نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئوبامانىڭ كارخانىچىلار ھەققىدىكى نۇتۇقى

ئوبامانىڭ كارخانىچىلار ھەققىدىكى نۇتۇقى

ۋاقتى: 2015-04-01 ئاۋاتلىقى: 4104 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەسلى تېمىسى: كارخانىلار ۋە ھۆكۈمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلسىلا، ئامېرىكا كەلگۈسىنى يارىتالايدۇ

(بۇ نۇتۇقنى ئوباما 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى ۋاشىنگتون شەھىرىدە ھەپتىلىك رادىيو پىروگراممىسىدا سۆزلىگەن)

توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى


   بۇ ھەپتە بىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىرى ۋە ئىشسىزلىق مەسىلىسى توغرىسىدىكى بىر پارچە دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالدۇق، بۇ دوكلات بىزنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىمىزنىڭ توغرىلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ئەمما بىز تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە نىشانغا يېتىپ بېرىشقا مۇھتاجمىز. بۇلتۇر 12-ئايدا، ئىككى پارتىيە ئورتاق ماقۇللىغان باجنى كېمەيتىش سىياسىتى قىسقا مۇددەت ئىچىدە نۇرغۇن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پۇرسىتىنى ياراتتى ھەمدە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ باجنى كېمەيتىش تەدبىرى ئامېرىكىلىقلارنىڭ مائاش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىشى ۋە خادىم ياللىشىغا نىسبەتەن غايەت زور دەرىجىدە رىغبەتلەندۈرۈش رولىنى ئوينىدى. 
   ئەمما، بىز مۆلچەرلىگەن تەرەققىياتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىشەنچلىك كۆرسەتكۈچلىرى ھەربىر ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئويلاۋاتقان ئامېرىكىلىق بىر كىشىلىك خىزمەت تاپالامدۇ-يوق؟ ئېرىشكەن بۇ خىزمەت پۇرسەتلىرى ئىش ھەققى ۋە تۈرلۈك پاراۋانلىقلار ئوبدان تەمىنلىيەلەمدۇ-يوق؟ ئامېرىكىلىقلار يەنە ئۆزى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ ‹‹ئامېرىكا چۈشى›› رېئاللىققا ئايلاندۇرالامدۇ-يوق؟ دېگەنلەردىن ئىبارەت. بۇ بىز قوغلىشىۋاتقان تەرەققىياتتۇر. 
   بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا بىز بۈگۈنكى يەر شارى رىقابىتى خاراكتېرلىك ئىقتىساد ئارقا كۆرۈنۈشى ئاستىدا، ئەڭ ياخشى ئىش ئورنى ۋە ئەڭ يېڭى كەسىپلەرنىڭ پەقەت ئاشۇ يۇقىرى تېخنىكا سەۋىيەسىگە ئىگە ئەمگەك كۈچلىرى، تەتقىقات ۋە تېخنىكىغا بارلىقىنى بېغىشلىغان، ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئادەم، تاۋار ۋە ئۇچۇرلار ئېقىپ يۈرىدىغان دۆلەتتە يىلتىز تارتىدىغانلىقىنى چوقۇم تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. كەلگۈسىنى يارىتىشتا، ئامېرىكا مائارىپ، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردە دۇنيادا بىرىنچى بولۇشقا مۇھتاج. 
   پەيشەنبە كۈنى مەن پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدىم، ئۇ يەردىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە تەتقىقاتچىلار ئامېرىكىنى يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش يولىدىكى يول باشلىغۇچىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تەرەددۇتلىنىپ بوپتۇ. ئۇلار بىزنىڭ پۈتۈن ئامېرىكىدىكى ئالىملار ۋە ئىنژېنېرلارغا بەرگەن رىقابەتنى قوبۇل قىلماقتا، ئەگەر سىز شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپىڭىزدىكى يۇقىرى پەللە ياراتقان ئىختىساسلىقلارنى تەشكىللەپ، ئامېرىكىنىڭ ئېنېرگىيە پاكىزلاش، ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان يۆنىلىش تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئەڭ زور قىيىنچىلىقلارنى نۇقتىلىق ھەل قىلسىڭىز، بىز خىزمىتىڭىزنى قوللايمىز، ھۆكۈمەت تەتقىقاتىڭىزنى قوللايدۇ. 
    پېنسىلۋانىيە خەلقى تېخىمۇ ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قۇرۇلۇشلارنى، جۈملىدىن تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك يورۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى، دەرىزىدىن تارتىپ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش، سوۋۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىگىچە كۈچەپ لايىھەلەشنى قارار قىلدى. بۇ ئېنېرگىيە بۇلغىنىشىنى ئازايتىپلا قالماستىن بەلكى، يەنە نەچچە مىليارد دوللارلىق ئېنېرگىيە خىراجىتىنى تېجىيەلەيدۇ. 
   ئەڭ مۇھىم بولغىنى شۇكى، ئىمارەتلەرنى تېخىمۇ ئېنېرگىيە تېجەش ئۇسۇلى بىلەن قۇرۇپ چىقىش جەريانىدا، يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسەتلىرىنى، يېڭى سودا پۇرسەتلىرىنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ. بۇلتۇرقى ئىككى يىلدا، بىز مارىلاند ئىشتاتىدىن كەلگەن بىر دەرىزە ياساش سودىگىرىنىڭ سودىسىنىڭ 55 پىرسەنت ئاشقانلىقىنى، شىمالىي كالورىنا ئىشتاتىدىن كەلگەن بىر يورۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى زاۋۇتىنىڭ نەچچە يۈز ئىشچىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى، پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىدىن كەلگەن بىر زاۋۇتنىڭ سودىسىنىڭ بىر مىليون دوللار ئاشقانلىقىنى كۆرگەن. 
   بىزنىڭ بۇ كارخانىلار ئۈچۈن قىلغان-ئەتكەنلىرىمىز پەقەت بىر قىسىم باجدا ئېتىبار بېرىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش بىلەن تەمىنلەشتىنلا ئىبارەت، خالاس. لېكىن بۇ دەل بىزنىڭ ئارزۇيىمىزدىكى داۋاملىق قىلىپ بېرەلەيدىغىنىمىز بولۇپ، ئامېرىكا كارخانىلىرىغا پېنسىلۋانىيە ئىشتاتى ۋە باشقا يېڭىلىق يارىتىش مەركەزلىرىدىكى ئالىملارنىڭ كەشپىياتلىرىنى سېتىش ئارقىلىق پايدا ئېلىپ كېلىشتىن ئىبارەت. ئەگەر كارخانىلار بۇ كەشپىيات نەتىجىلىرىنى ساتماقچى بولسا، جۈملىدىن ئەگەر ئۇلار ئېنېرگىيە تېجەيدىغان دەرىزە، ئىزولياتور ماتېرىياللىرىنى ياساشنى ۋە ئىمارەت سېلىشنى باشلىسا، ئۇلار چوقۇم نۇرغۇن ئىشچى ياللايدۇ. بۇ دەل ئامېرىكىنى گۈللەندۈرىدىغان ئۇسۇل، شۇنداقلا بىزنىڭ كەلگۈسىنى يارىتىشىمىزدىكى ئۇسۇل. 
   ھۆكۈمەتنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى سودا قىلىشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان جاي ئىكەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتى بار، بىزدە ئەڭ ياخشى مەكتەپلەر، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرىدىغان تەدبىرلەر ۋە ئەڭ ياخشى ئۇل ئەسلىھەلەر بار. كېلەركى ھەپتە مەن مىچىگان ئىشتاتى ماركۇت شەھىرىدە بۇنداق ئۇل ئەسلىھەلەرنى كۆرمەكچىمەن، ماركۇت شەھىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك كەڭ بەلباغ تورى ئارقىلىق تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقە باغلاۋاتىدۇ. 
   بۇ تۈردىكى 21-ئەسىر ئۇل ئەسلىھەلەر ۋە كۈچلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان كارخانىلارنى قوللاش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز. ئەمما بۇ كارخانىلارنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بار. ئەگەر ئامېرىكىنى دۇنيادىكى سودا قىلىشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان جاي قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا توغرا كەلسە، كارخانىلار بۇ يەردە ئۆسۈپ يېتىلىشكە ۋە زورىيىشقا مۇھتاج بولىدۇ. ئۇلار بۇ يەردە دۇكان ئېچىشى، خادىملارنى ئىشلىتىشى، ئىش ھەققىنى ئوبدان بېرىشى، ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىگە مەبلەغ سېلىشى كېرەك. بۇ ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيىتى. بۇ مەن دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا سودىگەرلەر ئويۇشمىسىدا سودا رەھبەرلىرىگە يەتكۈزىدىغان ئۇچۇرلىرىم بولۇپ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مەجبۇرىيىتى بار، ئەگەر بىز بۇ مەجبۇرىيەتلەرنى ئورتاق ئادا قىلىدىغان بولساق، ئۇ ھالدا ھەممىمىز مەنپەئەتلەنگەن بولاتتۇق. بىزنىڭ ئىشچىلىرىمىز ئۇتۇق قازانغان بولاتتى. بىزنىڭ دۆلىتىمىزمۇ گۈللەنگەن بولاتتى. ئامېرىكا بۇ ئەسىردە ئالدىنقى ئەسىردىكىدەك پارلاق نۇر چېچىپ، كەلگۈسىنى داۋاملىق يارىتالايدۇ. 
   كۆپچىلىككە رەھمەت!
مەنبەسى: نىدائىي يانبىلوگى
ئۈندىدار نومۇرى: otyurak001
Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى