نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (4)

داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (4)

ۋاقتى: 2015-02-28 ئاۋاتلىقى: 3491 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

گۆھەر ئارال (4)
رومان
روبېرت لوئىس ستىۋېنسون (ئەنگلىيە)
Robert Louis Stevenson
تەرجىمە قىلغۇچى: ئەركىن ئىسھاق ئوغۇزخان
مۇھەررىرى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
بىرىنچى بۆلۈم كاپىتان بىل
تۆتىنچى باب كاپىتاننىڭ چامادانى

   كاپىتاننىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ مەن خەۋەردار ئىشلىرىنى ئانامغا ئېيتتىم. ئانامنىڭ دېيىشىچە، كاپىتان بىزگە خېلى كۆپ ئىجارە ھەققى قەرز بولۇپ قاپتۇ. ناۋادا ئۇ پۇل قالدۇرغان بولسا بىر قىسمىنى ئېلىۋېلىش ھوقۇقىمىز بار ئىكەن. بولمىسا كاپىتاننىڭ ھەمراھلىرى بۇ ئىشلارغا پەرۋا قىلىپمۇ قويماي ئۇنىڭ ھەممە نەرسىسىنى ئېلىپ كېتەتتى. يەردە ياتقان جەسەتكە قاراپ، ھېلىقى قارىغۇنىڭ ھامان كېلىدىغانلىقى يادىمغا يېتىپ ئانام ئىككىمىزنى ۋەھىمە باستى. كاپىتان ئىلگىرى دوختۇر لىۋېسنى ئىزدەپ ياردەم تەلەپ قىلىڭلار، دېگەنىدى. شۇنىسى ئانامنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ سىرتقا چىقىشقا كۆڭلۈم ئۇنىمايتتى. 
   ئەھۋالدىن قارىغاندا ئىككىمىز سارايدا قالساق بولمايدىغاندەك قىلاتتى. سارايدىكى ئانچىكى ئاۋازمۇ بىزنى قاتتىق ساراسىمىگە سالاتتى. شۇڭا، ھايال بولمايلا يېقىن ئەتراپتىكى كەنتكە بېرىپ ياردەم تەلەپ قىلىش قارارىغا كەلدۇق. 
   بىز بارماقچى بولغان كەنت پەقەت بىر نەچچە يۈز يارد (بىر يارد تەخمىنەن بىر مېتىر، تەرجىماندىن) يىراقلىقتا ئىدى. بۇ كەنت قوشنا دېڭىز قولتۇقىنىڭ يەنە بىر يېقىدا بولۇپ قارىغۇ كەلگەن يولنىڭ دەل قارىشى يۆلىنىشىدە ئىدى. بىز كەنتكە كەلگەندە گۇگۇم پەردىسى يېيىلىشقا باشلىدى. يىراقتىن سارغۇچ يېنىۋاتقان چىراغ يورۇقىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولۇپ كەتتۇق. ئەپسۇس، بىز سارايدا بولغان ئىشلارنى بۇ يەردىكى كىشىلەرگە سۆزلەپ بەرگەندىن كېيىن بىرەرمۇ كىشى بىز بىلەن بىللە ئادمىرال بېنبوۋ مېھمانسارىيىغا بېرىشقا قوشۇلمىدى. نېمە سەۋەبتىنكىن، مەن كاپىتان فلىنتنى تىلغا ئالساملا ئۇلار قاتتىق ئالاقزادە بولۇشۇپ كېتەتتى. بىر يىگىت ئاتلىق بېرىپ دوختۇر لىۋېسقا دوكلات قىلىشقا قوشۇلغاندىن باشقا كىشىلەرنىڭ ھېچقايسىسى بىز بىلەن سارايغا بېرىشقا كۆنمىدى. 
   ھېچكىم بىللە بېرىشقا قوشۇلمىغاچقا ئانام قايتىپ بېرىپ كاپىتان قالدۇرغان چاماداننى ئېچىپ بىزگە تەئەللۇق نەرسىنى ئېلىۋېلىش خىيالىغا كەلدى. 
   — بېرىشقا جۈرئەت قىلالمىساڭلار، — دېدى ئۇ، — سىلەرنى ئاۋارە قىلمايمەن. سىلەر شۇنچە كۈچتۈڭگۈر بولغىنىڭلار بىلەن توخۇ يۈرەك ئىكەنسىلەر. مەن جىم بىلەن قايتىپ كېتىمەن. ئۆلىدىغان ئىش بولسىمۇ ھېلىقى چاماداننى ئېچىپ ئۆزىمىزگە تەئەللۇق نەرسىنى ئېلىۋالىمىز. كىروسلېي خانىم، سومكىڭىزنى ئارىيەتكە بېرىپ تۇرالامسىز؟ 
   مەنمۇ ئانام بىلەن قايتىدىغانلىقىمنى بىلدۈردۈم. كېتىدىغانلىقىمىزنى ئاڭلاپ كەنتتىكىلەر بىزنى توسىماقچى بولۇشتى. ئەمما، ئانام ئۇلارنىڭ نەسىھەتلىرىگە پىسەنتمۇ قىلىپ قويمىدى. ئاخىرىدا ئۇلار قوغدىنىشمىز ئۈچۈن بىزگە ئوقلانغان بىر مىلتىق ۋە يەنە ئىككى ئات بەردى.
   بىز سارايغا قاراپ يولىغا چىقتۇق. يۈرىكىم قەپىسىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك سوقۇۋاتاتتى. مەن سارايغا قايتىپ ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن يىنىك نەپەس ئالدىم. ساراي ئىچى قاراڭغۇ بولۇپ، كاپىتاننىڭ جەسىتى بۇرۇنقى ئورنىدا تۇراتتى. ئانام ھاراق ساقلاش ئۆيىدىن بىر تال شام تېپىپ كەلدى. بىز شامنى ياندۇرۇپ مېھمانخانىغا قاراپ ماڭدۇق. ئانام مېنى پەنجىرىنى تاقىۋەتكەندىن كېيىن كاپىتاننىڭ يانچۇقىدىن ئاچقۇچنى تېپىپ كېلىشكە بۇيرۇدى. 
   — ئاچقۇچ چوقۇم ئۇنىڭ يانچۇقىدا، ئالدى بىلەن ئاچقۇچنى تاپايلى، مېنىڭ ئۇنىڭغا يېقىنلاشقۇم يوق، — دېدى ئانام. ئۇ سۆزلەۋېتىپ ئەلەم ھېس قىلدى بولغاي ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ كەتتى. 
   مەن دەرھال كاپىتاننىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ ئانچە يىراق بولمىغان يەردە تۇرغان باغاقچىنى بايقىدىم. باغاقچىنىڭ بىر تەرىپى قارا رەڭدە بويالغان بولۇپ، بۇ چوقۇم قارا پۈتۈك ئىدى. مەن باغاقچىنى قولۇمغا ئېلىپ يەنە بىر تەرىپىگە ‹‹بۈگۈن كەچ سائەت ئوندا ئەڭ ئاخىرقى مۆھلەت توشىدۇ›› دەپ يېزىلغانلىقىنى كۆردۈم. 
   بۇ چاغدا ئۆيدىكى ئۈستەل سائىتى جىرىڭلاپ ئانام ئىككىمىزنى قاتتىق چۆچۈتۈۋەتتى. سائەت ئالتە قېتىم جىرىڭلاپ توختاپ قالدى. بۇ بىزنىڭ يەنە ۋاقتىمىز بارلىقىنى بىلدۈرەتتى. مەن كاپىتاننىڭ يانچۇقلىرىنى بىرەر قۇر ئۆرۈپ، بارى-يوق نەچچە تال كۈمۈش تەڭگە، بىر ئېگىرى ساپلىق قەلەمتىراچ، بىر يانچۇق كومپاس، چوڭ بىر نەچچە تال يىپ–يىڭنە تاپتىم، لېكىن، ئاچقۇچنى تاپالمىدىم. 
   بۇ چاغدا ئانام ئۇنىڭ بوينىغا قاراپ بېقىشىمنى ئېيتتى. گەرچە قاڭسىق پۇراقتىن ھۆ بولۇپ تۇرساممۇ ئانامنىڭ دېگىنى بويىچە كاپىتاننىڭ ياقىسىنى قايرىپ قارىدىم. دەرۋەقە، ئۇنىڭ بوينىدا ئىنچىكە شوينىغان ئېسىلغان بىر ئاچقۇچ تۇراتتى. مەن قەلەمتىراچ بىلەن شوينىنى كېسىپ تاشلاپ ئاچقۇچنى قولۇمغا ئالدىم. بىز قىلچە تەمتىرىمەي ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ كاپىتان تۇرغان ئۆيگە كىرىپ چاماداننى ئاچماقچى بولدۇق. بۇ چامادان ئۆيگە ئېلىپ كېلىنگەن كۈندىن باشلاپ ئورنىدىن يۆتكىلىپ باقمىغانىدى.
   بۇ چامادانمۇ باشقا ماتروسلارنىڭ چامادانلىرىغا ئوخشاش ئۈستىگە داغمال بىلەن يوغان قىلىپ ‹‹B›› دېگەن ھەرپ كۆيدۈرۈپ يېزىلغانىكەن. ئېنىقكى بۇ كاپىتاننىڭ ئىسمىنىڭ بىرىنچى ھەرپى ئىدى. چامادان خېلىلا كونىرىغان بولۇپ، بۇرجەكلىرىمۇ تىتىلىپ كەتكەنىكەن. ئانام ئاچقۇچ بىلەن چاماداننى ئاچتى. شۇئانلا قاڭسىق كۆك تاماكا پۇرىقى بىلەن ماي قەغىزىنىڭ ھىدى دىماغقا ئۇرۇلدى. چامادان ئىككى قەۋەت بولۇپ، ئۈستۈنكى قەۋىتىگە پاكىز يۇيۇلغان كىيىملەر رەتلىك قاتلىنىپ سېلىنىپتۇ. ئاستىنقى قەۋەتتە تۈرلۈك نەرسىلەر، يەنى بىر دانە ئالتىمېتىر، بىر قەلەي رومكا، بىر يامبۇ، بىر دانە ئىسپانىيە يانچۇق سائىتى، مىستىن قاپلانغان كومپاس ۋە بىر قىسىم پۇلغا يارىمايدىغان زىننەت بۇيۇملىرى سېلىنغانىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا بەش-ئالتە تال ھىندى ئوكياننىڭ غەربىدىن چىقىدىغان چىرايلىق قولۇلە قىپى بار ئىدى. 
   چاماداننىڭ تېگىدە كونىراپ كەتكەن بىر دېڭىزچىلار كىيىمى بار بولۇپ، ئانام تىتىلدىغىنىچە كىيىمنى تارتىپ چىقاردى. بۇ چاغدا بىز مايلىق قەغەزگە يۆگەلگەن رەسىملىك كىتابقا ئوخشاپ قالىدىغان بىر نەرسىنى بايقىدۇق. يەنە بىر لاتا ھەمىيانمۇ بار بولۇپ، تۇتقاندا تەڭگىنىڭ جىرىڭلىغان ئاۋازى كېلەتتى.
   ئانام ھەمياننى ئېچىۋىدى، ئىچىدىن بىر نەچچە دۆلەتنىڭ ئالتۇن تەڭگىسى چىقتى. ئۇنىڭ ئىچىدە فىرانسىيە، ئەنگلىيە، يەنە ئىسپانىيىنىڭ ئالتۇن پۇللىرى بار ئىدى. بەزىلىرىنى مەنمۇ تونۇمايتتىم. ئانام دەرھال كاپىتان قەرز بولۇپ قالغان پۇلنى ھېسابلاشقا باشلىدى. ئۇ پەقەت ئۆزىمىزگە تەۋە پۇلنى ئېلىۋېلىشنى ئويلايتتى. بىز ھېسابلاپ يېرىمىغا كەلگەن چاغدا، تۇيۇقسىز سىرتتىن ھاسىنىڭ توروكلىغان ئاۋازى كەلدى. بۇ ئاۋاز ئانام ئىككىمىزنى ئالاقزادە قىلىۋەتتى. ئارقىدىنلا ئىشىك ئۇرۇلغان، تۇتقۇچ بۇرالغان ۋە ئىتتىرىلگەن ئاۋازلار ئاڭلاندى، دېمەك، ھېلىقى قارىغۇ ئۆيگە كىرمەكچى بولۇۋاتاتتى. بىردەمدىن كېيىن ئۆينىڭ ئىچى-سىرتى تىنجىپ قالدى. ھاسا ئاۋازى قايتا ياڭراپ بارغانسېرى يىراقلاپ ئاخىرى غايىب بولدى. 
   — ئانا، پۇللارنى ئېلىپ دەرھال كېتەيلى، — دېدىم مەن.
   ئانام گەرچە قاتتىق چۆچۈپ كەتكەن بولسىمۇ، قىلچىلىك تەمتىرىمەي ئۆزىمىزگە تەۋە قىسمىنىلا ئالدى. مەن بۇ توغرۇلۇق ئانام بىلەن تالىشىۋاتقان چاغدا، تۇيۇقسىز يىراقتىكى تاغدىن يېنىك ئىسقىرتقان ئاۋازنى ئاڭلاپ دەرھال توختىدۇق.
   — مەن ساناپ بولغان پۇللارنى ئىلىپ ماڭىمەن! — دېدى ئانام ئالدىراش ئورنىدىن تۇرۇپ.
   — بۇ بولاق قىپ قالغان قىسمىغا ھېساب بولسۇن، — دېدىم مايلىشىپ كەتكەن بولاقنى قولۇمغا ئىلىپ.
   بىز شامنى ئېلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي تىمسىقلىغىنىمىزچە پەسكە چۈشتۇق-دە، دەرۋازىنى ئېچىپ سىرتقا قاراپ يۈگۈردۇق. قويۇق تۇمان تارقىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئاپئاق ئاي نۇرى ئەتراپنى يورۇتقان ئىدى. كەنتكە بېرىشقا يولنىڭ يېرىمى قالغاندا بىز تاپۇر–تۇپۇر يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقان ئاياق تاۋۇشىنى ئاڭلىدۇق ھەم كەينىمىزگە قاراپ بىر چىراغنىڭ ئالدى-كەينىگە پولاڭشىغىنىچە بىزگە قاراپ ئۇچقاندەك كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. 
   — مەن ھېرىپ قالدىم، سەن پۇلنى ئېلىپ تېز يۈگۈر، — دېدى ئانام. 
   ئەمدى تۈگەشكەنلىكىمىزنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم. بۇ چاغدا بىز كىچىك بىر كۆۋرۈككە يېقىنلاشقان ئىدۇق. مەن ئانامنى يۆلەپ دەريا بۇيىغا كەلدىم. غايىبتىن كەلگەن بىر كۈچنىڭ قۇدرىتىدە ئانامنى يۆلەپ-سۆرەشتۈرگىنىمچە دەريا بويىغا كەلدىم ھەم كۆۋرۈك ئاستىغا يۇشۇرۇندۇق. مېھمانساراي تەرەپتىن كەلگەن ئاۋاز قۇلىقىمىزغا ئاڭلىنىۋاتاتتى.
داۋامى بار
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
  ئەسكەرتىش: مەزكۇر روماننى تەرجىماننىڭ ياكى تورىمىزنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرقانداق شەخسنىڭ ھەرقانداق تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. سالونچىلارنىڭ ئۈندىدار سالونلىرىدا ئۆزى مەيلىچە كۆچۈرۈپ تارقىتىشغا قەتئىي بولمايدۇ. ناۋادا شۇنداق قىلغۇچىلار بايقىلىپ قالسا، قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ ھەم سالونى تاقىتىۋېتىلىدۇ.
 
Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى