موڭغۇلىيەدىن ۋەتەنگە قايتقان ئۇيغۇرلار (4)
-
موڭغۇلىيەدىن ۋەتەنگە قايتقان ئۇيغۇرلار (4)
ۋاقتى: 2015-05-01 ئاۋاتلىقى: 4901 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئەسلى تېمىسى: موڭغۇلىيەدىن ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن ئۇيغۇرلار (4)ئابدۇراخمان ئەبەي(شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتىنىڭ باشلىقى)
1949-يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى . جۇڭگو بىلەن موگغۇلىيە ھۆكۈمەتلىرى ناھايىتى تېزدىن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىىب سوتسىيالىزم لاگېرىداش ئەڭ يېقىن سەپداشلاردىن بوپقالدى . بۇ خۇشخەۋەر موڭغۇلىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى قالتىس خۇشال قىلدى . ئۇلار شىنجاڭدىكى ئۇزاق يىللىق ئۇرۇش مالىمانچىلىقلىرىنىڭ ئاخىرى تۈگىگەنلىكىنى ، شىنجاڭدىمۇ موڭغۇلىيەگە ئوخشاش كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ تۇرغۇزۇلغانلىقىنى ئاڭلىدى . ئۇلارنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى ۋەتەننى سېغىنىش ، ۋەتەنگە قايتىش ئارزۇسى قايتىدىن ئۇرغۇدى . ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى 30-20 يىلدىن بۇيان ھامان بىر كۈنى ۋەتەنگە قايتىش ئارزۇسى بىلەن موڭغۇلىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتمەي يەنىلا جۇڭگو گىراژدانى سالاھىيىتى بىلەن تۇرۇۋاتقانىدى .
موڭغۇلىيەدىكى ئۇيغۇرلار 1952- يىلدىن باشلاپ رادىيو ئارقىلىق شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشلىرىنى ئاڭلاشقا باشلىدى . ھەر قېتىملىق خەۋەردىكى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بولۇۋاتقان ئۆزگىرىشلەر ئۇلارنى ئاجايىپ خۇشال قىلاتتى . بەزىلەر ئۆز يۇرتىدىكى بىرەر يېڭى خەۋەرنى ئاڭلاپ قالسا شۇ كۈنى قوي سويۇپ مېھمان چاقىراتتى . بولۇپمۇ رادىيودىن پاتەم قۇربان ، پاشا ئىشانلارنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلىغاندا ھاياجانلىق ياشلىرىنى توختىتالماي قالاتتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ۋەتەنگە قايتىش ئارزۇسى تېخىمۇ كۈچىيەتتى .
1952-يىلى كۈزدە خوبدا شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار بىرنەچچە قېتىم كېڭەشكەندىن كېيىن يۈزنەچچە ئادەم ئىمزا قويۇپ شەھەر باشلىقى لويسىن بالدىنغا "جۇڭگوغا قايتىىپ كېتىمىز" دەپ ئىلتىماس سۇندى . ئۇلار ئارقا - ئارقىدىن بىرنەچچە قېتىم ئىلتىماس سۇنغاندىن كېيىن ھۆكۈمەت تەرەپ " ئىلتىماسىڭلارنى مەركەزگە يوللىدۇق ، تېخى جاۋاب كەلمىدى" دەپ جاۋاب قايتۇردى .1954- يىلىنىڭ بېشىدا موڭغۇلىيە مەركىزىي ھۆكۈمىتىدىن خوبدا شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار مەھەللسىىگە بىر تەكشۈرۈش ئۆمىكى چۈشتى . ئۇلار ئۇيغۇرلار بىلەن تەپسىلىي سۆزلىشىپ ، ئۇلاردىن "نېمە ئۈچۈن كېتىسىلەر؟ يەرلىك ھۆكۈمەت چەتكە قاقتىمۇ ؟ كەمسىتتىمۇ ياكى موڭغۇللار بىلەن باراۋەر مۇئامىلىگە ئېرىشەلمىدىڭلارمۇ؟ كۆڭلۈڭلار رەنجىگەن يەرلەر بارمۇ؟" دېگەن مەزمۇنلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى . ئۇيغۇرلار : موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتىدىن ناھايىتى رازى ئىكەنلىكىنى ، پەقەت ۋەتەننى سېغىنغانلىقىنى ، شۇڭا قايتىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى . بۇ ئۆمەك يەنە يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگوغا قايتىپ كېتىشنى تەلەپ قىلىشىنىڭ سەۋەبى ، ئۇلارغا رۇخسەت بەرسە بولامدۇ ؟ دېگەن مەسىلىلەر ھەققىدە قايتا - قايتا پىكىر ئالدى .
1954-يىلى كۈزدە موڭغۇلىيەنىڭ رەئىسى سېدىنبال خىزمەت تەكشۈرۈپ خوبدا شەھىرىگە كەلدى . ئۇ ئۇيغۇرلار مەھەللىسىگە كەلگەندە يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئەر - ئايال رەئىس سېدىنبالغا كوللېكتىپ ئىمزا قويغان ۋەتىنى جۇڭگوغا قايتىش ئىلتىماسىنى سۇندى . رەئىس سېدىنبال ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلدى ھەمدە ئۇلارغا مۇنداق دېدى : " سىلەر شىنجاڭغا كېتىمىز دەيسىلەر ، تەلىپىڭلار توغرا ، ئادەم بالىسى ئۇز ۋەتىنىنى سېغىنىدۇ . بىراق ، جۇڭگو ئازاد بولغىلى ئاران تۆت - بەش يىل بولدى ، تېخى قىيىنچىلىق تۈگەپ كەتكىنى يوق . موڭغۇلىيە ئازاد بولغىلى 30 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ بىز تېخى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلالمايۋاتىمىز . ھازىر شىنجاڭغا بارساڭلار قىينىلىىپ قالىسلەر ، يەنە 10 يىلدىن كېيىن بارساڭلار بولىدۇ . مەن ھەربىر ئادەمگە 3000 سومدىن پۇل بېرەي ، ئالاھىدە خەت بېرەي ، سىلەرنى ئايروپىلان بىلدن بېيجىڭغا يەتكۈزۈپ قوياي . سىلەر ھازىر بالىچاقا ، ئۆي - مۈلكۈڭلارنى قوزغىماڭلار . ئۆزۈڭلار بىر يىل تۇرۇپ ئۇرۇق - تۇغقانلارنى ، ۋەتىنىڭلارنى كۆرۈپ كېلىڭلار . كۆرۈپ كېلىپ ئاندىن كۆچۈپ كېتەيلى دېسەڭلار بىز يارىشىقىدا يولغا سېلپ قويايلى . خوتۇن - بالىلىرىڭلار موڭغۇلىيەدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ، شىنجاڭنى كۆرگىنى يوق ، ئۇ يەرگە بېرىپ كۆنەلمىسە قىينىلىپ قالىسىلەر . سىلەر شىنجاڭغا بېرىىپ كەلگىچە ئائىلەڭلەرگە ، مال - چارۋاڭلارغا ھۆكۈمەت ياردەملىشىپ قاراپ تۇرسۇن "دېدى .شۇ ھامان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غۇلغۇلا بوپكەتتى : "بۇ موڭغۇللار بىزنى ئالداۋاتىدۇ . بىزنى چېگرادىن چىقىرىۋېتىپ بالىلىرىمىزنى ئېلىپ قالماقچى . بىز بىراقلا كۆچۈپ كېتىمىز ، بالىلىرىمىزنى تۇغقانلارغا كۆرسىتىمىز" دېيىشتى .رەئىس سېدىنبال ئامالسىز قالدى - دە : "بولىدۇ ، ئۇچ يىللىق پاسپورت بېرەيلى ، كۆنەلمەي ، ئۇچ يىل ئىچىدە يېنىپ كەلسەڭلار بىز يەنە قارشى ئالىمىز . رەسمىيەتلەرنى مەن ئولانباتورغا بارغاندىن كېيىن بپجىرىپ بېرىمەن" دېدى.1955-يىلى يانۋاردا رەئىس سېدىنبالنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنگە قايتش ئىلتىماسىنى تەستىقلىغانلىقى ۋە بۇ ئىلتىماسنى جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە يوللىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر كەلدى .1955-يىلى مارتتا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ موڭغۇلىيەدىكى مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنگە قايتىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقى ، ئىلتىماسىنى تەستىقتىغانلىقى ھەققىدە خۇش خەۋەر كەلدى . ئارقىدىنلا موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى جۇڭگوغا قايتۇرۇشىنىڭ تەپسلىي ئورۇنلاشتۇرۇشى يېتىپ كەلدى . بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشتا مۇھاجىر ئۇيغۇرلار بىرنەچچە تۈركۈمگە بۆلۈپ ئۇزىتىلىدىغانلىقى ، بىرىنچى تۈركۈمدە ئەر- ئايال ھەر ئىككىسى جۇڭگودىن كەلگەنلەر ھەمدە ھازىرغا قەدەر جۇڭگو گىراژدانى? سالاھىيىتى بىلەن تۇرۇۋاتقانلار پۈتۈن ئائىلىسى بويىچە قايتسا بولىدىغانلىقى ، بۇلارنىڭ سەپەر يولى خوبدا - ئۇلانباتور - بېيجىڭ - ئۈرۈمچى ئارقىلىق بولىدىغانلىقى ، ھازىردىن باشلاپ ئىككى ئاي ئىچىدە سەپەر تەييارلىقلىرىنى پۈتكۈزۈشى ، قورۇ - جايلىرى ۋە مال - چارۋىلىرىنى ھۆكۈمەتكە ساتسىمۇ ، شەخسلەرگە ساتسىمۇ بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى . شۇ كۈنىلا تۇنجى تۈركۈمدە ۋەتەنگە قايتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلەر بايرامخوشاللىقىغا چۆمدى . بۇ پۇرسەتكە ئېرىشەلمىگەنلەرنىڭ ئۆيىدە يىغا – زار كۆتۈرۈلدى .1955- يىلى 5- مايدا خوبدا شەھىرىدىن 24 ئائىلىلىك ئۇيغۇر 10 دانە گاز ماشىنا بىلەن ئۇلانباتورغا قاراپ يولغا چىقتى . ئۇلارنى كېيىنكى قېتىمغا قالغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى ، موڭغۇل ، قازاق دوست - بۇرادەرلىرى ، ھۆكۈمەت خادىملىرى بولۇپ مىڭغا يېقىن ئادەم ئۇزىتىپ چىققانىدى . دادام ، ئاپام ھەر ئىككىسى جۇڭگودىن بارغان ھەمدە موڭغۇلىيەدە جۇڭگو گىراژدانى سالاھىيىتى بىلەن تۇرغاچقا ، ئۈچ ھەدەم بىلەن مېنى ئېلىپ ئالتە جان كىشى تۇنجى تۈركۈمدە بېيجىڭ ئارقىلىق ۋەتەنگە قايتىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى . ئۇلار خوبدا شەھىرىدىن پايتەخت ئۇلانباتورغا يەتتە كۈندە يېتىپ باردى . ئۇلانباتوردىمۇ ئۇلارغا جۇڭگوغا قايتىدىغان ئۈچ ئۆيلۈك ئۇيغۇر قېتىلدى . شۇنىڭ بىلەن بىرىنچى تۈركۈمدە جۇڭگوغا قايتىدىغان ئۇيغۇرلار 27 ئائىلە ، 94 ئادەم بولدى . ئۇلار ئۇلانباتوردا رەسمىيەت بېجىردى ، سودا - سېتىق قىلدى ، ئايروپىلان كۈتتى . بۇ مەزگىلدە موڭغۇلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن جۇڭگونىڭ موڭغۇلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانسىى ئۇلارغا ئۇزىتىش چېيى بەردى .ئۇ چاغدا ئايروپىلانلار ناھايىتى كىچىك بولۇپ ، ئاران 24 ئادەم سىغاتتى . شۇڭا ، ئۇلار تۆت قېتىمغا بۆلۈنۈپ ماڭىدىغان بولدى . بىرىنچى قېتىملىق ئايروپىلاندا ماڭغانلار 1955 -يىلى 28- ئىيۇن ئەتتىگەندە ئۇلانباتوردىن ئۇچۇپ ، چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ ئايردرومىغا قوندى . بىزنىڭ ئائىلە ئاشۇ بىرىنچى قېتىملىق ئايروپىلاندا كەلگەنىدى .موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى تۈركۈمىنى جۇڭگوغا قايتۇرۇش پىلانى موڭغۇلىيەدىكى جۇڭگو كونسۇلخانىسى ئارقىلىق جۇڭگو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى گوۋۇيۇەنگە يوللىغانىدى . گوۋۇيۇەن ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنى كۈتۈۋېلىش خىزمىتىنى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىغا تاپشۇردى ھەمدە شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە (ئۇ چاغدا ئاپتونوم رايون تېخى قۇرۇلمىغانىدى) ئۇقتۇرۇش قىلىپ بۇ مۇھاجىرلارنى بېيجىڭغا مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ كۈتۈۋېلىشنى ، شىنجاڭغا بارغاندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تاپشۇردى . شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت مۇئامىلە باشقارمىسىغا (ھازىرقى ش ئۇ ئا ر ھۆكۈمەت ئورگانلىرى خوجىلىق ئىدارىسى) ئۇقتۇرۇپ ، 24 ياشلىق خىزمەتچى مۇھەممەت سامساققا بېيجىڭغا بېرىپ موڭغۇلىيەدىن كەلگەن مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنى كۈتۈۋېلىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغانىدى . تۇنجى تۈركۈم مۇھاجىرلار بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەندە مۇھممەت سامساق تېخى بېيجىڭغا كېلىپ بولالمىغانىدى . مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئايرودرومدا ئالاھىدە كۈتىۋالدى . ئۇ چاغدا دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ دۇڭسى دېگەن يېرىدە ئىدى . دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئىشخانا بىناسىنىڭ كەينىدىكى بىر چوڭ قورۇنى ئىجارىگە ئېلىپ ، ھەربىر ئائىلىگە بىر ئېغىزدىن ئۆي تەقسىم قىلىپ بەردى . ئۇيغۇر مۇھاجىرلار بېيجىڭغا كېلىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن مۇھەممەت سامساقمۇ ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى . دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى دەرھال يىغىن ئېچىپ موڭغۇلىيەدىن كەلگەن مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنىڭ بېيجىڭغا كەلگەن كۈنىدىن باشلاپ تاكى ئۆز يۇرتلىرىغا بېرىپ بولغانغا قەدەر بارلىق ياتاق ، تاماق ، قاتناش ، داۋالىنىش خىراجەتلىرىنى ھۆكۈمەت كۆتۈرىدىغانلىقىنى قارار قىلدى . بۇ مېھمانلارنى يەنە بېيجىڭدىكى ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسىگە ساياھەتكە ئورۇنلاشتۇردى . بۇ مەزگىلدە بېيجىڭدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنى ئېچىلىۋاتاتتى . ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەيپىدىن ئەزىزى ئۆزى يېتىشەلمىگەچكە ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ ئۆلكىلىك شۆبە بىيۇروسى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سەئىدۇللا سەيپۇللايوفنى مېھمانلارنى يوقلاشقا ئەۋەتتى . سەيپۇللايوف ھەربىر ياتاققا كىرىپ مېھانلارنى يوقلىدى ، رەھبەرلەرنىڭ سالىمىنى يەتكۈزدى . ئۇ ، قايتىدىغان چاغدا مۇھەممەت سامساققا مۇئاۋىن رەئىس سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ " ۋەتەنگە قايتقان قېرىنداشلارنى ساق - سالامەت ئۈرۈمچىگە يەتكۈزسۇن" دېگەن يوليورۇقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى .
مەنبەسى: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تورى
داۋامى بار
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
دۇنيادىكى 16 چوڭ ھەقسىز مۇزېيغا نەزەر
2015-05-22 12:02:074471دۇنيادىكى 10 پارچە نادىر سۈرەتكە نەزەر
2015-05-06 10:23:064145شىڭگىل ھېكايە: پەرھادنىڭ ‹‹پەلسەپە››سى
2015-03-11 15:20:274245ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ يېڭى ماشىنىسىنىڭ سۈرەتلىرى ئ
2016-01-29 18:34:344299پوۋېست: قارا يۈرەك - 11 (تۈگىدى)
2015-03-03 17:30:084974ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچى ـــ ئەزىز ياسىن
2015-04-28 12:41:104624چەرچەن زاغۇنلۇق قەدىمكى قەبرىستانلىقى
2015-02-11 18:36:404539كەمبەغەللەر بىلەن بايلارنىڭ 48 خىل پەرقى
2016-02-04 18:05:255311
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-