نۇرئەلى ئۈرۈمچىدە ئوقۇرمەنلەر بىلەن كۆرۈشتى
-
نۇرئەلى ئۈرۈمچىدە ئوقۇرمەنلەر بىلەن كۆرۈشتى
ۋاقتى: 2015-09-06 ئاۋاتلىقى: 4146 قېتىميانفوندا كۆرۈش
نۇرئەلى ئابلىز شىنجاڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ مۇخبىرى، تەرجىمان توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي بىلەن بىللە
نىدائىي نەق مەيدان خەۋىرى: 2015-يىلى 5-سېنتەبىر، بېيجىڭ ‹‹يېڭى شەرق›› تىل تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ ياش ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى، ئەنخۇي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹‹قالتىس ناتىق›› پىروگراممىسىدا ھەممىنىڭ قايىللىقىنى قوزغىغان ياش ناتىق، «بىر يىلىڭىزدىكى 8760 سائەت» ناملىق خەنزۇچە كىتابنىڭ ئاپتورى نۇرئەلى ئابلىز دوستلۇق يولى شىنخۇا كىتاب شەھەرچىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئوقۇرمەنلەر بىلەن دىدارلىشىش پائالىيىتى»دە ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
پائالىيەتتە نۇرئەلى ئۆزىنىڭ بۇ خەنزۇچە كىتابى ھەققىدە يېرىم سائەتتەك توختالدى ھەمدە بىر قىسىم ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. پائالىيەتكە ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم تاراتقۇلار، تونۇلغان شەخسلەر ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ، 300 دەك كىشى قاتناشتى. پائالىيەت باشتىن-ئاخىر تولىمۇ قىزغىن كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلدى. يېرىم سائەتلىك كىتاب ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشتىن كېيىن نۇرئەلى ئابلىز نەق مەيداندا كىتاب سېتىۋالغانلارغا ئىمزا قويۇپ بەردى.ئىگىلىشىمچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى شىنجاڭ شىنخۇا زامانىۋى كىتاب شەھەرچىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، پائالىيەتتە «بىر يىلىڭىزدىكى 8760 سائەت» ناملىق كىتابتىن 1000 پارچىدەك سېتىلغان.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
لى جى پارتىيەدىن قوغلاندى ھەم تەكشۈرۈلدى
2015-07-07 11:21:553110شى جىنپىڭ تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بىلەن سۆھبەتل
2015-07-30 10:43:054681ھىتلېرنىڭ ئەينى چاغدىكى مەشھۇر نۇتۇقى
2015-08-03 19:06:424526ھىتلېرنىڭ 100 جۈملە مەشھۇر سۆزى (1)
2015-09-21 13:09:337894‹‹دانالار خەزىنىسى››دىن دۇردانىلەر (1)
2015-07-21 13:11:484494دۇنياۋى ناخشىچى دېڭ لىجۈننىڭ ھاياتى
2015-08-12 13:20:265741ما يۈن «جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى»نى سېتىۋالدى
2015-12-12 01:56:014439ھىندىستاندىكى ‹‹گىگانت قوللۇق بالا›› ئوپېراتسىيە
2015-12-13 01:17:494062
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-