتىغا ياماشتى. ئۇ ئاغرىققا چىداپ يارىلانغان پۇتىنى سۆرەپ تىرمىشىپ يۈرۈپ ناھايىتى ئاستا سۈرئەت بىلەن يۇقىرىغا چىقىشقا باشلىدى. ئۇ تەخمىنەن شوتىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىغا چىققاندا مەن ئىككىلا تاپانچىغا ئوق سېلىپ ئۇنىڭغا تەڭلەپ ۋارقىرىدىم:
   ـــ خاندس ئەپەندىم، سەن يۇقىرىغا يەنە بىر قەدەم ئۆرلىسەڭ مەن كاللاڭدىن تۆشۈك ئاچىمەن! بايا، سەن باشقىلارنى ئۆلتۈرمىسەڭ باشقىلار سېنى ئۆلتۈرىدۇ، دېگەنتىڭغۇ؟
   ئۇ توختاپ قالدى. چىرايىدىن قانداق تاقابىل تۇرۇشنى ئويلىنىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى. ئۇ خېلى ئۇزۇنغىچە ئويلىنىپ قىمىرلىمىدى. ئۇنىڭ روھى چىقىپ كەتكەندەك قېتىپ تۇرۇشىغا قاراپ ئىختىيارسىز كۈلۈپ كەتتىم.
   ئۇ ئاغزىغا چىشلىۋالغان پىچاقنى ئېلىپ شۆلگىيىنى يۇتۇۋەتكەندىن كېيىن دېدى:
   ـــ جىم، بىز ئەپلىشىپ قالايلى. ناۋادا كېمە تۇيۇقسىز قىيسىيىپ كەتمىگەن بولسا مەن سېنى جايلىۋەتكەن بولاتتىم. شور پېشانە ئىكەنمەن، بىر قېرى ماتروسنىڭ سېنىڭدەك بىر سېرىق تۈكنىڭ قولىدا يېڭىلگەنلىكىگە تەن بەرمىسەم بولمىغۇدەك.
   ئۇنىڭ گەپلىرى ماڭا ناھايىتى تېز تەسىر قىلىپ چىرايىمدا تەبەسسۇم جىلۋە قىلدى. مەن بۇنىڭدىن مەمنۇن بولۇپ تۇرغىنىمدا ئۇنىڭ تۇيۇقسىز قولىنى شىلتىگەنلىكىنى كۆردۈم. بىر يورۇق نۇر ماڭا قاراپ ئۇچۇپ كەلدى. كەينىدىنلا مەن قاتتىق ئاغرىقنى سەزدىم، ئەسلى مۈرەم ماچتىغا مىقلىنىپ قالغان ئىكەن. قوش تاپانچا شۇئان سايرىدى ھەم قولۇمدىن چىقىپ دېڭىزغا چۈشۈپ كەتتى. تاپانچا بىلەن دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەندىن يەنە خاندسمۇ بار ئىدى. 
داۋامى بار
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
  ئەسكەرتىش: مەزكۇر روماننى تەرجىماننىڭ ياكى تورىمىزنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرقانداق شەخسنىڭ ھەرقانداق تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. سالونچىلارنىڭ ئۈندىدار سالونلىرىدا ئۆزى مەيلىچە كۆچۈرۈپ تارقىتىشغا قەتئىي بولمايدۇ. ناۋادا شۇنداق قىلغۇچىلار بايقىلىپ قالسا، قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ ھەم سالونى تاقىتىۋېتىلىدۇ.
Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى