قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى مۇبارەك ساڭا
-
قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى مۇبارەك ساڭا
ۋاقتى: 2015-02-04 ئاۋاتلىقى: 4376 قېتىميانفوندا كۆرۈش
قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى مۇبارەك ساڭا*تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
*كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي ئالدى بىلەن بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئەجدادلىرىمىز قەدىمدىن بۇيان ياشاپ كەلگەن قەدىمىي مەدەنىيەتلىك بىر يۇرتنىڭ نامى ئاتالغان ئۇنىۋېرسىتېت — قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى چىن كۆڭلۈمدىن مۇبارەكلەيمەن.ئەمدى قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى ھەققىدە ئازراق چۈشەنچە بېرىپ ئۆتىمەن.قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاساسى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى 1962-يىلى قۇرۇلغان.2011-يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمە قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇش توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرىغا قويغان.2013-يىلى 5-ئايدا، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم ئىشخانىسى، مەمۇرىي مەھكىمە ئىشخانىسى بىىكتە «قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك قۇرۇش ئۇقتۇرۇشى»نى تارقىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇش خىزمىتى رەسمىي باشلىنىدۇ.2014-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇش ھەققىدە مۇھىم كۆرسەتمە بېرىدۇ.2014-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى ئاپتونوم رايون قەشقەر شەھىرىدە قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۈچۈن ئورۇن تاللايدۇ ھەمدە ئىككى مىليارد يۈەن مەبلەغ تەييارلايدۇ.2014-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 1-قارارلىق قۇرۇلۇشى تاماملىنىدۇ، بۇنىڭغا جەمئىي بىر مىليارد 115 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ.2018-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە 2-قارارلىق قۇرۇلۇشى تاماملىنىدۇ، بۇنىڭغا جەمئىي 850 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ.يېڭى مەكتەپ رايونى قۇرۇلغاندىن كېيىن قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىككى مەكتەپ رايونى بولىدۇ. كونا مەكتەپ رايونى — يەنى ئەسلىدىكى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى چوڭلار مائارىپى، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ داۋاملىق تەربىيە، قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش ۋە باشقا تەربىيەلەشلەر ئېلىپ بېرىلىدىغان بازىغا ئايلىنىدۇ.2015-يىلى قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇتۇش تۈزۈمى بويىچە ئوقۇۋاتقان 13000 نەپەر ئوقۇغۇچى ساقلىنىپ قېلىنىدىكەن، 2020-يىلى ئوقۇغۇچى سانى 20000 غا يېتىدىكەن.دوستلار، ھەممىمىز بىرلىكتە قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغانلىقىنى مۇبارەكلەيلى!
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (5)
2015-03-01 12:02:263397خانىم-قىزلارغا ئاتالغان تاتلىق گەپلەر
2015-03-15 23:49:294071ھەر يىلى 22-ئاپرېل دۇنيا يەرشارى كۈنى
2015-04-22 16:15:304160نىدائىي: ئۆز ئاغزىمىزغا ھېزى بولايلى!
2015-05-05 13:48:066267ئوبامانىڭ نۇتۇقتىكى ئالتە خىل ماھارىتى
2015-07-31 17:47:393830ئامېرىكىنىڭ كونا پاسوندىكى ماشىنىلىرى
2015-03-31 12:21:483826ما يۈن «جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى»نى سېتىۋالدى
2015-12-12 01:56:014464داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (4)
2015-02-28 18:15:283423
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-