نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

يەكەن خانلىقى قۇيۇپ تارقاتقان قەدىمكى پۇللار

يەكەن خانلىقى قۇيۇپ تارقاتقان قەدىمكى پۇللار

ۋاقتى: 2015-02-11 ئاۋاتلىقى: 4066 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يەكەن خانلىقى قۇيۇپ تارقاتقان قەدىمكى پۇللار

مۇھەممەد تۇراپ

    قەدىمىي شەھەر يەكەن ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ئۇ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىگە، پامىر ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىگە، يەكەن دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئەڭ قەدىمكى يۇرتلارنىڭ بىرى بولۇپ، شىنجاڭدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى. مىلادىيە 2-ئەسىردە يىپەك يولى يەكەننى كېسىپ ئۆتكەن. يەكەن خەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي يۇرتتىكى 36 بەگلىكنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ دەۋردە يەكەننىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، سودا ئىشلىرى خېلى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ھەر قايسى بەگلىكەردىن بۇ يەرگە كېلىپ سودا قىلىدىغان سودىگەرلەر ئالاھىدە كۆپ بولغان. تاڭ سۇلالىسى (مىلادىيە 618-907-يىللار) دەۋرىدە غەربىي يۇرت بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ قويۇقلىشىشىغا ئەگىشىپ، يەكەن بىلەن ئىچكى رايونلارنىڭ سودا ئالاقىسى خېلى راۋاجلانغان. بۇ مەزگىلدە يەكەننىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىكى كۆرۈنەرلىك تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن بولۇپ، مەھسۇلاتلىرى غەربىي يۇرتنىڭ باشقا مەھسۇلاتلىرى بىلەن بىللە ھەرقايسى ئەللەرگە چىقىرىلغان. بولۇپمۇ، قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدە يەكەن ئىنتايىن روناق تېپىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇھىم سودا ۋە مەدەنىيەت شەھىرىگە ئايلانغان. يەكەن 1239-يىلى چىڭگىزخان ئەۋلادلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن زېمىن ۋە خەزىنە بۆلۈشۈۋېلىش ئۇرۇشىدا ۋەيران بولغان.
    13-ئەسىردە ئىتالىيەلىك ساياھەتچى ماركوپولو جۇڭگوغا كېلىشىدە يەكەندىن ئۆتكەن ھەم بۇ جاينىڭ ئاۋات جاي ئىكەنلىكىنى تەسۋىرلىگەن. يەرلىك تەزكىرىلەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇ ۋەيرانچىلىقتىن كېيىن، مىلادىيە 1446-يىلى چاغاتاي ئەۋلادىدىن بولغان مۇھەممەد قىرالىدىن دېگەن كىشى تەرىپىدىن يەكەن شەھىرى قايتىدىن ياسىلىپ چىققان.
    سۇلتان سەئىدخان ـــ مەشھۇر يەكەن خانلىقىنىڭ تۇنجى قۇرغۇچىسى ھەم تۇنجى سۇلتانى. سۇلتان سەئىدخاننىڭ قاچان، قەيەردە تۇغۇلغانلىقى ھەققىدە ماتېرىياللاردا ھەر خىل مەلۇمات بېرىلگەن بولۇپ، ‹‹1484-يىلى تۇغۇلدى›› دېگەن مەلۇمات بىر قەدەر ئىشەنچلىك. چۈنكى كۆپلىگەن مەنبەلەردە يەكەن خانلىقىنىڭ قۇرۇلغان يىلى مىلادى 1514-يىلى بولۇپ، سۇلتان سەئىدخان 30 يېشىدا خانلىق تەختكە چىققانلىقى، 20 يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، 1533-يىلى ۋاپات بولغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. سۇلتان سەئىدخان 1514-يىل 9-ئاينىڭ 21-كۈنى يەكەن خانلىقىنى قۇرغان بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يەكەننى ئاستانە قىلغانلىقى ئۈچۈن، خانلىق نامىنى ‹‹يەكەن خانلىقى›› دەپ ئاتىغان. سۇلتان سەئىدخان تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئىجتىمائىي ئامانلىقنى قوغداپ، ھەر خىل جىنايەتچىلەرنى تازىلاپ، خەلقتىن 10 يىلغىچە ئالۋاڭ-سېلىق ئالمىغان ھەم جەمئىيەتنى خاتىرجەم قىلغان.
    سۇلتان ئابدۇرەشىدخان (مىلادىيە 1510-1560-يىللار) ـــ يەكەن خانلىقىنىڭ تۇنجى سۇلتانى سەئىدخاننىڭ تۇنجى ئوغلى ھەم يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئىككىنچى سۇلتانى. ئۇ ئادالەتپەرۋەر، خەلقچىل كىشى بولۇپ ھەم ئەلەم، ھەم قەلەم ساھەسىنىڭ ئىستىداتلىق ماھىرى، مۇزىكانتى ھەم شائىرى. ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا ئەرەب، پارس تىللىرىنى ناھايىتى پۇختا ئۆگىنىپ، 20 ياش ۋاقىتلىرىدىلا ئۆز دەۋرىنىڭ ئىقتىدارلىق ئالىمى بولۇپ تونۇلغان. ئۇ مىلادىيە 1533-يىلى دادىسى سەئىدخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ سۇلتانلىق تەختىدە ئولتۇرۇپ، دادىسىنىڭ يولىنى تۇتۇپ ئادىل سىياسەت يۈرگۈزگەن. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر 12 مۇقامىمۇ شۇ دەۋردە ئاماننىساخان، قېدىرخان يەركەندى قاتارلىقلار تەرىپىدىن رەتلىنىپ يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن.
    يەكەن سەئىدىيە خانلىقى مىلادىيە 1514-يىلدىن 1678-يىلغىچە ئىنتايىن گۈللەنگەن. يەكەن خانلىقى دەۋرى 16-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدىن كېيىن، ئىقتىسادى گۈللەنگەن دەۋرگە قەدەم قويغان بولۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە قول سانائەت ناھايىتى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. كانچىلىق (ئالتۇن قازمىچىلىقى) مېتال تاۋلاش، قۇيمىچىلىق ئالاھىدە راۋاجلانغان. ئالتۇن، قاشتېشى، مىس، كۈمۈش، تۆمۈر ۋە قوغۇشۇن رودىلىرىنى تاۋلاش ئىشلىرى زور دەرىجىدە راۋاجلانغان. ئەينى زاماندا خانلىق تەۋەسىدە ئالتۇن-كۈمۈشتىن زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى ياساش سەنئىتى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن بولۇپ قېزىلغان ئالتۇن-كۈمۈشلەر كۆپ بولغاچقا، ئالتۇندىن نازۇك ۋە نەپىس زىننەت بۇيۇملىرى ياساش ئېھتىياجى يېتەرلىك قاندۇرۇلغان. ئالتۇندىن ئاساسلىق ئالتۇن تاج (خان تاجىسى)، ئالتۇن زىرە، ئالتۇن ھالقا، ئالتۇن بىلەيزۈك، ئالتۇن قاداق، ئالتۇن جىيەك، ئالتۇن ئۈزۈك، ئالتۇن كەمەر (زەر بىلەن زىننەتلەنگەن تاسما)، ئالتۇن بىلەن قاپلانغان قامچا ۋە ئالتۇن بىلەن قاپلانغان ئىگەر-جابدۇق ياسالغان. مەدەنىيەت ئىشلىرى كۈنسايىن گۈللەنگەنلىكتىن، كىتابلارنىڭ مۇقاۋا ۋە بەتلىرىگە ئالتۇندىن ھەل بېرىش ئالاھىدە ئەۋج ئالغان. نوپۇس كۆپىيىپ، جەمئىيەت مۇقىملىشىپ قاتناش راۋان بولغانلىقتىن، ھەرقايسى ساھەلەر ئوتتۇرىسىدىكى تاۋار سودىسى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان. بۇنىڭ بىلەن يەكەن خانلىقى تاۋار ئالماشتۇرۇش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مىس پۇل قۇيۇپ ئوبوروت قىلغان ھەم خانلىقنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئومۇميۈزلۈك ئوبوروت قىلغان. يەكەن خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى سۇلتان سەئىدخان ئۆز نامىدا ئالتۇن پۇل قۇيۇپ كەڭ دائىرىدە ئوبوروت قىلغان. بۇ ئالتۇن پۇللار كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئوتتۇرا ئاسىيا، ئافغانىستان، كەشمىر قاتارلىق جايلاردىن كەڭ-كۆلەمدە تېپىلغان.
    مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كوراگاننىڭ ‹‹تارىخىي رەشىدىيە›› ناملىق ئەسىرىنىڭ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىسىنىڭ بىرىنچى بۆلۈم 356-بېتىدە يەكەن خانلىقىدىكى ھەربىر خانلىرىنىڭ ئالتۇن پۇل قۇيغانلىقىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالغان. چەت ئەل ئېكىسپېدىتسىيەچىلىرى يەكەن خانلىقىنىڭ پۇل ئىشلەتكەنلىكى توغرىسىدا خاتىرە قالدۇرغان. ‹‹شىنجاڭ پۇللىرى›› ناملىق كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدە: ‹‹شىمالىي سۇڭ دەۋرىدىكى قاراخانىيلار خانلىقى، يۈەن دەۋرىدىكى چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقى، مىڭ دەۋرىدىكى يەكەن خانلىقى پىرىسلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ پۇل قۇيغان، پۇلغا ئەرەب يېزىقى چۈشۈرۈلگەن›› دېيىلگەن. ‹‹بۈيۈك چىڭ سۇلالىسىنىڭ مۇراسىم خاتىرىلىرى›› ناملىق خەنزۇچە كىتابتا: يەكەن خانلىقىنىڭ ئالتۇن، كۈمۈش پۇلدىن باشقا يەنە شەكلى شاپتۇل مېغىزىغا ئوخشايدىغان، پىرىسلاش ئۇسۇلى بويىچە قۇيۇلغان قىزىل مىس پۇل ئوبوروت قىلغانلىقى، بىر دانە قىزىل مىس پۇلنىڭ ‹‹پۇل›› دېيىلىدىغانلىقى، 50 پۇلنىڭ ‹‹بىر كۈمۈش پۇل›› (بىر سەر كۈمۈشكە باراۋەر) بولىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
    يەكەن خانلىقىنىڭ پۇللىرىنى تۆت تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. بىرىنچى تۈرى، پۇلنىڭ بىر يۈزىگە گۈللۈك نەقىش، يەنە بىر يۈزىگە ئەرەبچە ‹‹قەشقەر›› دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن. ئىككىنچى تۈرى، پۇل يۈزىگە گۈللۈك نەقىش ۋە ئەرەبچە خەت چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ خىل پۇلنىڭ ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 5.2 گىرام، ئەڭ ئېغىرلىرىنىڭ ئالتە گىرام، قېلىنلىقى ئۈچ مىللىمېتىر كېلىدۇ. ئۈچىنچى تۈرى، پۇلنىڭ بىر يۈزىگە مۇكەممەل بولمىغان ئەرەب يېزىقى، يەنە بىر يۈزىگە مۇكەممەل بولمىغان گۈللۈك نەقىش چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ خىل پۇلنىڭ ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 5.3 گىرام كېلىدۇ. بۇ تۈردىكى پۇل يەكەن خانلىقىنىڭ ئوتتۇرا ۋە كېيىنكى مەزگىللىرىدە قۇيۇپ تارقىتىلغان دەپ قارالماقتا. تۆتىنچى تۈرى، بۇ خىل پۇلنىڭ ئېغىرلىقى 1.2 گىرامدىن 2.4 گىرامغىچە بولۇپ، ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 1.5 گىرام ئەتراپىدا كېلىدۇ. بۇ خىل پۇل پارچە پۇل بولۇپ، يەكەن خانلىقىنىڭ ئوتتۇرا ۋە كېيىنكى مەزگىللىرىدە قۇيۇلغان قۇشۇمچە پۇل دەپ قارالماقتا.
    چىڭ سۇلالىسى قۇرۇلغاندا تەڭرىتېغىنىڭ شىمالى جۇڭغار خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى يەكەن خانلىقىغا تەۋە بولغان. 1678-يىل قوشنا ئەل جۇڭغار خانلىقى تەرىپىدىن يەكەن خانلىقى يوقىتىلغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ يىللىرىدا يەكەن چىڭ سۇلالىسىگە تەۋە بولغان. دېمەك، يەكەن خانلىقى بىر پۈتۈن ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە باشقا ساھەلەردە گۈللەپ ياشنىغان ئالتۇن دەۋرنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىدىكى تارىم ئويمانلىقى تەۋەسىدىكى ھەر قايسى بوستانلىقلارنى كونترول قىلىپ، غەربىي يۇرتتىكى مۇھىم ئورۇننى تۇتۇپ زور تەسىر كۆرسەتكەن. يەكەن خانلىقى دەۋرىدە ئالتۇن قازمىچىلىقى ۋە ئالتۇندىن زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى ياساش ئىشلىرىنىڭ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىقى، ئالتۇن ۋە مىستىن پۇل قۇيۇپ ئوبوروت قىلىپ، سودا-سېتىق ئىشلىرىغا قولايلىق يارىتىلغانلىقى، بازارنىڭ ئاۋات، سودا-سېتىقنىڭ راۋان ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ باياشاد ئىكەنلىكى، شۇنداقلا شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھۈنەر-سەنئەتكە ماھىر ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
    پايدىلانغان ماتېرىياللار:
    1. تۇرسۇن پىداقۇل: ‹‹شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى››، 1995-يىل 3-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان ‹‹يەكەن خانلىقى دەۋرىدىكى ئالتۇن قازمىچىلىقى ۋە ئالتۇندىن ياسالغان بۇيۇملار›› ناملىق ماقالىسى.
    2. شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى نەشر قىلغان ‹‹شىنجاڭنىڭ چىڭ سۇلالىسى دەۋردىكى پۇل-مۇئامىلە تارىخى›› ناملىق خەنزۇچە كىتاب، 17-، 18-بەت.
    3. ئەھمەد سۇلايمان قۇتلۇق: ‹‹يىپەك يولى ۋە ئويغۇرلار›› ناملىق كىتاب، 171-بەت.
تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
    
Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى