نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (24)

داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (24)

ۋاقتى: 2015-03-01 ئاۋاتلىقى: 3506 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

گۆھەر ئارىلى (رومان ـــ 24)
مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
روبېرت لوئىس ستىۋېنسون (ئەنگلىيە)
Robert Louis Stevenson
تەرجىمە قىلغۇچى: ئەركىن ئىسھاق ئوغۇزخان 
مۇھەررىرى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
ئالتىنچى بۆلۈم كېمىنى قايتا قولغا ئېلىش
ئۈچىنچى باب چوڭ كېمىگە چىقىش
 
   مەن ئويغانغان چاغدا تاڭ ئاتقان ئىدى. دېڭىز تاشقىنى مېنى گۆھەر ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇب تەرىپىگە ئاپىرىپ قويغان ئىكەن. ئاللىقاچان كۈن چىققان بولسىمۇ سىپىي-گىلاس تېغى توسۇۋاپتۇ.
   ئالدى تەرىپىم ئارقان قىياسى بىلەن كەينى ماچتا تېغى ئىدى. قىرغاقتىن تەخمىنەن تۆتتىن بىر مىل يىراقلىقتا تۇراتتىم. قېيىقنى ھەيدەپ بېرىپ قىرغاققا چىقماقچى بولساممۇ، دېڭىز دولقۇنلىرى مېنى توسۇپ تۇرۇۋاتاتتى. قىرغاققا چىققان تەقدىردىمۇ تىك قىيالاردىن ئۆمىلەپ ئۆتۈشكە كۆزۈم يەتمەيتتى.
   ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن قىرغاقتا يەنە 50-60 غايەت زور غەلىتە مەخلۇقنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قىيا تاش ئۈستىدە يېتىۋالغان، بەزىلىرى دېڭىزغا سەكرەۋاتقان بولۇپ، دېڭىز قىرغىقى ئۇلارنىڭ ئالىتاغىل چىقىراشلىرى بىلەن تولغان ئىدى. مەن كېيىنچە ئاندىن بۇ ھايۋانلارنىڭ دېڭىز شىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئادەمگە زىيان يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى بىلدىم. ئەمما ئەينى چاغدا ئۇلار مېنى بەك قورقۇتۇۋەتتى.
   مەن ئارقان قىياسىنىڭ شىمال تەرىپىدە ئۇزۇن ھەم تار قۇملۇق ساھىلنىڭ بارلىقىنى كۆردۈم. بۇ خەرىتىدە بەلگە قۇيۇلغان قارىغايلىق قىيا ئىدى. ئىلگىرى سىلۋېرنىڭ گۆھەر ئارىلىنىڭ غەرب تەرەپتىكى دېڭىز قىرغىقىدا شىمالغا قاراپ ئاقىدىغان بىر دېڭىز ئېقىنىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقانلىقى يادىمغا كەلدى. ھالبۇكى، مەن دەل شۇ ئېقىندا تۇرۇۋاتاتتىم. مەن جىسمانىي كۈچۈمنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تەكشىرەك بولغان قارغايلىق قىياغا قاراپ سىلجىماقچى بولدۇم.
   بۇ چاغدا دېڭىز تاشقىنى كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. دېڭىز دولقۇنلىرى رېتىملىق تەۋرىنەتتى، كىچىك قولۋاق دولقۇنغا ئەگىشىپ بەزىدە يۇقىرى ئۆرلىسە، بەزىدە تۆۋەنلەپ يېنىك سىلكىنەتتى. قولۋاق ئىچىدە ياتقان چاغدا دېڭىز دولقۇنلىرىنىڭ ھەمىشە باش ئۈستۈمدە ئىكەنلىكىنى، ئاندىن كىچىك قولۋاقنىڭ يېنىك سەكرەپ دولقۇن باغرىغا سىيرىلىپ كىرگەنلىكىنى كۆرەتتىم.
   مەن ئولتۇرۇپ قولۋاقنى ھەيدىمەكچى بولدۇم. شۇنىسى ئەمدىلا قىمىرلىشىمغا قولۋاق تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ ئوڭ-سولغا ئىرغاڭلاشقا باشلىدى. كۆزۈم قاراڭغۇلىشىپ بېشىم قېيىپ كەتتى. قورققىنىمدىن ھاپىلا-شاپىلا يېتىۋالدىم. قولۋاق يەنە بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتىپ دولقۇنلار ئىچىدە يېنىك لەيلەشكە باشلىدى.
   ئەھۋالدىن قارىغاندا مەن مۇشۇنداق ياۋاشلىق بىلەن ياتسام بولىدىغان ئوخشايدۇ. بولمىسا قولۋاق دەرھال تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتاتتى. ئەپسۇس، بۇنداق يېتىۋەرسەم قىرغاققا قاچان يېتىپ بارىمەن؟
   مەن ئاستا ئۆزۈمنى توختىتىۋالغاندىن كېيىن قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئويلاندىم. ئىنچىكە كۆزىتىپ ھەر بىر دولقۇننىڭ دولقۇن ئۇچى بىلەن دولقۇن باغرى بارلىقىنى، قولۋاق دولقۇنغا ئەگىشىپ بىردە كۆتۈرۈلۈپ بىردە پەسلەيدىغانلىقىنى، مىدىرلاپلا قويسام تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلىدىغانلىقىنى بايقىدىم.
   ـــ ئەسلى مۇنداقكەندە، ـــ دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە، ـــ مەن يېتىۋېلىپ پالاقنى قولۋاقنىڭ سىرتىغا چىقىرىپ قىرغاققا قاراپ ھەيدىسەم بولىدىكەنغۇ.
   مەن بىردەم ياتقاندىن كېيىن پالاقنى قولۋاقنىڭ سىرتىغا چىقىرىپ قىرغاققا قاراپ ھەيدەپ سىناپ باقتىم ھەم بۇنىڭ بەلگىلىك ئۈنۈمى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن جەينىكىمگە تايىنىپ يېرىم ئۆرە بولۇپ پات-پات پالاق ئۇرۇپ تۇردۇم. قولۋاق ئاستا-ئاستا قىرغاققا قاراپ سىلجىشقا باشلىدى.
   بۇ كۈچ سەرپ قىلىدىغان ھەم ناھايىتى ئاستا ئىش بولسىمۇ ئۈنۈملۈك ئىدى. مەن قىرغاققا يېقىنلىشىشقا باشلىدىم. باش ئۈستۈمدە قۇياش نۇرى ئوتتەك چاقنىماقتا.  يۈزۈمدىكى تۇزلۇق دېڭىز سۈيى قۇرىغاندىن كېيىن قالدۇرغان ماددىلار مېنى بىئارام قىلماقتا. ئىسسىقتىن گېلىم قۇرۇپ كەتتى. قۇرۇقلۇققا كۆز يەتسىمۇ قول يەتمەيۋاتاتتى. تاشقىن قولۋىقىمنى ئاستا-ئاستا قارىغايلىق قىياغا قاراپ ئىتتىرىشكە باشلىدى.
   قارىغايلىق قىياغا ئاز قالغاندا مەن ئەسلىدىكى پىلانىمدىن ۋاز كەچتىم. چۈنكى ئالدىمدا يېرىم مىل كەلمەيدىغان يەردە ‹‹گىسپانولا›› ناملىق كېمە يەلكىنىنى چىقىرىپ مېڭىپ يۈرەتتى. ئۇنىڭ چىرايلىق يەلكەنلىرى قاردەك ئاق بولۇپ، قۇياش نۇرىدا كۈمۈشتەك پارقىرايتتى.
   كېمە دەسلەپ غەربكە قاراپ ماڭدى. مەن دېڭىز قاراقچىلىرى ئەسلى توختىغان يەرگە قايتىپ بارسا كېرەك دەپ ئويلىغان ئىدىم. لېكىن، بىردەمدىن كېيىن ماڭا قاراپ كېلىشكە باشلىدى. دەماللىققا نېمە قىلارىمنى بىلمەي قېتىپلا قالدىم.
   ئەمما ئۇ تۇيۇقسىز يۆلىنىشىنى ئۆزگەرتىپ باشقا ياققا قاراپ ماڭدى. بىردەمدىن كېيىن توختاپ قالدى. چوڭ كېمە مۇشۇنداق بىردەم ئوڭغا بىردەم سولغا بۇرۇلاتتى، قايسى يۆلىنىشكە قاراپ ماڭىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى.
   مەن تۇيۇقسىز بىر ئىشنى چۈشەندىم. ھازىر بۇ كېمىنى ھەيدەيدىغان ئادەم يوق. كېمىدىكىلەر ياكى غەرق مەست بولۇپ ياتىدۇ ۋە ياكى كېمىدىن ئايرىلىپ قىرغاققا چىقىپ كەتتى. شۇئان كاللامدا يەنە بىر قاپ يۈرەكلەرچە خىيال پەيدا بولدى: ناۋادا مەن ‹‹گىسپانولا››غا چىقسام ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىپ كاپىتان سىمولېتغا تاپشۇرۇپ بېرەلىشىم مۇمكىن.
   تاشقىن سۈيى قولۋاق بىلەن ‹‹گىسپانولا››نى لەيلىتىپ جەنۇبقا سۈرمەكتە. ‹‹گىسپانولا››نىڭ گەۋدىسى چوڭ، ھەيدەيدىغان ئادەم بولمىغاچقا يۆتكىلىشىدە ھېچقانداق قانۇنىيەت يوق ئىدى. ئۇ بىردەم ئالدىغا سىلجىسا، بىردەم توختاپ قالاتتى، تۇرۇپ چۆرگىلەيتتى. مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ قولۋاقنى ھەيدىسەم ئۇنىڭغا ناھايىتى تېزلا يېتىشۋالدىغانلىقىمغا ئىشەندىم. شۇلارنى ئويلاپ غەيرىتىم بىردىنلا ھەسسىلەپ ئاشتى.
   مەن ئاستا ئولتۇرۇپ پۈتۈن كۈچۈمنى يىغىپ ئېھتىيات بىلەن ‹‹گىسپانولا››غا قاراپ يۈرۈپ كەتتىم.
مەن تېزلا ‹‹گىسپانولا››غا يېقىنلىشىپ پالوبىدا بىرمۇ ئادەم يوقلۇقىنى كۆردۈم. دېڭىز قاراقچىلىرى كېمىنى تاشلاپ قىرغاققا چىقىپ كەتتىمۇ ياكى پالوبا ئاستىدىكى بۆلۈمچىلەردە ئۇخلاۋاتامدۇ، بىلگىلى بولمايتتى. ناۋادا ھەممىسى ئۇخلاۋاتقان بولسا مەن ئۇلارنى ئىچىگە سولاپ قويۇپ كېمىنى كونترول قىلالىشىم مۇمكىن ئىدى.
   مۇشۇلارنى ئويلاۋاتقان چاغدا ئەھۋال ماڭا پايدىسىز تەرەپكە قاراپ ئۆزگەردى. دېڭىز يۈزىدە تۇيۇقسىز شامال چىقىپ ‹‹گىسپانولا››نىڭ يەلكەنلىرى كۆپتى-دە، ئۇدۇل جەنۇب تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. بۇنداق بولغاندا كېمە مېنىڭدىن تېخىمۇ يىراقلىشىپ كېتەتتى. مەن بۇ قولۋىقىم بىلەن ئۇنىڭغا ھەرگىز يېتىشىپ بارالمايتتىم.
   مەن ئۈمىدنى ئۈزۈپ ئۇنى قوغلاشتىن ۋاز كەچمەكچى بولۇپ تۇرغاندا تۇيۇقسىز دېڭىز شامىلى توختاپ قالدى. ‹‹گىسپانولا›› يەنە جايىدا ئايلىنىشقا باشلىدى. مەن قايتىدىن غەيرەتكە كېلىپ ئۇنىڭغا قاراپ پالاق ئۇردۇم.
   ‹‹گىسپانولا››غا بېرىشقا يۈز يارد قالغاندا شامال قايتىدىن چىقىشقا باشلىدى. كېمىمۇ داۋاملىق ئالدىغا قاراپ مېڭىپ كەتتى. مەن تازا تىت-تىت بولۇپ تۇرغان چاغدا كېمە ئاستا ئايلىنىپ مەن تەرەپكە كېلىشكە باشلىدى. ئۇ بارغانسېرى يېقىنلاشقىلى تۇردى. قولۋاق ئىچىدىن كېمىگە نەزەر سالغاندا ئۇ ناھايىتى ھەيۋەت كۆرۈنەتتى.
   بۇ چاغدا مەن ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى ھېس قىلدىم. چۈنكى ‹‹گىسپانولا››نىڭ بېشى مېنى سوقۇۋېتىدىغاندەكلا قىلاتتى. ئۇنىڭ گەۋدىسى دېڭىز شامىلىنىڭ تەسىرىدە توختىماي ئىغاڭلايتتى. مەن قولۋاقتا تىك تۇرساممۇ كېمە خېلى ئېگىز بولغاچقا ئۈستىگە چىقماق تەس بولۇۋاتاتتى.
   ئاخىرى پۇرسەت كەلدى. چوڭ كېمە بىر دولقۇندىن ئۆتكەندىن كېيىن كېمە بېشى تۆۋەنگە ئېڭىشتى، كېمىدىكى يانتۇ ماچتا دەل باش ئۈستۈمگە توغرا كەلدى. شۇ ۋاقتنىڭ ئۆزىدە يەنە بىر دولقۇن مېنىڭ قولۋىقىمنى دولقۇن ئۇچىغىچە كۆتۈردى. مەن بىرلا سەكرەپ قولۇم بىلەن ئۈچ بولۇڭ يەلكەننى تۇتۇۋېلىپ پۇتۇمنى يەلكەن ئارقانلىرىنىڭ ئارىسىغا تىقىپ چوڭ كېمىگە چىقتىم. تېڭىرقاپ تۇرغان چېغىمدا تۇيۇقسىز سوقۇلۇش ئاۋازى ئاڭلاندى. ئەسلى چوڭ كېمە قولۋاقنى سوقۇپ چۆكتۈرۈۋەتكەن ئىكەن. ئەمدى مېنىڭ كېمىدە قالماقتىن باشقا چارەم يوق ئىدى.
داۋامى بار
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
  ئەسكەرتىش: مەزكۇر روماننى تەرجىماننىڭ ياكى تورىمىزنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرقانداق شەخسنىڭ ھەرقانداق تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. سالونچىلارنىڭ ئۈندىدار سالونلىرىدا ئۆزى مەيلىچە كۆچۈرۈپ تارقىتىشغا قەتئىي بولمايدۇ. ناۋادا شۇنداق قىلغۇچىلار بايقىلىپ قالسا، قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ ھەم سالونى تاقىتىۋېتىلىدۇ.
Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى