نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

تۇيۇق ۋە كارىز دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىنىدۇ

تۇيۇق ۋە كارىز دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىنىدۇ

ۋاقتى: 2015-03-18 ئاۋاتلىقى: 4536 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تۇيۇق ۋە كارىز دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىغا بىرلىكتە ئىلتىماس قىلىنىدۇ


  
    شىنجاڭ تورى خەۋىرى: تۇيۇق ۋە كارىزنى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش خىزمىتى تۇرپاننىڭ 2015- يىللىق خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپى بولۇپ قالدى. نۆۋەتتە، بۇ تۈرنى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىغا كىرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش تەييارلىق خىزمەتلىرى باشلاندى.
    16-مارت تۇرپان ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شياۋفېينىڭ تېلېفوندا بىلدۈرۈشىچە، دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ تەلىپىگە قارىغاندا، تۇيۇق دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى ‹‹يىپەك يولى: چاڭئەن-تەڭرىتاغ كارىدورىنىڭ يول تورى ›› نى كېڭەيتىش تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قازاقىستان، قىرغىزىستاندىكى تۈرلەر بىلەن بىرلىكتە ئىلتىماس قىلىنىدىكەن.
    بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭدا ئىككى مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمكى يېزا ئىگىلىك سۇ ئىنشائاتى ئەسلىھەسى بولغان كارىز ھېلىھەم مەۋجۈت بولۇپ، كارىز مۇستەقىل بىر تۈر سۈپىتىدە ئىلتىماس قىلىنىدىكەن.
    ۋاڭ شياۋفېي مۇنداق دېدى: ئىلتىماس قىلىش تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردۇق، ئالدىنقى باسقۇچتىكى تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بۇ تۈرنى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈشنى تېزدىن قولغا كەلتۈرىمىز.
    مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، تۇرپان ۋىلايىتى فېۋرالنىڭ ئوتتۇرلىرى ئاچقان تۇيۇق ۋە كارىزنى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا، تۇيۇق ۋە كارىزنى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش خىزمىتى تۇرپاننىڭ 2015-يىلدىكى خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپى قىلىنغان. سۆھبەت يىغىنىغا دۆلەت ئىچىدىكى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئىلتىماس قىلىش مۇتەخەسسىسلىرى تەكلىپ قىلىنىپ، تۇيۇق، كارىزنى مەدەنىيەت مىراسلىرىغا قاتارىغا كىرگۈزۈشكە ئىلتىماس قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى، قىممىتى، ئورنى، ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى، تۇيۇق، كارىزنىڭ قاتناش تور سىستېمىسى، سۇ مەنبەسى مۇھىتىنىڭ رولى ۋە ئالاھىدىلىكى قاتارلىق بىر نەچچە جەھەتتە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلغان.
    ئىگىلىنىشىچە، 2009-يىلدىن ھازىرغا قەدەر، تۇپان ۋىلايىتى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ تۇيۇقنى قوغداش 1-، 2- قارارلىق قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، 4 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان، بۇ يىل تۇيۇق تاش غار ئىبادەتخانىسى يادرو رايونى مەنزىرە قۇرۇلۇشىنى باشلاشنى پىلانلىغان؛ جەمئىي 70 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان كارىزنى قوغداش، پايدىلىنىش قۇرۇلۇشىدا 108 كارىز رېمونت قىلىنىپ، مۇستەھكەملەنگەن. نۆۋەتتە، 5-قارارلىق قۇرۇلۇش ئومۇميۈزلۈك باشلانغان بولۇپ، يەنە 15 كارىز رېمونت قىلىنىدىكەن. مەبلەغ ۋە تېخنىكا ئارقىلىق، تۇيۇق ۋە كارىزنى قوغداش يەنە بىر باسقۇچ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.
    2014-يىلى جۇڭگو، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان ئۈچ دۆلەت بىرلىكتە ‹‹ يىپەك يولى : چاڭئەن، تەڭرىتاغ كارىدورى يول تورى ›› نى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭدىكى ئالتە تۈر يەنى ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى، يارغول قەدىمىي شەھىرى، قىزىل قاغا ( قىز قالغان) مىڭئۆيى،  قىزىل مىڭئۆي، سۇبېشى ساڭرامى، بېيتۇن قەدىمىي شەھەر خارابىسى قاتارلىقلار بار بولۇپ، بۇ دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىغا بىرلىكتە ئىلتىماس قىلىنغان دۆلەت ھالقىغان تۈر ھېسابلىنىدۇ.
Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى