نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

نوپۇسسىز كىشىلەرنى نوپۇسقا ئېلىش مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ

نوپۇسسىز كىشىلەرنى نوپۇسقا ئېلىش مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ

ۋاقتى: 2016-01-14 ئاۋاتلىقى: 4224 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

گوۋۇيۈەن نوپۇسسىز كىشىلەرنى نوپۇسقا تىزىملاش مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىدۇ



جۇڭگو ھۆكۈمەت تورى خەۋىرى، توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى: گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا ‹‹نوپۇسسىز كىشىلەرنى نوپۇسقا تىزىملاش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر››نى تارقىتىپ، نوپۇسسىز كىشىلەرنىڭ نوپۇسقا تىزىملاش مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەربىر پۇقرانىڭ قانۇن بويىچە دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسقا تىزىملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نوپۇس تىزىملاش بەلگىلىمىسىگە ماس كەلمەيدىغان ھەر قانداق ئالدىنقى شەرتلەرنى قويۇشىنى چەكلىدى.
‹‹پىكىر››دە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ماس كەلمەيدىغان نوپۇسسىز كىشىلەر، ‹‹توغۇلۇش تېببىي ئىسپاتى›› بېجىرمىگەن نوپۇسسىز كىشىلەر، بېقىۋېلىش رەسمىيىتى بېجىرمىگەن، ھەقىقىي بېقىۋالغان نوپۇسسىز كىشىلەر قاتارلىق سەككىز تۈردىكى نوپۇسسىز كىشىلەر قانۇن بويىچە نوپۇسقا تىزىملايدىغان كونكرېت سىياسەتنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

‹‹پىكىر››دە يەنە ۋەزىپە ۋە نىشانلارنى قانداق ئوتتۇرىغا قويۇش؟ بۇ نوپۇسسىز كىشىلەرنىڭ نوپۇس مەسىلىسىنى قانداق كونرېت ھەل قىلىش؟ ھەرقايسى رايون، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار قانداق ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىدۇ؟

نوپۇسسىز كىشىلەرنى نوپۇسقا تىزىملاش مەسىلىسىنى نېمىشقا ھەل قىلىش كېرەك؟

قانۇن بويىچە نوپۇسقا تىزىملاش قانۇننىڭ پۇقرالارغا بەرگەن بىر تۈرلۈك ئاساسىي ھوقۇقى بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم جايلار ۋە تارماقلاردا يەنىلا سىياسەت خاراكتېرلىك توسالغۇ قاتارلىقلار ئامىللار سەۋەبىدىن، قىسمەن پۇقرالارنىڭ نوپۇسسىزلىق مەسىلىسى يەنىلا نىسبەتەن گەۋدىلىك بولۇپ، پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشقا پايدىسىز ھەمدە دۆلەتنىڭ يېڭىچە نوپۇس تەۋەلىكى تۈزۈمىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ۋە مۇكەممەللىشىشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتمەكتە.

ۋەزىپە ۋە نىشانلار نېمە؟

نوپۇس تىزىملاش سىياسىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نوپۇس تىزىملاش بەلگىلىمىسىگە ماس كەلمەيدىغان ھەرقانداق ئالدىنقى شەرتلەرنى تۇرغۇزۇۋېلىشىنى چەكلەش؛ نوپۇس تىزىملاشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نوپۇسسىز كىشىلەرنى تىزىملاش مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىپ، ھەربىر پۇقرانىڭ قانۇن بويىچە بىر دائىمىي نوپۇسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ نوپۇس ۋە پۇقرالار كىملىك نومۇرىنىڭ توغرا، بىردىنبىر، نوپۇزلۇق بولۇش نىشانىنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش.

قايسى نوپۇسسىز كىشىلەر بۇ سىياسەتتىن مەنپەئەتلىنىدۇ؟

بىرىنچى، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ماس كەلمەيدىغان نوپۇسسىز كىشىلەر.

سىياسەتتىن تاشقىرى پەرزەنتلىك بولغان، نىكاھسىز پەرزەنت كۆرگەن نوپۇسسىز كىشىلەر، مەزكۇر كىشى ياكى باشقا ھامىيلىق قىلغۇچى ‹‹تۇغۇلۇش تېببىي ئىسپاتى›› ۋە ئاتا-ئانىسى تەرەپنىڭ ئاھالىلار نوپۇس دەپتىرى، توي خېتى ياكى نىكاھسىز پەرزەنتلىك بولۇش چۈشەندۈرۈشى بويىچە، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەركىن ئولتۇراقلىشىش سىياسىتى بويىچە، دائىمىي نوپۇسقا تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئاتىسىنىڭ نوپۇسىغا ئىلتىماس قىلغان نىكاھسىز تۇغۇلغان نوپۇسسىز كىشىلەر سالاھىيەتلىك باھالاش ئورگىنى چىقىرىپ بەرگەن ئۆز بالىسى ئىكەنلىكىنى باھالاش ئىسپاتىنى ئېلىپ كېلىشى كېرەك.

ئىككىنچى، ‹‹تۇغۇلۇش تېببىي ئىسپاتى›› بېجىرمىگەن نوپۇسسىز كىشىلەر.

تۇغۇت ئورگانلىرىدا تۇغۇلغان نوپۇسسىز كىشىلەر مەزكۇر كىشى ۋە ھامىيلىق قىلغۇچى بۇ تۇغۇت ئورگىنىغا ‹‹تۇغۇلۇش تېببىي ئىسپاتى›› چىقىرىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىش؛ تۇغۇت ئورگانلىرىنىڭ سىرتىدا تۇغۇلغان نوپۇسسىز كىشىلەر، مەزكۇر كىشى ياكى ھامىيلىق قىلغۇچى سالاھىيەتلىك باھالاش ئورگىنى چىقىرىپ بەرگەن ئۆز بالىسى ئىكەنلىكىنى باھالاش ئىسپاتى بىلەن تەمىنلەپ، ئۆزى ئولتۇراقلاشقان ناھىيە دەرىجىلىك سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ ھاۋالە ئورگىنىغا ‹‹تۇغۇلۇش تېببىي ئىسپاتى››غا ئىلتىماس قىلىش؛ نوپۇسسىز كىشىلەر ياكى ھامىيلىق قىلغۇچىلار ‹‹تۇغۇلۇش تېببىي ئىسپاتى›› ۋە ئاتا-ئانىسى تەرەپنىڭ ئاھالىلار نوپۇس دەپتىرى، توي خېتى ياكى نىكاھسىز پەرزەنتلىك بولۇش چۈشەندۈرۈشىگە ئاساسەن، دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسقا تىزىملىتىشنى بېجىرىشكە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

ئۈچىنچى، بېقىۋېلىش رەسمىيىتى بېجىرمىگەن، ھەقىقىي بېقىۋالغان نوپۇسسىز كىشىلەر.

بېقىۋېلىش رەسمىيىتى بېجىرمىگەن، ھەقىقىي بېقىۋالغان نوپۇسسىز كىشىلەر رەسمىيەت بېجىرگەندە، قاتناشقۇچىلار خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىغا بەلگىلىمە بويىچە بېقىۋېلىشقا تىزىملىتىشقا ئىلتىماس قىلىش، ئىلتىماس قىلغان ‹‹بېقىۋېلىشقا تىزىملاش كىنىشكىسى››، بېقىۋالغان ئاھالىنىڭ نوپۇش دەپتىرىگە ئاساسەن، دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسقا تىزىملىتىشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 1999-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ‹‹مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بېقىۋېلىش قانۇنى›غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قارارى›› يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى، دۆلەت ئىچىدىكى پۇقرالار خۇسۇسىي بېقىۋالغان بالىلارنى بېقىۋېلىشقا تىزىملاتمىغانلار، قاتناشقۇچىلارمۇ بەلگىلىمە بويىچە گۇۋاھلىق ئورگانلىرىغا ھەقىقىي بېقىۋېلىشقا دەلىللەشكە ئىلتىماس قىلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ دەلىللىشى ئارقىلىق، نوپۇس تىزىملاش رەسمىيىتى بېجىرمىگەنلەر ھەقىقىي بېقىۋېلىش جامائەت گۇۋاھلىقى خېتى، بېقىۋالغۇچىنىڭ نوپۇس دەپتىرىگە ئاساسەن، دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسقا تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

تۆتىنچى، يوقاپ كەتكەنلىكى ياكى ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن نوپۇسى تىزىمدىن چىقىرىۋېتىلگەن كىشىلەر.

يوقاپ كەتكەنلىكى ياكى ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن نوپۇسى تىزىمدىن چىقىرىۋېتىلگەن كىشىلەر. خەلق سوت مەھكىمىلىرى قانۇن بويىچە يوقاپ كەتكەنلىكى ياكى ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن قايتا پەيدا بولۇپ قالغان كىشىلەر ئۆزى ياكى ھامىيلىق قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىك ياكى ئۆلۈپ كەتكەنلىكىگە دائىر ئۇقتۇرۇشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ئالاقىدار ئۈنۈملۈك كېسىمنامىسى بويىچە، دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسقا تىزىملاشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

بەشىنچى، يېزا-كەنتلەردىكى تويلىشىش سەۋەبلىك ئەسلى تەۋە نوپۇسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان كىشىلەر.

يېزا-كەنتلەردىكى تويلىشىش سەۋەبلىك ئەسلى تەۋە نوپۇسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان كىشىلەر جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈش دەلىللىشى ئارقىلىق باشقا جايدا ئولتۇراقلاشمىغان بولسا، ئەسلى نوپۇسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان جايدا دائىمىي نوپۇسقا تىزىملىتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسقا تىزىملىتىش ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، ھازىر تۇرۇشلۇق ئورنىنىڭ شارائىتى ماس كەلسە، نوپۇس يۆتكەپ تىزىملىتىشنى بېجىرسە بولىدۇ.

ئالتىنچى، نوپۇس يۆتكەش كىنىشكىسى يوقاپ كەتكەن ياكى ئۈنۈملۈك مۇددىتى توشۇپ كەتكەن نوپۇسسىز كىشىلەر.

نوپۇس يۆتكەش كىنىشكىسى يوقاپ كەتكەن ياكى ئۈنۈملۈك مۇددىتى توشۇپ كەتكەن نوپۇسسىز كىشىلەر كىنىشكە تارقاتقان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا نوپۇس يۆتكەش كىنىشكىسىنى تولۇقلاپ بېجىرىش، ئالماشتۇرۇشقا ئىلتىماس قىلىپ، تولۇقلاپ ئالغان، ئالماشتۇرغان نوپۇس يۆتكەش كىنىشكىسىگە ئاساسەن نوپۇس يۆتكەشنى تىزىملاشنى بېجىرىش كېرەك. كۆچۈپ كەلگەن جايدا ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان نوپۇس يۆتكەش سىياسىتىگە ماس كەلمەيدىغان ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئەسلى نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇندا دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسقا تىزىملىتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، باشقا كىشىلەر نوپۇسىنى يۆتكەپ بارغان جايدا دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسقا تىزىملىتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

يەتتىنچى، دۆلىتىمىز پۇقرالىرى ۋە چەت ئەللىكلەر، دۆلەت تەۋەلىكى يوق نىكاھسىز پەرزەنتلىك بولغان نوپۇسسىز كىشىلەر.

دۆلىتىمىز پۇقرالىرى ۋە چەت ئەللىكلەر، دۆلەت تەۋەلىكى يوق كىشىلەر دۆلىتىمىز تەۋەسىدە نىكاھسىز پەرزەنتلىك بولغان، باشقا دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتمىگەن نوپۇسسىز كىشىلەرنىڭ ئۆزى ياكى دۆلىتىمىز تەۋەلىكىدىكى ھامىيلىق قىلغۇچىسى ‹‹تۇغۇلۇش تېببىي ئىسپاتى››، ئاتا-ئانىسىنىڭ نىكاھىس تۇغۇلۇش چۈشەندۈرۈشى، مەملىكىتىمىز پۇقرالىرىنىڭ بىر تەرەپنىڭ ئاھالىلار نوپۇس دەپتىرىگە ئاساسەن، دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسقا تىزىملىتىشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ‹‹تۇغۇلۇش تېببىي ئىسپاتى›› بېجىرمىگەنلەر سالاھىيەتلىك ئورگانلارنىڭ ئۆز بالىسى ئىكەنلىكىنى باھالاش ئىسپاتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

سەككىزىنچى، باشقا نوپۇسسىز كىشىلەر.

باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نوپۇسسىز بولۇپ قالغان كىشىلەرنىڭ ئۆزى ياكى ھامىيلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىۋاتقان ئورۇنلار ۋە شەخسلەر ئىلتىماس سۇنۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئارقىلىق ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەكشۈرۈپ دەلىللىشىدىن كېيىن، دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسقا تىزىملىتىشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى