شىڭگىل ھېكايە: پەرھادنىڭ ‹‹پەلسەپە››سى
-
شىڭگىل ھېكايە: پەرھادنىڭ ‹‹پەلسەپە››سى
ۋاقتى: 2015-03-11 ئاۋاتلىقى: 3976 قېتىميانفوندا كۆرۈش
پەرھادنىڭ ‹‹پەلسەپە››سى(شىڭگىل ھېكايە)ئەنۋەر غۇلام
پەرھات چوڭ – كىچىڭ سورۇنلاردا ‹‹ياشاش پەلسەپىسى›› ھەققىدە تولا سۆزلەيتتى، شۇڭا ئۇ ئاغىنىلىرى ئارىسىدا ‹‹پەرھات پەلسەپە›› دېگەن لەقىمى بىلەن ‹‹مەشھۇر›› ئىدى.يىغىن تۈگىشى بىلەنلا، ياشلاردىن بىر نەچچەيلەن پەرھاتنىڭ ‹‹پەلسەپىسىنى ئاڭلىمايلىمۇ›› دەپ، ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا كىردى. پەرھات خىزمەتداشلىرىغا ياشاش پەلسەپىسى توغرىسىدا ھەدەپ گەپ ساتقىلى تۇردى:‹‹موللىنىڭ دېگىنىنى قىل، قىلغىنىنى قىلما،...››، ‹‹ھەممە ئىشنى موللا بىلەر، موللا قوپۇپ كۆلگە ...››، ئۇ ئىشخانىسىغا كىرگەنلەرنىڭ بىر – بىرلەپ ئۆزىدىن داجىپ، كەينى – كەينىدىن چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقىدى – دە، ئارقىغا بۇرۇلدى، باشلىق ئۇنىڭ كەينىدە تۇراتتى!— نېمە دەۋاتىسىز؟ - دېدى باشلىق ئۇنىڭغا تىكىلىپ.— سىز ئۈچۈن سۆزلەۋاتىمەن، ھېلى يىغىندا دېگەنلىرىڭىزنى قانداق ئىزچىللاشتۇرۇش ھەققىدە سۆزلەۋاتىمەن، – دەپ جاۋاب بەردى ئۇ ھېچ ئىككىلەنمەيلا. باشلىق مېيىغىدا كۈلۈپ قويۇپ، گەپ قىلماي چىقىپ كەتتى.باشلىق چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ھېلى داجىپ چىقىپ كەتكەنلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى قايتىپ كىردى.— سىزدە مەۋقە – غۇرۇر دېگەن نەرسە بارمۇ؟ – سورىدى ئارىدىن بىرەيلەن ئۇتتۇرىغا چۈشۈپ. پەرھاتمۇ ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇردى:— ‹‹بىگىڭگە يەتكىچە بېلىڭ سۇنىدۇ›› دېگەننى ئاڭلىمىغانمۇسىلەر، مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش ياشىمايمەنمۇ!؟— ‹‹بېشىڭ نەدىن كېتەر، ئاغزىڭدىن›› دېگەننى ئاڭلىمىغانمۇسىز؟ بېشىڭىز كەتسە بۇ دۇنيادا قانداق ياشايسىز؟ – دېدى ئارىدىن يەنە بىرەيلەن.— مەن تېخى سىلەردىنمۇ ئوبدانراق ياشايمەن، – دېدى پەرھات پەرۋايىم پەلەك دېگەن قىياپەتتە.ئۇ ئەنە شۇنداق غەيرىي رەسمىي سورۇنلاردا، بۇلۇڭ – پۇچقاقلاردا ئۆزىنىڭ ‹‹پەلسەپە››سىنى سۆزلەۋەردى ۋە شۇ ‹‹پەلسەپە››سى بويىچە ياشاۋەردى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭغا چوڭمۇ ئەمەس، كىچىكمۇ ئەمەس بىر مەنسەپ تېگىپ، S باشقارمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى. ئۇنىڭ بۇ ئەمەل – ۋەزىپىسى ئېلان قىلىنغان كۈنىلا، ھېلىقى بىر نەچچە ياش ئۇنى ‹‹يۇيىمىز›› دەپ ئارىغا ئېلىۋالدى.— چاتاق يوق، مانا مەن تەييار، نەگە دېسەڭلەر شۇ يەردە، – دېدى ئۇ مەرد – سېخىيلىك بىلەن.شۇنداق قىلىپ، ئۇ N رېستوراندا ھېلىقى بىر نەچچەيلەننى مېھمان قىلدى. ئولتۇرۇشتا ھاراق تازا ئىچىلدى، كەيپىياتمۇ راسا كۆتۈرۈلدى. ئەنە شۇ چاغدا ئارىدىن بىرەيلەن پەرھاتنىڭ قۇلىقىغا پەس ئاۋازدا:— پەرھات چۇجاڭ، ھېلىقى پەلسەپىڭىزنى يەنە سۆزلەمسىز؟ – دېدى.— قانداق پەلسەپە ئىكەن ئۇ! ئۇنىڭ قۇيقا چېچى ئۆرە تۇردى.— ھېلىقىچۇ، ھېلىقى، ياشاش پەلسەپىڭىزنىچۇ!؟— ھۇ، تۇزكور! تۇزۇڭنى يەپ، تۇزلۇقىڭغا ئولتۇراي، دېمەكچىمۇ سەن! مەن ئەمدى ئۇنداق ‹‹پەلسەپە››نى تونۇمايمەن!تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئسمائىل نىدائىيمەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى، نىدائىي يانبىلوگىTags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
مېكسىكىلىقلار نېمىشقا ئۆلگەن ئىلاھەگە چوقۇنىدۇ؟
2016-05-25 12:18:371404ما يۈننىڭ ئامېرىكا سېئاتلدىكى نۇتۇقى
2015-09-25 15:44:566446يەكەن خانلىقى قۇيۇپ تارقاتقان قەدىمكى پۇللار
2015-02-11 18:29:264084ئۇيغۇر تىلىدىكى تۆت تاۋۇشلۇق بىر بوغۇملۇق سۆزلەر
2015-05-29 13:39:104672دۇنيادىكى 10 چوڭ سىرلىق مۈلۈكدار جەمەت (1)
2016-06-13 00:46:283818دۇنيادىكى 10 پارچە نادىر سۈرەتكە نەزەر
2015-05-06 10:23:063892داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (10)
2015-03-01 21:02:483520موڭغۇلىيەدىن ۋەتەنگە قايتقان ئۇيغۇرلار (3)
2015-05-01 15:40:014668
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-