نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

‹‹بۆرە تۇتېمى››دىكى ھېكمەتلەردىن ئۈزۈندىلەر

‹‹بۆرە تۇتېمى››دىكى ھېكمەتلەردىن ئۈزۈندىلەر

ۋاقتى: 2015-07-04 ئاۋاتلىقى: 4458 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

‹‹بۆرە تۇتېمى››دىكى ھېكمەتلىك سۆزلەردىن ئۈزۈندىلەر


   1. يېتەلمەيدىغان ئوۋ يوق، پەقەت سەندە شۇ يۈرەك بولسىلا؛ قىلالمايدىغان ئىش يوق، پەقەت سەن كۆڭۈل قويساڭلا.
   2. ئوۋ بولمىسا ئوۋ ئىزدىگىن، ئوۋ بايقىساڭ ئۇنى قوغلىغىن. ئىزدەش، بايقاش، ئىنتىلىش، ئېرىشىش— بۇ بۆرىنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان نەرسىدۇر.
   3. مەيلى تۈمەنلىگەن قويلار بولسۇن، ياۋۇز يولۋاس بولسۇن، بىز چېكىنمەيمىز. لېكىن ئىنسانلارنىڭ مىلتىقىدىن مۇۋاپىق ئۆزىنى دالدىغا ئېلىش يەنىلا دانالىقتۇر. بىزدە مۇۋەپپىقىيەتكە بولغان ئىشەنچ كەم ئەمەس، لېكىن بىز ھەرگىزمۇ خام خىيال بىلەن ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىدىغان كالۋا ئەمەس.
   4. ئوۋدا جېنىنى تىكىپ يۈگۈرگەنگىلا بولمايدۇ، بولۇپمۇ بىر توپ ئوۋغا ئۇچرىغاندا، زۆرۈر بولغان تەييارلىق ۋە باسقۇچلار غەلىبە قىلىشنىڭ ئاساسى. پىلانلاش بولسا بۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى بىردىنبىر كاپالەت.
   5. بىز ھەرگىزمۇ ئازراق ۋاقتىمىز ۋە زېھنىمىزنى ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا سەرپ قىلمايمىز، چۈنكى بىزنىڭ كۆزىمىز مەڭگۈ ئوۋدا.
   6. تەبىئەت سىرلىق ۋە ئۇلۇغ، بۇ ھەممىگە قادىر تەبىئەت ئىلاھىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا ياشاش ئەسلىدىنلا ناھايىتى كۈچلۈك ئىقتىدار تەلەپ قىلىدۇ، ئەگەر تەبىئەتنى ئۆزگەرتەلمىگەندە ئۇنىڭغا ماسلىشىش كېرەك.
   7. ئەگەر چوقۇم ھەسرەت چېكىش كېرەك بولسا، ھەسرەتنى بىر قېتىملىق چېنىقىش دەپ بىلىڭ، ئەگەر مۇقەررەر ساقلانغىلى بولمىسا، شىۋىرغانلار تېخىمۇ بەك گۈركىرىسۇن!
   8. چوڭ ئىشلارنى قىلماقچى بولغانلار چوقۇم ئىگىلەلىشى لازىم، پەقەت ئاخىرقى نىشانغا يېتەلىسىلا، جەرياننى ھەرخىل تاللىغىلى بولىدۇ.
   9. ھاياتلىقتىكى كۈرەش ئۈزلۈكسىز سەرپ قىلىش ئەمەس، ھەر قانچە كۈچلۈك ئادەمنىڭمۇ چارچايدىغان چاغلىرى بولىدۇ، ئىشلەش بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش ھايات كەچۈرۈشتىكى ئىسىتراتېگىيە. سالامەتلىك بولسا مەۋجۇتلۇقنىڭ ئاساسى، ئارام ئېلىش كۈرەشنىڭ باشلانمىسى.
   10. بىز گەرچە يۇرتىمىزدىن مېھرىمىزنى ئۈزەلمىسەكمۇ، لېكىن خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغاندا، ھاياتىمىزغا خەۋپ يەتكەندە، بىز ئايرىلىشنى تاللايمىز. يۇرتتىن ئايرىلىش ئۆزىنى قاچۇرۇش ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ گۈزەل ئەتىگە ئېرىشىش ئۈچۈندۇر.
   11. يايلاقتا بىزنىڭ ھېچنەرسىمىز قالمىسىمۇ، ھېچبولمىغاندا جۈرئىتىمىز بار. بۇ بىزنىڭ ئەڭ زور بايلىقىمىز، جۈرئەت بولغاندا بىز ھەممىگە ئېرىشەلەيمىز.

   12. بۆرىنىڭ نەزەرىدەم مەغلۇبىيەتتىن كېيىنكى بوشىشىش مەۋجۇت ئەمەس، چۈنكى ئۇلار مەيلى قانچە قېتىم مەغلۇب بولسۇن، بەرىبىر بىر كۈنلەردە غەلىبە قىلىدىغىنىنى بىلىدۇ. شۇڭا بۆرە مەڭگۈ يايلاقنىڭ شاھى.


ـــ ئاتاقلىق تەرجىمان، شائىر ئىمىن ئەھمىدىي تەرجىمە قىلغان، ئاتاقلىق خەنزۇ يازغۇچىسى جياڭ رۇڭنىڭ ‹‹بۆرە تۇتېمى›› ناملىق روماندىن ئېلىندى



بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى