قىزىقارلىق چەت ئەل يۇمۇرلىرى
-
قىزىقارلىق چەت ئەل يۇمۇرلىرى
ۋاقتى: 2015-03-11 ئاۋاتلىقى: 4129 قېتىميانفوندا كۆرۈش
قىزىقارلىق چەت ئەل يۇمۇرلىرى
ئايال دېگەن زەھەرلىك دورا
بېل مۇھەببەتتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، دوستلىرىغا قاقشاپ بېرىپتۇ:— ئايال دېگەن ئاپەت، ئايال دېگەن ئەڭ يامان زەھەرلىك دورا. مەندىن ئىبرەت بولغاي، ھەرگىز ئايال زاتىغا يېقىن يولىماڭلار!ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتۈپ، بىر دوستى قاۋاقخانىدا ئۇنىڭ بىر قىزغا چاپلىشىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قاپتۇ:— ۋۇي، سەن قانداقلارچە يەنە زەھەر بىلەن بىللە بولۇپ قالدىڭ؟— سۆيگۈنۈمدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن، — دەپتۇ بېل ئۇھ تارتىپ، — بەكلا چۈشكۈنلىشىپ كېتىۋاتىمەن. بۇنداق كۈنگە قالغۇچە زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالايمىكىن، دەيمەن.
پۇشايماننى ئالىدىغانغا قاچا يوق
دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىلمىي ماقالە يازغان ئەر ئايالىغا دەپتۇ:— ماقالىنى تېزرەك يېزىپ بەرگىن. ھەي...ئەگەر قايتا توي قىلىدىغان بولسام، چوقۇم خەتنى ھەم تېز، ھەم توغرا يازالايدىغان ئايالنى ئالغان بولاتتىم!ئايالمۇ بوش كەلمەپتۇ:— ھەي... مەن قايتا ئەرگە تېگىدىغان بولسام، چوقۇم دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ بولغان ئەرگە تەگكەن بولاتتىم!ئۆز–ئۆزىگە كايىشكارل ئايالىغا دەپتۇ:— سۆيۈملۈكۈم، سوۋغىتىمنى قوبۇل قىلىڭ، قاراڭ بۇ بىر تىزىق مەرۋايىتقا، ئۇنىڭدا 22 دانە مەرۋايىت بار.— نېمىشقا 22 دانە بولىدۇ؟— سىزنىڭ يېشىڭىز بىلەن ئوخشاش.— ئەسلىدە مۇنداقكەندە، — دەپتۇ ئايال ئۆزىگە كايىپ، — ئېسىت، بۇنداق بولارىنى بىلگەن بولسام، 30 ياشقا كىرگەنلىكىمنى ئېيتاركەنمەن.تىجارەتنىڭ ئېپى
بىر خېرىدار ھۆسن تۈزەش بۇيۇملىرى دۇكىنىغا كىرىپ، تاقىرباش خوجايىندىن سوراپتۇ:— سىزنىڭ بۇ يەردىكى ھۆسن تۈزەش مېيىڭىز راستتىنلا ئادەمنىڭ ياشلىق باھارىنى مەڭگۈ ساقلاپ قالالامدۇ؟خوجايىن يېنىدا تۇرغان ياش پىركازچىك قىزنى تارتىپ، يۇقىرى ئاۋازدا دەپتۇ:— ئاپا، ئۇ بىزنىڭ ھۆسن تۈزەش مېيىمىزدىن گۇمانلانغانىكەن، ئەمدى سېنىڭ تېرەڭنى بىر كۆرۈپ باقسۇن!
نېمىشقا بىللە بارمىدىڭىزبىر ئايال يىغلىۋەتكۈدەك بولۇپ ئېرىگە شۇنداق دەپتۇ:— بايا مەن كونا قوشنىمىز جونس خانىمنى ئۇچرىتىپ قالدىم. ئۇنىڭدىن ئېرىنى سورىسام، ‹‹ئۇ يوق›› دېدى. مەن تېخى ئېرىنى سەپەرگە چىقىپ كەتكەن ئوخشايدۇ، دەپتىمەن، شۇنىڭ بىلەن....— سەن نېمە دېدىڭ؟ — دەپ سوراپتۇ ئېرى،— ھەقىچان ‹‹ئۇ بولمىسا تېخى ياخشى›› دېگەنسەن؟— ئۇنىڭدىن بەتتەررەك! مەن: ‹‹سىز نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارمىدىڭىز››، دەپتىمەن! ئەسلىدە ئۇنىڭ ئېرى ئالدىنقى ھەپتە ئۆلۈپ كېتىپتىكەن ئەمەسمۇ!
چاندۇرۇش
سەھەردە، ئاتلىق ئەسكەرنىڭ ئايالى سوراپتۇ:— كېچىدە جۆيلۈپ ‹‹جېسسى، جېسسى!...››، دەۋەردىڭ، جېسسى دېگەن زادى كىم؟— ئۇمۇ؟ ئۇ دېگەن مېنىڭ ئېتىم.— لېكىن، تۈنۈگۈن سەن ئۆيدە يوق چاغدا ئېتىڭدىن ئىككى قېتىم تېلېفون كەلدىغۇ؟!
خەمىت نېغمەت تەييارلىغان‹‹جۇڭگو مىللەتلىرى›› ژۇرنىلىنىڭ 2011–يىللىق 4–سانىدىن ئېلىندى
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر رۇبائىيلىرى (1)
2015-02-05 10:58:303662مۇسابىقىدىكى قىزىقارلىق كىيىنىۋالغانلار
2015-04-28 15:46:433870ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ ياسىلىشى
2015-03-15 01:37:133500نوپۇسسىز كىشىلەرنى نوپۇسقا ئېلىش مەسىلىسى ھەل قى
2016-01-14 17:47:584236دۇنياۋى ناخشىچى دېڭ لىجۈننىڭ ھاياتى
2015-08-12 13:20:265799ئېرتىش دەرياسىنىڭ قىشتىكى مەنزىرىسى
2015-11-26 01:18:193009داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (8)
2015-03-01 12:30:103455شەرق مەدەنىيىتىدىكى نۇرلۇق مەرۋايىت - دەشتئاتا
2016-02-07 01:39:054464
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-