نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

دىيارىمىزدىكى يۇرتلارنىڭ تەخەللوسى

دىيارىمىزدىكى يۇرتلارنىڭ تەخەللوسى

ۋاقتى: 2015-05-01 ئاۋاتلىقى: 4988 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىر قىسىم ئۇيغۇر يۇرتلىرىنىڭ تەخەللوسى
   نۇرغۇن يۇرتلىرىمىزنىڭ تەخەللۇسى بولغان بولۇپ، ئاتىلار، بوۋىلار ھەرقايسى يۇرتلارنى تۆۋەندىكىدەك ئاتاپ كەلگەن :
   ئەزىزانە قەشقەر، شەھىدانە خوتەن، پىرىيانە يەكەن، غازىيانە ئاقسۇ...دېگەندەك. بۇنىڭمۇ ئۆزىگە چۈشلۈك تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى بولۇپ، بۇ ھەقتە ئېنىق بولمىغان قاراشلاردىن بولسىمۇ تورداشلارنى خەۋەردار قىلماقچىمەن.

   1. شېھىدانە خوتەن
   خوتەن خەلقىنىڭ داستان رىۋايەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمىدا خوتەننى شېھىدانە خوتەن دەپ تىلغا ئالىدۇ.بۇنىڭدا مۇنداق ئىككى ۋەقە كۆپ تىلغا ئېلىنىدۇ:بىرى19-ئەسىرنىڭ ئاخىردا خوتەندە مەنچىڭ خانلىقىنىڭ زۇلمىغا قارشى ئابدۇراھمان خانپاششا ئىسىملىك ئەزىمەتنىڭ باشچىلىقىدا قوزغىلاڭ كۆتۇرۇپ غەلىبە قىلغان ھەم ئىسلام دۇلىتى قۇرغان. ئۇزۇن ئۆتمەي بەدۆلەت قوشۇن باشلاپ بېرىپ ئۇلارنى ئالداپ، قەسلەپ ئۆلتۇرۋەتكەن. بۇنىڭ بىلەن خوتەن خەلقى پادىشاسىنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۇچۇن ئۇرۇش قىلىپ، نەچچە ئون مىڭ پۇخرا شېھىت بولغان. بۇلارنىڭ باشلىرىدا نەچچە يۇزمىتىر ئىگىزلىكتە تاغ ياسىغان. شۇڭا خوتەن شېھىدانە خوتەن دەپ ئاتالغان. بۇھەقتىكى مەلۇماتلار «ئابدۇراھمان خانپاشا» دېگەن خەلق داستانىدا تەپسىلىي بايان قىلىنغان. يەنەبىرى: خوتەن خەلقى ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كىيىن، ئۇزۇن ئۆتمەي تۇرپاندىكى ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلمىغانلار تەرپىدىن باستۇرلۇشقا ئۇچراپ، بۇتۇن بىرشەھەرنىڭ ئادەملىرى بىر مەيدانغا يېغىلغان،خوتەنلىكلەرنى ئىسلام دىنىدىن قايتۇرۇش ئۇچۇن بىردىن باغلاپ بوينىغا قىلىچ تەڭلەپ تۇرۇپ،خۇدا نەچچى دەپ سورىغان،خوتەنلىكلەر بىر دەپ جاۋاپ بەرگەن،شۇنىڭ بىلەن كاللىسىنى چېپىۋەتكەن، يەنە بىردىن سورىغان بىر دەپ جاۋاپ بەرگەن كاللىسىنى چېپىۋەتكەن، شۇنداق قىلىپ نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ كاللىسىنى چېپىۋەتكەن. ھەممىسى قېلىچ ئالدىدا تەمتىرمەستىن بىر دەپ جاۋاپ بەرگەن، شۇڭا خوتەنلىكلەر بىرنى بىر دەيدۇ،جاھىل خەق دەپ نام ئالغان ھەمدە شۇقېتىم شېھىت بولغانلار بەك كوپ بولغاچقا شۇندىن بىرى خوتەن شېھىدانە خوتەن دەپ ئاتىلىپ كەلگەن.
   2. ئەزىزانە قەشقەر
   مۇھەممەت سىدىق يەركەندىنىڭ، مۇھەممەد سادىق كاشىغەرىنىڭ « دىۋان زەلىلى -- سەپەرنامە »، « تەزكىرەئىي ئەزىزان » ناملىق ئەسەرلىرىدە مۇنداق تەبىر بېرىلگەنلىگى قەيت قىلىنغان:
   «سۇتۇق بۇغراخان، ئەبۇناسىر سامانىي، ئىمانىدىن كاشىغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئىمام زاھىت ھۈسەيىن پەيزۇللا، خوجا ياقۇپ، ئىمام زاھىت خەلەپ، ئەبى ھۈسەيىن، ئىمام زاھىت قۇتبىدىن، مۇسا بۇغراخان، ئوسمان بۇغراخان، سەيد ئارسلانخان، قىلىچ بۇغراخان، ھەسەن بۇغراخان، ئابدۇغاپپار بىننى ھۈسەيىن كاشىغارى، بىبى مەريەم بىننى سۇتۇق بۇغراخان، تۇركان خاتۇن -- نۇرئەلا نۇرخان بىننى سۇتۇق بۇغراخان، يۈسۈپ قىدىرخان............ قاتارلىق زاتلارنىڭ قەشقەر ئەتراپىدا قەۋرىسى بولغانلىقى ئۈچۈن شۇڭا بۇ ئەزىزلەر ھۆرمىتىگە ~ « ئەزىزانە كاشىغەر » دەپ ئاتالدى. خەلقىمۇ ئەزىز بولغۇسى..... » دېيىلىدۇ.
   3. غازىيانە ئاقسۇ
   بۇ ئاقسۇ خەلقىنىڭ قۇرقماس،باتۇر،قەيسەرلىگى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.11-ئەسىرنىڭ ئاخىرى12-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئاقسۇ خەلقى ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىغاندىن كىيىن،ئۇلارمۇ تۇرپاندىكى يات دىندىكىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان،دۇشمەن ئىنتايىن كۇچلۇك،ئاقسۇلۇقلار ئىنتايىن ئاجىز ئەھۋالدا ئۇلار ئىتتىپاقلىشىپ،«ئۆلسەك شېھىت،تىرىك قالسان غازى»دەپ باتۇرلۇق بىلەن كۇرەش قىلىپ،دۇشمەن ئۇستىدىن غالىپ كەلگەن.شۇندىن بۇيان ئاقسۇنى غازىيانە ئاقسۇ دەپ ئاتايدىغان بولغان،بۇ ھەقتىكى پاكىتلار ئۇنسۇ ناھىيسىدىكى «قىرمىش ئاتام مازىرى»دىكى مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە توغراقلار ئارقىلىق ئىسپاتلىنىپ تۇرۇپتۇ.
رىۋايەتلەردە ~ ئاقسۇ شەھىرى ئەتراپىدا قەدىمدىن تارتىپ ھەر خىل جەڭلەردە شېھىتلىك مەقامىغا يەتكەن ئاتاقلىق شەخسلەر كەم، تولاراق ئۇلار جەڭلەردە غەلىبە قىلغان. شۇڭا  غازىيانە ئاقسۇ» دەپ ئاتالغان ~ دېيىلىدۇ. بىبى مەسۇم ئەزىزەم ئىپارخان 1759 - يىلى ئۇرۇشتا ھايات قالغاچقا شۇ نام بېرىلگەن ~~~ مۇ دېيىلىدىكەن.
   4. پىرىيانە يەكەن
   15 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئارقىمۇ - ئارقا ئېقىپ كىرگەن تەسەۋۋۇپ پىشۋالىرىدىن سەمەرقەندلىك خوجا مۇھەممەت شېرىپ بۈزرۈكلەر، خوجا ئەخمەت كاسانى، ئەبەيدۇللا سۇرىددى مەختۇم ئەزەم ئوغۇللىرىدىن -- خوجا مۇھەممەتئىمىن، خوجا مۇھەممەت يۈسۈپ، خوجا ئاپپاق. خوجا ئىسھاق نەۋرىلىدىدىن -- خوجا دانىيال، خوجا ياقۇپ، خوجا ھاشىم، خوجا قاسىم قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق پىر - ئىشانلار جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاقسۇ، قەشقەر، يەكەن، خوتەن ھەتتا قۇمۇل رايونلىرىغىچە تارقىلىپ ~ تەسەۋۋۇپ - تەرىقىچىلىك پىكىر ئېقىمىنى تارقاتقان. يەكەنگە توپلىشىپ نۇرغۇن ئىشلارنى تەرگەن.... شۇڭا بەزى ماتىرىياللاردا، شۇ زاماندىكى يەكەننىڭ ھەر بىر كوچىسىدا بىر خانىقا، ھەر مەھەللىدە بىر « ئىشان » بار بولغان. شۇڭا، پۈتۈن پىر - ئىشانلار توپلانغا ياكى پىر - ئىشانلار بۇ يەردە كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن ~~ « پىرىيانە يەكەن» دەپ ئاتالغانىكەن. بۇنىڭ مەنىسى --- پىر سۈپەتلىك يەكەن دېگەن مەنىدىكەن. بۇ بىر رىۋايەت.
   5. غېرىبانە تۇرپان
   كۆپلىگەن كىشىلەر ياكى بولمىسا تۇرپاننىڭ يەرلىك كىشىلىرى مۇقەددەس كىتاب « قۇرئان كەرىم » دىكى « سۈرەكەھف» قىسمىدا بايان قىلىنغان « ئەسھابۇلكەھف » ۋەقەلىكىنىڭ قاتناشچىلىرى تۇرپاندىكى تۇيۇق غار مازىرىدا دەپ ئىخلاس قىلىشىدۇ. بۇنى تۇرپانغا ساياھەتكە بارغانلىكى كىشىلەر بىلىدۇ ھەم بۇ غارنى زىيارەت قىلىشىشىدۇ.
   تۇيۇق غاردىكى «دوستلار » ئۇزاق جايلاردىن كەلگەن مۇساپىرلار بولۇپ ئۇلارنىڭ ئىسمى، يەملەيخا، ماكىسلىمسىنا، ئازار پەتىنۇس، كاشاپەتىنۇس، يوۋانىس، يوۋانىس يۇنۇس، قىتمىر قاتارلىقلار بولۇپ تاكى قىيامەتكىچە غاردا ئۇخلاپ ياتىدۇ ~~ دېيىلگەن. شۇڭا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كىشىلەر بۇ يەرگە كېلىپ تاۋاپ- ئىبادەت قىلىپ كېتىشىدىكەن. ھەتتا بېشىغا ئېغىر كۈن كەلگەن كىشىلەرمۇ بۇ يەردە يىغلاپ تۇرۇپ مەدەت تىلىشىدىكەن.... شۇڭا بۇ يەر ئۇلۇغ كىشىلەر سىمۋولى بولغان « ئەسھابۇلكەھف» تۇرپاندا بولغانلىقى ئۈچۈن، «غېرىبانە تۇرپان» دەپ ئاتالدى دېگەن رىۋايەت تارقالغانىكەن.
مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى