نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

كەمبەغەللەر بىلەن بايلارنىڭ 48 خىل پەرقى

كەمبەغەللەر بىلەن بايلارنىڭ 48 خىل پەرقى

ۋاقتى: 2016-02-04 ئاۋاتلىقى: 5318 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كەمبەغەللەر بىلەن بايلارنىڭ 48 خىل پەرقى

توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى




1. كەمبەغەللەر تەقدىرگە ئىشىنىدۇ، بايلار ھاياتقا رىقابەت ئېلان قىلىدۇ.
2. كەمبەغەللەر ئۆزلىرىنىڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى ئادەملەر ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، بايلار باش كۆتۈرۈپ چىقىشقا ئىنتىلىدۇ.
3. كەمبەغەللەر باشقىلارنىڭ بېيىپ كەتكىنىگە ھەسەت قىلىدۇ، بايلار پۇل تېپىپ باشقىلارنىڭ ھەسىتىنى قوزغايدۇ.
4. كەمبەغەللەر بىر كېچىدىلا بېيىپ كېتىشنى ئويلايدۇ، بايلار قەدەممۇ-قەدەم ئىز قالدۇرۇپ ماڭىدۇ.
5. كەمبەغەللەر ھازىرقى ھالىتىگە شۈكرى قىلىدۇ، بايلار ئۈزلۈكسىز ئېشىپ كېتىشنى ئويلايدۇ.
6. كەمبەغەللەر كۈن بويى روھسىز يۈرىدۇ، بايلار جۇشقۇن، ئىشەنچ بىلەن يۈرىدۇ.
7. كەمبەغەللەر باشقىلارغا چوقۇنىدۇ، بايلار سېھرىي كۈچى بىلەن باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
8. كەمبەغەللەر ئۆگىنىشنى يۈك دەپ ھېسابلايدۇ، بايلار توختىماي ئۆزىنى كۈچلەندۈرىدۇ.
9. كەمبەغەللەر مەغلۇبىيەتنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلايدۇ، بايلار مۇۋەپپەقىيەتنىڭ لەززىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىدۇ.

10. كەمبەغەللەر مەغلۇبىيەتنى نومۇس دەپ بىلىدۇ، بايلار مەغلۇبىيەتنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرالايدۇ.


11. كەمبەغەللەر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇرىدۇ، بايلار چارە ئىزدەپ پېشكەللىكنى ئامەتكە ئايلاندۇرالايدۇ.
12. كەمبەغەللەر مەغلۇب بولغاندىن كېيىن ۋاز كېچىدۇ، بايلار تىرىشىپ-تىرمىشىپ قايتىدىن باشلايدۇ.
13. كەمبەغەللەر خىيالىغا مەپتۇن بولۇپ كېتىدۇ، بايلار ئۆز ھەرىكىتىدە كۆرسىتىدۇ.
14. كەمبەغەللەر ئىش قىلغاندا كەينىگە سۆرەيدۇ، بايلار قارار قىلىپلا ھەرىكەتلىنىدۇ.
15. كەمبەغەللەر ھەمىشە قولىنىڭ ئۇچىدىلا ئىش قىلىدۇ، بايلار نەچچە رەت ئويلاپ ئاندىن قىلىدۇ.
16. كەمبەغەللەر سۆزلىگەندە شۇنداق ئەقىلگە مۇۋاپىق، بايلار ئىش قىلغاندا قىلچە بىخەستەلىك قىلمايدۇ.
17. كەمبەغەللەر كىچىككىنە پايدىنىلا قوغلىشىدۇ، بايلار ھەقىقەتنى قوغلىشىدۇ.
18. كەمبەغەللەر مالىيە باشقۇرۇشنى بىلمەيدۇ، بايلار مەبلەغ سېلىشقا قىزىقىدۇ.
19. كەمبەغەللەر خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولۇشنى قوغلىشىدۇ، بايلار توختىماي ئالغا ئىنتىلىدۇ.

20. كەمبەغەللەر پۈتۈنلەي پۇلنىلا ئويلاپ كېتىدۇ، بايلار ئىش قىلىشتا ئادەم بولۇشنى ئويلايدۇ.


21. كەمبەغەللەر باشقىلارنى تەنقىدلەشنى ياخشى كۆرىدۇ، بايلار ئۆز-ئۆزىنى تەنقىدلەشكە جۈرئەت قىلالايدۇ.

22. كەمبەغەللەر قاراڭغۇدا مۈدۈرۈپ يۈرىدۇ، بايلار ئوچۇق-ئاشكارا رىقابەتلىشىدۇ.
23. كەمبەغەللەر باشقىلارنى مازاق قىلىشقا ئامراق، بايلار تىرىشىپ ئۆزىنى يۈكسەلدۈرىدۇ.
24. كەمبەغەللەر كىشىلەرگە بېخىللارچە مۇئامىلە قىلىدۇ، بايلار ئادەملەر بىلەن دوستانە مۇئامىلە قىلىشىدۇ.
25. كەمبەغەللەر قارىغۇلارچە مەبلەغ سالىدۇ، بايلار ئوبدان كۆزىتىپ ئاندىن تۇتۇش قىلىدۇ.
26. كەمبەغەللەر خەتەردىن قورقۇپ ئالدى-كەينىنى بەك ئويلاپ كېتىدۇ، بايلاردا تەۋەككۈلچىلىككە قارىتا پاراسەت بار.
27. كەمبەغەللەر ھەممە ئىشنىڭ كەم-كۇتسىز بولۇشىنى ساقلايدۇ، بايلار يوچۇقلارنى ئەپلەشكە ماھىر كېلىدۇ.
28. كەمبەغەللەر پۇختىلىق بىلەن ئىش كۆرۈپ، ھاياتىنى ئادەتتىكىچە ئۆتكۈزىدۇ، بايلار خېيىم-خەتەرلەردىن پارلاق قۇياش نۇرىنى كۈتۈۋالىدۇ.
29. كەمبەغەللەر باشقىلارغا ئەگىشىپ ماڭىدۇ، بايلار باشقىلارغا باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىدۇ.

30. كەمبەغەللەر توخۇ يۈرەكلىك قىلىدۇ، بايلار بۆسۈپ ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلىدۇ.


31. كەمبەغەللەر بىرلا يول بىلەنلا قاراڭغۇلۇققا ماڭىدۇ، بايلار ئەگىپ ئۆتۈپ داغدام يول ئاچىدۇ.
32. كەمبەغەللەر ئىش قىلغاندا مۇتەئەسسىپلىك قىلىدۇ، بايلار ھامان دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.
33. كەمبەغەللەر ۋاقىتنى زايا قىلىۋېتىدۇ، بايلار يۇقىرى ئۈنۈم قوغلىشىدۇ.
34. كەمبەغەللەر ۋاقىتنى زېرىكىشلىك ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ، بايلار ئازغىنە ۋاقىتتىنمۇ پايدىلىنىدۇ.
35. كەمبەغەللەر ئىش قىلغاندا ئىككىلىنىپ ئولتۇرىدۇ، بايلار پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قىلىدۇ.
36. كەمبەغەللەر پىلانسىز ئىش قىلىدۇ، بايلار ئىشلار تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
37. كەمبەغەللەر يەككە مەيدانغا چۈشۈشنى ياقتۇرىدۇ، بايلار ھەمكارلىشىشقا ماھىر كېلىدۇ.
38. كەمبەغەللەر ئالاقىگە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، بايلار ئالاقىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ.
39. كەمبەغەللەر ئىگىلىك تىكلىگەندە دوستلىرىنى چەتكە قاقىدۇ، بايلار ئىگىلىك تىكلىگەندە دوستلىرىنى يېنىغا تارتىدۇ.

40. كەمبەغەللەر شەخسنىڭ ئىقتىدارىنى تەكىتلەيدۇ، بايلار كوللېكتىپنىڭ كۈچىگە تايىنىدۇ.


41. كەمبەغەللار دائىم پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويىدۇ، بايلار ھەمىشە پۇرسەتنى تونۇپ يېتەلەيدۇ.
42. كەمبەغەللەر دائىم ئەزمىلىك قىلىدۇ، بايلار دەرھال ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
43. كەمبەغەللەر پۇرسەت كۈتۈپ ئولتۇرىدۇ، بايلار ئاكتىپلىق بىلەن پۇرسەت يارىتىدۇ.
44. كەمبەغەللەر كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىپ كېتىدۇ، بايلار نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ.
45. كەمبەغەللەر پەقەت باش چۆكۈرۈپ ئىشلەشنىلا بىلىدۇ، بايلار ئىشلەش بىلەن يولغا قاراشقىمۇ ئېتىبار بېرىدۇ.
46. كەمبەغەللەر پۇلنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە دىققەت قىلىدۇ، بايلار تۇرمۇش ھۇزۇرىنى قوغلىشىدۇ.
47. كەمبەغەللەر ماشنىدەك توختىماي ھەرىكەت قىلىدۇ، بايلار ئىشلارنى مۆلچەرلەپ قىلىدۇ.
48. كەمبەغەللەر ئۆزىنى ئاسراشنى بىلمەيدۇ، بايلار ساغلاملىقىغا مەڭگۈ كاپالەتلىك قىلىدۇ.

بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى