نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

نورۇز بايرىمىنىڭ خاسىيەتلىرى

نورۇز بايرىمىنىڭ خاسىيەتلىرى

ۋاقتى: 2015-03-06 ئاۋاتلىقى: 4300 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

نورۇز بايرىمىنىڭ خاسىيەتلىرى 
    
تۇرسۇن ساۋۇت ئۇدمىش
    
    نورۇز ـــ جۇڭگو شىنجاڭ، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، كاۋكاز، بالقان قاتارلىق رايونلاردا ياشايدىغان تۈركىي تىللىق مىللەتلەر بىلەن ئىران تىللىق مىللەتلەردىن بولۇپ جەمئىي 300 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ كونا يىلنى ئۇزۇتۇپ، يېڭى يىلنى قارشى ئالىدىغان خەلقئارالىق يېڭى يىل بايرىمى. ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان قەدىمكى دېھقانلارنىڭ ئۆزگىچە باھار ئۇدۇملىرى ــ كۆكلەمنى، يېشىللىقنى ئۇلۇغلاش، سۇ، ئوت، تۇپراق قۇياشقا تېۋىنىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇراسىم ۋە ئېتىقادلىرىنى ئاساسىي مەنبە قىلىپ بونىڭدىن تەخمىنەن ئۈچ-تۆت مىڭ يىللار بۇرۇن پەيدا بولغان ئوموم خەلق بايرىمى.
    نورۇز ـــ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ھەم ئېسىل ئۆرپ-ئادەت ۋە مەدەنىيەتلىرى بىلەن تۇيۇنغان ئەڭ كاتتا بايرىمى بولۇپ، خەلقىمىز تەرىپىدىن ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا ئۆتكۈزۈلۈپ ئەزىزلىنىپ كەلگەن ۋە كېلىۋاتقان بىر قۇتلۇق، خاسىيەتلىك بايرام، مېنىڭچە ئۇنىڭ خاسىيەتلىرى تۆۋەندىكىچە:
    نورۇز ــ يېڭى يىل بايرىمى، تەبىئەت بايرىمى، ياڭى ھاياتلىك بايرىمى، نورۇز ــ ئەسلى دېھقانلار كالىندارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، شىمالىي يېرىم شاردا باھار دەل كېچە بىلەن كۈندۈز تەڭلەشكەن كۈنلىرى يەنى 20-12 مارتتىن باشلىنىدۇبۇ ۋاقىتتا دەل تەبىئەت قىشلىق ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق مەخلۇقات ۋە مەۋجۇداتلار، جۈملىدىن ئۆسۈملۈك ۋە گۈل-گىياھلار جانلىنىدۇ ۋە بىخ سۈرىدۇ. تەبىئەت دۇنياسىدىكى بۇنداق يېڭىلىنىش جەريانىنىڭ باشلىنىشى شەمسىيە (قۇياش) يىلى ھېسابىدا دەل 21-مارتقا توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئەجداتلىرىمىز ئۇنى قەدىمدە ‹‹يىل بېشى›› ياكى ‹‹كۈن تۇغدى››، ‹‹كۆك بۇرناق››، ‹‹سۇمۇلە ئايىمى›› دەپ ئاتىغان بولسا، ئىسلامىيەتتىن كېيىن ‹‹نورۇز›› نامى بىلەن ئاتاشنى رەسمىي قىلىپ، شادلىنىپ بايرام قىلىپ كەلگەن. مەھمۇد قەشقىرىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، تۈركىي خەقلەرنىڭ 12 مۈچىلى ھازىر قوللىنىلىۋاتقان مىلادىيە كالىندارىدىكى 21-مارتتىن باشلىنىدۇ. دېمەك، قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز نورۇزنى ئۆزلىرىنىڭ يېڭى يىل بايرىمى، شۇنداقلا تەبىئەتنىڭ ئۆزلىرىگە ئاتا قىلغان مۆجىزىلىرىنى قەدىرلەش، يېڭى ھاياتلىقنىڭ، يېڭى تارىخنىڭ باشلانغانلىقىدىن سۆيۈنۈپ ئۇنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن بايرام ئۇدۇمىنى شەكىللەندۈرگەن.
    نورۇز ــ پاكىزلىق بايرىمى. نورۇز ھارپىسىدا يېزا-قىشلاق، شەھەرلەردىكى ئاۋام خەلق ئېرىق-ئۆستەڭ، كۆللەرنى تازىلايدۇ. قوتانلارنى،ھاجەتخانىلارنى ئېرىغدايدۇ، كوزا-ئىدىش، قاپاقلارنى تازىلاپ، ئەگۈز سۇلىرى بىلەن توشقۇزىدۇ. ھويلا ئاراملارنى، يوللارنى پاكىز تازىلايدۇ. ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي تازىلىقلىرىنى قىلىدۇ. قىز-ئاياللار ئوسما قويىدۇ. نورۇزدا كىيىشكە يېڭى، پاكىز كىيىملەرنى تەييارلايدۇ. دېمەك، نورۇز پاكىزلىنىدىغان، پاكىز مۇھىتتا، پاكىز ئۆتكۈزۈلىدىغان پاكىزلىق بايرىمى.
    نورۇز ــ ياخشى، ساۋابلىق ئىشلار بايرىمى. ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەجدادلىرى نورۇزنى خاسىيەتلىك دەپ بىلگەچكە، كىمكى نورۇز ھارپىسىدا، نورۇز مەزگىلىدە بىر ياخشى ساۋابلىق ئىش قىلسا، شۇ كىشىگە يىل بويى ياخشىلىق نېسىپ بولىدۇ، ئىشلىرى ئوڭغا تارتىدۇ دەيدىغان قاراش مەۋجۇت بولغاچقا، ھەممە ئادەمنى ياخشى ساۋابلىق ئىش قىلىىشقا دەۋەت قىلغان. شۇڭا قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە نورۇز بايرىمىغا ئاتاپ ھەرخىل ساۋابلىق ئىشلارنى، مەسىلەن مەكتەپ سېلىش، يول ياساش، كۆۋرۈك سېلىش، يېتىم-يېسىر ۋە ئاجىز مىيىپ، كېسەل كىشىلەرنى يوقلاش، ياردەم قىلىش، كۆچەت تىكىش، دەرخلەرگە قاپاقتىن قۇشلارغا ئۇۋا ياساپ بېرىش...تەك بىر قاتار ئېسىل ئۇدۇملار شەكىللەنگەن.
    نورۇز ــ ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق، ئۆملۈك بايرىمى. نورۇز بايرىمىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى جۈملىدىن شەرق خەلقلىرى قەدىمدە شۇ قەدەر ئېھتىرام ۋە خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالغانكى، ھەتتا نورۇز كۈنلىرى قەبىلە، ئۇرۇقلار ئارىسىدىكى ئۇرۇش-ماجرالار ۋاقتىنچە توختىتىلغان، يارىشىش شەرتنامىلىرى تۈزۈلگەن. نورۇزدا تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ئۆچ-ئاداۋەتلىشىپ قالغان دوست-بۇرادەرلەر، مەھەللە، قولۇم-خوشنىلار، شۇ جۈملىدىن ئارىسغا سوغۇقچىلىق چۈشكەن ئەر-ئاياللارمۇ ‹‹ئۆتكەنگە سالاۋات›› قىلىپ قايتىدىن يارىشاتتى ياكى ياراشتۇرۇلۇپ نورۇزنى ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق ئىچىدە خۇشال ئۆتكۈزگەن. بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ نورۇز ئېشىغا ئېغىز تەگكۈزگەن، مانا بۇ نورۇزنىڭ تولۇق خاسىيىتى.
    نورۇز ــ ئارزۇ-تىلەك ۋى ئامانلىق تىلىشىدىغان بايرام. نورۇزدا ئۇرۇق-تۇغقان، قولۇم-قوشنا، يارۇ-بۇرادەرلەر ئۆز ئارا يوقلىشىدۇ، سوۋغا-سالام بېرىشىدۇ، بىر-بىرىگە ئامانلىق ۋە ياخشىلىق تىلىشىدۇ، ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈشىدۇ، ھاياتنىڭ گۈزەل بولۇشىنى تىلەپ گۈل تەقدىم قىلىشىدۇ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق سۇ مول بولسۇن دەپ بىر –بىرىگە سۇ چېچىشىدۇ. دېھقانلار ئۈمىد بىلەن يەرگە بەرىكەت ئۇرۇقى چاچىدۇ، چارۋىچىلار بولسا پادىلىرىنى كەڭ كۆلەمدە ھەيدەيدىغان سائادەتلەر مۇجەسسەملەنگەن بايرام.
    نورۇز ــ توقچىلىق ۋە تائام مەدەنىيىتى بايرىمى. قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز نورۇز كۈنى، قۇتلۇق نورۇزنى قۇتلۇقلاش يۈزىسىدىن ‹‹ق›› تاۋۇشى بىلەن باشلانغان يەتتە خىل (ئىشلاندىن بۇرۇن ‹‹س›› تاۋۇشى بىلەن باشلانغان توققۇز خىل) يېمەكلىك تەييارلايدىغانلىقى مەلۇم. مەسىلەن: قايماق، قېتىق، قۇرت، قۇيماق، قاتلىما، قۇيرۇق، جىگەر، قوزا گۆش (قورداق، تونۇر كاۋاپ) دېگەندەك، بۇنداق غىزالارنى تەييارلاش بىلەن ‹‹توققۇزى تەل›› بولۇشنى تىلىگەن. بۈگۈنكى كۈندىمۇ نورۇز كۈنى ھەر قايسى جايلاردا داش قازانلار ئېسىلىپ، يەتتە خىل ياكى توققۇز خىل خۇرۇچتىن مەززىلىك نورۇز ئېشى (سۇمۇلە، سۈمە-ئۈندۈرمە، ئۈندۈرمە قىلىنغان بۇغداي ــ ‹‹دىۋان›› Ⅲ توم 323-بەت) ئېتىلىدۇ. نورۇز داستىخېنى ئادەتتىكىدىن مول بولىدۇ. ئۇنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تائام يەرمەنكىسى دېسىمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. دېمەك، نورۇز ــ ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا ۋە ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا تارقىلىشىغا سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن.
    نورۇز ــ سەنئەت بايرىمى. نورۇزدىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئىچىدە كەڭ كۆلەملىك، داغدۇغىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەت دەل سەنئەت پائالىيىتىدۇر. نورۇز كۈنى جاي-جايلاردىكى كىشىلەر رەڭگارەڭ ياسىنىپ، نورۇز مەشرىپى ئۆتكۈزىدۇ. بىر قىسىملار شېئىر-قوشاق، نەزمىلەر بىلەن مەشرەپنى قىزىتسا، مەدداھلار قىسسە-داستانلارنى يۈكسەك ماھارەت بىلەن ئورۇنداپ، سورۇننى ئەۋجىگە كۆتۈرىدۇ، چاقچاقچىلار، يۇمۇر، لەتىپىچىلەر سورۇن ئەھلىگە كۈلكە ئاتا قىلسا، نەغمىچىلەر مۇقام ۋە نەغمىلىرى بىلەن سورۇنغا ھۆسن قوشىدۇ. شۇڭا نورۇزنى ــ ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەت بايرىمى ۋە سەنئەت مەكتىپى دېسەك قىلچە مۇبالىغە بولمايدۇ.
    نورۇز ــ تەنتەربىيە بايرىمى. نورۇزدا سەنئەت پائالىيەتلىرىدىن ققلسا، كەڭ-كۆلەملىك ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇھىم پائالىيەتلەرنىڭ يەنە بىرى تەنتەربىيە پائالىيىتىدۇر. ئادەتتە نورۇزدا ئۇۇغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىدىن دارۋازلىق، جانبازلىق، چېلىشىش، ئوغلاق تارتىشىش، ئات بەيگىسى، سارغايدى، ئىلەڭگۈچ، بۇقە، قوچقار، خوراز سوقۇشتۇرۇش،، ئىت تالاشتۇرۇش ۋە بالىلارنىڭ تۈرلۈك ئويۇنلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇڭا نورۇزنى ئاۋامنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇپ ساغلام بولىدىغان ۋە ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدىغان ھەمدە ئەۋلاددىن-ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرىدىغان بىر تەنتەربىيە بايرىمى دېيىشكە بولىدۇ.
    نورۇز ــ شادلىق بايرىمى. نورۇز ناغرا سۇناي ساداسى ئىچىدە باشلىنىدۇ. كىشىلەر خۇشاللىق ئىچىدە نورۇزغا ياسىنىدۇ. ئۆزئارا نورۇزنى تەبرىكلىشىدۇ ھەم گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىشىدۇ. نورۇزدىكى مول تائاملار تەنلەرگە لەززەت ئاتا قىلسا، سەنئەت پائالىيەتلىرى كىشىلەرنىڭ قەلب تارىلىرىنى چېكىپ، گۈزەل ھېسلارغا چۆمدۈرىدۇ، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى كىشىلەرگە جىسمانىي كۈچ ۋە ساغلاملىق ئاتا قىلىدۇ. دېمەك، نورۇز ــ شادلىق، خۇشاللىق بايرىمى.
    دېمەك، نورۇزــ خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى يېڭى يىل بايرىمى. تەبىئەت بايرىمى، مېھنەت بايرىمى، دوستلۇق، ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق، بايرىمى؛ خەلقىمىزنىڭ تۈرلۈك ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۆزىگە جەملىگەن ۋە ئەۋلادلارغا ئۆگىتىدىغان ئۆرپ-ئادەت، سەنئەت، تەنتەربىيە بايرىمى؛ كىشىلەرنى ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندەيدىغان ساۋابلىق بايرام؛ كىشىلەرگە مەنىۋى جەھەتتە شاد-خوراملىق ئاتا قىلىدىغان شادلىق بايرىمى. يېڭى بىر يىلدا روھنى ئۇرغۇتۇپ، ھەر قايسى ساھە كەسىپلەرگە، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ۋە ئىرادە بىلەن يۈرۈش قىلىشقا چاقىرىق قىلىدىغان خاسىيەتلىك سۆزلەپ تۈگەتكۈسىز قۇتلۇق، ئۇلۇغ بايرام! ‹‹ بايراملارنىڭ شاھى››!
    نورۇزدا يۇقىرىقىدەك خاسىيەتلەر بولغاچقا، 2009-يىلى ب د ت مائارىپ پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى ئۇنى ‹‹ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى›› تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى ب د ت يىغىنىدا قارار ماقۇللىنىپ، 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ‹‹خەلقئارا نورۇز بايرىمى››، ‹‹دۇنيا تىنچلىق-مەدەنىيەت كۈنى›› دەپ بېكىتتى.
مۇھەررىرى: توخنىياز ئسمائىل نىدائىي
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى، نىدائىي يانبىلوگى

Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى