نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرىنىڭ 10 خىل پەزىلىتى

ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرىنىڭ 10 خىل پەزىلىتى

ۋاقتى: 2016-06-23 ئاۋاتلىقى: 2909 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرىدىن ئۆگىنىشكە تېگىشلىك 10 خىل پەزىلەت


توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى


ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، سىز بەلكىم قانداق قىلغاندا زۇڭتۇڭ بولغىلى بولىدىغانلىقىغا قىزىقىۋاتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن. ئۇلاردا قانداقتۇر ئالاھىدە پەزىلەتلەر بارمىدۇ؟ ئۆزىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بىلىشتە يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ كەمچىلىكىنى ئوبدان چۈشەنگىنىمىز تۈزۈكرەكمۇ قانداق؟ بىز مەيلى كىم بولايلى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرىدىن تۆۋەندىكى ئارتۇقچىلىقلارنى ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ:



بىرىنچى، باشقىلارنى ھۆرمەتلەش

كىشىلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سىز ھامان ھەربىرەيلەننى ھۆرمەتلىشىڭىز كېرەك. مەيلى شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى بولۇڭ، مەيلى رېستۇران كۈتكۈچىسى بولۇڭ، ھەربىرەيلەننىڭ باشقىلار بىلەن باراۋەر ھۆرمەتلىنىش ۋە ئىززەتلىنىش ھوقۇقى بار.


ئىككىنچى، سەۋرچانلىق بىلەن ساقلاش

ساۋرچانلىق ئۇتۇق قازىنىشتىكى ھالقىلىق ئارتۇقچىلىقلارنىڭ بىرى، بېلىق تۇتۇشتا بەسلىشىشتە، سىز بېلىقنىڭ قارماققا ئىلىنىشىنى ساقلىشىڭىز، بىتاقەت بولۇپ قالايمىقان قارماق تاشلىماسلىقىڭىز كېرەك. ناۋادا سەۋرچان بولسىڭىزلا، بېلىقنىڭ چوڭىنى تۇتۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.


ئۈچىنچى، ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەش

باشقىلارنىڭ ئوخشىمىغان پىكىرلىرىنى ئاڭلاشنى خالىشىڭىز كېرەك. ئەتراپىڭىزدىكى ھەممەيلەننى باش ئەگدۈرىدىغان ئەبلەخلەردىن بولىمەن دېمەڭ. ھەرۋاقىت رىقابەتلىشىشكە ھەمدە ئۇنىڭغا دادىل يۈزلىنىشكە تەييارلىقىڭىز بولسۇن. پەقەت سىز بىرقاتار رىقابەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەندىلا، ئىشلارنى ئەڭ ياخشى قىلالايسىز.


تۆتىنچى، قايناق ھېسسىياتنى ساقلاش

بارلىق تەسەۋۋۇرلار، بولۇپمۇ ئۇلۇغۋار تەسەۋۋۇرلار دەسلىپىدىلا ھامان تەنقىدلەرگە كۆمۈلۈپ كېتىدۇ. ھامان بەزىلەر سىزنىڭ كۆزقارىشىڭىزنى ياقلىمايدۇ. شۇڭا بەزىدە ئۇ خىل ئىشلارغا خۇشاللىق بىلەن يۈزلىنىشىڭىز كېرەك.


بەشىنچى، خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىش

ھەرۋاقىت ئۆز خاتالىقىنى بوينىغا ئېلىشقا تەييار تۇرۇش. بارلىق نامدار شەخسلەر مۇشۇ ئىشقا كەلگەندە ئۆزىنى ئېلىپ قېچىشقا ئۇرۇنىدۇ. بىز پەزىلەتلىك كىشىلەردىن بولىمىز دەيدىكەنمىز، ئۆزىمىزنىڭ خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك.


ئالتىنچى، قارنى-كۆكسى كەڭ بولۇش

باشقىلارنى تەنقىدلەشكە ئالدىرىماي، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئارقا كۆرۈنۈشىنى كۆپرەك ئويلاڭ. ناۋادا سىز بەزىلەرنىڭ گەپلىرىدىن ئۇنىڭ ئەخمەقلىقىنى ھېس قىلسىڭىز، بۇ ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ دۆتلۈكىنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى ئۇ سىزنىڭ تونۇشىڭىزنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ، خالاس. باشقىلارنىڭ خاراكتېرىنى تەنقىدلەشتىن ئىلگىرى، كۆپرەك ۋاقىت چىقىرىپ ئۇلارنى چوڭقۇرراق چۈشىنىپ بېقىڭ.


يەتتىنچى، كەمتەر بولۇش

سىز قانچىلىك پۇلدار، نامدار بولۇڭ، مەڭگۈ كەمتەر بولۇشىڭىز كېرەك. ناۋادا تەكەببۇر بولسىڭىزلا، ئۆزىڭىزنىڭ ماڭار يولىنى ئېتىپ قويغان بولىسىز.


سەككىزىنچى، ئۆزىنى بېغىلاش

مەيلى سىز نېمىلا ئىش قىلماڭ، ھامان ئاتلىنىش ھالىتىدە بولۇشىڭىز كېرەك. ناۋادا سىز ئىشخانىدا خىزمەت قىلسىڭىز، كوللېكتىپتىكى ھەربىرەيلەننىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ چىقىڭ، ئۆزىڭىزنىڭ پائالىيەت تەرتىپىنى خاتىرىلەپ مېڭىڭ.


توققۇزىنچى، ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق

مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئاتلىنالايدىغان كىشىلەردىن بولۇڭ. ئاكتىپ، تەشەببۇسكار كىشىلەر ھامان باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. ھەمىشە بار مەبلەغكىلا تايىنىۋالماي، ئۆزىڭىز روياپقا چىقارماقچى بولغان رېئال نىشان ھەققىدە ئويلىنىشىڭىز كېرەك.


ئونىنچى، چېچەن، تەدبىرلىك بولۇش

ئۇزاق مۇددەتلىك پايدىسىز ۋەزىيەتتىن خالىي بولۇشتا، سىز تەدبىرلىك بولۇشىڭىز كېرەك. ناۋادا بەزىلەر سىزنى خالايىقنىڭ ئالدىدىلا تىللىسا، سىز جېدەلدىن ساقلىنىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا مەسىلىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، ئىمكانبار توقۇنۇشتىن ساقلىنىشىڭىز كېرەك.

بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى