‹‹گۈلىستان››دىكى نۇتۇققا دائىر ھېكمەتلەر
-
‹‹گۈلىستان››دىكى نۇتۇققا دائىر ھېكمەتلەر
ۋاقتى: 2015-02-07 ئاۋاتلىقى: 4561 قېتىميانفوندا كۆرۈش
‹‹گۈلىستان››دىكى سۆز سەنئىتىگە دائىر ھېكمەتلەر
◎ بىر بۇلۇڭدا ئۈندىمەي تۇرغان كېسىك تىل، گاس قۇلاق، تىلنىڭ تىزگىنى يوق ۋات–ۋات ئادەمدىن ياخشىراق.◎ نۇتۇقتا چېنىققان ياشانغان كىشىنىڭ ئىشى سۆز ئاچماقتىن ئالدىن پىكىر قىلىشتۇر. پىكىر قىلماي ھەرگىز زۇۋان سۈرمىگىن، مەيلى كېيىن سۆزلىسەڭمۇ گۈزەل سۆزلە. بۇرۇن پۇختا ئويلاپ، ئاندىن سۆزگە جۈرئەت قىل، سەئىدى: ‹‹بەس!›› دېيىشتىن ئالدىن سۆزۈڭنى توختات.◎ كىشى تىل بىلەن ئۇلاغدىن ياخشىراق، خاتا سۆزلىسەڭ، ئۇلاغ سەندىن ئارتۇق.◎ پىتنە تۇغدۇرىدىغان راست سۆزدىن ياخشىلىق يەتكۈزىدىغان يالغان سۆز ئەۋزەل.◎ كىمىكى جېنىدىن ئۈمىد ئۈزسە، كۆڭلىدىكى ھەممە گېپىنى ئېيتىۋالىدۇ.◎ ئەگەر سۆزگە دەل پەيتىنى تاپمىساڭ، قۇرۇق سۆز بىلەن ئۆزۈڭنى چۈشۈرمە.◎ بىر قوپال مەنمەنچى مەجلىستە بولۇپ قالسا، نۇرغۇن ئاقىلنىڭ كۆڭلى غەشلىككە تولىدۇ. بىر كۆل گۇلاپ–شەربەتكە تودۇرۇلسا، شۇ دەم ئىت چۈشسە ئەۋرەزگە ئايلىنار.◎ ئاڭلىغۇچى سۆزنىڭ پەمىگە يەتمىسە، ناتىقتىن زىيادە ئىلھام ئىزدىمە.◎ بىر سۆز ئويۇن–چاقچاق بىلەن ئېيتىلسا، زېرەك كىشى ئايرىمچە مەنپەئەت ئالىدۇ. ناداننىڭ ئالدىدا يۈز بابچە ھېكمەت ئوقۇلسا ھەزىلنىڭ ئورنىدا ئاڭلايدۇ.◎ پىلنى شېرىن تىل بىلەن سىلاپ ئەركىلەتسەڭ، بىر تال قىل بىلەن يېتەكلەيسەن.◎ كىشى ھەرگىز ئۆزىنىڭ نادانلىقىنى ئىقرار قىلمايدۇ، پەقەت شۇ كىشىكى، بىرى سۆزلەۋاتقان چاغدا سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا سۆز باشلىسا، بۇ ئاشۇ ئادەمنىڭ ئۆز نادانلىقىنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقى.◎ شۇ قوپال ئاۋاز بىلەن سەن يۈرەكنى قىرغاندەك، ھېچ كىشى گۈرجەك بىلەن تاش يۈزىدىن لاينى قىرماس.◎ سەن سۆزۈڭنىڭ راستلىقىنى بىلمىسەڭ ئۇنى ئېيتما.◎ سۆزلىگۈچىنىڭ كەمچىلىكىنى بىراۋ كۆرسىتىپ بەرمىگۈچە، ئۇنىڭ سۆزى تۈگىمەيدۇ.◎ ئەگەردە خىسلەت، كامالىڭ بولمىسا، تىلىڭنى ئاغزىڭدا ساقلاش ياخشىراق، تىل دېگەن ئادەمنى بولغاپ قويىدۇ.◎ كىمىكى دانالىقىمنى بىلسۇن، دەپ ئۆزىدىن داناراق كىشى بىلەن بەس–مۇنازىرە قىلسا، ئۆزىنىڭ نادانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويىدۇ.◎ نادان بىلەن سۆزلىشىپ قالغان دانا كىشى ئۆزىگە ھۆرمەت قىلىشنى كۈتمەسلىكى كېرەك، ئەگەر نادان كىشى دانانى سۆزدە يېڭىۋالسا، ئەجەبلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى، تاش گۆھەرنى چېقىپ تاشلايدىغۇ ئاخىر!◎ ئاقىل ئادەم بىر توپ چۈپرەندىلەر ئارىسىدا سۆزىنى ئاقتۇرالمىسا، ئەجەبلەنمىگۈلۈك، چۈنكى، دۇمباقنىڭ گۈمبۈرلىشى تەمبۇرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاتقۇزمايدىغۇ ھەمدە سامساقنىڭ پۇرىقى ئەنبەرنىڭ پۇرىقىنى بېسىپ كېتىدىغۇ.◎ ئەگەر نادانغا خوش–خوش دسەڭ، بىردىنلا كىبىرى ئۆسۈپ كۆرەڭ بولغاي.◎ كىمىكى سۆزنى چاغلاپ سۆزلىمىسە، ئاچچىق جاۋاب ئاڭلايدۇ.◎ يالغان سۆزلەش ئىز قالدۇرىدىغان زەربىگە ئوخشايدۇ، يارا ساقايغان تەقدىردىمۇ بەلگىسى قالىدۇ.
شەيخ سەئىدىنىڭ ‹‹گۈلىستان›› ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئەكبەر ئېلاخۇن رۇسىيە تەبىئىي پەنلەر ئاكادېمىيەس
2016-01-07 16:59:044694‹‹شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى›› ژۇرنىلى ۋە ‹‹شىنجاڭ مۇسۇ
2015-12-22 21:43:266381مايكول جېكسوننىڭ سەنئەت ھاياتىدىكى ئومۇمىي كىرىم
2015-12-19 18:08:058126چەرچەن زاغۇنلۇق قەدىمكى قەبرىستانلىقى
2015-02-11 18:36:404172بىل گايتسنىڭ باشقىلار بىلىپ كەتمەيدىغان 17 ئىشى
2016-02-07 18:01:316095‹‹ئىقتىسادشۇناسلار›› ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا نەزەر
2015-03-03 12:58:393308دىلغا ھۇزۇر گۈل-چىمەنلەر (2)
2015-04-20 15:47:013478ئوبامانىڭ كارخانىچىلار ھەققىدىكى نۇتۇقى
2015-04-01 12:20:354074
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-