كەمبەغەللەر بىلەن بايلارنىڭ 48 خىل پەرقى
-
كەمبەغەللەر بىلەن بايلارنىڭ 48 خىل پەرقى
ۋاقتى: 2016-02-04 ئاۋاتلىقى: 5318 قېتىميانفوندا كۆرۈش
كەمبەغەللەر بىلەن بايلارنىڭ 48 خىل پەرقى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى
1. كەمبەغەللەر تەقدىرگە ئىشىنىدۇ، بايلار ھاياتقا رىقابەت ئېلان قىلىدۇ.
2. كەمبەغەللەر ئۆزلىرىنىڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى ئادەملەر ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، بايلار باش كۆتۈرۈپ چىقىشقا ئىنتىلىدۇ.
3. كەمبەغەللەر باشقىلارنىڭ بېيىپ كەتكىنىگە ھەسەت قىلىدۇ، بايلار پۇل تېپىپ باشقىلارنىڭ ھەسىتىنى قوزغايدۇ.
4. كەمبەغەللەر بىر كېچىدىلا بېيىپ كېتىشنى ئويلايدۇ، بايلار قەدەممۇ-قەدەم ئىز قالدۇرۇپ ماڭىدۇ.
5. كەمبەغەللەر ھازىرقى ھالىتىگە شۈكرى قىلىدۇ، بايلار ئۈزلۈكسىز ئېشىپ كېتىشنى ئويلايدۇ.
6. كەمبەغەللەر كۈن بويى روھسىز يۈرىدۇ، بايلار جۇشقۇن، ئىشەنچ بىلەن يۈرىدۇ.
7. كەمبەغەللەر باشقىلارغا چوقۇنىدۇ، بايلار سېھرىي كۈچى بىلەن باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
8. كەمبەغەللەر ئۆگىنىشنى يۈك دەپ ھېسابلايدۇ، بايلار توختىماي ئۆزىنى كۈچلەندۈرىدۇ.
9. كەمبەغەللەر مەغلۇبىيەتنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلايدۇ، بايلار مۇۋەپپەقىيەتنىڭ لەززىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىدۇ.
10. كەمبەغەللەر مەغلۇبىيەتنى نومۇس دەپ بىلىدۇ، بايلار مەغلۇبىيەتنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرالايدۇ.
12. كەمبەغەللەر مەغلۇب بولغاندىن كېيىن ۋاز كېچىدۇ، بايلار تىرىشىپ-تىرمىشىپ قايتىدىن باشلايدۇ.
13. كەمبەغەللەر خىيالىغا مەپتۇن بولۇپ كېتىدۇ، بايلار ئۆز ھەرىكىتىدە كۆرسىتىدۇ.
14. كەمبەغەللەر ئىش قىلغاندا كەينىگە سۆرەيدۇ، بايلار قارار قىلىپلا ھەرىكەتلىنىدۇ.
15. كەمبەغەللەر ھەمىشە قولىنىڭ ئۇچىدىلا ئىش قىلىدۇ، بايلار نەچچە رەت ئويلاپ ئاندىن قىلىدۇ.
16. كەمبەغەللەر سۆزلىگەندە شۇنداق ئەقىلگە مۇۋاپىق، بايلار ئىش قىلغاندا قىلچە بىخەستەلىك قىلمايدۇ.
17. كەمبەغەللەر كىچىككىنە پايدىنىلا قوغلىشىدۇ، بايلار ھەقىقەتنى قوغلىشىدۇ.
18. كەمبەغەللەر مالىيە باشقۇرۇشنى بىلمەيدۇ، بايلار مەبلەغ سېلىشقا قىزىقىدۇ.
19. كەمبەغەللەر خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولۇشنى قوغلىشىدۇ، بايلار توختىماي ئالغا ئىنتىلىدۇ.
20. كەمبەغەللەر پۈتۈنلەي پۇلنىلا ئويلاپ كېتىدۇ، بايلار ئىش قىلىشتا ئادەم بولۇشنى ئويلايدۇ.
21. كەمبەغەللەر باشقىلارنى تەنقىدلەشنى ياخشى كۆرىدۇ، بايلار ئۆز-ئۆزىنى تەنقىدلەشكە جۈرئەت قىلالايدۇ.
22. كەمبەغەللەر قاراڭغۇدا مۈدۈرۈپ يۈرىدۇ، بايلار ئوچۇق-ئاشكارا رىقابەتلىشىدۇ.
23. كەمبەغەللەر باشقىلارنى مازاق قىلىشقا ئامراق، بايلار تىرىشىپ ئۆزىنى يۈكسەلدۈرىدۇ.
24. كەمبەغەللەر كىشىلەرگە بېخىللارچە مۇئامىلە قىلىدۇ، بايلار ئادەملەر بىلەن دوستانە مۇئامىلە قىلىشىدۇ.
25. كەمبەغەللەر قارىغۇلارچە مەبلەغ سالىدۇ، بايلار ئوبدان كۆزىتىپ ئاندىن تۇتۇش قىلىدۇ.
26. كەمبەغەللەر خەتەردىن قورقۇپ ئالدى-كەينىنى بەك ئويلاپ كېتىدۇ، بايلاردا تەۋەككۈلچىلىككە قارىتا پاراسەت بار.
27. كەمبەغەللەر ھەممە ئىشنىڭ كەم-كۇتسىز بولۇشىنى ساقلايدۇ، بايلار يوچۇقلارنى ئەپلەشكە ماھىر كېلىدۇ.
28. كەمبەغەللەر پۇختىلىق بىلەن ئىش كۆرۈپ، ھاياتىنى ئادەتتىكىچە ئۆتكۈزىدۇ، بايلار خېيىم-خەتەرلەردىن پارلاق قۇياش نۇرىنى كۈتۈۋالىدۇ.
29. كەمبەغەللەر باشقىلارغا ئەگىشىپ ماڭىدۇ، بايلار باشقىلارغا باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىدۇ.
30. كەمبەغەللەر توخۇ يۈرەكلىك قىلىدۇ، بايلار بۆسۈپ ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلىدۇ.
32. كەمبەغەللەر ئىش قىلغاندا مۇتەئەسسىپلىك قىلىدۇ، بايلار ھامان دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.
33. كەمبەغەللەر ۋاقىتنى زايا قىلىۋېتىدۇ، بايلار يۇقىرى ئۈنۈم قوغلىشىدۇ.
34. كەمبەغەللەر ۋاقىتنى زېرىكىشلىك ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ، بايلار ئازغىنە ۋاقىتتىنمۇ پايدىلىنىدۇ.
35. كەمبەغەللەر ئىش قىلغاندا ئىككىلىنىپ ئولتۇرىدۇ، بايلار پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قىلىدۇ.
36. كەمبەغەللەر پىلانسىز ئىش قىلىدۇ، بايلار ئىشلار تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
37. كەمبەغەللەر يەككە مەيدانغا چۈشۈشنى ياقتۇرىدۇ، بايلار ھەمكارلىشىشقا ماھىر كېلىدۇ.
38. كەمبەغەللەر ئالاقىگە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، بايلار ئالاقىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ.
39. كەمبەغەللەر ئىگىلىك تىكلىگەندە دوستلىرىنى چەتكە قاقىدۇ، بايلار ئىگىلىك تىكلىگەندە دوستلىرىنى يېنىغا تارتىدۇ.
40. كەمبەغەللەر شەخسنىڭ ئىقتىدارىنى تەكىتلەيدۇ، بايلار كوللېكتىپنىڭ كۈچىگە تايىنىدۇ.
42. كەمبەغەللەر دائىم ئەزمىلىك قىلىدۇ، بايلار دەرھال ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
43. كەمبەغەللەر پۇرسەت كۈتۈپ ئولتۇرىدۇ، بايلار ئاكتىپلىق بىلەن پۇرسەت يارىتىدۇ.
44. كەمبەغەللەر كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىپ كېتىدۇ، بايلار نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ.
45. كەمبەغەللەر پەقەت باش چۆكۈرۈپ ئىشلەشنىلا بىلىدۇ، بايلار ئىشلەش بىلەن يولغا قاراشقىمۇ ئېتىبار بېرىدۇ.
46. كەمبەغەللەر پۇلنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە دىققەت قىلىدۇ، بايلار تۇرمۇش ھۇزۇرىنى قوغلىشىدۇ.
47. كەمبەغەللەر ماشنىدەك توختىماي ھەرىكەت قىلىدۇ، بايلار ئىشلارنى مۆلچەرلەپ قىلىدۇ.
48. كەمبەغەللەر ئۆزىنى ئاسراشنى بىلمەيدۇ، بايلار ساغلاملىقىغا مەڭگۈ كاپالەتلىك قىلىدۇ.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
شەھەردىكى تۆگىنىڭ بايانى
2015-02-04 15:24:035271شى جىنپىڭ بىلەن ئەردوغان ئىقتىساد-سودا مۇنبىرىگە
2015-07-31 13:28:584674موڭغۇلىيەدىن ۋەتەنگە قايتقان ئۇيغۇرلار (4)
2015-05-01 15:43:374908ھىندىستاندىكى «يوگا ئاستانىسى» ___ رىشىكېش
2016-07-26 20:19:251600ئۇيغۇر تىلىدىكى تاۋۇش قوشۇلۇپ قالىدىغان سۆزلەر
2015-05-29 13:41:234739فىرئەۋىن تۇتانكامۇن مەقبەرىسى
2015-02-11 18:41:194347قابا ناھىيەسىدىكى قۇملۇقنىڭ قاردىكى مەنزىرىسى
2015-11-26 01:15:252706نىدائىي: زۇلپىقارنىڭ ئىمزاسىدىن ئويلىغانلىرىم
2015-02-27 10:15:166261
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-