نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

شىنجاڭ پۇل تارىخىنىڭ دەۋرلەرگە ئايرىلىشى

شىنجاڭ پۇل تارىخىنىڭ دەۋرلەرگە ئايرىلىشى

ۋاقتى: 2015-04-06 ئاۋاتلىقى: 5767 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەسلى تېمىسى: شىنجاڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان پۇل تارىخىنىڭ دەۋرلەرگە ئايرىلىشى 
 
مۇھەممەد تۇراپ
 
    چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۈنىڭ 14-يىلى (1884-يىل) شىنجاڭ ئۆلكە بولۇپ قۇرۇلغاندىن تارتىپ يېڭى جوڭگودا شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان (1955-يىلى)غا قەدەر بولغان جەرياندا 71 يىل ئۆتكەن بولۇپ، بۇ 71 يىل شىنجاڭنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان پۇل تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم باسقۇچ ھېسابلىنىدۇ.
    شىنجاڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان پۇل تارىخىنىڭ دەۋرلەرگە ئايرىلىشى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلار
    شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرستېتىدىن تەتقىقاتچى سەي جىسېن ئەپەندى ‹‹شىنجاڭنىڭ يۈز يىلدىن بۇيانقى پۇللىرى›› خەنزۇچە ‹‹ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى›› ژۇرنىلىنىڭ 1983-يىللىق 3-سانىدا شىنجاڭ ئۆلكە بولۇپ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى 100 يىل داۋامىدىكى شىنجاڭنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان پۇل تارىخىنى 1884-يىلى شىنجاڭ ئۆلكە بولۇپ قۇرۇلغاندىن 1911-يىلى چىڭ سۇلالىسىنى ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلىشىشنىڭ ھارپىسىغىچە بولغان دەۋر، شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىنكى ياڭ زېڭشىن، جىن شۇرېن ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋر (1911-1933-يىللار)، شىڭ شىسەي ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋر (1933-1944-يىللار)، گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋر (1944-1949-يىللار)، ئازادلىقتىن كېيىن پۇل تۈزۈمى بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، خەلق پۇلىنىڭ شىنجاڭ بويىچە ئوبوروت قىلىنغان دەۋرى دەپ بەش دەۋرگە بۆلۈشكە بولىدۇ، دەپ قارىدى. شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىدىن تەتقىقاتچى مۇيەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى نەشرىياتى 1999-يىلى نەشر قىلغان ‹‹شىنجاڭنىڭ يېقىنقى 200 يىلدىن بۇيانقى پۇل ۋە پۇل-مۇئامىلىسى›› ناملىق خەنزۇچە كىتابىنىڭ 156-بېتى، 248-بېتىدە: (بۇ كىتابنى دۇڭ چىڭشەن ۋە مۇ يۈەن بىرلىشىپ يازغان) شىنجاڭنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان پۇل تارىخىنى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى شىنجاڭنىڭ قەغەز پۇل سىياسىتى ۋە پۇللارنىڭ ئوبوروت قىلىنىش ئەھۋالى، ياڭ زېڭشىن، جىن شۇرېن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدىكى قەغەز پۇل سىياسىتى ۋە پۇللارنىڭ ئوبوروت ئەھۋالى، شېڭ شىسەي ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردىكى قەغەز پۇل سىياسىتى ۋە پۇللارنىڭ ئوبوروت بولۇش ئەھۋالى، گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ قەغەز پۇل سىياسىتى ۋە پۇللارنىڭ ئوبوروت ئەھۋالى، يېڭى جۇڭگو دەۋرىدىكى شىنجاڭنىڭ قەغەز پۇل ئەھۋالى دەپ بەش دەۋرگە بۆلۈشكە بولىدۇ، دەپ قارىدى. خەلق بانكىسىنىڭ ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىنىڭ پۇل تەتقىقاتچىسى دوڭ چىڭشەن ئەپەندى ‹‹شىنجاڭ پۇللىرى›› ناملىق خەنزۇچە ژۇرنالنىڭ 1995-يىل 3-سانىغا بېسىلغان ‹‹شىنجاڭ قەغەز پۇللىرىنىڭ تارىخىي جەريانى›› ناملىق ماقالىسىدا شىنجاڭنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان پۇل تارىخىنى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تارقىتىلغان قەغەز پۇللار، ئۆلكى پۇلى بىلەن قەشقەر پۇلى ئوبوروت بولغان دەۋر (1912-1938-يىللار)، ئۆلكە پۇلى ئوبوروت بولغان دەۋر (1939-1949-يىللار)، يېڭى جوڭگو دەۋرى (1949-1955-يىللار) دەپ تۆت دەۋرگە ئايرىشقا بولىدۇ، دەپ قارىدى. جۇ خۇڭ ئەپەندى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن جۇڭخۇا مىنگو دەۋرىدىكى پۇل تارىخىنى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن جوڭخۇا مىنگونىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگىچە بولغان پۇللىرى، ياڭ زېڭشىن ۋە جىن شۇرېن دەۋرىدىكى پۇللار، شىڭ شىسەي ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمىتى دەۋرىدىكى پۇللار، يېڭى جۇڭگو دەۋرىدىكى پۇللار دەپ تۆت دەۋرگە ئايرىشقا بولىدۇ، دەپ قارىدى.
    يۇقىرىدىكى تەتقىقاتچىلار ئايرىغان شىنجاڭنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان پۇل تارىخىنىڭ دەۋرلەرگە ئايرىلىشى، مېنىڭچە چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرى، جۇڭخۇا مىنگو دەۋرى ۋە يېڭى جۇڭگو دەۋرى دەپ ئۈچ دەۋرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ، دەپ قارايمەن. بۇ خىل دەۋرگە ئايرىش سىياسىي-تارىخ نۇقتىسى بويىچە ئايرىلغان بولۇپ، سىياسىي-تارىخ سىياسىي ھوقۇقنى يادرولۇق تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىدۇ. ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئۆزگىرىش ۋاقتى دەۋرگە ئايرىشنىڭ تەبىئىي ئۆلچىمى قىلىنغاندا، بۇ خىل دەۋرگە ئايرىش قىسقا ئېنىق، بايانلىرى توغرا سېلىشتۇرۇشقا قولايلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىدۇ. ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئۆزگىرىشى پۇللارنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەمما پۇل بىر قەدەر نىسبىي مۇستەقىللىققا ئىگە، ئەمما سىياسىي ھوقۇققا ئوخشىمايدۇ. ئەگەر پۇلنىڭ سۈپىتى ياخشى، ئىناۋىتى يۇقىرى بولسا بۇ خىل پۇللارنى بىر قانچە ھاكىمىيەتلەر ئوبوروت قىلىشى مۇمكىن. جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا ئوبوروت قىلىنغان قەشقەر پۇلى بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ.
    گۇاڭشۈنىڭ 34-يىلى (1908-يىل) تارقىتىلغان قەشقەر پۇلى ‹‹ئەجدىھا سۈرەتلىك پۇل›› ياكى ‹‹كىچىك ئەجدىھا سۈرەتلىك پۇل›› دەپ ئاتالغان. ئەجدىھا سۈرەتلىك پۇلنىڭ ئىناۋىتى ناھايىتى يۇقىرى، قىممىتى نىسبەتەن مۇقىم بولغان. جۇڭخۇا مىنگونىڭ 9-يىلى (1920-يىل) بېيجىڭ، مالىيە مىنىستىرلىكى مەخسۇس قەشقەر ۋە خوتەن رايونى ئۈچۈن يېڭى ئەجدىھا سۈرەتلىك پۇلنى بېسىپ بەرگەن. پۇلنىڭ ئوڭ ۋە تەتۈر يۈزىگە خەنزۇ ۋە ئۇيغۇر يېزىقىدا ‹‹مەخسۇس قەشقەر تەۋەسىدە ئوبوروت قىلىنىدۇ›› دېگەن خەت بېسىلغان. ئەينى ۋاقىتتا پۇل تارقىتىش زاپاس فوندى يېتەرلىك، مال باھاسى مۇقىم، تارقىتىلىش مىقدارى چەكلىك بولغاچقا، قەشقەر پۇلىنىڭ قىممىتى شىنجاڭ ئۆلكە پۇلىدىن يۇقىرى بولغان، شۇڭا 100 سەر قەشقەر پۇلىنى 200 سەر ياكى 300 سەر شىنجاڭ ئۆلكە پۇلىغا تېگىشىشكە بولغان. 1908-يىلدىن 1939-يىلغىچە قەشقەر پۇلى ئىلگىرى-كېيىن چىڭ سۇلالىسى دەۋرىنىڭ ئاخىرىدىكى گۇاڭشۈ دەۋرى، ياڭ زېڭشىن دەۋرى، جىن شۇرېن دەۋرى ۋە شىڭ شىسەي دەۋرىنى بېسىپ ئۆتكەن بولۇپ، ئىناۋىتى ئىزچىل تۈردە مۇقىم بولغان. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، پۇل ئۆزىگە خاس قانۇنىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆمرى پۇل تارقاتقان ھاكىمىيەتنىڭ ئۆمرىدىن ئېشىپ كەتكەن. پۇل تارىخىنى ئاساس، سىياسى تارىخ، مەدەنىيەت تارىخىنى قوشۇمچە قىلغاندا، شىنجاڭنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان پۇللىرىنىڭ تارىخنى ئەمەلىيەتكە ئويغۇن قىلىپ بېكىتكىلى بولىدۇ.
    ياڭ زېڭشىن ۋە جىن شۇرېن دەۋرىدىكى پۇللارنىڭ ئەھۋالى
    مېنىڭچە، ياڭ زېڭشىن دەۋرى بىلەن جىن شۇرېن دەۋرىدىكى پۇل ئەھۋالىنى ئايرىم چۈشەندۈرۈش ئەقىلگە مۇۋاپىق دەپ قارايمەن. چۈنكى، بۇ ئىككى دەۋردىكى پۇللارنىڭ ئالاھىدىلىكى ئوخشىمايدۇ. ياڭ زېڭشىن دەۋرىدە قەغەز پۇلنىڭ تارقىتىلىشى كونتىرول قىلىنغان. 1928-يىلى (ياڭ زېڭشىن قەستكە ئۇچرىغان يىلى) شىنجاڭ مالىيەسىنىڭ كىرىمى تۆت مىليون 740 مىڭ يۈەن، چىقىمى 8 مىليون 130 مىڭ يۈەن بولۇپ، كىرىمدىن چىقىم ئېشىپ كەتكەن. قەغەز پۇل كۇرسىنىڭ چۈشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ياڭ زېڭشىن پۇلنىى قىسىش، يېڭى پۇل تارقىتىشنى توختىتىش، كونا پۇللار، يىرتىق پۇللارنى يىغىۋېلىش، مالىيەنى تەرتىپكە سېلىپ پارىخور ئەمەلدارلارنى جازالاش، ئەسكەرلەرنى قىسقارتىش، مەمۇرىي ئورگانلارنى ئىخچاملاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللانغان. ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭنىڭ قەغەز پۇل زاۋۇتى ھەر كۈنى بەش-ئالتە مىڭ سەر پۇل باسقان. بۇ دەۋردە شىنجاڭنىڭ قەغەز پۇللىرىنىڭ كۇرسى ئاران ئۈچ ھەسسىدىن كۆپرەك چۈشكەن. ياڭ زېڭشىن شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان 17 يىل داۋامىدا جەمىئىي ئىككى خىل ‹‹ياغ رەخت پۇل›› ۋە ئۈچ خىل ‹‹ئۆلكە پۇلى›› تارقاتقان.
    ياغ رەخت پۇل ‹‹40 مىسقاللىق ياغ رەخت پۇل›› ۋە ‹‹100 مىسقاللىق پۇل›› دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. 40 مىسقاللىق ياغ رەخت پۇل (بۇ پۇلنى دىخۇا پۇل قۇيۇش زاۋۇتى 1923-1928-يىللار تارقاتقان)نىڭ ئوبوروت بولۇش دائىرىسى ئوخشاش بولمىغان بولۇپ، مەخسۇس دىخۇا تەۋەسىدە ئوبوروت قىلىنىدۇ، مەخسۇس ئىلى تەۋەسىدە ئوبوروت قىلىنىدۇ، مەخسۇس ئاقسۇ تەۋەسىدە ئوبوروت قىلىنىدۇ، شىمالىي يول ۋە ئاقسۇ تەۋەسىدە ئوبوروت قىلىنىدۇ، دېگەندەك بىر قانچە تۈرلەرگە ئايرىلغان. بۇ ئىككى خىل ياغ رەخت پۇل تارقىتىلغاندىن كېيىن بانكىغا خەزىنىلەشتۈرۈلگەنلىكتىن، ساقلىنىپ قالغان پۇللار بەك ئاز بولۇپ قالغان. ياڭ زېڭشىن ياغ رەخت پۇل تارقاتقاندىن باشقا ئۈچ خىل ئۈلكە پۇلى تارقاتقان بولۇپ، 400 مىسقاللىق ئۆلكە پۇلىدىن جەمىئىي يەتتە مىليون 500 مىڭ سەردىن كۆپرەك باستۇرغان. 1915-يىل 4-ئايدا مالىيە مىنىستىرلىقى شىنجاڭغا ۋاكالىتەن 400 مىسقاللىق يېڭى ئۆلكە پۇلىنى باسقان بولۇپ، ئەجدىھانىڭ سۈرىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە ئوبوروت قىلىنىدىغان نەقىشنىڭ كۆرۈنۈشىنى چۈشۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن يېڭى ئەجدىھا سۈرەتلىك پۇلدا ئەجدىھانىڭ سۈرىتى غايىپ بولغان. ياڭ زېڭشىن باستۇرغان 100 مىسقاللىق ئۆلكە پۇلىنى كىشىلەر ‹‹كۈچۈك سۈرەتلىك پۇل›› دەپ ئاتىغان. 1920-يىلى ياڭ زېڭشىن يەنە مالىيە مىنىستىرلىقىدىكىلەرنى 400 مىسقاللىق ۋە 100 مىسقاللىق يېڭى ئۆلكە پۇلىنى بېسىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغان. بۇ ئۆلكە پۇلى بىلەن 400 مىسقاللىق ياغ رەخت پۇل بىلەن كۆرۈنۈشى ئوخشاش، ئەمما ماتېرىيالى ئوخشىمايدۇ. 
    نۆۋەتتە، نۇرغۇن پۇلشۇناسلار بۇ ئىككى خىل پۇلنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇۋاتىدۇ. ياڭ زېڭشىن باستۇرغان ياغ رەخت پۇللار ۋە ئۆلكە پۇلىنى ياغ رەخت پۇللار ۋە ئۆلكە پۇلىنىڭ ئومۇمىي سوممىسىنى كۈمۈشكە سۇندۇرغاندا تەخمىنەن 45 مىليون سەرگە توغرا كەلگەن. ئەگەر چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندە ھەر يىلى شىنجاڭغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بۇيرۇپ بەرگەن كۈمۈش پۇلنى ئىككى مىليون 500 مىڭ سەر بويىچە ھېسابلىساق، 17 يىلدا جەمئىي بۇيرۇپ بەرگەن كۈمۈش 42 مىليون 500 مىڭ سەر بولىدۇ. ئەينى ۋاقتىدا دۇنيا دائىرىسىدە كۈمۈش پۇلنىڭ كۇرسىسىنىڭ چۈشۈشى ۋە ئاشلىق باھاسىنىڭ تەبىئىي ئۆرلىشىنى كۆزدە تۇتقاندا، ياڭ زېڭشىننىڭ شىنجاڭدا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدىكى مالىيە ۋەزىيىتىنىڭ ئاساسەن مۇقىم، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئاستا بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغىلى بولىدۇ. ئەگەر ئەينى ۋاقتىدىكى پۈتۈن جۇڭگونىڭ پۇل پاخاللىقى ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتقاندا، ياڭ زېڭشىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان شىنجاڭدا پۇل پاخاللىق سەۋىيەسى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان.
    جىن شۇرېن شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغاندىن كېيىن، مەمۇرىي ئورگانلارنى خالىغانچە كېڭەيتىپ، يېقىن ئادەملىرىنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈپ، مەمۇرىي ئورگانلانىڭ ئېشىپ كېتىپ تۆۋەن ئۈنۈملۈك ئايلىنىشى، خىيانەتچىلىك ۋە ئىسراپچىلىقنىڭ ئېغىرلىشىشى، شۇنداقلا قوشۇنلارنى كېڭەيتىپ، ھەربىي خىراجەتلەرنىڭ تېز ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئەسلىدىكى ئۈچ دىۋىزىيە قوشۇنىنى سەككىز دىۋىزىيە قوشۇنىغا كېڭەيتكەن بولۇپ، ھەربىي خىراجەت چىقىمى 22 مىليون 495 مىڭ يۈەندىن ئاشقان، ھىندىستاندىن يېڭى تىپتىكى تېز ئېتىلىدىغان مىلتىقدىن 3000 دانە، مىلتىق ئوقىدىن ئىككى مىليون پاي سېتىۋالغان بولۇپ، بۇنىڭغا 900 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل چىقىم قىلغان، قەرزى 26 مىليون يۈەندىن ئاشقان بولۇپ، قەغەز پۇللارنى كېچە-كۈندۈز تېز سۈرئەتتە بېسىپ چىقىرىپ، قەرز پۇلنىڭ ئورنىنى تولدۇرغان (زىڭ ۋېنۋۇنىڭ شىنجاڭنىڭ يەرلىك تەزكىرىسىنى تۈزۈش كومىتېتى تۈزگەن ‹‹ جۇڭگونىڭ غەربىي يۇرتنى ئىدارە قىلىش تارىخى›› ناملىق خەنزۇچە كىتابنىڭ 694-بېتىگە قاراڭ). غايەت زور سوممىلىق ھەربىي خىراجەت جىن شۇرېن دەۋرىدە شىنجاڭ مالىيەسىنىڭ ئېغىر يۈكىگە ئايلانغان.
    جىن شۇرېن قىزىل رەقەم مالىيە سىياسىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، ئۇ شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان بەش يىلدا يېڭى ئۆلكە پۇلى ھېسابىدا 160 مىليون سەر پۇل تارقاتقان بولۇپ، ياڭ زېڭشىن دەۋرىنىڭ تۆت ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياڭ زېڭشىن دەۋرىدىكى 40 مىليون سەردىن كۆپرەك ئۆلكە پۇلىنى قوشقاندا شىنجاڭنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى قەغەز پۇل ئومۇمىي سوممىسى 200 مىليون سەردىن ئېشىپ كەتكەن (زىڭ ۋېنۋۇنىڭ شىنجاڭنىڭ يەرلىك تەزكىرىسىنى تۈزۈش كومىتېتى تۈزگەن ‹‹جۇڭگونىڭ غەربىي يۇرتنى ئىدارە قىلىش تارىخى›› ناملىق خەنزۇچە كىتابنىڭ 694-بېتىگە قاراڭ). 1932-يىلى شىنجاڭنىڭ مالىيە كىرىمى يەتتە مىليون 480 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەن، ئەمما چىقىمى 52 مىليۇن يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، چىقىم كىرىمنىڭ يەتتە ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن. 1928-يىلدىن بۇرۇن 2.5 سەر ئۆلكە پۇلى تيەنجىن پۇلىنىڭ بىر يۈەنىگە تېگىشىپ بېرىلگەن بولسا، جىن شۇرېن تەختكە چىققاندىن كېيىن، بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا 15 سەر كۈمۈش ئۆلكە پۇلى تيەنجىن پۇلىنىڭ بىر يۈەنىگە تېگىشىپ بېرىلگەن (بۇرھان شەھىدىنىڭ مەدەنىيەت تارىخ ماتېرىياللار نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان شىنجاڭنىڭ 50 يىلى ناملىق خەنزۇچە كىتابىنىڭ 118-بېتىگە قاراڭ). ئۈچ سەرلىك، بەش سەرلىك (1932-يىلى)، ئون سەرلىك (1933-يىلى) ئۆلكە پۇلى تارقىتىلغاندىن كېيىن، ھەربىر سەر ئالتۇننىڭ باھاسى 1932-يىلدىكى 700 سەر ئۆلكە پۇلىدىن 4000 سەر ئۆلكە پۇلىغا ئۆرلىگەن، جىن شۇرېننىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشقان 1933-يىلى شىنجاڭنىڭ قەغەز پۇلىنىڭ كۇرسىنىڭ چۈشۈش نىسبىتى ئەمەلىيەتتە %1800 گە يەتكەن. (بۇرھان شەھىدىنىڭ مەدەنىيەت تارىخ ماتېرىياللار نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان شىنجاڭنىڭ 50 يىلى ناملىق خەنزۇچە كىتابىنىڭ 167-بېتىگە قاراڭ).
    شىنجاڭنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان پۇللىرى قويۇق يېرىم فېئوداللىق ۋە يېرىم مۇستەملىكىچىلىك خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭدا روشەن مىللىي ئالاھىدىلىك ۋە يەرلىق ئۇسلۇب ساقلاپ قېلىنغان. ئۇ يەنە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتەك ئالاھىدىلىكنى ھازىرلىغان بولۇپ، مەلۇم جەھەتلەردە، ھەتتا ئەينى ۋاقىتتىكى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ پۇل تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ماڭغان. شىنجاڭنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان پۇللىرى يەنە ئىنقىلابىيلىققا ئىگە بولۇپ، شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ كېيىنكى مەزگىلى (1947-يىل 5-ئايدىن كېيىن) تارقىتىلغان قەغەز پۇل ۋە شىنجاڭنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىكى كۈمۈشنى بىرلىك قىلغان قەغەز پۇلى يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب مەزگىلىدىكى ئازادلىق رايون قەغەز پۇللىرىنىڭ خاراكتېرىنى ھازىرلىغان.
    شىنجاڭنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان پۇللىرىنىڭ تارىخىنى دەۋرلەرگە ئايرىش بىر قەدەر قىيىن ۋە مۇرەككەپ خىزمەت. شۇڭا چوقۇم پۇل تارىخىنى ئاساس قىلىش، سىياسىي تارىخىنى قوشۇمچە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش تولىمۇ مۇھىم.
مۇھەررىرى، تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى