نىدائىي: ما يۈن ياشلارغا شۇنداق دەيدۇ
-
نىدائىي: ما يۈن ياشلارغا شۇنداق دەيدۇ
ۋاقتى: 2015-08-25 ئاۋاتلىقى: 3889 قېتىميانفوندا كۆرۈش
— توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى
ما يۈن مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۆزۈمگە شۇنداق دەيمەن، بىز بۇ دۇنياغا ئىشلىگىلى ئەمەس، ھاياتلىقتىن ھۇزۇرلانغىلى كەلگەن، بىز ئىشلىگىلى ئەمەس، ئادەم بولغىلى كەلگەن. ناۋادا بىر ئۆمۈر ئىشلەپلا، ئادەم بولۇشنى ئۇنتۇپ قالىدىغان ئىش بولسا، كەلگۈسىدە چوقۇم پۇشايمان قىلىمىز. ئىشلىرىمىزدا قانچىلىك ئۇتۇق قازىنىشىمىزدىن، قانچىلىك ئۇلۇغۋار بولۇشىدىن، قانچىلىك قالتىس بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىزنىڭ بۇ دۇنياغا كېلىشىمىزنىڭ ئۆزى ھاياتلىقنى ھېس قىلىپ بېقىش ئىكەنلىكىنى، ئىش بىلەنلا ھەپىلىشىپ ئۆتسەك، چوقۇم پۇشايمان قىلىدىغانلىقىمىزنى ئۇنتۇماسلىقىمىز زۆرۈر.
ما يۈن مۇنداق دەيدۇ: ئەرلەرنىڭ قەلبى ئۇۋالچىلىقلاردىن زورىيىدۇ، ئۇچرىغان ئۇۋالچىلىقلار قانچە كۆپ بولسا، قەلبمۇ شۇنچە پايانسىز بولىدۇ. مەغلۇبىيەتلەرنىڭ جۇغلىنىشى تۈپەيلىدىن يېقىلىپلا قالمىسام، يەنە كېلىمەن. كۆز ئالدىمدىكى قىيىنچىلىق مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى، غايەمنى قەلبىمدە ساقلاپ، ئۆز كېلەچىكىمگە ئىشەنچ قىلىپ، ئىشلارنىڭ ئاكتىپ تەرىپىنى كۆرۈپ، ئۆزۈمنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت.
ما يۈن مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭچە ئەڭ زور تەجرىبە ھەرگىز ۋاز كەچمەي، باتۇرلارچە ئالغا مېڭىش؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە تاكى بىر نىشاننى تاپقۇچە توختىماي يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۆزىدىن ھالقىش كېرەك. مېنىڭچە، يەنە تېخىمۇ مۇھىم بىر نۇقتا بار، ئۇ بولسىمۇ بىزنىڭ بۈگۈن كەلگۈسىگە يۈزلىنىش ئىرادىمىز بىزنىڭ ئالدىنقى بەش يىلدىكى مۇشەققەتلىك تەجرىبە-ساۋاقلىرىمىزدىن كېلىدۇ.
ما يۈن مۇنداق دەيدۇ: بۈگۈن تولىمۇ مۇشەققەتلىك، ئەتە تېخىمۇ مۇشەققەتلىك، ئۆگۈنلۈككە تولىمۇ گۈزەل، ئەمما مۇتلەق كۆپىنچە كىشىلەر ئەتىسى كەچتە تۈگىشىپ كېتىدۇ-دە، ئۆگۈنلۈكتىكى پارلاق قۇياشنى كۆرەلمەي قالىدۇ، شۇڭا بىز ھەممىلا ئىشتا بەل قويۇۋەتمەسلىكىمىز كېرەك.
ما يۈن مۇنداق دەيدۇ: بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ بىر ئارزۇسى بولسۇن! مېنىڭ ئارزۇيۇم ئۆزۈمنىڭ ئېلېكترونلۇق سودا شىركىتى قۇرۇش ئىدى. ئادەمدە ئارزۇ ۋە ئازراق رومانتىكلىق روھ بولمىسا، ئۇتۇق قازىنالمايدۇ. شۇڭا مەن كۆپچىلىككە شۇنداق دەيمەنكى، ئىگىلىك تىكلەپ كارخانىچى بولۇش ئەمەلىيەتتە تولىمۇ ئاددىي. سىزدە نېمە ئىشلارنى قىلماقچى، ئىشلاردا قانداق ئۆزگىرىش بارلىققا كەلتۈرمەكچى دېگەندەك بىر كۈچلۈك ئىنتىلىش بولسۇن! ئېنىق ئويلاپ بولغاندىن كېيىن، بۇ نۇقتىدا قەتئىي چىڭ تۇرۇڭ. ئىگىلىك تىكلەشتە ئەڭ مۇۋاپىق كىشىنى تاپسىڭىزمۇ، ئەڭ ئۇتۇق قازانغان كىشىنى تاپالىشىڭىز ناتايىن.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ھېكايە: ئاجايىپ زىيارەت
2015-03-02 12:49:323887نورۇز بايرىمى ھەققىدە چۈشەنچە
2015-03-15 23:06:365135مۇھەممەد رەھىم: تىللىسا (شېئىر)
2015-02-04 21:23:104348مايكول جېكسوننىڭ سەنئەت ھاياتىدىكى ئومۇمىي كىرىم
2015-12-19 18:08:058095ئامېرىكا پارلامېنتىدا كىملەر نۇتۇق سۆزلىيەلەيدۇ؟
2016-06-27 13:17:171070نورۇز بايرىمىنىڭ خاسىيەتلىرى
2015-03-06 12:47:154263لى جى پارتىيەدىن قوغلاندى ھەم تەكشۈرۈلدى
2015-07-07 11:21:553095ئۇيغۇرلاردىكى ئاق قاشتېشى ئېتىقادچىلىقى
2015-03-15 01:33:344375
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-