نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

جۇڭگونىڭ بەش چوڭ ئۇرۇش رايونىنىڭ قوماندانلىق ئىشتابى قەيەردە؟

جۇڭگونىڭ بەش چوڭ ئۇرۇش رايونىنىڭ قوماندانلىق ئىشتابى قەيەردە؟

ۋاقتى: 2016-02-04 ئاۋاتلىقى: 5293 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

جۇڭگونىڭ بەش چوڭ ئۇرۇش رايونىنىڭ قوماندانلىق ئىشتابى قەيەردە؟



جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئۇرۇش رايونىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى 1-فېۋرال بېيجىڭ <<1-ئاۋغۇست>> بىناسىدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شەرقىي ئۇرۇش رايونى، جەنۇبىي ئۇرۇش رايونى، غەربىي ئۇرۇش رايونى، شىمالىي ئۇرۇش رايونى، ئوتتۇرا ئۇرۇش رايونىغا ھەربىي بايراق تاپشۇردى ھەمدە بۇيرۇق ئېلان قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شەرقىي ئۇرۇش رايونى، جەنۇبىي ئۇرۇش رايونى، غەربىي ئۇرۇش رايونى، شىمالىي ئۇرۇش رايونى، ئوتتۇرا ئۇرۇش رايونىنىڭ قۇرۇپ، ئۇرۇش رايونى ھەمكارلىشىپ جەڭ قىلىش قوماندانلىق ئورگىنىنى تەشكىللەش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ جۇڭگو ئارزۇسى ___ كۈچلۈك ئارمىيە قۇرۇش ئارزۇسىنى چىقىش قىلىپ چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى، كۈچلۈك ئارمىيە قۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئىسلاھ قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى زور تەدبىر، ئارمىيەمىزنىڭ ھەمكارلىشىپ جەڭ قىلىش سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىشتىكى تارىخىي ئىلگىرىلەش بولۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ جەڭ قىلىش، غەلىبە قىلىش، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئۈنۈملۈك قوغدىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەت ئىگە.
شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00 دا، يىغىن رەسمىي باشلاندى. شى جىنپىڭ ئارمىيە بايرىقىنى بىر-بىرلەپ شەرقىي ئۇرۇش رايونىنىڭ قوماندانى ليۇ ئاۋجۈن، سىياسىي كومىسسارى جېڭ ۋېيپىڭ، جەنۇبىي ئۇرۇش رايونىنىڭ قوماندانى ۋاڭ جياۋچېڭ، سىياسىي كومىسسارى ۋېي لياڭ، غەربىي ئۇرۇش رايونىنىڭ قوماندانى جاۋ زوڭچى، سىياسىي كومىسسارى جۇ فۇشى، شىمالىي ئۇرۇش رايونىنىڭ قوماندانى سۇڭ پۇشۈەن، سىياسىي كومىسسارى چۇ يىمىن، ئوتتۇرا ئۇرۇش رايونىنىڭ قوماندانى خەن ۋېيگو، سىياسىي كومىسسارى يىن فاڭلوڭغا تاپشۇردى. بەش ئۇرۇش رايونىنىڭ قوماندانلىرى، سىياسىي كومىسسارلىرى شى جىنپىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ قولىدىغان ئارمىيە بايرىقىنى تاپشۇرۇۋالدى.

بايراق تاپشۇرۇش مۇراسىمىدىن كېيىن، شى جىنپىڭ بۇيرۇق ئېلان قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۇرۇش رايونلىرى ئىستراتېگىيەلىك جەڭ نۇقتسىدىن بىخەتەرلىك تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، تىنچلىقنى قوغداش، ئۇرۇشنى توسۇش، جەڭدە غەلىبە قىلىشتىن ئىبارەت بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى ۋە ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى قوغداشتا سەل قارىغىلى بولمايدىغان ئەھمىيەتكە ئىگە.


شى جىنپىڭنىڭ بۇيرۇقى:
1. ھەر قايسى ئۇرۇش رايونلىرى بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى كۈچلۈك ئارمىيە قۇرۇش نىشانىنى قەتئىي ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش باشقۇرۇشى، ئۇرۇش رايونى ئاساسىي لىنىيە، ئارمىيەلەرنىڭ ئۇل قۇرۇلۇش باش پىرىنسىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇتلەق سادىق، ئۇرۇش قىلىشقا ماھىر، ئۈنۈملۈك قوماندانلىق قىلالايدىغان، جەڭدا غەلىبە قىلالايدىغان، ھەمكارلىشىپ جەڭ قىلالايدىغان قوماندانلىق ئورگىنى قۇرۇش كېرەك.
2. ھەرقايسى ئۇرۇش رايونلىرى قەتئىي تەۋرەنمەي پارىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشى، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشى، سىياسىيدا كۈچلۈك ئارمىيە قۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشى، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىي ۋەزىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، ئۈلگە ئېلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە بىردەكلىكنى ساقلاپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي بەلگىلىمىگە قاتتىق بويسۇنۇشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ بۇيرۇق ۋە كۆرسەتمىسىنى شەرتسىز ئىجرا قىلىشى كېرەك.
3. ھەرقايسى ئۇرۇش رايونلىرى زېھنىنى يىغىپ، بېرىلىپ جەڭ قىلىپ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك نەزىرىنى كېڭەيتىپ، زامانىۋى ئۇرۇشلاردا غەلىبە قىلىش مېخانىزمىنى تەتقىق قىلىپ، ھەربىي كۈچتىن پايدىلىنىشنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، تەقلىدىي ئۇرۇش رايونلىرى ئىستراتېگىيەسىنى كۈچەيتىپ، جەڭ قىلىش لايىھەسى ۋە پىلانىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىرلەشمە مەشق ۋە مەشققە قوماندانلىق قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، كەلگۈسىدىكى جەڭنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئاكتىپ قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
4. ھەرقايسى ئۇرۇش رايونلىرى بىرلەشمە جەڭگە يۇقىرى ئۈنۈمدە قوماندانلىق قىلىپ، ھەربىي ئىشلار كومىتېتى بەرگەن قوماندانلىق قىلىش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئادەتتىكى جەڭ بىرگە قىلىنغان، دائىمىي ھالەتتىكى، مەخسۇس قوماندان باشقۇرىدىغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش تەلىپى بويىچە، قوماندانلىق ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قوماندانلىق سىستېمىسىنى راۋانلاشتۇرۇپ، بىرلىكتە قوماندانلىق قىلىش، بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىش، بىرلىكتە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، قىسىمنىڭ كۈندىلىك جەڭ تەييارلىقى ۋە ھەربىي ھەرىكەت ۋەزىپىسىنى پۇختا ئادا قىلىش كېرەك.


بەش چوڭ ئۇرۇش رايونى قايسى تەۋەلىكتە؟
شەرقىي ئۇرۇش رايونى: نۆۋەتتىكى نەنجىڭ ھەربىي رايونىنىڭ قارىمىقىدىكى رايونلار بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ھەربىي رايوندىكى شەرقىي دېڭىز فىلوتى، ھاۋا ئارمىيەسى، راكېتا ئارمىيەسى، قوراللىق ساقچى قىسىم قوشۇلىدىغان بولۇپ، قوماندانلىق باش ئىشتابى نەنجىڭدا. جياڭسۇ، جېجياڭ، ئەنخۇي، فۇجيەن، جياڭشى قاتارلىق بەش ئۆلكە ۋە شاڭخەيدىكى قورال كۈچىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ ھەمدە قوماندانلىق قىلىدۇ.
جەنۇبىي ئۇرۇش رايونى: سابىق گۇاڭجوۋ ھەربىي رايونى ۋە سابىق چېڭدۇ ھەربىي رايونىدىكى يۈننەن، گۇيجوۋ ئىككى ئۆلكە ۋە قارىمىقىدىكى نەنخەي دېڭىز فىلوتى، ھاۋا ئارمىيەسى، راكېتا ئارمىيەسى، قوراللىق ساقچى قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، قوماندانلىق ئىشتابى گۇاڭجوۋدا. بۇ ئۇرۇش رايونى خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، خەينەن، يۈننەن، گۇيجوۋلارنىڭ قارىمىقىدىكى قورال كۈچىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ ھەمدە قوماندانلىق قىلىدۇ.
غەربىي ئۇرۇش رايونى: سابىق چېڭدۇ ھەربىي رايونى، لەنجوۋ ھەربىي رايونىنى بىرلەشتۈرۈشتىن شەكىللەنگەن بولۇپ، قوماندانلىق ئىشتابى لەنجوۋدا. سىچۈەن، شىزاڭ، شەنشى، گەنسۇ، نىڭشيا، چىڭخەي، شىنجاڭ ۋە چۇڭچىڭدىكى قورال كۈچىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ ھەمدە قوماندانلىق قىلىدۇ.
شىمالىي ئۇرۇش رايونى: شەرقتىكى ئۈچ ئۆلكە قاراشلىق بولۇپ، ئۇنىڭغا يەنە ئىچكى موڭغۇل (سابىق شېنياڭ ھەربىي رايونى قارىمىقىدىكى ئىچكى موڭغۇل) قوشۇلىدۇ، قوماندانلىق ئىشتابى شېنياڭدا. لياۋنىڭ، جىلىن، خېيلوڭجياڭ ۋە ئىچكى موڭغۇلدىكى قورال كۈچىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ ھەمدە قوماندانلىق قىلىدۇ.
ئوتتۇرا ئۇرۇش رايونى: ھازىرقى بېيجىڭ ھەربىي رايونى ۋە جىنەن ھەربىي رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەسلىدىكى بېيجىڭ ھەربىي رايونىغا قاراشلىق ئىچكى موڭغۇل چىقىرىۋېتىلىپ، ئۇنىڭغا بېيخەي فىلوتى ۋە سابىق گۇاڭجوۋ ھەربىي رايونىغا قاراشلىق خۇبېي قوشۇلىدۇ، قوماندانلىق ئىشتابى بېيجىڭدا. خېبېي، سەنشى، شەندۇڭ، خېنەن، خۇبېي ۋە بېيجىڭ، تيەنجىندىكى قورال كۈچىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ ھەمدە قوماندانلىق قىلىدۇ.


بەش چوڭ ئۇرۇش رايونىغا ئايرىشتىكى سەۋەب نېمە؟
بۇنداق ئايرىش بىرلىشىپ جەڭ قىلىشقا قوماندانلىق قىلىش تۈزۈلمىسىگە پايدىلىق.
2015-يىلى 31-يانۋار، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ياڭ يۈجۈن ئۇرۇش رايونىنى تەڭشەش، قايتا تەشكىللەشكە ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: شەرقىي ئۇرۇش رايونى، جەنۇبىي ئۇرۇش رايونى، غەربىي ئۇرۇش رايونى، شىمالىي ئۇرۇش رايونى، ئوتتۇرا ئۇرۇش رايونىغا تەڭشەش ۋە ئايرىش ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش باشقۇرۇشى، ئۇرۇش رايونى ئاساسىي لىنىيە، ئارمىيەلەرنىڭ ئۇل قۇرۇلۇش باش پىرىنسىپىنى چىقىش قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىك مۇھىتى ۋە ئارمىيەنىڭ زىممىسىگە ئالغان بۇرچ ۋە ۋەزىپىگە ئاساسەن بېكىتىلگەن بولۇپ، ھەمكارلىشىپ جەڭ قىلىشقا قوماندانلىق قىلىش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەمكارلىشىپ جەڭ قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداشقا، رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداشقا پايدىلىق.


بەش چوڭ ئۇرۇش رايونىنىڭ دەرىجىسى قانداق؟
بۇ ئۇرۇش رايونلىرىنىڭ دەرىجىسى چوڭ ھەربىي رايونى دەرىجىلىك.
ياڭ يۈجۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىم ئەسلىدىكى يەتتە ھەربىي رايون ئورگىنىنىڭ ئالاقىدار فونكىسىيەسى، قۇرۇلمىسى ئاساس قىلىنىپ، ئارمىيە تۈرىگە قوماندانلىق قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش ئامىللىرى تولۇقلىنىپ، بەش ئۇرۇش رايونى ئورگىنىنىڭ دەرىجىسى چوڭ ھەربىي رايونغا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ تەشكىلىي تۈزۈلۈشىنىڭ رەھبەرلىكىگە مەنسۇب. ئۇرۇش رايونلىرى تەڭشىلىپ قايتا قۇرۇش ۋەزىپىسىنىڭ تاماملىنىشىغا ئەگىشىپ،سابىق شېنياڭ ھەربىي رايونى، بېيجىڭ ھەربىي رايونى، لەنجوۋ ھەربىي رايونى، جىنەن ھەربىي رايونى، نەنجىڭ ھەربىي رايونى، گۇاڭجوۋ ھەربىي رايونى، چېڭدۇ ھەربىي رايونىنىڭ نومۇرى چېكىندۈرۈلىدۇ.


بۇ ئۇرۇش رايونلىرى قىسىملارنىڭ قوماندانلىقىغا تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟
ئۇرۇش رايونىدىكى قىسىملارغا بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلالايدۇ.
ئۇرۇش رايونلىرى قىسىمغا بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلىپ باشقۇرمىغىنى بىلەن، قىسىملارنىڭ قوماندانلىقىغا تەسىر كۆرسىتەمدۇ دېگەن مەسىلىدە، ياڭ يۈجۈن مۇنداق دېدى: ئۇرۇش رايونلىرى ئۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىردىنبىر ئەڭ ئالىي ھەمكارلىشىپ جەڭ قىلىشقا قوماندانلىق قىلىش ئورگىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى بەرگەن قوماندانلىق ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بويىچە، ئۇرۇش رايونى جەڭ قىلىش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان قىسىملارغا قوماندانلىق قىلىدۇ.
قىسىملاردا بىر تۇتۇتاش قوماندانلىق قىلىش ۋە كونترول قىلىش تۈزۈمى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. بىز يېڭى قوماندانلىق تۈزۈلمىسىنىڭ مەشغۇلات تەلىپىگە ماسلىشىپ، ئالاقىدار قانۇن-تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇرۇش رايونى قومانداق قىلىش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنىڭ جايىدا ئەمەلىيشىشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز.
ياڭ يۈجۈن مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ نۆۋەتلىك ئىسلاھات ھەمكارلىشىپ جەڭ قىلىش، ھەمكارلىشىپ قوماندانلىق قىلىش تەلىپى بويىچە، ھەربىي كومىتېتنىڭ بىرلىكتە قوماندانلىق قىلىشى، ئارمىيە تۈرلىرى، ئۇرۇش رايونىغا بىرلىكتە قوماندانلىق قىلىشى ۋە ئۇرۇش رايونى ئارمىيە تۈرىگە بولغان ھەمكارلىشىپ جەڭ قىلىش فونكىسىيەسى ھەققىدە تەڭشەش ئېلىپ باردى، ئاساسلىقى ئىلمىي ئايرىش فونكىسىيەسى، قوماندانلىق مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇش، قوماندانلىق تەرتىپىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ئارقىلىق، ئارمىيەمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قوماندانلىق قىلىشىغا ماس كېلىدىغان سىستېما شەكىللەندۈرۈپ، ئۇچۇرلاشقان جەڭ قىلىش، بۇرچ ۋە ۋەزىپىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىش تەلىپىگە تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىشتىن ئىبارەت.


ئۇرۇش رايونلىرىدا ئارمىيە ئورگانلىرى تەسىس قىلىنامدۇ؟
ئارمىيە تۈرى ئورگىنىنى تەڭشەش، قايتا قۇرۇش تاماملىنىپ بولدى.
ياڭ يۈجۈن بۇ نۆۋەتلىك ئىسلاھاتنىڭ ئۇرۇش رايونىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ماسلىشىپ، ئۇرۇش رايونى ئارمىيە تۈرى ئورگىنى قايتا قۇرۇلغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئاساسلىقى سابى ھەربىي رايون ئورگانلىرىنىڭ قىسمەن فونكىسىيەسى ۋە قۇرۇلمىسى ئاساس قىلىنىپ، ئۇرۇش رايونلىرى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئورگىنى قايتا قۇرۇلدى. دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئالاقىدار فىلوتى ئورگىنى ئاساس قىلىنىپ، ئۇرۇش رايونىغا ئالاقىدار دېڭىز ئارمىيەسى ئورگىنى قايتا قۇرۇلدى.
ھەربىي رايونغا ئالاقىدار ھاۋا ئارمىيەسى ئورگىنى ئاساس قىلىنىپ، ئۇرۇش رايونى ھاۋا ئارمىيەسى ئورگىنى قايتا قۇرۇلدى. نۆۋەتتە، ئۇرۇش رايونى ئارمىيە تۈرى ئورگىنى تەڭشەش، قايتا قۇرۇش ۋەزىپىسى تاماملىنىپ بولدى.


قېلىپ قالغان ئالاقىدار مەسىلىلەرنى كىم بىرتەرەپ قىلىدۇ؟
ئالاقىدار قالدۇق ئىشلارنى بىرتەرەپ قىلىش ئورگىنى قۇرۇلدى.
سابىق ھەربىي رايونلار چېكىندۈرۈلگەندىن كېيىن، تۈرلۈك قالدۇق خىزمەتلەر ۋە ئالاقىدار قېپقالغان مەسىلىلەر قانداق بىرتەرەپ قىلىنىدۇ؟ يا يۈجۈن مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ نۆۋەتلىك ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىيىتى بويىچە، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئالاقىدار قېپقالغان ئىشلارنى بىرتەرەپ قىلىش ئورگىنى قۇرۇشنى قارار قىلدى، بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇش پېشقەدەم كادىرلار مۇلازىمىتى، كادىرلارنى بۆلۈش، يارىدارلار، مېيىپلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەشكە پايدىلىق. راسخوت، ماددىي ئەشيا، قورال-ياراغ، ئۈسكۈنىلەر، گازارما ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېڭى-كونا تۈزۈلمىلەرنىڭ مۇقىم ئۆتۈشۈشىگە، قىسىملارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا پايدىلىق.


تارىختىكى يەتتە ھەربىي رايوننى بىر ئەسلەپ باقايلى:
ئۆتكۈشتىكى يەتتە چوڭ ھەربىي رايونى دۆلەتنىڭ مەمۇرىي رايونلار ئايرىمىسى، جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە ئىستراتېگىيەلىك جەڭ يۆنىلىشى، جەڭ ۋەزىپىسى قاتارلىقلار بويىچە تەسىس قىلىنغان ھەربىي ئىشلار تەشكىلاتى بولۇپ، ئاساسلىقى ئۇرۇش رايونىدىكى قىسىملارنىڭ قۇرۇلۇش پىلانىنى تۈزۈش، ئۇرۇش رايونىدىكى ھەربىي ۋە ئەسكەرلەرگە قوماندانلىق قىلىپ ھەمكارلىشىپ جەڭ قىلىش، بىرلەشمە ئارقا سەپ كاپالىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىقلارغا مەسئۇل بولغان.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن دەسلەپكى مەزگىلدە، ئارمىيەمىز بېيجىڭ، ئىچكى موڭغۇل، شېنياڭ، لەنجوۋ، ئۈرۈمچى، جىنەن، فۇجوۋ، چېڭدۇ، گۇاڭجوۋ، نەنجىڭ، كۈنمىڭ، ۋۇخەن، شىزاڭ قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق ھەربىي رايون تەسىس قىلغان. قىسم قۇرۇلۇشى ئەھۋالى ۋە دۆلەت ئىچى-سىرتى مۇھىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئارمىيە تەسىس قىلىشتىمۇ ئۆزگىرىشلەر بولغان. 1985-يىلى ئارمىيەمىز بىر مىليون ئىشتات قىسقارتقان، يەتتە چوڭ ھەربىي رايونغا ئايرىش شۇ چاغدا ئاساسەن بېكىتىلگەن. بۇ يەتتە چوڭ ھەربىي رايوننىڭ كونكرېت ئايرىلىشى تۆۋەندىكىچە:
شېنياڭ ھەربىي رايونى: لياۋنىڭ، جىلىن، خېيلوڭجياڭ ۋە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىغا قاراشلىق قوراللىق كۈچكە رەھبەرلىك ۋە قوماندانلىق قىلغان.
بېيجىڭ ھەربىي رايونى: خېبېي، سەنشى ئىككى ئۆلكە، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ۋە بېيجىڭ، تيەنجىن ئىككى شەھەر چېگرىسى ئىچىدىكى قورال كۈچىگە رەھبەرلىك ۋە قوماندانلىق قىلغان.
لەنجوۋ ھەربىي رايونى: شەنشى، گەنسۇ، نىڭشيا، چىڭخەي، شىنجاڭ چېگرىسى ئىچىدىكى قورال كۈچىگە رەھبەرلىك ۋە قوماندانلىق قىلغان.
جىنەن ھەربىي رايونى: شەندۇڭ، ىېنەن ئىككى ئۆلكە چېگرىسى ئىچىدىكى قورال كۈچىگە رەھبەرلىك ۋە قوماندانلىق قىلغان.
نەنجىڭ ھەربىي رايونى: جياڭسۇ، جېجياڭ، ئەنخۇي، فۇجيەن، جياڭشى قاتارلىق بەش ئۆلكە ۋە شاڭخەي شەھىرى چېگرىسى ئىچىدىكى قورال كۈچىگە رەھبەرلىك ۋە قوماندانلىق قىلغان.
گۇاڭجوۋ ھەربىي رايونى: خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، خەينەن قاتارلىق بەش ئۆلكە چېگرىسى ئىچىدىكى قورال كۈچىگە رەھبەرلىك ۋە قوماندانلىق قىلغان.
چېڭدۇ ھەربىي رايونى: سىچۈەن، يۈننەن، گۇيجوۋ، شىزاڭ قاتارلىق تۆت ئۆلكە ۋە چۇڭچىڭ شەھىرى چېگرىسى ئىچىدىكى قورال كۈچىگە رەھبەرلىك ۋە قوماندانلىق قىلغان.

بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى