نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (5)

داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (5)

ۋاقتى: 2015-03-01 ئاۋاتلىقى: 3396 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

گۆھەر ئارىلى (رومان–5)
2011-10-21 12:12 تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى
رومان
روبېرت لوئىس ستىۋېنسون (ئەنگلىيە)
Robert Louis Stevenson
تەرجىمە قىلغۇچى: ئەركىن ئىسھاق ئوغۇزخان
مۇھەررىرى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
بىرىنچى بۆلۈم كاپىتان بىل
بەشىنچى باب قارىغۇنىڭ ھالاكىتى

   ياش بولغاچقىمىكىن، مېنىڭ قىزىققاقلىقىم ۋەھىمە ئۈستىدىن غالىب كەلدى. كۆۋرۈك ئاستىدا تۇرۇۋېرىشنى خالىماي ئۆمىلەپ قىرغاققا چىقتىم. بىر توپ سىتىزۇس چاتقىلىنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنۇپ، مېھمانساراي تەرەپكە نەزەر سالدىم. ئەمدىلا يوشۇرۇنۇپ تۇرۇشۇمغا يەتتە-سەككىز ئادەمنىڭ چوڭ يولنى بويلاپ ئۆلە-تىرىلىشىگە قارىماي يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. چىراغ كۆتۈرگەن بىرى ھەممىنىڭ ئالدىدا كېلىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۈچىى قول تۇتۇشۇپ يۈگۈرۈۋاتاتتى. گەرچە ئەتراپ تۇمان بولسىمۇ ئۈچ ئادەمنىڭ ئىچىدىكى بىرىنىڭ قارىغۇ ئىكەنلىكىنى ئىلغا قىلالىدىم. ھايال بولمايلا ئۇنىڭ زۇۋانىدىن پەرىزىمنىڭ توغرىلىقىنى ھېس قىلدىم.
   — ئىشىكنى چېقىپ ئېچىڭلار، — دېدى ئۇ ۋارقىراپ.
   — خوپ!
   شۇئان ئىككى-ئۈچ كىشى ئادمىرال بېنبوۋ مېھمانسارىيىنىڭ ئىشىكىگە ئېتىلدى. چىراغ كۆتۈرگىنىمۇ كەينىدىن ئەگەشتى. تۇيۇقسىز ئۇلار دەرۋازىنىڭ يوغان ئېچىقلىقىنى كۆرۈشۈپ تېڭىرقاپ تۇرۇپ قېلىشتى. بىردەمدىن كېيىن قارىغۇ يەنە بۇيرۇق چۈشۈرۈشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ئاۋازى بارغانسېرى يوقىرىلاپ، ناھايىتى ئاچچىقلانغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.
   — تېز ئىچىگە كىرىڭلار، ھۇ سۆرەلمىلەر، — دېدى ئۇ ئېغزىنى بۇزۇپ ۋارقىراپ.
   تۆت-بەش كىشى ساراي ئىچىگە ئېتىلىپ كىرىپ كەتتى، ئىككىسى سىرتتا قارىغۇغا ھەمراھ بولۇپ قالدى. ھايال بولمايلا ئۆيدىن چىرقىرىغان ئاۋاز ئاڭلاندى:
   — بىل ئۆلۈپتۇ!
   — ھۇ نان قېپىلار، ئىككىڭلار ئۇنىڭ يېنىنى ئاختۇرۇڭلار، قالغىنىڭلار ئۈستىگە چىقىپ ھېلىقى چاماداننى ئېلىپ چۈشۈش!
   قارىغۇ بىر تەرەپتىن بۇيرۇق قىلسا، بىر تەرەپتىن كېسىلىپ ۋارقىرايتتى. مەن ھەتتا دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ئۈستۈنكى قەۋەتكە يۈگۈرۈشۈپ چىقىۋاتقان ئاياق تاۋۇشىنىمۇ ئاڭلاپ تۇردۇم. بۇ ئاۋازلاردىن ساراي ھازىرلا ئۆرلۈپ چۈشىدىغاندەك تىترەيتتى. بىردەمدىن كېيىن يەنە چىرقىراق ئاۋاز ئاڭلاندى-دە، كاپىتان تۇرغان ئۆينىڭ دېرىزىسى قوپاللىق بىلەن ئېچىلدى، دېرىزە ئەينەكلىرى چېقىلىپ جاراڭشىپ كەتتى. دېرىزىدىن بىرى گەۋدىسىنى چىقىرىپ قارىغۇغا مەلۇم قىلدى:
   — پېۋ، بىز كېچىكىپ قاپتىمىز، ساندۇقنى باشقىلار ئېچىۋېتىپتۇ!
   — ھېلىقى نەرسە بارمىكەن؟ — دېدى پېۋ ھۆركىرەپ.
   — پۇل بار ئىكەن.
   — ئەبلەخ، مېنىڭ دېگىنىم ھېلىقى بولاقتىكى نەرسە! — دېدى قارىغۇ تىللاپ.
   — تاپالمىدۇق، — دېدى ھېلىقى كىشى.
   — پەستىكىلەر، بىلنىڭ يېنىدا بارمىكەن؟ — دەپ ۋارقىرىدى قارىغۇ.
   ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بىرى ئىشىك ئالدىغا كېلىپ دېدى:
   — بىرى بىلنىڭ يېنىنى ئاختۇرۇپ ھېچنېمە قويماپتۇ.
   — سارايدىكىلەر قىلغان گەپ، چوقۇم ھېلىقى بالا. مەن ئۇنىڭ كۆزىنى ئۇيۇۋالمىسام! — دەپ ۋارقىرىدى قارىغۇ پېۋ، — ئۇلار بايىلا مۇشۇ يەردە ئىدى، تېخى ئىشىكنى تاقىۋاپتىكەن. بۆلۈنۈپ ئىزدەپ ئۇلارنى تېپىڭلار.
   — ئۇلار يىراققا كېتەلمەيدۇ، ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى شام تېخى يېنىقكەن! — دېدى دېرىزىدىكى ھېلىقى دېڭىز قاراقچىسى.
   — بۆلۈنۈپ ئىزدەڭلار، ئۆينىڭ ھەممە يېرىنى ئاختۇرۇڭلار.
   قارىغۇ جارقىرايتتى، ھاسىسى بىلەن يولنى توختىماي ئۇراتتى.
   مېھمانساراي ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. دېڭىز قاراقچىلىرى ياۋايىلارچە ئىزدەشنى باشلىۋەتتى. ئۇلار ئائىلە جابدۇقلىرىنى ئۇرۇپ چاقاتتى، ئىشىكلەرنى زەرپ بىلەن تىپەتتى، بۇ ئاۋازلار تاغ جىلغىسىدا ئەكس سادا پەيدا قىلاتتى. ئاخىرى ئۇلار بىزنى تاپالماي يېنىپ چىقىشتى ھەم قارىغۇغا دوكلات قىلدى. دەل مۇشۇ چاغدا، قۇرقۇنۇچلۇق ئىسقىرتىش ئاۋازى يەنە بىر قېتىم كېچە ئاسمىنىنى يېرىپ ئۆتۈپ يىراقلارغا تارقالدى.
   — دىك سىگنال بەردى، — دېدى بىر دېڭىز قاراقچىسى، — ئىككى قېتىم ئۈن چىقتى، دەرھال چېكىنەيلى.
   پېۋ بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئاچچىقىدىن يېرىلىپ كېتەيلا دەپ قالدى:
   — كىم سېنى چېكىن دېدى؟ دىك دېگەن بىر توخۇ يۈرەك، كارىڭ بولمىسۇن، دەرھال ھېلىقى بىر نېمىنى تېپىڭلار!
   قاراقچىلاردىن پەقەت ئىككىسىلا ئۇرۇپ-چېقىلغان ساراي ئىچىدە تىمسىقلاپ بىر نەرسە ئىزدەشكە باشلىدى، قالغانلىرى يولدا مىدىرلىماي جىم تۇرۇۋالدى.
   قارغۇ يەنە ئېغىزىنى بۇزۇپ گۈركىرەشكە باشلىدى:
   — دۆت-كالۋالار، ھېلىقى بولاقنى تاپساڭلار بىر ئۆمۈر راھەت-پاراغەتتە ياشايسىلەر. ئۇ نەرسە مۇشۇ يەردىلا، ئۇنى ئىزلىگۈڭلەر كەلمەيۋاتىدۇ. ھۇ نانقېپىلار، مېنىڭدەك قارىغۇدىن باشقىڭلار بىل بىلەن كۆرۈشۈپ قارا پۈتۈك يەتكۈزۈپ بېرىشكە جۈرئەت قىلالمىدىڭلار. پىلانىمنى بۇزۇشتۇڭ! مەن ئەسلى كېرىلىپ يەپ-ئىچىپ، پەيتونغا ئولتۇرۇپ پۈتۈن دۆلەتنى ساياھەت قىلاتتىم. مانا ئەمدى قەلەندەرگە ئوخشاش كۈن بويى رۇم ھارىقىغا تايىنىپ جان ساقلاۋاتىمەن. سىلەردەك يارىماسلارنىڭ پۇت – قولى ئازراق چاققان بولسا ھېلىقى ئۆلۈمتۈك شۇمنى تۇتۇۋالغان بولاتتۇق.
   دېڭىز قاراقچىلىرى بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ بىلەن تىللاشقىلى تۇردى:
   — پېۋ، ئەمدى ۋارقىرىما، بىز خېلى كۆپ ئالتۇن تېپىۋالدۇق، — دېدى بىر قاراقچى.
   — ھېلىقى بالىنىڭ ئالغانلىقى ئېنىق ئەمەس. بەلكىم بىل ئۇ نەرسىنى يوشۇرۇپ قويغان بولۇشى مۇمكىن، — دېدى يەنە بىر دېڭىز قاراقچىسى، — پېۋ، ئەمدى غەلۋە قىلما، سەل تۇرۇپ بىز ساڭا بىر نەچچە ئالتۇن تەڭگە بۆلۈپ بېرەيلى.
   پېۋ بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئاچچىقتىن يېرىلىپ كېتەيلا دەپ قالدى. ھاسىسىنى كۆتۈرۈپ ئۇلارغا قارىتىپ دالايدى ھەم ئوڭ-سولغا شىلتىپ بىر نەچچە قاراقچىغا تەگكۈزدى. قاراقچىلار ئۇنىڭ ھاسىسىنى تارتىۋالماقچى بولسىمۇ مۇمكىن بولمىدى.
   بۇ ماجىرا بىزنى قۇتقۇزۇپ قالدى. ئۇلار ئۆزئارا ئۇرۇشۇۋاتقان چاغدا قوشنا كەنتتىكى تاغ چوققىسىدىن بىر توپ ئاتنىڭ تۇياق ئاۋازى ئاڭلاندى. ئارقىدىنلا بىرسى ئوق چىقاردى. دېڭىز قاراقچىلىرى ھاپىلا-شاپىلا تەرەپ-تەرەپكە پىتىراپ قاچتى. يېرىم مىنۇتقا قالماي قارىغۇدىن باشقا قاراقچىلارنىڭ ھەممىسى كۆزدىن غايىب بولدى. دېڭىز قاراقچىلىرى پېۋنى تاشلاپ قويۇشتى. ئۇ يولدا جېنىنىڭ بارىچە يۈگۈرەيتتى، ۋارقىرايتتى:
   — جوننى، قارا ئىت، دىك... بۇرادەرلەر، مېنى تاشلاپ قويماڭلار!
   ئۇ چۆرگىلەۋېرىپ نىشاننى خاتا بېكىتىپ يېنىمدىن ئۆتۈپ كەنت تەرەپكە قاراپ ماڭدى. تۆت-بەش ئاتلىق تاغ باغرىنى بويلاپ چىقىپ كەلدى. ئاتنىڭ تۇياق ئاۋازى بارغانسېرى يېقىنلاپ كەلدى. شۇ چاغدىلا پېۋ ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى تۇيۇپ قاتتىق چىرقىرىدى-دە، بۇرۇلۇپلا يول بويىدىكى ئېرىققا يۈگۈردى. ئەمما پەسكە دومىلاپ كەتتى. ئۇ ئالدىراش ئۆمىلەپ قوپۇپ قاچماقچى بولغاندا ئىتتىك كېلىۋاتقان ئاتنىڭ تۇيىقىغا ئۈسۈۋالدى. تۆت ئات ئۇنى دەسسەپ ئۆتۈپ كەتتى. پېۋ ئېچىنىشلىق ۋارقىراپ يەرگە يىقىلىپ جىم بولۇپ قالدى.
   مەن سەكرەپ چىقىپ ئاتلىقلارغا قاراپ ۋارقىرىدىم. ئۇلار ئاتنىڭ چولۋۇرىنى تارتىپ توختاتتى. مەن بۇ چاغدا ئۇلارنى تونۇدۇم. ئەترەتنىڭ ئەڭ كەينىدىكىسى دوختۇر لىۋېسقا خەۋەر قىلماقچى بولۇپ ماڭغان ھېلىقى يىگىت، قالغانلار بولسا ئەتكەسچىلەرنى تۇتقۇچى خادىملار ئىدى. ھېلىقى يىگىت يېرىم يولدا ئۇلارغا يولۇقۇپ ئەھۋالنى ئېيتقاندىن كېيىن دەرھال بىز تەرەپكە قاراپ يولغا چىققان ئىكەن. ئەسلى بۇ يەرنىڭ باج ئەمەلدارى دانسې ئەپەندىم كېئاتې دېڭىز پورتىدا بىر قاراقچى كېمىسىنى بايقاپ، ئۇلارنى تۇتۇشقا ئادەم باشلاپ كەپتۇ. ئۇلارنىڭ كېلىشى بىلەن ئانام ئىككىمىز بالا-قازادىن ئامان قالدۇق.
   پېۋ ئۆلدى. ئانام قاتتىق قورقۇپ كەتكەن بولسىمۇ چوڭ چاتاق يوق ئىدى. پەقەت ۋاقتىدا ھېساباتنى تۈگىتەلمىگىنىگە پۇشايمان قىلاتتى.
   بۇ چاغدا، دانسې ئەپەندىم ئادەملەرنى باشلاپ كېئاتې دېڭىز پورتىغا يۈرۈپ كەتتى. ئۇلار دېڭىز بويىغا يېتىپ بارغاندا دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ يەلكەنلىك كېمىسى ئالىقاچان قىرغاقتىن ئايرىلغان ئىكەن. دېڭىز قاراقچىلىرى كېمىدىن قىرغاققا قارىتىپ ئوق ئېتىپ دانسې ئەپەندىمنىڭ مۈرىسىنى يارلاندۇرۇشقا قىل قاپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلار قوغلاشنى توختاتتى.
   مەن دانسې ئەپەندىمگە ھەمراھ بولۇپ ئادمىرال بېنبوۋ مېھمانسارىيىغا كەلدىم. ئۆيدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك چېقىۋېتىلگەن ئىدى. دېڭىز قاراقچىلىرى كاپىتاننىڭ ھەمىيېنى بىلەن ساراي غەللىسىدىكى كۈمۈش پۇلنىلا ئېلىپ باشقا نەرسىنى ئالماپتۇ. خارابىلىققا ئايلانغان سارايغا قاراپ ۋەيران بولغانلىقىمىزنى ھېس قىلدىم.
   — ئۇلار بىر نەرسە ئىزدىگەندەك قىلىدۇ، — دېدى دانسې ئەپەندىم.
   — ئۇلار ئىزدىگەن نەرسە مېنىڭدە، — دېدىم مەن.
   — شۇنداقمۇ؟ بالام، خالىساڭ بەلكىم ئۇ نەرسىنى سەن ئۈچۈن ساقلاپ بېرىشىم مۇمكىن، — دېدى دانسې ئەپەندىم.
   — مېنىڭچە بۇنى دوختۇر لىۋېسقا تاپشۇرۇپ بېرىشىمىز كېرەك، — دېدىم مەن.
   — دېگىنىڭ توغرا، — دېدى دانسې ئەپەندىم، — لىۋېس ئەپەندىم بۇ يەرنىڭ ئامانلىق ئەمەلدارى، دۇرۇس ئادەم. خالىساڭ مەن سېنى ئۇنىڭ ئۆيىگە باشلاپ باراي.
   مەن قوشۇلدۇم ھەم دانسې ئەپەندىمگە رەھمىتىمنى بىلدۈردۈم. ئاندىن ئانامنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويغاندىن كېيىن، بىز ئاتقا مىنىپ كېچە قوينىدا چوڭ يولنى بويلاپ دوختۇرنىڭ ئۆيىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق.
داۋامى بار
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
  ئەسكەرتىش: مەزكۇر روماننى تەرجىماننىڭ ياكى تورىمىزنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرقانداق شەخسنىڭ ھەرقانداق تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. سالونچىلارنىڭ ئۈندىدار سالونلىرىدا ئۆزى مەيلىچە كۆچۈرۈپ تارقىتىشغا قەتئىي بولمايدۇ. ناۋادا شۇنداق قىلغۇچىلار بايقىلىپ قالسا، قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ ھەم سالونى تاقىتىۋېتىلىدۇ.

Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى